|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئاخىرقى تۇيغۇ يەنە بىر گۇگۇمنىڭ قارا پەرەنجىسى ،سېنى كۈتۈۋاتقان بىتاقەت كۆزلىرىمنى ئوراشقا باشلىدى ،بىلمەيسەن گويا بۇنىڭ سېنى كۈتۈۋاتقان قانچە سەھىرىم قانچە گۇگۇمۇم ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئۈزۈممۇ ساناپ ئازغىشىپ كەتكىنىمدەك . ئاپپاق كۆينۈكۈم مەن ئولتۇرۋالغان ئىلەڭگۈچىمدە سۆرىلىپ تۇراتتى ، بىتاقات كۈتۈشلىرىمدىن بىر تال بىر تالدىن پۈتۈپ چىققان بۇ ياغاچ كۆۋرۈك سەن ئۈچۈن ياسالدى. لەۋزىنىڭ قىمىتى قانچىلىك ؟ ئاچچىق بىر يىغا كۆز چانىقىمدا دەۋرەپ ئاندىن تاشقىنلىدى دە،كۆل سۈيۈگە قۇيۇلۇپ كەتتى .بۇ ئاخىرقى دەقىقە ئىدى ، ناۋادا سەن كەلگەندە ،مەن ئايلانغان تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان ھال رەڭ ئەتتىرەنى كۆرسەڭ ، يىقىن كېلىپ ئۇنىڭ بەرگىللىرىگە سۈيۈپ قوي ، ئۇنىڭدا ئارمان بىلەن كەتكەن مەھبۇبەڭنىڭ كۆز يېشى بار ..... ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن يىگانە خانامغا قاياققىدۇ مۈكۈنگەن سايەمگە كايىغىنىمچە قايتىپ كېتىۋاتىمەن . ئارمانلار گىرە سالغان ۋۇجۇدۇم سۇس تىترەك ئارلاش ، خىلۋەتخانەمگە شامنىى ياقتى. غېرىپخانەمدە ھەممە نەرسە كۈتۈش ئىچىدە ئاداققى ئۇيقىسىنى ئۇخلاۋاتقەندەك شۇ قەدەر جىم-جىت ئىدى ، شاممۇ خىلۋەت قوينىغا ئاخىرقى ئۈمۈت نۇرلىرىنى چاچرىتاتتى . مېنى قوينىغا دەم تارتىشنىڭ غېمىدە كېلىۋاتقان زىمىننىڭ ئېغىر تىنىقلىرى يىقىنلاۋاتقاندا ،ۋاقىت تۇزانلىرى ئاستا ئۈزىنى شام ئۈستگە ئېتىشقا باشلىدى . سەھەردىن بىرى لاغايلاپ قاياققىدۇر كىتىپ قالغان شاماللار ،ئەركە ئۇسۇلىنى ئوينغانچە خىرامان كىرىپ كەلدى –دە ، ئەبىدىلىك غايىپلىققا تەرەدۇق قىلغان جىسمىمغا ئۈمۈتسىز كۆزلىرىنى تىكتى . -ئۇ كەلمىدىمۇ ؟ جاۋاپسىز قالغان سۇئالغا ئاخىرقى مادارىمنى يىغىپ مەيۈس كۈلۈپ قويدۇم. -كۈتۈشنىڭ بۇ قەدەر ئازاپلىق ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەن ،- شامالنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئازاپلىنىۋاتقىننى بىلدىم . ناۋادا مادارىم بولسا ئىدى ،ئۇنىڭدىن ، -سەنمۇ يىغلىدىڭمۇ ؟ دەپ سوراپ باققان بۇلار ئىدىم .ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۇھسىنغان ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىدىم ، ئۇ تىترەڭگۈ ئاۋازى بىلەن .- -سەن ھاياتىڭنى مەڭگۈ كەلمەس بىرىنى كۈتۈشكە ئاتاپسەندە؟ ...... دىدى ، شامال يىيغلىيالمايتى . ھەسرەتلىك تولغۇنۇش بىلەن ئۇ قايغۇسىنى زىكرى قىلىۋاتقان ئاشۇ مىنۇت مېنىڭ تېنىمنىڭ يېرىمى تۇپراققا ئايلىنىپ بولدى ، ئۇ تىترەڭگۈ ۋۇجۇدى بىلەن ئاستا چاچلىرىم ئارسىغا سىڭىپ كەتتى . زارىقىپ كۈتۈشتىن ،بىدارلىقتىكى ھەسرەتلەردىن مەڭگۈ يۇمۇلماس قاراچۇقلىرىم تەنتەك شاماللارنىڭ مېنىڭ يىگانىلىقىمغا سىڭىپ كىرىشىگە مىنەتدارلىق كۈلكىسىنى كۈلىشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن پۈتۈنلەي تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىش ئالدىدا ئىدىم ،شۇڭا يۈرۈكۈمنى قۇلۇمغا ئالدىم ،ئۇنىڭدىن شامدەك ئىرىپ تامچىغان قانلار بارماقلىرىم ئارىسىدىن سىرغىپ زىمىن باغرىغا قۇيىلاتتى ،ئۇ ئاخىرقى تۇيغۇمنى سۆزلىگىنىچە سىڭىپ باراتتى . چۈنكى ھاياتىمنىڭ نەپىس گۈللىرى خۇش ھىدلىرىنى تارقىتىۋاتقان بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ پەيدا بۇلىشىنى كۈتكەن ئىدىم ، ئەپسۇس ........ ئۇ ئەمدى كەلمەيتى . | |
كۆرۈلۈشى:473 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 14:36:02 | يوللىغۇچى ئەزا:yigana444 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|