Article Center - ماقالە مەركىزى - ‹‹ 18 ياشتا ئۆيدىن ئايرىلىش ›› قائىدىسى شەرققە سۈرۈلمەكتە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


‹‹ 18 ياشتا ئۆيدىن ئايرىلىش ›› قائىدىسى شەرققە سۈرۈلمەكتە

  1980 – يىللارنىڭ بېشىدا ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرىگە ئوقۇشقا بارغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار غەربلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ‹‹ پەرزەنت 18 ياشقا تولغان كۈندىن ئېتىبارەن ئائىلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاش يولىغا چۈشۈش ›› قائىدىسى، ‹‹ ۋارىسلىق قىلىشنى بىكار قىلىش قانۇنى ›› قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقان ھەم ھەيران قېلىشقانىدى.

    بۇ ھەيرانلىق تەبىئىي ئىدى. نەچچە ئەۋلاد بىللە ياشايدىغان بىز شەرقلىقلەرنىڭ چوڭ ئائىلىلىرىدە پەرزەنتلەرنىڭ ساقاللىرىغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ ئۇلار يەنىلا ‹‹ بالا ›› بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەردۇ ھاللىرى، مۈشكۈلاتلىرى پۈتۈنلەي ئاتا – ئانىغا تالىق بولۇپ ئۆتەتتى. بۇ يەردە ئىستىخىيىلىك پەرزەنت تەربىيىسىمۇ ئاشۇ مۇھىتنى دەۋر قىلاتتى. شۇڭىمۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يەتكىنىدىن كېيىنكى پۈتكۈل ئىشلىرى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆشنىسىدە بولۇشتەك ئائىلە تەربىيىسى ھەممىمىزگىلا ئەقەللىي ھادىسە ئىدى. تەربىيىدىكى بۇنداق بىنورمال ھالەتنىڭ ھاسىلاتلىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئۇنچىۋالا گەۋدىلىك كۆرۈنمىگەنىدى. ئەمما، دەۋرىمىزدە رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، جاھاننىڭ رايى بىر تۈرلۈك بولسا، بىز ئۆستۈرگەن پەرزەنتلەر باشقا بىر تۈرلۈك بولۇپ چىقىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، پەرزەنتلەرنى بوۋاقلىقىدا قولىمىزغا بىر ئېلىۋالساق تاكى ئاخىرقى نەپىسىمىزگىچە قولدىن چۈشۈرمەيدىغان تەربىيە شەكلىمىز ‹‹ چەكسىز مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ›› گە ئايلىنىپ، پەرزەنتلەر 18 ياشتا ئەمەس، 28، 38 ياشتىمۇ ‹‹ ئەمچەك ›› تىن تولۇق ئايرىلالمايدىغان، ئۇلارنى چوڭ قىلىش، خىزمەتلىك قىلىش، ئۆي – ئوچاقلىق قىلىش، ھەتتاكى ئۆي ئېلىپ بېرىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىنى بېقىپ بېرىش ... قاتارلىق ئۇزاققا سوزۇلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بەرمىسەك بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

   پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاغزاكى تەربىيىنى ‹‹ تۈپكى تەربىيە ›› ، مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈۋېتىشلەرنى ‹‹ ئالىي تەربىيە ›› قىلىۋالغانلىقىمىزدىن، پەرزەنت تەربىيىمىزدە مەلۇم بوشلۇقلار ئايان بولۇپ، پەرزەنتلەر دۇنياغا كۆز ئاچقىنىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ئىقتىدارلىرىنى ئويغىتىش، قېزىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش جەھەتلەردە ئوبيېكتىپ ۋەزىيەت بەرپا قىلىش، يېتەكلەش ۋە مۇناسىپ تەدبىرلەردە مەجبۇرلاش قاتارلىق تەربىيە تۈزۈلمىمىز مۇكەممەللەشمىدى. ھاسىلاتتا، پەرزەنتلەردە ئاسانلىقچە چوڭ بولۇشنى خالىمايدىغان، يۆلىنىپ ياشاشقا كۆنۈككەن، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقىدىغان، ھەر قانداق پەرزنىڭ ئادالىقىنى پەقەت ‹‹ ئۆتكەل ›› چاغلايدىغان، رىقابەت ئېڭى تۆۋەن بولۇش… تەك بىر يۈرۈش ھادىسىلەر كۆرۈلىدىغان بولدى.

    غەربلىكلەر نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيانقى تەربىيىدە مۇكەممەل ئادەم يېتىشتۈرۈش، كىشىلىككە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىلىرىدە بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي ئادەت ۋە قائىدە – يوسۇنلارنى شەكىللەندۈرگەن. شۇلار ئىچىدە ‹‹ 18 ياشقا تولغان كۈندىن ئېتىبارەن ئائىلىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ياشاش ›› قائىدىسى پەرزەنتلەرنىڭ يېتىلىش جەريانىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدا ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئادەم بولۇشىدا زۆرۈر مەسىلىلەرنى چوقۇم ئۆزلىرى ھەل قىلىشقا ئادەتلىنىش، ئىنسانىي ئىقتىدارلارنىڭ پەرزەنتلەر مەنىۋىيىتىدە ۋاقتىدا قارار تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەرزەنتلەرنىڭ مەنىۋىيەت ۋە جىسمانىيىتىدە ئېچىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ماھارەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئۆز پەيتىدە ۋۇجۇدقا چىقىشىغا شەرت – شارائىت ھازىرلايدىغان ئىجابىيلىككە ئىگە قائىدىدۇر.

    ‹‹ 18 ياشتا ئائىلىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ياشاش ›› نىڭ جارىلىقىدا: بالا 18 ياشقا تولغان كۈنى ئۇنىڭ توغۇلغان كۈن مەرىكىسى ئائىلىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ – دە، شۇ كۈندىن باشلاپ بالا ئائىلىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشىشى كېرەك، ئەگەر ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن ئۇنداق قىلالمىسا، چوقۇم ئۆيگە تۇرمۇش راسخوتى تاپشۇرۇشى، ئائىلىنىڭ بىركىشىلىك يۈكىنى ئۈستىگە ئالمىقى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ كۈندىن باشلاپ پەرزەنتنىڭ قانداق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى، مۇبادا، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولسا، قايسى مەكتەپنىڭ نېمە كەسپىدە، قانداق قىلىپ ئوقۇشىغا ئاتا – ئانا ھەرگىز ئارىلاشمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن يول مېڭىش، ئوقۇيدىغان كەسىپلىرىنى تاللاپ بېرىشتەك مائارىپ قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ ھادىسىلەرنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھال تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيانقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئىزچىللىشىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، بۇ پەرزەنتلەرنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى گۆدەكلىك مەزگىلىدىن باشلاپلا ئېچىپ، تاۋلاپ، كەسكىن رىقابەتلىك جاھاندا تىك تۇرالايدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت تەربىيە جەريانىدۇر.

    18 ياشقا تولغان ھامان مۇقەررەر يوسۇندا مۇستەقىل ياشاشقا ئاتلىنىشنى نىشان قىلىش ھەم 18 يىل جەريانىدا شۇ نىشاننى دەۋر قىلىپ يېتەكلەش قائىدىسى پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ياشاش، يەنى جاھاننىڭ بارلىق كارى – بارىغا ئۆزىلا تاقابىل تۇرۇش، ئۆز مۇھىتىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ياشاشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇش، كىشىلىك ھاياتتىكى مەقسەتلەرنى مەقسەتچە، ۋاسىتىلەرنى ۋاسىتىچە قوللىنالايدىغان ساغلام، سەمىمىي ئادەم بولۇشىغا ئوبيېكتىپ شەرت – شارائىت يارىتىدۇ.

    غەربلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بۇ قائىدىلەر بالىلىرىنىڭ كىشىلىك ھايات ئېڭىنى يارقىن ۋە مۇستەھكەم قىلىدىغان، تۇرمۇش ۋە ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈرىي ئىنسانىي ئامىللارنى ئۆز مەزگىلىدە ئويغىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاۋلاپ چىقىدىغان، ھاسىلاتتا، ئۇلارنى ئىچكى تۇيغۇ، يۈكسەك ماھارەت ۋە پىداكارلىقلار بىلەن ھەرقانداق شارائىتقا ماسلىشىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا پەرۋا قىلماي، ئائىلىگە، يۇرتقا، جامائەتكە مەنپەئەتلىك مۇكەممەل ئادەملەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشتە ناھايىتى ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. شۇكۈنلەردە جامائىتىمىز غەرب ئەللىرىگە بارماي تۇرۇپمۇ كىنو، تېلېۋىزورلاردىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت فىلىملەرنى كۆرۈش، خەۋەر – ئاخباراتلارنى ئاڭلاش ئارقىلىقمۇ ئۇلاردىكى ئائىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، مەنسىپى، بايلىقى قاتارلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مۇستەقىل ياشاش يولىغا چۈشۈشىدە ھېچقانداق ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدىغانلىقى، يەنى مەيلى زۇڭتۇڭ، مىنىستىرنىڭ بالىسى ياكى كاتتا كارخانىچىنىڭ بالىسى بولۇشتىن قەتئىينەزەر پەرزەنت 18 ياشقا تولغاندىن كېيىن ھەممىنى ئۆز ئىقتىدارى، ئىمكانىيىتىگە تايىنىپ نۆلدىن باشلىمىسا بولمايدىغانلىقىدىن ئاز – تولا خەۋەردار. ئېھتىمال، ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرىنىڭ نەۋرىسىنىڭ خىزمەت ئىزدەپ رايونىمىزغىچە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلار بولۇشى مۇمكىن.

    ئىش مۇشۇنداق، بالا ھاياتلىققا كۆز ئاچقىنىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ دۇنيادا بىركىشىلىك پۇت دەسسەپ تۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈرىي تەربىيىنى باشلاش، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىيەتكە ئائىت زۆرۈرىي ماھارەتلەرنى ئىگىلىتىش ئارقىلىق مۇستەقىل ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنى يېتىلدۈرمەك لازىم. شۇڭا غەربلىكلەرنىڭ تەربىيە ئەقىدىلىرىدە ‹‹ پەرزەنتلەر ھەرقانداق يەردە، ھەرقانداق شارائىتتا بىمالال ياشىيالايدىغان بولۇشى، مۆرىتى كەلگەندە جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ جۇت – شىۋىرغانلىرىدىمۇ، گرېنادا ئارىلىدىكى يانار تاغلار ئارىسىدىمۇ ياشىيالايدىغان بولۇپ يېتىلىشى كېرەك ›› (جۇلىئان . روسسۇ) دەپ يېزىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ 18 ياشلىق ئادەم دۆلەت گىراژدانى بولۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن بىر كىشىلىك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالمىقى ۋاجىب. 18 ياشلىق كىشى جەمئىيەتتە يېتىلگەن كىشى، ئۇ چوقۇم جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا،بىركىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا يەڭ تۈرمىكى لازىم. 18 ياشلىق كىشى مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇ ئائىلە، جامائەت ياكى يۇرت ئىشلىرىدا بىر كىشىلىك بۇرچىنى ئادا قىلمىقى زۆرۈر.

    ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيىمىزچە بولغاندا، مەسىلە پەرزەنتلەرنى ھىمايە قىلىش، يار – يۆلەك بولۇشتا ‹‹ چەكسىز مەسئۇلىيەت شىركىتى ›› تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى 18 ئەمەس، 28، 38 ياشتىمۇ ‹‹ ئەمچەك ›› تىن ئايرىلالمايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى مېھىرلەرگە قاندۇرۇپ – قاندۇرۇپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جاپا – مۇشەققەت تارتماي، خۇددى ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك پاراغەتتە ياشاپلا ئۆتۈشلىرىنى ئارمان قىلىپ، ئۆمۈرۋايەت ‹‹ بالا دەردى ›› نى تارتىش، پەرزەنتلەرنىڭ پاراغىتى ئۈچۈن بىھۇدە چىقىملارغا، كاتتا شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە ‹‹ ساياھەت ›› لىك ئوقۇشلارغا داخىل بولمىقى ئۈچۈن ئاقچىلارنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىشىمىز تۈپەيلى پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى ھەربىر باسقۇچتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرتلەردىن ئۇلارنى مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى ‹‹ تەندۇرۇس ئۆلۈمتۈك ›› لەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

    بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەڭ ئاسان يۇقىدىغان، ئۆزلىشىدىغىنى تايىنىۋېلىشقا ئادەتلىنىش، ئېتىبار تەمەسىدە بولۇش، ئاتا – ئانىنىڭ تاكى كۆز يۇمغىچە ‹‹ بالا دەردى ›› دە بولۇشلىرىنى يوللۇق چاغلاش، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ئاتا – ئانىلارنىڭ تارتىشىنى ھەقلىق، دەپ قاراش قاتارلىق كېسەللەردىن ئىبارەت. تايىنىۋېلىشقا ئادەتلىنىشنىڭ ئۆزى پەرزەنتلەرنىڭ ‹‹ ئېتىبارغا تەشنا ›› لىقىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئىتىبارغا ئىنتىزارلىق پسىخىكىسى بالىلارنىڭ ئىچكى ئىقتىدارلىرىنى يىگىلىتىدۇ. ھالبۇكى، بىز پەرزەنتلەرنى باشقىلارغا ئوخشاش بوۋاقلىق – گۆدەكلىكىدىنلا ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش، بالاغەتكە يەتكەندە ھاياتنىڭ بارلىق كارى – بارىغا ئۆزلىرى ئىگە بولۇش يولىدا تەربىيىلەش ئورنىغا، ئۇلارنىڭ جاپا چېكىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا پۈتكۈل ئىمكانىيەتنى شەرتسىز بەخشەندە قىلىپ ‹‹ تەربىيىلەۋاتىمىز ›› . دېمەك، ئۆسمۈرلۈكتىن باشلانغان ‹‹ ئېتىبار ›› ۋە ‹‹ شەرتسىز ئىلتىپات ›› لار بىر تەرەپتىن، بالىلىرىمىزنى ساغلام ئادەم بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا يۇمشاق نانغا ئىنتىلگەك، يۇمشاق سۆڭەك، بىكېرەكلەردىن قىلىپ قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتا – ئانىلارنى ئۆزى ئۈچۈن ياشاپ باقمايدىغان، بىر ئۆمۈر بالىلار ئۈچۈنلا ياشايدىغان، ھەتتا بالا دەردىدە بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىدىغان جاپاكەش تەتۈر پېشانىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مانا بۇ ئالەمشۇمۇل ياخشى ۋە ئىزگۈ مۇددىئادىن بەكمۇ يامان ھاسىلاتنىڭ كېلىپ چىقىشىدۇر.

   يېقىندا، مەلۇم تەھرىراتتىن پېنسىيىگە چىققان بىرەيلەن بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم. ئۇ كىشى ‹‹ پېنسىيىگە چىقىشىمىزغىلا چوڭ – كىچىك ئوغۇللار ‹ بالا بىلەن خىزمەتكە بارالمايۋاتىمىز، بالىلارنى يېنىڭلارغا ئەپكېلىپ قويساق، بېقىپ بەرسەڭلەر بولغۇدەك › دېۋىدى، مەن: يوقىلىڭلار! بىزمۇ سىلەرنى بېقىپ يۈرۈپ ئىشلىگەنىدۇق، سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار! دەپ قۇتۇلدۇم › دېدى. مەن شۇئان: ‹‹ بۇ قىلغىنىڭىزغۇ بوپتۇ، ئەسلى بۇنى 20 نەچچە يىل بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ ئېڭىگە سىڭدۈرگەن بولسىڭىز بۈگۈن بۇ گەپمۇ چىقماس ئىدى ›› دېدىم. شۇنداق، بۈگۈنكى كۈندە بۇرۇتلىرى خەت تارتقان يىگىتلىرىمىز، بويىغا يەتكەن قىزلىرىمىزغا بۇ نەزەرىيىلەرنى ئېزىپ ئىچۈرۈشلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئۇلارنى پۇل خەجلەپ ئۆلۈمتۈكلەرگە ئايلاندۇرغان ‹‹ مېھرىبان ›› ئاتا – ئانىلارغىمۇ بۇ پىكىرلەرنىڭ ئەھمىيىتى يوق.

    بىز بىلىشكە تېگىشلىك ھەقىقەتلەر ھەرقانچە ئاچچىق بولسىمۇ، ئۇلارنى بىلىشتىن زادى باش تارتمىغىنىمىز تۈزۈك. ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقىقەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھايات ھېكمەتلىرىنى تونۇش ئىنسان ئۈچۈن پەرز ھەم قەرزدۇر. شۇڭا، پەرزەنتلىرىمىزنى ھادىسە جەھەتتىن ‹‹ بىركىشىلىك ئادەم بولسۇن ›› مۇددىئاسىدا زور قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئېغىرچىلىقلارغا چىداپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى كۆتۈرۈپ، قورسىقىنى، تېلېفونىنى بېقىپ، مودا كىيىندۈرۈپ، ئويۇن – تاماشىسىغا، دوست تۇتۇشلىرىغا، سەيلە – ساياھىتىگە پۇل تۆلەپ، ئاقىۋەتتە، تالاغا چىقسا كوچا چىڭداشتىن، ئۆيگە كىرسە قاچا بىكارلاشتىن ئۆزگە ھېچنېمىگە يارىمايدىغان، قاراپ تۇراركۆزى بار، سۆزلەپ تۇرغان ئاغزى بار، ئۆرە مېڭىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر زەمبىل گۆشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ قويۇش جەريانىمىزغا مۇنداقلا بىر نەزەر سالايلۇق:

   نەزىرىمىزنى سەلگىنە ئىلگىرىگە ئاغدۇرساق، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بىزدىكى ئائىلىلەر نەچچە ئەۋلاد بىللە ئۆتۈپ، بوۋىلار ئۆينىڭ چوڭى، نەۋرىلەر ئۆينىڭ كىچىكى بولۇپ ياشايدىغان مۇھىتتا ئىدى. شۇنداق ئەھۋالدا، پەرزەنتلەرنىڭ ساقاللىرىغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ ئۇلار يەنىلا ‹‹ بالا ›› بولۇپ، چوڭلارغا شەرتسىز بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىناتتى. شۇنداق بولغاندا ئۇلار ‹‹ ناھايىتىمۇ ياخشى ئادەم بولغان ›› بولاتتى. بۇنداق ۋەزىيەت، چوڭلار ئوتتۇرا بوغۇنلاردىن خاتىرجەم بولالماسلىق بىلەن بىللە، يەنە نەۋرىلەرنىڭ ھەرقانداق كەمچىلىك، يېتەرسىزلىكلىرى ۋە بولمىغۇرلۇقلىرى ھەرقاچاندا چوڭلار تەرىپىدىن ‹‹ بالا تېخى كىچىك، چوڭ بولغاندا ئەقىل كىرىدۇ، ۋاقتى كېلىپ يەنە بىلمىسە، ئاندىن رەنجىسەڭلەر، ئەدەپلىسەڭلەرمۇ كېچىكمەيسىلەر ›› دېگەندەك ئاجايىپ نادانلارچە تەربىيە پوزىتسىيىلىرى بىلەن تولغانىدى.

    1950 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائىيىتىمىزدە ئورگانلاردا خىزمەت قىلىشتەك ھادىسە ئومۇملىشىشقا، ئاھالىمىزدە مەلۇم دائىرىلىك زامانىۋى شەھەر تۇرمۇشى ۋۇجۇدقا كېلىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنى ‹‹ ئالىي مۇقاملارغا يەتكۈزۈش ›› مۇددىئالىرى ئۇلارنىڭ ئىچكى تىرىشچانلىق، رىغبەتلىرىنى ئېچىش بىلەن ئەمەس، بەلكى، چوڭلارنىڭ ئۆزى قول سېلىپ تۈرلۈك ئىزدىنىش، ئاماللارنى قىلىشنىڭ خاسىيىتىدە بولۇشقا باشلىدى. بىز بۇنى كېيىنكى كۈنلەردە ‹‹ يول مېڭىش ›› ياكى ‹‹ يولى بار بولۇش ›› ، دەپ ئاتىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىنكى پەرزەنت تەربىيىسىدە ‹‹ يارىلىشىڭنى مەن ياراتتىم ، يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن ›› دېگەن ھېكمەتنى چۆرۈپ تاشلاپ، بالىلارنىڭ يارالمىشىنىمۇ ئۆزىمىز روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىدىغان تەتۈر يولغا كىرىپ كەتتۇق. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل ئورۇق، سېمىز دىپلوملۇقلىرىمىز جەمئىيەت ئېھتىياجى، ئىشلەپچىقىرىش تەلەپلىرى تەرىپىدىن يارامسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ، يېتىلىش قەدەملىرىنى ئاتا – ئانىلار بېسىپ بەرگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئومۇمىي ھالىتىگە ئۈچ سىزىقلىق كوئوردېنات بىلەن نومۇر قويغاندا ئادەتتىكى ئۆلچەملەردىنمۇ ناھايىتى تۆۋەنلىكى بايقالغاندا، يىگىرمە يىللار ئىلگىرىكى قاراشلىرىمىز ئاساسىدا گاڭگىراشقا باشلىدۇق. قىسقىسى، رېئاللىقنى تونۇشىمىز، ھەقىقەتنى بايقىشىمىز مىسالى ھەقىقەت تاغدا بولغان بولسا، بىزنىڭ بىلىشىمىز چارىباغلاردا سەيلە – ساياھەتتە بولۇۋەردى.

    شۇ قاتارلىق ھادىسە ۋە مەسىلىلەرنىڭ تۈگۈنى يەنىلا پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئاجايىپ غەلەتلىكلەرگە مۇپتىلا بولۇپ، ساغلام توغۇلغان ھەم زېرەك ئۆسۈۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ئىچكى ئامىللىرى ۋە ياشاش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئورنىغا، ھەممىنى ئۆزىمىز ھۆددىگە ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنى پەپىلەپلا ئۆتتۇق. بۇلار يەتمىگەندەك، جاھانغا قارىسىغا ئەگىشىشتەك نادانلىقلىرىمىز تۈپەيلى، ئۇلارنى ئەگرى يوللارغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ھايات ئىمكانىيەتلىرىنى نابۇت قىلىپلا قالماي، ئۆزىمىزگىمۇ يېتىپ ئاشار دەردىسەرلەرنى تاپتۇق.

    غەربنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە ››18 ياشتا ئائىلىدىن ئايرىلىش، ئايرىلالمىسا، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆيگە تۇرمۇش راسخوتى تۆلەش‹‹تىن ئىبارەت قائىدىسى بەكمۇ ھەيران قالارلىقمۇ ئەمەس، بەلكى نورمال، شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكلا بىر ھادىسە. مەسىلە پەقەت ئۇنى قانداق چۈشىنىشىمىزدە. ئۇ بازار ئىگىلىكى مۇكەممەللىشىۋاتقان، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان، ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز تاپمىۋېدۇق، ئەمدى بىزنى مۇقەررەر يوسۇندا ئىزدەپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك ھادىسە. بۇ ھادىسە 1990 – يىللاردا ئېلىمىزدە مۇھاكىمە قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە كاتتا كارخانىچىلار مۇشۇ ھادىسىنىڭ جۇڭگوچە فورمىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ ۋە تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇشلارنى باشلىۋەتكەن. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خەينەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇ فامىلىلىك بىرەيلەن ‹‹ مەن سېنى 18 يېشىڭغىچىلا باقىمەن ›› ناملىق كىتاب يازغان، ئۇشبۇ كىتاب 2003 – يىلى خەينەن نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى.

    ئاپتور كىتابىدا ئوغلى زى شۈەننى 18 ياشقا كىرگەندە ئائىلىدىن ئايرىغانلىقى، زى شۈەننىڭ شەكىلگە ئوقۇش ۋە باشقا مەسىلىلەردە باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش، ئۆز – ئۆزىنى ئالداپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ چوڭ بولۇش جەريانلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. كىتاب بىر مەۋقەدىن، مائارىپ ھادىسىلىرىمىزنى يورۇتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتورنىڭ ئوغلىنى 18 ياشقا كىرىشى بىلەنلا ‹‹ ئەمچەك ›› تىن ئايرىشى ئاۋۋىلىدە ئوغلىنىڭ تەربىيىلىنىشى، چېنىقىشى ۋە ئەتراپلىق تەييارلىنىشلىرى قىيامىغا يەتمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئائىلىدىن ئايرىلىشى ئانچە نورمال بولمىغان ھالەتتە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ‹‹ 18 ياشتائائىلىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ياشاش ›› ھازىرقى بەزى شارائىتلىرىمىزغا مۇناسىپ كەلمەسلىكى، بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئىزدىنىشلەرنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، پەرزەنت 18 ياشقا تولۇپ، كوچا چىڭداشتىن ئۆزگىنى قىلالمايدىغان ھالغا يەتكەندە، ‹‹ ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ ›› بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

    مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ ھەقتە مۇشۇ ئون يىل مابەينىدىكى سىناقلار، ئۈلگە ئېلىشلار بىر باشلىنىشنىڭ بېشارىتى. ‹‹ كاجنى بازار ئوڭشايدۇ ›› دېگەندەك، بۇ قائىدىنىڭ (ئەلۋەتتە، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا) جارىلىقى بىزگىمۇ ھەم بار.

         كۆرۈلۈشى:540     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-15 12:27:27يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:تۈلكە بىلەن مايمۇن
كېيىنكى ماقالە:كۈمۈش چوققىلار
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号