ئاپتۇرى - نۇربىيە ئابلا
ئانا، بىلەمسىز؟ مەندە بىر غايە بار، ھەر قېتىم ئۈمىدسىزلەنگەندە شۇ غايەم ماڭا: ‹‹ئەرزىمەس ئىشلارنى دەپ تۇرمۇشتىن رەنجىمە، ھايات بىر سىناق. بۇ سىناق ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ يۆلەك بولمىساڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ھۆرمەت قىلمىساڭ كىم ساڭا يۆلەك بولاتتى، كىم سېنى ھۆرمەتلەيتتى؟›› دەيدۇ. شۇندىلا ھاياتقا كۈلۈپ بېقىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى مەن ھامان بىر كۈنى كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
ئانا، ھېچ بىلمىدىم، مەن يا ئۆگەي بالىڭىز بولمىسام، نېمىشقا ماڭا توڭ تېگىدىغانسىز؟ ھەر قېتىم ‹‹ئانا›› دەپ چاقىرسام ‹‹ھە، نېمە›› دەپلا مېنى ئېغىز ئاچۇرمايسىز. بىر قېتىم خىراجىتىمگە پۇل سورىسام ‹‹مەندىنلا سورامسەن؟ داداڭدىن سورا›› دەپ ۋارقىرىدىڭىز. شۇ چاغدا كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىك يېرىم بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ مۇشۇنداق سوغوق ‹‹مۇشت››لىرىڭىز مېنى خىيالچان قىلىپ قويدى، ئۆگىنىش نەتىجەممۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن غەمخورلۇقىڭىزغا، كۈلۈپ قارىشىڭىزغا نەقەدەر موھتاج – ھە!
بىلمەيدۇ دېمەڭ ئانا، بىلىمەن، ئائىلە – روزغارىمىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپا چېكىۋاتقانلىقىڭىزنى؛ يۈكىڭىز كۆپ بولغاچقىمىكىن، كۈندە قاپىقىڭىزنى تۈرۈپلا يۈرىدىغانلىقىڭىزنى! ئەمما، بۇلار مەن تەشنا ئانىلىق مېھرىڭىزنى ئۇنتۇشىڭىزغا باھانە بولالمايدىغۇ! شۇڭا ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مەن بىلەن مۇڭدىشىپ قويۇشىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى يېنىك تۇتۇپ، خۇشال يۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. راست، مەن ئۈچۈن بىرەر قېتىم كۈلۈپ قارىشىڭىزدىن ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك. شۇڭا ئۆتۈنەي: بالىڭىزنىڭ بەختىنى ئويلىسىڭىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭچۇ، ئانا؟