باشلىقىمنىڭ يېزىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە بولۇۋاتقان تويغا قارىشىپ بېرىشكە ئەتىگەندە بارغان بولساممۇ، يەنىلا باشقىلاردىن كېيىن قاپتىمەن. بىر ھازاغىچە قىلىدىغان ئىش تاپالماي تەمتىرەپ يۈردۈم. خېلىدىن كېيىن بىر قانچە مېھمانغا تاماق توشۇش نېسىپ بولدى، شۇ خۇشاللىقتا پولۇ ئۇسۇلغان قىزىق ئىككى لېگەننى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتسام:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دېدى بىرى دولامدىن تارتىپ. ‹‹كىمدۇ بۇ، مۇشۇنداق بىئەپچىلىكتە سالامغا زورلىغان›› دەپ ئىچىمدە غۇدۇرىساممۇ، قەدەملىرىمنى توختىتىپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم. ئالدىمدا سالاپەتلىك بىر كىشى تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولۇمدىكى لېگەنلەرنى قويۇشقا تەمشىلىۋېدىم:
بولدى، بولدى، ماڭىلا بەرسىلە، دېدى ئۇ قولۇمدىكى لېگەنگە قول ئۇزىتىپ، ئۆزلىرى ئاۋارە بولمىسىلا، بۇنچىلىك خىزمەتنى ئۆزىمىز قىلىۋېتىمىز.
رەھمەت، دېدىم ئوڭايسىزلانغان ھالدا، ئاڭغىچە بىرى قولۇمدىكى لېگەننى ئېلىپ كەتتى. ‹‹ئىم›› دېدىم ئىچىمدە، ئاران تاپقان خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالمىدىم. مۇشۇنداق ئالدىراش پەيتتە ئىش قىلمىغاننى ئاز دەپ ئۆتەر يولنى ئىگىلەپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ تۇرغانلىقىمنى قاپىقى يامان باشلىقىم كۆرۈپ قالسا – زە...
قېنى كەلسىلە، چاي ئىچكەچ بىردەم پاراڭلىشايلى، ھازىرلا بىرىگە بۇيرۇيمەن، چاينى قىزىق، قېنىق دەملەپ كېلىدۇ...
رەھمەت، دېدىم ئوڭايسىزلىنىپ، بىردەم خىزمەت قىلاي...
ئۇنداق قىلمىسىلا، ئىككى ئېغىز گېپىم بار، شۇنى ئاڭلاپ ئاندىن... دېدى ئۇ ئايۋاننىڭ چېتىگە سېلىنغان كۆرپىگە تەكلىپ قىلىپ.
ئۇنىڭ بىلەن تارتىشىۋەرگىچە گېپىنى ئاڭلاپلا ئىشىمنى قىلاي دېدىم – دە، ئۇ كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇردۇم.
مۇنداق گەپ، دېدى ئۇ مەخسۇس تەييارلاتقان چايدىن بىر پىيالە قۇيۇپ قولۇمغا ھۆرمەت بىلەن تۇتقۇزۇپ، ئۆزلىرىمۇ بىلىلا، مەن ئەزمىسىنى ئېزىدىغانلاردىن ئەمەس، كۆپ ۋاقىتلىرىنىمۇ ئالمايمەن، سىلىگە ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى. ئېغىر كۆرمەي شۇنى بېجىرىپ بەرگەن بولسىلا، ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرى بولۇپ قالار، نۆۋىتى كەلگەندە مەنمۇ قاراپ تۇرماسمەن...
‹‹بۇ كىشىنىڭ مەندەك بىر سولتەك ئىشچىغا قانداق ھاجىتى چۈشكەندۇ؟›› مەن چۈشىنەلمەي ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە تىكىلدىم.
ئەمدى...، ھەي بولدىلا، گەپنى قىسقىلا قىلاي. ئۆزلىرىمۇ بىلىلا، مەن ۋىلايەتتىكى ئېزىز مۇدىرنىڭ ساۋاقدىشى بولىمەن دېسىلە، قويۇق باردى – كەلدى قىلىپ تۇرىمىز. ئۇ يۇرت كاتتىسىمۇ ھەر قېتىم كەلسە مېنى يوقلىماي، ئۆيىمىزدە مانا مۇشۇنداق قېنىق دەملەنگەن چايغا ئېغىز تەگمەي ماڭمايدۇ. سىلى بىلمەيلا بەلكىم، مۇشۇ چاي دېگەننىڭچۇ بەك خۇمارى كۈچلۈك دېسىلە، بىر كۆنۈپ قالدىلىمۇ بولدى، ئۈمىدلىرىنى ئۈزەلمەيلا قالىلا. بۇ ئۆزى ئادەمنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئېچىپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈۋېتىدۇ. يەنە بىر قىسىملارنىڭ دېيىشىچىغۇ قاندىكى ياغنى تازىلاپ، قان – تومۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئاچارمىش، ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا بىز دېگەننىڭ قېنىمىزدا ياغ دېگەن نەرسە قالمايدۇ.
ئەستاغپۇرۇللا، مېھمانلار كۆپ، باشقىلار كۆيۈپ – پىشىپ ئىشلەۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا چاي ئىچىپ، قۇرۇق پاراڭ سوقۇپ ئولتۇرغىنىمنى باشلىقىم كۆرسە سەت ئەمەسمۇ؟ مەن جىددىيلەشتىم:
ئاكا، ھېلىقى مۇھىم گەپنىڭ ئۆزىنىلا دېگەن بولسىلا.
بولىدۇ ئۇكام، سىلىگە نەق گەپنى قىلىمەن دەپ نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپتىمەن، ئادەم قېرىغاندا كاللىسىدىن كېتىپ قالامدۇ نېمە؟ قانداق ئادەملەر ئىدۇق بىز – ھە، ماڭغان يولۇمنى، قىلغان خىزمىتىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنى خۇددى 1000 ياشقا كىرگەندەك ھېس قىلىمەن. لېكىن يەنە ئازراق پىلانىم بار دېسىلە، شۇنى بىر قىلىۋالسام ئاندىن ئاستا... ھېلىقى نۇرنىساگۈلنى بىلىلا، بالىمىزنىڭ كىچىكىچۇ، ئۇنىغۇ قېينسىڭلىم ئېرى بىلەن كېلىشەلمەي ئاجراشقاندا ئاسرىۋالغان، شۇنداقتىمۇ بالا ئەمەسمۇ، ئۇنى ياخشىراق ئوقۇتىمىز دەپ قىلمىغىنىمىز قالمىدى. لېكىن ئوقۇغىلى ئۇنىمىدى. قانداق قىلىمىز، ئامالسىز تولۇقسىزدىلا چىقىرىۋالغان. جەمئىيەتتە مۇشۇنچىلىك ئورنۇم بار چاغدا ئۇنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇۋالسام، دەپ ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن. شۇنىڭ خىزمىتىنى ھەل قىلىۋالسام غېمىممۇ تۈگەيتتى دېسىلە. مۇشۇ ئىشنىڭ غېمىدە يۈرسەك، نەدىن تېپىشتى بۇ خەق ئولتۇراق ئۆي ياردەم پۇلى بېرىدىغان گەپنى. ئالدىراپ پېنسىيىگە چىقىپ كەتسەم شۇنىڭدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىش بولۇپ قالارمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم، بىرلىرىدىن ئاڭلىسامغۇ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگىمۇ بېرىدىكەن دەيدۇ. لېكىن ئىشلەپ تۇرساق بىر گەپ بولارمىكىن دەيمىنا، ئۇكام!؟
ئاكا، بۇ ئىشلارنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، لېكىن سىلى ماڭا دېمەكچى بولغان ھېلىقى مۇھىم گەپلىرىنى دەۋەتسىلە، مەنمۇ ماۋۇ تويدا بىرئاز خىزمەت قىلمىسام بولمايدۇ.
ھە، بولدى – بولدى، شۇنداق قىلاي ئۇكام، شۇنداق قىلاي. گېپىمىزنى دېيىشىپ قەيەرگە كەلگەنتۇقا؟
ۋىلايەتتىكى ھېلىقى...
ھەئە، ۋىلايەتتىكى ھېلىقى ئېزىز مۇدىرنى دەيمەن. شۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم بولىدۇ دېسىلە. ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئېزىز مۇدىر دېسە ئېزىز مۇدىر بولۇپ كەتتىغۇ، دېدى ئۇ ئىككى يېنىغا قارىۋېتىپ، تۇمشۇقىنى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاۋازىنى سەل پەسەيتىپ، تەلەي كېلىپ قالدى تەلەي. ئىلگىرىكى ئېزىزەك بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئېزىز مۇدىر بولۇپ قالدى دېسىلە ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرۈپ، بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ھېچنېمە دەپ بولمايدىكەن دېسىلە ئەمدى. بىز بىللە ئوقۇغاندا ھېچكىم نەزىرىگىمۇ ئېلىپ قويمايدىغان نېمىتى ئۇ، ئەمدى ھەي ... بولدى، مەيلىلا، نەق گەپكە كېلەيلى ئۇكام، ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا دېگەن دېسىلە، سىلىمۇ بىلىلا، ھېلىقى ئاچامنىڭ ئىشىنى، ھېلىقى ئارال يېزىسىدىكىچۇ، دېدى ئۇ نېمىدىندۇر خۇدۈكسىرىگەندەك ئىككى تەرىپىگە گۇمان بىلەن قاراپ قويۇپ، بىز دۆلەت كادىرلىرىغۇ بۇنداق ئىشقا ئارىلاشساق بولمايتتى، شۇنداقتىمۇ ئاچا ئەمەسمۇ، ھەر قېتىم كىرگەندە يىغلاپ تۇرۇۋەرگەندىن كېيىن ئامالسىز قېلىپ ئېزىز مۇدىرغا دېدىم دېسىلە، دېسەم ئۇ كىشى ئالدى بىلەن سىلى بىلەن كۆرۈشۈشۈمنى ئېيتىۋېدى، شۇڭا...
شۇ چاغدىلا يۈرىكىم نېمىنىدۇر بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلدى – دە، ئۇنىڭدىن ئالدىراپ سورىدىم:
ئاچىلىرىنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىدىغان ئىشى ئەمەستۇ؟
ۋاي، شۇ ئۇكام، شۇ. ئەجەب كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىلا ئۇكام. ئېزىز مۇدىر ئاللىقاچان بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە تاپىلاپ بوپتۇ دېسىلە، نېمىلا دېگەن بىلەن ساۋاقداشلىققا يارايدۇ – دە، كونىلارنىڭ <<ئۆتمۈشىڭنى ئۇنتۇما، چىغ چورۇقۇڭنى قۇرۇتما>> دېگىنىنى ياخشى بىلىدۇ – دە ئۇ. قانداق دېسىلە ئۇكام، ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ساپلا مەندىن كۆچۈرۈپ چىقاتتى ئۇ، بولمىسا ھازىرقى ئورۇن...
بولدى، گەپلىرىنى چۈشەندىم ئاكا، مەن ئېزىز مۇدىرنى تونۇمايمەن، سىلى ئىزدىگەن ئەي جۈيجاڭ مەن ئەمەس، ئەي جۈيجاڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ چىرايى ئوخشاپ كەتسە كېرەك. خېلى كۆپ كىشى سىلىگە ئوخشاش ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. مەن ھېلىقى...
نېمە، نېمە، سىلى ھېلىقى ئەي...
مەن ئەمەس، مەن ئادەتتىكى بىر...
بولدى، تولا ۋالاقلىما ئاداش، دېدى ئۇ بايا ئالدىمغا ئىززەت – ئېكرام بىلەن قۇيغان چاينى زەردە بىلەن ئالدىغا تارتىپ، ئەي جۈيجاڭ بولمىساڭ، مەن ئەمەس دېسەڭ بولمامدۇ؟ ئەتىدىن بېرى قۇيۇپ بەرگەن چاينى ئىچىپ گىدىيىپ ئولتۇرغىچە، تازىمۇ بىر... قاملاشمىغان...
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چۈشكىچە باشلىقىمنىڭ كۆزى بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى – دە، دىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. مېھمان كۈتۈۋېتىپ ‹‹ئۇ <قاملاشمىغان> دېگەن گەپنىڭ ئاخىرىغا <چىراي> دېگەن گەپلەرنى قوشماقچى بولغىيمىدى؟›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم... ئۆزىنىڭ تۇتۇرۇقسىزلىقى تۈپەيلى ئاداشقان بۇ بايقۇشنىڭ بايىقى سەپرا ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى...