مىكروھىكايە
مەن ئىشەكنىڭ ئادەم چىشلىگىنىنى،ساچقاننىڭ مۈشۈككە خىرىس قىلغىنىنى، مىكياننىڭ قانات قىقىپ چىلىغىنىنى كۆرگەن، بىراق ئادەملەرنىڭ بىر بىرنى چىشلىگىنىنى،قاراپ تۇرۇپ بىراۋغا نەشتەرسالغىنىنى،ئۆزقىرىندىشدىن يۈزئۆرىگىنىنى، ھەشىق پىچەكتەك پۇرسەتپەرەس،ئىككى يۈزلىمچى، مەككار ئادەملەرنى ئەسلە كۆرمىگەن.
ئۇ بىزنىڭ مەھلەمدە ئولتۇرۇشلۇق چىرايدىن كۈلكە يىغىپ تۇردىغان،گەپ-سۈزلىرى،قاش-كۈزى جايىدا،خۇلۇق-مىجەزى ئۆزىگە ماسلاشقان، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئامراقلىغىنى كەلتۈردىغان خۇش پىچىم ئايال بولۇپ ،مەلۇم بىر ئىدارنىڭ ھىساپ مەلۇم قىلغۇچىلىك(كاسسىر) ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھلىلىك بولغاچقا ، ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇپ قويغان كىشلەرنىڭ بولىشىغا دۇمبالانغانلىقىنى،قولدا ئاز توللا ھوقۇق(پۇل) بولغاچقا ئىداردىكى مەيلى ئايال ياكى ئەر بولمىسۇن ھىچكىمنى كۈزگە ئىلمايدىغانلىغنى،گىزى كەلگەندە ئۆز باشلىغىنىڭ ساقىلىغا يامىشدىغانلىغنى ئاڭلاپ تۇراتتىم .نەچچە يىل دوسلىشىپ بىرەر يەدە ھاراق ئىچىپ باقمىغان دوستۇم سالى توساتتىن مىنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى.مەن سالىغا بىرەر كۆڭۈل ئاغرىغى بولغان چىغى دىگەنلەرنى ئويلاپ كىچىك بىر ئاشپۇزۇلدا ھاراق ئىچىشتۇق .
ئۇ بىر ئىككى رۇمكا قۇرۇغدىغاندىن كىيىن - دۇستۇم سىلنىڭ مەھلىلىك ھىلىقى ئايال ئادەم ئەمەس نەرسىكىن،بۈگۈن خىزمەتداشلىرىم ئالدىدا مىنى ناھيىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشرۈپ قويدى –دىدى ئۇ ئۇھ تارتىپ.
بىزنىڭ مەھلىلىك ئايال ؟! ئەجەپلىنىپ سوردۇم- ئۇنىڭدىن شۇنداق ھىلىقى ھىساپ مەلۇم قىلغۇچى –دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ
قانداق ئوسال قىلدى؟ –سوردۇم مەن ئەھۋالنى تەپسىلاتىنى ئۇقماق بولۇپ .
تۈنگۈن ئۇئايال ئىشخانامغاكىرىپ ،سالىجان- بۈگۈن ۋىلاتەتتىن نەخمەيدان تەييارلىغنى كۆرگىلى ئادەم چىقدىكەن،سىز دەرھال نەخ مەيدانغا تەييارلىغان نوختىغا بىرىپ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆرۈپ كىلىڭ –دىدى. مەن ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ، مەنمۇ شۇ نەخمەيدانغا مۇناسىۋەتلىك ماتىريال يىزۋاتمەن- دىدىم كىسىپلا
سىزنى ئىدارە باشلىغى بۇيرىدى-دىدى ئۇ تەرنى تۈرۈپ، قىلمىسىڭىز جاۋاپنى ئۆزڭىز بىرىڭ- دەپ غودۇڭشىغان پىتى چىقىپ كەتتى.
مەن مائۇسنى تەگلىك ئۈستگە قويۇپ ئويلۇنۇپ تۇرشىمغا ئۇنىڭ نىمە يوغانچىلىق ماۋۇ سويمىغا، مەن ئىشقا بۇيرىسام ياق دىگدەك بوپتىيا تىخى !ھىم،دىگەن تەنە گەپلىرنى ئاڭلاپ قالدىم.
ئىككىڭلار ياخشى ئىدىڭلىغۇ؟ سوردۇم مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۇناسىۋتىنى كۈزدە تۇتۇپ.
شۇنداق مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەن،چۈنكى ئۇچاغلاردا ئۇنىڭ ماڭا ھاجىتى چۈشەتتى،قانداقلا ئىش ،قانداق ۋاقىت بولمىسۇن ئۇ ئىغىز ئاچسىلا قىلىپ بىرەتتىم بىراق.....
سالى ئىغزىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان گىپىنى يۇتۋەتتى.
ھازىرچۇ؟ گەپنىڭ تىگىدە گەپ بارلىغىنى پەمىلەپ كوچىلاپ سوردۇم ئۇنىڭدىن.
ھازىر ئۇنىڭ ئىشنىنى قىلىپ بىردىغان ئادەم بار دەپ قىسقىغنا جاۋاپ بەردى ئۇ.
كىم ئۇ؟ سەن ئىشخانىدا تۇرساڭ يەنە كىم ئۇنىڭغا ياردەملىشىدۇ؟ ياندۇرۇپ سوردۇم ئۇنىڭدىن
بۇلتۇر ئىككى خىزمەتچى قوبۇل قىلغان شۇلار –دىدى قىسقىغنا.
ئۇلار تۆۋەنگە چۈشمەمدۇ؟ ئۇلار يىڭى ئوقۇش پۈتتەردى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل ئۇقۇشمايدۇ-دىدى سالى سۇئالىمغا بىۋاستە جاۋاپ بىرىپ.
ئەسالامۇئەلەھكۇم! ئىشىكتىن سالىنىڭ بىر خىزمەتدىشى كىرىپ كەلدى.ۋەھ ئەلھكۇ ئەسسالام دەپ –ئىززەت قىلدۇق ئۇنىڭغا.كىلە ئاداش دىدى سالى ئۇنى ئورۇندۇققا باشلاپ.
تونۇشتۇرۇپ قوياي بۇمىنىڭ خىزمەتدىشىم نۇردۇن- دىدى سالى ماڭا قاراپ.مەن نۇردۇن بىلەن قايتا قول ئىلشىپ كۆرشتۈم.
بولدى قىلە سالى-دىدى نۇردۇن بىر چوكا سەي ئىلۋىتىپ، ئوغۇل بالا دىگەننىڭ كۆڭۈل قانى كەڭ بولدىغان نىمانچە قىلسەن ئۇنىڭغا ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇئاشىنى ئالالماي ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ئايدەك سوكۇلداپ يۈردۈم تىخى بىر قانچە قىتىم مىھمانمۇ قىلدىم. نىمىشقا ئەمدى؟ -دىدىم مەن نۇردۇننىڭ گىپىنى بۆلۈپ.
نىمىشقا بولاتتى ،مۇئاش كارتىسنىڭ نومرىنى بانكىغا خاتا يوللاپتۇ ، بۇنداق مۇئاشنى بانكىدىن نەخپۇل چىكى ئارقىلىق ئالدىغان گەپكەن، ئۇنى ئىزدىسەم بىردەم چەك يوق دىگەن ،بىردەم مىنى مىھمان قىلىڭ دىگەن،بىردەم ئىدارە باشلىغى يوق دىگەن شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن ئاران ئالدىم-دىدى ماڭا چۈشەنچە بىرىپ