مىكروھىكايە
ئايالىم خىزمەت مۇناسىۋتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەچكە،بۈگۈنمۇ سىرىتتىن تاماق يىيىشكە مەجبۇر بولدۇق.ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز خاليراق بىر ئاشپۇشۇلغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ ئولتۇرۇپ ،بىردىنلا ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتارغان يىشى70تىن ئاشقان چىرايى ياداڭغۇ،پۈتۈن چىرايىنى ئۆمۈچۈك توردەك قورۇق باسقان ،60ياشلارچامىسىدىكى يۈزى سىمىز، قوللىرنى قاپارتۇق ۋە يىرىق قاپلاپ كەتكەن پۇتىغا پايپاقسىز مەيسە كىيگەندىكى ئىككى موماي ،چاچلىرى رەتسىز ،بۇرنى ئۇچلۇق،قانسىز چىراي ،ئۇزۇن قارا ئىشتان ئۈسيىگە يوغان گۈللۈك ئۇزۇن كۆينەك كىيۋالغان 25ياشلار چامىسىدىكى بىر چوكان بىلەن دىيىشكەن گەپ سۈزلىرگە قۇلغىم چۈشۈپ قالدى.
تاماقنى بۇيرۇتماي تۇراينى دىسە سەن ئالدىراپ-دىدى قۇچىغىدىكى بالىسىغا ئەمچەك سىلۋاتقان چوكان ئۇدۇلىدا ئولتارغان مومايغا دوق قىلىپ.
بولدى قىلە داداڭنىڭ كىلدىغان ۋاختى بولۇپ قالاي –دىدى موماي ئۆزنى ئاقلاپ .
مەندە 10يۇەن بار ماۋۇ پۇلنىمۇ قاتسىلا- دىدى يۈزى سىمىز موماي 10يۇەن پۇلنى ھىلىقى چوكانغا دەڭلەپ.مەن تىخى ياناشىمدا قاسىماخۇنغا ئىككى تىلىم قوغۇن ئىلۋالامەن دىگەن ئىدىم -دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ.
خولۇپ ئاشنىڭ بىر قاچىسى قانچە پۇل دەپ سوردى چوكان دۇككدن ئىگسىدىن .
بىر قاچسى 4يۇەن-دەپ جاۋاپ بەردى دۇككان ئىگسى.چوكان بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن بۇپۇلمۇ يەتمەيدىكىن ،بىر قاچسىنى قايتۇرۋىتەمدۇق يا! دەپ سۇئال نەزرى بىلەن ئانىسىغا قاردى.
بۇيرۇتقان تاماقنى قانداق قايتۇرغىلى بولدۇ؟- دىدى پۇل چىقارغان مۇماي چوكانغا قاراپ .
ئەمدى قانداق قىلامىز؟ ھەممە شۈكلەپ كەتتى .
تاماقلىرنى يەۋىرىشسىللە؟ پۇلنى مەن بىرەي، ئارقا تەرەپتىن چىققان يىقىملىق بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوتتىرا بوي ،يارشىملىق شىم كاستۇيۇم كەيگەن،يۇمران بۇرىتىغا تىخى ئۇستىرا تەككۈزمىگەن بىر يىگىت خوجايىن ئايالغا پۇل تەڭلەپ كەلدى .
ھىلىقى يىشى چوڭراق موماي يىگىتكە تەكەللۇپ بىلەن- بولدى بالام بىزئۆزمىزبىرمىز- دىدى ئورنىدىن تۇرۇپ .
بولدى قىلسىللا ھامما، مەن بىر قاپ تاماكا چەكمىسەم بولدى ئاش سوۋۇپ قالدى قىنى ئاشنى ئىچىشسىللە –دىدى يىگىت كەمتەرلىك بىلەن.ھەممە يىگىتكە قاراپ قالدۇق ئۇ شۇنداق يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
تاماقتىن كىيىن مەن بالامنى يىتلەپ ئاشخاندىن چىقشىمغا ئۇيىگىت ئارقامدىن چىقتى.قىنى تاماكا چىكىڭ –دىدىم مەن ئۇنغاتاماكا تەڭلەپ ،رەخمەت- مەن تاماكا چەكمەيمەن دىدى يىگىت تەكەلۇپ بىلەن.
ئۇنداقتاسىز؟ -دىدىم ئۇنىڭ بايقى گەپ سۈزىگە ھەيران قىلىپ.
ئاكا- مەن تاماكا چەكمەيمەن، ھاراقمۇ ئىچمەيمەن ،بايقى قىلغىنىم بىر ئىنساننىڭ يەنى بىر ئىنسانغا قىلغا سەمىمى ياردىمى بالنىڭ ئاتا- ئانسىغاقىلغان كۈيۈمچانلىغى ،ياشلارنىڭ ياشانغانلارغا قىلدىغان ئادىمگەرچىلگى يەنى بىرخىل ئىنسانئى قەلەب خالاس! قىنى ئويلاپ بىقىڭ نۇرغۇن ئادەملەر كۈنلىگى ئالا نەچچەى يۇەنگە تاماكا چىكىدۇ ،ھاراق ئىچىدۇ، پولنى بولشىغا خەجلەپ بۇزۇپ چاچىدۇ ،بىراق بايقى مومايچۇ؟!ئەشۇ ياشقا كىرىپ بىر تاۋاق تاماققا قادىر بولالمىسا،ئىغزى تاتلىق بولغىدەك تاماق يىيەلمىسە؟! بۇنى نمە دىگلۈك؟ ئۇ مىنىڭ ئەجەپلىنىپ سورغان سۇئالىمغا ماڭا سۇئال قويۇپ جاۋاپ بەردى.مىنىڭ روھىم پاكلاندى، جىسمىمدا قايتىدىن مىھرى مۇھاببەت ئوتتى لاۋىلدىدى ،كۆزچاناقلىرمدىن قۇيلىۋاتقان كۆزياشلىرىمنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي دادامنى يوقلاش ئۈچۈن بالنىس بىناسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم