ياخشى بالا ھەققىدە ھېكايە
مارك تۋىن (ئامېرىكا )
تەرجىمە قىلغۇچى : مۇختار تۇردى
بۇرۇن بىر ياخشى بالا بولغانىكەن ، ئۇنىڭ ئىسمى ياكوب برىۋېنس . ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ تەلىۋى ھەر قانچە بىمەنە ۋە يولسىز بولسىمۇ ، دائىم ئۇلارنىڭ گېپىنى ئوبدان ئاڭلايتتى ؛ ئۇ ھەمىشە قېتىرقىنىپ كىتاپ ئوقۇيتتى ، يەكشەنبىلىك مەكتەپكە ئەزەلدىن كېچىكىپ بارمايتتى . مەكتەپتىن ئەزەلدىن قاچمايتتى ، سەگەك ئىدراكى ئۇنىڭغا مەكتەپتىن قېچىشنىڭ ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان تەقدىردىمۇ ، ئۇ يەنىلا بۇنداق قىلمايتتى . باشقا بالىلار ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى باشقىلارغا شۇ قەدەر غەلىتە تۇيۇلاتتى . ئۇنىڭ يالغان گەپ قىلىشى ئۆزىگە قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ، يەنىلا يالغان ئېيتمايتتى . ئۇ پەقەت ، يالغان گەپ قىلىش توغرا ئەمەس دەپلا قارايتتى ، مانا بۇ ئۇنىڭ يالغان گەپ قىلماسلىقىدىكى تولۇق سەۋەپ ئىدى . ئۇ شۇ قەدەر ياۋاش بولۇپ ، شۇ تۈپەيلىدىن ئادەمگە بىر ئاز كۈلكىلىكمۇ تۇيىلاتتى . ياكوب دېگەن بۇ بالىنىڭ تۈرلۈك يۈرۈش – تۇرۇشلىرى ئىلگىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ ، بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن . ئۇ يەكشەنبە كۈنى رەگەتكە ئوينىمايتتى ، قۇشلارنىڭ چاڭگىسىنى بۇزمايتتى ، ئاككوردىئون چېلىپ پۇل تاپىدىغان ئادەمنىڭ مايمۇنىنى ، قولنى كۆيدۈرىدىغان قىزىق تەڭگە پۇلنى بېرىپ تىرىكتۈرمەيتتى ؛ ئۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەرقانداق ئويۇن – تاماشىغا قىزىقمايتتى . شۇڭا ، ئىلگىرى باشقا بالىلار ئۇنى چۈشىنىشكە پايدىسى بولىشى ئۈچۈن ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقماقچى بولدى . ئەمما ئۇلار رازى بولغىدەك ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى ، خۇددى مەن يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، ئۇلار پەقەت غۇۋا بىر ئوي – پىكىردە بولدى ، يەنى ئۇلار ئۇنى « روھىي جەھەتتە قاتتىق ئازاپ تارتقان بولسا كېرەك » دەپ ئويلاپ ، ئۇنى قوغداپ ، ھېچقانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراتمىدى . بۇ ياخشى بالا يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولدى ، بۇ كىتاپلار ئۇنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى ئىدى ، پۈتكۈل سىر مانا مۇشۇ يەردە ئىدى ، ئۇ يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئاشۇ ياخشى بالىلارغا قايىل ئىدى ؛ ئۇنىڭ ئاشۇ بالىلارغا بېشى يەرگە يەتكۈدەك ئېگىلىپ تەزىم قىلغۇسى كېلەتتى . ئۇ ، قاچانمۇ مۇشۇنداق رېئال ياخشى بالىلار بىلەن ئۇچرىشارمەن ، دەپ ئىنتىزار بولاتتى ؛ ئەمما ئۇ بۇنداق بالىلارنى زادىلا ئۇچرىتىپ باقمىدى . بەلكىم ئۇنداق بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك . ئۇ ھەر قېتىم ئاجايىپ ياخشى بالىلار ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇغىنىدا ، دائىم ھېكاينىڭ ئاخىرىنى ئۆرۈپ ، يەكۈنىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولاتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەددى – ھېساپسىز يوللارنى بېسىپ بولسىمۇ ، ئاشۇ بالىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باققۇسى كېلەتتى ؛ ئەمما بۇنىڭ قىلچە پايدىسى يوق ئىدى ، چۈنكى ئاشۇ بالىلار ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بابىغا كەلگەندە ئۆلۈپ كېتەتتى ، كىتاپتا يەنە دەپنە مۇراسىمىنىڭ تەسۋىرىمۇ بار بولۇپ ، مەرھۇمنىڭ بارلىق ئۇرۇق – تۇغقان ، دوست – بۇرادەرلىرى ۋە يەكشەنبىلىك مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىدا ئۆرە تۇراتتى ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشتىنى ناھايىتى كالتە ، قالپىقى بەكلا يوغان ئىدى ، ھەممەيلەن قولياغلىق بىلەن ياشلىرىنى سۈرتىشىۋاتقان بولۇپ ، ھېلىقى قولياغلىق توپتوغرا بىر يېرىم يارد ئۇزۇنلۇقتا ئىدى . ئۇنىڭ قىزىقىشى دائىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالاتتى . ئۇ ئاشۇ ياخشى بالىلارنىڭ بىرسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىتاپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بابىغا كەلگەندە ئۆلۈپ كېتەتتى . ياكوبنىڭ بىر ئۇلۇغۋار غايىسى بار بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭمۇ يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ بىرەر كىتاپ – ژۇرناللىرىغا كىرگۈزىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ كىتاپلارغا كىرگۈزىلىشىنى ئارزۇ قىلىپلا قالماي يەنە ، ئۇ كىتاپلاردا بەزى قىستۇرما رەسىملەرنىڭمۇ قوشۇپ قويۇلىشىنى ، قىستۇرما رەسىملەردە ئۇنىڭ ئانىسىغا يالغان ئېيتمايدىغان شەرەپلىك ، شانلىق خىسلىتى ، يەنە تېخى ئانىسىنىڭ يۇم – يۇم يىغلاپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن خۇشال بولىۋاتقانلىقى ، يەنە بەزى قىستۇرما رەسىملەردە ئۇنىڭ پەللەمپەيدە تۇرۇپ ، ئاشۇ ئالتە بالىسىنى ئەگەشتۈرىۋالغان بىچارە تىلەمچى ئايالغا بىر يارماق بەرگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭغا قانچىلىك خەشلىسەڭ خەشلىگىن ، لېكىن ئىسراپ قىلمىغىن ، چۈنكى ئىسراپچىلىق بىر خىل جىنايەتتۇر دېگەنلىكى ؛ يەنە بەزى قىستۇرما رەسىملەردە ئۇنىڭ ئاشۇ مەخسۇس ئۆكتەم ، ئەسكى بالىلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەرز قىلمىغانلىقى تەسۋىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . ئاشۇ كەپسىز شۇملار دائىم ئۇ مەكتەپتىن چىقىدىغان چاغدا مەلۈم بىر بۇلۇڭ – پۇچقاققا مۈكۈنىۋېلىپ ، ئۇنىڭ چىقىپ كېلىشىنى ساقلايتتى ، ئۇ يېنىغا كەلگەندە بولسا كالتەك بىلەن بېشىغا ئۇراتتى ، يەنە تېخى ئۇنى ئۆيىگىچە قوغلاپ باراتتى ، ئۇنى بىر تەرەپتىن قوغلىغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن « ھەي ! ھەي ! » دەپ ۋارقىرايتتى . مانا بۇ ياكوبنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئىدى . گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ بىرەر دەرىسلىك كىتابىغا ئۈلگە قىلىپ كىرگۈزىلىشىنى ئارزۇ قىلسىمۇ ، ئەمما ئاشۇ ياخشى بالىلارنىڭ ھەمىشە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، بەزىدە ئازراق بىئاراممۇ بولۇپ قالاتتى . ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق ئىدى ، قارىمامسىز ، مانا بۇ يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ كىتاپلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ياخشى بالىلار كىشىنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغان ئىشتۇر . ئۇ ياخشى بالا بولۇشنىڭ سالامەتلىككە زور زىيىنى بارلىقىنى ، كىتاپلاردا تەسۋىرلەنگەندەك ، ئاشۇنداق كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ياخشى بالا بولۇشنىڭ ، ئۆپكە كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇشتىنمۇ بەكرەك ئەجەللىك بولىدىغانلىقىنى ؛ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە ھېچقايسىسىنىڭ ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى ؛ ئۇ يەنە ئازاپلانغان ھالدا ، ئۆزى كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇنى كۆرۈشكە ئۆمۈرى يار مەيدىغانلىقىنى ؛ ياكى ئۇلار ئۇ ھايات ۋاقتىدا كىتاپنى نەشىر قىلغان تەقدىردىمۇ ، كىتاپنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ دەپىن مۇراسىمىغا ئائىت قىستۇرما رەسىملەر بولمىغاچقا ، كۆپچىلىك ئۇ كىتاپنى ياقتۇرمىسا كېرەك ، دەپ ئويلايتتى . مۇبادا يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ كىتاۋىدا ، ئۇنىڭ سەكراتتىكى چېغىدا جەمئىيەتكە بەرگەن ئاگاھلاندۇرىشى كىرگۈزۈلمىسە ، ئۇنداقتا بۇ كىتاپنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايەن بولمايتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ ئەڭ ئاخىرى مۇقەررەر ھالدا ، ھازىرقى ئەھۋالدا ئىمكان قەدەر ئەڭ ياخشى قىلىشقا __ ئەدەپلىك ياشاشقا ، بۇنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرالىسا ، ئىمكان بار شۇ چاغقىچە داۋاملاشتۇرشقا ھەمدە ئۆزىنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان چاغدا دېمەكچى بولغان گېپىنى ئالدىنئالا تەييارلىۋېلىشقا بەل باغلىدى . ئەمما نېمە ئۈچۈندۇركىن ، بۇ بالىنىڭ ھەر قانداق ئىشى كۆڭلىدىكىدەك بولماي قالاتتى . ئۇ دۇچ كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن كىتاپتىكى ئاشۇ ياخشى بالىلار دۇچ كىلىدىغان ئىشلار بىلەن بىردەك چىقمايتتى . ئاشۇ ياخشى بالىلار ھەمىشە خۇشال – خۇرام ئۆتەتتى ، ئەكسىچە ئەسكى بالىلار دائىم يىقىلىپ چۈشۈپ بىلىكىنى سۇندۇرىۋلاتتى ؛ ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋلى بۇنىڭغا زادىلا ئوخشىمايتتى ، قاچانلا قارىسا ئىشىدىن چاتاق چىقىپلا تۇراتتى ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى كىتاپتا تەسۋىرلەنگىنىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ چىقاتتى . ئۇ بىر قېتىم جېم برېكنىڭ ئالما ئوغۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، دەرەخ ئاستىغا كېلىپ ، ئۇنىڭغا ئەسكى بالىلار قوشنىسىنىڭ ئالما دەرىخى ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ، بىلىكىنى سۇندۇرىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا ، نەتىجىدىدە جېىممۇ دەرەخنىڭ ئۈستىدىن يىقىلىپ چۈشتى ، ئەمما ئۇ ياكوبنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ، ئۇنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرىۋەتتى ، لېكىن جېم ساق – سالامەت ئىدى . ياكوب بۇ ئىشنى زادىلا چۈشىنەلمىدى . كىتاپتا زادىلا بۇنداق ئىش يوق ئىدىغۇ ، دەيتتى ئۇ . يەنە بىر قېتىم ، بىر قانچە ئەسكى بالا بىر ئەمانى پاتقاق ئازگىلىغا ئىتتىرىۋەتتى ، ياكوب يۈگرەپ بېرىپ ئۇنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپ ، ئۇنىڭ رەھمىتىنى قۇبۇل قىلاي دەپ تۇرغانىدى ، ئەمما ھېلىقى ئەما ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ھاسىسى بىلەن ياكوبنىڭ بېشىغا كەلسە – كەلمەس ئۇرۇپ كەتتى ، يەنە تېخى ئۇ ، مېنى يەنە پاتقاققا ئىتتىرىۋېتىپ ، يالغاندىن يۆلەپ قويغان بولىۋالامسەن ؟ دېدى . بۇمۇ كىتاپتا تەسۋىرلەنگەنلىرى بىلەن ئوخشاش ئەمەس ئىدى . ياكوب بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ ، بارلىق كىتاپلارنى بىر قېتىم ئاقتۇرۇپ چىقتى . ياكوب يەنە بىر ئىش قىلماقچى بولدى ، ئۇ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن ، باشپاناھسىز قالغان ، ھەم ئېچىرقاپ كەتكەن ، ھەم ئانىي قىلىشقا ئۇچرىغان بىر ئىتنى تېپىپ ، ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ ، بېقىپ ساقايتىپ ، دۇئاسىنى ئالماقچى بولدى . ئۇ ئاخىر شۇنداق ئىتتىن بىرنى تېپىۋېلىپ ، تولىمۇ خۇشال بولدى ؛ ئۇ ھېلىقى ئىتنى ئۆيىگە ئەكىلىپ ، بىر نەرسە يېگۈزمەكچى بولۇپ يېقىن كېلىۋىدى ، ئىت ئۇنىڭغا ئېتىلىپ ، تالاپ كىيىم –كېچەكلىرىنى تىتما – تالاڭ قىلىۋەتتى ، بۇنى كۆرگەن ئادەم چوقۇم ھاڭ - تاڭ قالماي تۇرالمايتتى . ئۇ يەنە كىتاپتا دېيىلگەن گەپلەرنى ئاقتۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى زادىلا ئاڭقىرالمىدى . ئۇ قۇتۇلدۇرۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ئىت كىتاپتا تەسۋىرلەنگەن ئىت بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قىلىقى پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىدى . بۇ بالا مەيلى نېمىلا ئىش قىلمىسۇن ، ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىماي قالمايتتى . كىتاپتا تەسۋىرلەنگەن بالىلار ئاشۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلغاندا تەقدىرلەنمەي قالمايتتى ، ئەمما ئۇنىڭ قىلغان كىتاپتىكىگە ئوخشاش ئىشلىرى ئۆزىگە ناھايىتى پايدىسىز بولۇپ چىقاتتى . ئۇ بىر قېتىم يەكشەنبىلىك مەكتەپكە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا ، بىر قانچە ئەسكى بالىنىڭ بىر يەلكەنلىك كېمىنى ھەيدەپ ئوينىغىلى ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ ، قورقۇپ جان – پېنى چىقىپ كەتكىلى تاس – ماس قالدى . چۈنكى ئۇ كىتاپتىن ، يەكشەنبە كۈنى كېمە ئوينىغىلى چىققان بالىلارنىڭ چوقۇم سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتمەي قالمايدىغانلىقىنى ، بىرسىمۇ ساق قالمايدىغانلىقىنى ئوقۇغانىدى . شۇڭا ، ئۇ بىر ياغاچنى سال قىلىپ ھەيدەپ بېرىپ ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدىكى ھېلىقى يۇمۇلاق ياغاچ دۇمۇلاپ كېتىپ ، ئۆزى دەرياغا چۈشۈپ كەتتى . تەلىيىگە يارىشا ، ئۇنى بىر ئادەم تېزلا قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى ، دوختۇر ئۇنىڭ قورسىقىدىكى سۇنى بېسىپ چىقىرىپ ، تىنىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ سۇغۇق ئۆتۈپ كېتىپ ، بىتاپ بولۇپ توققۇز ھەپتە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . بىراق ئادەمنىڭ ئەڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىش شۇ بولدىكى ، كېمىدىكى ھېلىقى ئەسكى بالىلار شۇ كۈنى ناھايىتى خۇشال – خۇرام ئويناپ بولۇپ، ئاندىن ئۆيىگە شادىمان ھالدا ھايات قايتىپ كەلگەنىدى . ياكوب برىۋېنس ، كىتاپتا بۇنداق ئىشلار يوق ئىدى – غۇ ، دېدى . ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ تېگى – تەكتىگە زادىلا ئەقلى يەتمىدى . ئۇ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ، ئازراق ئۈمىدسىزلىنىپ قالغان بولسىمۇ ،ئەمما مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر يەنە داۋاملىق سىناپ بېقىشقا بەل باغلىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر كىتاپقا كىرگۈزۈلۈشكە تېخى سالاھىيتى توشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى ، ئەمما ئۇ تېخى كىتاپلاردا بەلگىلەنگەن ياخشى بالىلارنىڭ ئۆمۈر كۆرۈش چېكىگە بېرىپ يەتمىگەن ئىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرى ئاخىرلىشىدىغان چاغدا ، كىتاپلاردا نامىنىڭ قېپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلدى . ئۇ باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ ، ھېچ بولمىغاندا سەكراتقا چۈشكەندە قىلغان سۆزىنىڭ كىتاپقا يېزىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى . ئۇ كىتاپتا ئېيتىلغان تەلىم – تەربىيەنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ ھازىر دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ ، كۈتكۈچى بولۇش ۋاقتىنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى بايقىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كاپىتاننى ئىزدەپ بېرىپ ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى كۈتكۈچىلىككە قۇبۇل قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى . كاپىتان ئۇنىڭدىن ئىسپات قەغىزى تەلەپ قىلغاندا ، ئۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا بىر پارچە دىنىي قوللانمىنى چىقىرىپ ، كاپىتانغا قوللانمىغا يېزىلغان : « ياكوب برىۋېنسقا تەقدىم ، ئۇنى سۆيىدىغان مۇئەللىمدىن ئارمىغان » دېگەن خەتلەرنى كۆرسەتتى . ئەمما كاپىتان قوپال ، قارام ئادەم بولغاچقا : _ ئوھوي ، كۆزۈمدىن يوقال ! ئۇنى قانداقمۇ ئىسپات قەغىزى دېگىلى بولسۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تەخسىلەرنى قانداق يۇيۇشنى ، يۇندى چېلىكىنى قانداق كۆتۈرۈشنى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ ، مېنىڭچە ، ئۇ كۈتكۈچى بولالمىغۇدەك ، دېدى . بۇنى ياكوبنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ غەلىتە ئىش دېيىشكە بولاتتى . ئەسلىدە ، بىر مۇئەللىمنىڭ دىنىي قوللانمىغا يېزىپ بەرگەن ماختاش سۆزلىرى كاپىتانلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ، قەلبىنى يۇمشىتىۋېتىشى ، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىغا ئىستىقبال ئىشكىنى داغدام ئېچىپ بېرىپ ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى شەرەپلىك ھەم پۇل تاپقىلى بولىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى بېرىشى كېرەك ئىدى ، بۇ نۇرغۇن قېتىم سىناقتىن ئۆتكەن ئىش __ چۈنكى ئۇ ئوقۇغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسىدە شۇنداق يېزىلغانىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىغا زادىلا ئىشىنەلمەي قالدى . بۇ بالىنى ھەمىشە نەس بېسىپلا تۇراتتى . ھېچقانداق ئىش ئۇ ئىتقاد قىلىدىغان ئاشۇ كىتاپلاردا يېزىلغىنى بىلەن ئوخشاش چىقمايتتى . ئەڭ ئاخىر ، ئۇ بىر كۈنى نەسىھەت قىلماقچى بولۇپ ، تەرەپ –تەرەپكە بېرىپ ، لاغايلاپ يۈرۈپ ئەسكى بالىلارنى ئىزدىدى . ئۇ ئاخىر بىر كونا قۇيمىچىلىق زاۋۇتىدىن بىر توپ ئەسكى بالىلارنى تاپتى ، ئۇلار 14 – 15 تەك ئىتنى بىر – بىرىگە چېتىپ باغلاپ ، نىترو گلىتسېرىن قاچىلاشقا ئىشلىتىلگەن قۇرۇق قەلەي چىلەكنى ئىتلارنىڭ قۇيرىقىغا باغلاپ ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ ئويناۋاتقانىكەن . ياكوبنىڭ بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولدى . ئۇ بىر قۇرۇق چىلەكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى ( ئۇنىڭ بۇرچى كۆز ئالدىدىلا بولۇپ ، ئۇ چىلەكتىكى ماينىڭ كىيىمىنى بىزەپ قىلىۋېتىشىگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى ) . ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى بىر ئىتنىڭ بويۇنچىقىدىن تۇتۇۋېلىپ ، كەينىگە بۇرۇلۇپ تام جونېس ئىسىملىك ئەسكى بالىغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى . ئەمما دەل مۇشۇ چاغدا ، سېناتور ( كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ) مېكۋېل غەزىپى قايناپ تاشقان ھالدا قۇيمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەلدى . ئەسكى بالىلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى ، ئەمما ياكوب برىۋېنس ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئاشۇ يەكشەنبىلىك مەكتەپنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدا يېزىلغان تەنتەنىلىك گەپلەرگە تەقلىد قىلىپ( بۇ گەپلەر ئادەتتە : « ۋوي ، ئەپەندى ! » دەپ باشلىناتتى ) بىر تالاي گەپلەرنى قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدى ؛ گەرچە كىتاپتا شۇنداق يېزىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر بالا ، مەيلى ئۇ ياخشى ياكى ئەسكى بالا بولىشىدىن قەتئىينەزەر « ۋوي ، ئەپەندى ! » دەپ گەپ باشلىمايتتى . بىراق سېناتور ياكوب برىۋېنسنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلماستىنلا ، ئۇنىڭ قۇلىقىنى سوزۇپ ، تۈگۈلدۈرۈپ بىر نەچچىنى پىرقىرتىۋەتتى ، يەنە تېخى ئۇنىڭ كاسىسىغا شاپىلاق بىلەن بىرنى سېلىۋىدى ، بۇ بىچارە ياخشى بالا قاڭقىپ چىقىپ تورۇسنى تېشىپ ئۆتۈپ ، ئۇدۇل قۇياشقا قاراپ پەرۋاز قىلدى ، ھېلىقى 15 ئىتمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن خۇددى لەگلەكنىڭ قۇيرىقىدەك بىردىن - بىردىن سۆرىلىپ چىقىپ كەتتى . ناھايىتى تېزلا ، يەر يۈزىدە قېپقالغان ھېلىقى سېناتور ۋە كونا قۇيمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ قىلچىلىك ئىزناسىمۇ قالمىدى . ياش ياكوب برىۋېنسقا كەلسەك ، گەرچە ئۇ نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ سەكراتتىكى نۇتۇقىنى تەييار قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ نۇتۇقىنى ئېلان قىلىشقا زادىلا پۇرسەت قالمىغانلىقىنى بايقىدى . بەلكىم ئۇ نۇتۇقىنى كۆكتىكى قۇشلارغا سۆزلەپ بېرەر . گەرچە ئۇنىڭ جىسمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېنىپ چۈشۈپ ، قوشنا ناھىيەدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئىلىنىشىپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما قالغان قىسمى تۆت شەھەر ، بازارغا چېچىلىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن ، ئۇلار بەش جايدا ئۇنىڭ جەسىدىنى تەجرىبە قىلىپ ، ئۇنىڭ راست ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ھەمدە بۇ ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا مەجبۇر بولدى . بىر بالىنىڭ جەسىدىنىڭ بۇنداق تۆت – بەش يەرگە چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىممۇ كۆرۈپ باقمىغانىدى . شۇنداق قىلىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئادەم بولماقچى بولغان ئاشۇ ياخشى بالا ، كۆكتىن ئەنە شۇنداق يېنىپ چۈشتى ، ئەمما بۇ كىتاپتا يېزىلغان مەزمۇن بىلەن ئاسمان – زېمىن پەرقلىنەتتى . ياكوبدىن باشقا ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلغان بالىلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇتۇق قازاندى ، ياكوبنىڭ قىسمىتى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى غەلىتە بولۇپ ، بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ . بۇنىڭ سەۋەبىنى بەلكىم ئەسلا ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن . 1870 – يىل ___ چاڭجياڭ ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى 2004 – يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلغان « مارك تۋىن پوۋېست ، ھېكايىلىرى توپلىمى » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى