|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
مەن سىزگە ئامراق(ئىسلامى ھىكايە)
|
|
|
ئۆستەڭدىكى لاي سۇنى، سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ. نازۇك باشقا كۈن چۈشتى، ئىلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ -نۇزۇگۇم قوشاقلىرىدىن
ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي گۈزەل ئارمانلىرىم غەرىق بولۇپ ،تەكىينى قۇچاقلاپ ئىككى كۈن كۆزۈمنى قىزارتىپ يىغلاپ ياتتىم.كىچىكىمدىنلا كاللامغا كىلىپ ماڭا ئارام بەرمەيۋاتقان ،مەن نىمە ئۈچۈن ياشايدىغاندىمەن؟نىمە ئۈچۈن ئۆلىدىغاندىمەن دىگەن ئويلاردىن تارتىپ،گۇناھ بولمىغان بولسا ئۆلىۋالاتتىم- دىگەن ئويلارغىچە ھەممىسى كاللامدىن كەچتى.شۇ چۈشكۈن كاللامنى چاڭگاللاپ ،چاچلىرىم ساراڭ خوتۇننىڭ چىچىدەك ،قاپاقلىرىم ئىششىق ئولتۇرسام ،دوستۇم لەيلىگۈلنىڭ تۇغقىننىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن بېيجىڭدىكى ئابلا ھاجىنىڭ شىركىتىگە ئىشلىگىلى مىڭىشقا تەمشەلگىننى ،چوڭ شەھەردە جىق پۇل تاپقىلى بولدىغىننى ئانام ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ قېشىمغا كىردى،بۇ خەۋەر مىنى بەك خوش قىلۋەتتى.دادام -ئاپاملارغا مىنىڭمۇ بارغۇم بارلىقىنى ئېيتىپ تەستە قايىل قىلدىم،شۇنداق قىلىپ لەيلىگۈلگە قوشۇلۇپ يولغا چىقماقچى بولدۇم. مانا بۈگۈن قەددىمنى تىك تۇتۇپ ،لەيلىگۈل بىلەن ئاقتاشنىڭ توپىلىق يوللىرىنى يىراقتا قويۇپ،ئالىي يۇرتلارنى خىيال قىلىپ،خوشلىقىمىزدا ھەممە نەرىسگە ئاغزىمىزنى ئىچىپ زوقلىنىپ قاراپ كىتىپ بارىمىز.بىزنى ئابلا ھاجىنىڭ ئىنىسى ياسىن شاڭخەي ئىلىپ ماڭدى.ئۇزاق پويىز يولدىن كىيىن ئالدىرىغان بېيجىڭگە ئاخىرى يىتىپ كەلدۇق...... ئابلا ھاجى لەيلىگۈل ئىككىمىزنڭى ئىككى شىركەتتە ئىشلەيدىغىنىمىزنى ئېيىتتى،مەن ئابلا ھاجىغا ئەگىشپ ،ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدىم .ئىككى كۈن ئايالى مىنى ياخشى كۈتىۋالدى،ئۈچىنچى كۈندىن باشلاپ ھەممىسىنىڭ مۇئامىلسى ئۆزگەردى.بىر تىلفۇندىن كىيىن ،مەن ئىشلەيدىغان جايغا تاكسى بىلەن بارماقچى بولدۇق،بەستىلىك ،چىرايى داۋاملىق تۈرۈكلۈك تۇرىدىغان قورقۇنۇشلۇق ئىككى ئەر كىشى يىنىمدا ماڭا سايىدەك ئەگىشىپ يۈردى.تاكسى ناھايىتى ئۇزاق ماڭدى،مىنىڭ يۈركۈم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قىلىۋاتقاندەك بولۇپ تىتىرەشكە باشلىدىم.«بۇلار مىنى نىمە قىلدىغاندۇ؟كەلگەنگە تويە!ئاناڭنىڭ ئىسسىق ئىشىغا رازى بولمىغانغا تويە!......ھەي ئاللا ماڭا ياردەم قىل!ئاشۇ بىچارە ئاتا-ئانام بىلەن ساق كۆرۈشىشكە نىسىپ قىلغىن!......ھەي ئاللا !ئاللا!سەنىدىنلا ياردەم تىلەيمەن ئۇلۇغ ئاللا!ئەگەر مىنى قۇتۇقۇزۇپ قالساڭ سىنىڭ يولۇڭدا مەڭگۈ چىڭ ماڭاتتىم ئاللا!......»كاللامدا ھەر خىل خىياللار مىنى قىينايتى.بىر ئاللاغىلا چىن قەلبىمدىن يىلىناتتىم..... تاكسى توختىتىشى بىلەن ھىلىقى ئىككى ئەر مىنى ئىشتىرىپ بىر مىھمانخانىنىڭ چەتتىكى ئۆيىگە ئەكىردى.مەن ۋاقىردىم،تىپچەكلىدىم،كۈچىگەنسىرى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتىم.كۈچىمنى يىغىپ ،بالكۈندىن ئۆزىمنى پەسكە بىر ئاتتىمدە ،ئىككىنچى قەۋەتتىن سىرتىتىكى چىملىق ئۈستىگىلا چۈشتۈم .تىزىم قاراسلاپ ،مىڭەم زىڭىلداپ كەتتى.قىچىشقا تەمشەلدىم.ئۇلار بىردەمدىلا بىنادىن يۈگۈرۈپ چىقىپ يۈزلىرىمگە بەدىنمگە قاتتىق تىپىشقا باشلىدى.بۇرنىمدىن ئوقتەك قان ئېقىپ،ئاغزىلىرىمغا كىرىشكە باشلىدى.كۆزلىرىمدە ياش!«ئاللا!ئاللا!»-دەپ توۋلاپ كەتتىم.شۇ چاغدا بىرسىنىڭ تىلفۇنى جىرىڭشىپ ،تىلفۇننى ئىلىپ ئەھۋالنى دىگەندىن كىيىن ،بىشىنى لىڭشىتىپ :«بولدۇ.خوجايىن!»- دەپ قويىۋەتتى.مەن بىشىمنى كۆتۈرەلمەي قالدىم.قۇلقىم ،يۈزۈم قىززىپ كىتىۋاتتى،بەدەنلىرىم قاتتىق ئىچىشىپ،ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىم قالمىدى.ئۇلار مىنى سۆرەپ تاكسىغا چىقاردى،مەن كەلگىنىمگە مىڭ پۇشمان قىلىپ ،كۆزلىرىمدىكى ياشنى ،بۇرنىمدىكى قاننى سۈرتۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.توۋا!توۋا!ئاللا !ئاللا!دۇنيادا مۇنداقمۇ ناھەق ئىشلار بولدىكىنە.قاراپ تۇرۇپ بىكاردىن شۇنچە بوزەك قىلىنپ كىتىپ بارىمەن.يا ئاللا...... ئابلا ھاجىم ئۆيىگە ئىلىپ كىلىندىم.ئابلا ھاجى يۈزىمگە بىر كاچات سىلىپ،ماڭا تەھتىت سىلىپ ھەم «رەھىم قىلىپ»مىنى «گۈزەل دۇنيا»رىستۇرانىدا يۇۋاشلىقچە ئىشلەش ياكى ئاق سېتىش ئىشىدىن بىرنى تاللىشىمنى ئېيتتى.مەن رىستۇرندا ئىشلەشنى تاللىدىم. كەچ كىردى.مەن ئۆزەممۇ خالىمىغان كىيىمنى كىيىپ،رىستۇران سەھنىسىدە ئۇسۇل ئوينىدىم.گاھى باي خېرىدارلار مىنى چاقىرىپ ماڭا پۇل تەڭلەپ تۇرىۋالاتتى،گاھىلىرى چىكىدىن ئاشماقچى بولاتتى.بۇ ئۈچ سائەت ئۈچ يىلدەك بىلىندى .شۇ تاپتا،ئۆزىمدىن شۇ قەدەر نۇمۇس قىلىپ كەتتىم،قەلبىمدە ئاللانىڭ مىنى قۇتقۇزۋىلىشىنى توختتىماي تىلەيتىم...... بىر يىل كەيگىنىم كىيىم ،يىگىنىم ئاش بولماي شۇ تەرىقىدە ئۆتتى.مېھرىبان ئاتا-ئانام بىلەنمۇ ھىچقانداق ئالاقىلشالمىدىم. قەيەردىلا بولاي،نىمە ئىشنى قىلماي مىنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىپ تۇردىغانلار بار ئىدى .مائاشىممۇ ياتاق پۇلى ،تاماق پۇلى دەپ تۇتىۋىلىنىغاچقا قولۇمغا ھىچقانچە پۇل چۈشمەيتى.ھەممە كەلگۈلۈك ماڭىلا كىلۋاتقاندەك،ھەقىقى ئىچىمدىن چىقىرىپ كۈلۈدىغان چاغلىرىم مەڭگۈلۈك شېرىن ئەسلىمىلا بولۇپ كەتكەندەك،مىنى چۈشىندىغان ھىچكىم يوقتەك ،كەلگۈسۈم چەكسىز قاراڭغۇلۇقتەك ،دۇنيادىن شۇقەدەر زېرىكىپ كەتتىم....... يەنە شۇ قاراڭغۇ كىچە كىردى.سەھنىدە ئۇسۇل ئويناپ بولۇشىمغا،بىر ئۈستەل ئادەملىرى مىنى چاقىرىپ تۇرىۋالدى،ئاردىن بىرسى تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى،دىگىننى قىلدىم،100 يۈەن بەردى،بۇ بىردەمدىن كىيىن خوجايىننىڭ يانچۇقىغا كىرىدىىغان پۇلنى ئىلىپ تۇرشىمغا.يەنە بىرى ھاراقنى ئاغزىمغا تەڭلەپ تۇرىۋالدى.كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.دادام-ئاپام مىنى ھەرگىز بۇ ھالدا دەپ ئويلىمايدۇ.مەن ھاراقنى ئىشتەردىم.يىراقتا تۇرغان خوجايىن :«تىز ئىچۋەتمەمسە ھەي !»-دەپ مۇشتلىرنى قاراسلىتىپ كەتتى.قولۇمغا ھاراقنى ئىلىپ يا ئىچمەي يا تۆكىۋىتەلمەي تۇرغىنىمدا ،بىرسى قولۇمدىكى ھاراقنى سىلكىپ ئىلىپلا تۆكىۋەتتى.يىنىمدا ئوتتۇرا بوي،قاش- كىرپىكلىرى قۇيۇق ،چىرايى تولىمۇ سۈرلۈك بىر يىگىت پەيدا بولۇپ.خوجايىنغا قاراپ ۋاقىراپ كەتتى:«بۇ مىنىڭ سىڭلىم!گىپىڭ بولسا ماڭا دىيىش!» خوجايىننىڭ ئىككى ياردەمچىسى يۈگۈرۈپ كەلدى،يىگىت تېخمۇ غەزەپلىنىپ ،مۇشتلىرىنى تۈگۈپ، چىشلىرىنى غۇچچۇرلىتىپ،ئالدىغا ئالدىراپ ماڭدى،ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىدىن كۈچلۈك نەپرەت يالقۇنجاپ تۇراتتى. «ئاغىنىلەر!بولدى قىلىڭلار -ھە!»خوجايىن مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ سۆزلەشكە باشلىدى:«بۇياقنىڭ سىڭلىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمىز ئاكا!بۇ قىز ئۆزى مۇشۇ خىزمەتنى قىلمەن دەپ تۇرۋالغاچقا،بىز شۇ ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويدۇق،جاھاندارچىلىقتا خېرىدارنىڭ رايىغا باقمايمۇ بولمايدۇ،بولمىسا خېرىدار قانداق كىلىدۇ؟» «ياق،مىنىڭ بۇ يەردە بىر كۈنمۇ تۇرغۇم يوق،بۇلار مىنى مەجبۇرىي......»مەن نىمە كۆرسەم بۈگۈن كۆرەي ، مىنىڭ گىپىمنى قىلدىغان ئادەممۇ باركەن دەپ سۆزلىشىمگە، ئابلا ھاجى گىپىمنى بۆلۈپ سۆزلەپ كەتتى:«چوپچوڭ قىزنى بىز باغلاپ قويمىدۇق،ئۆزى خالىغاچ مۇشۇ يەردە......» -يۈرۈڭ سىڭلىم !بۇنداق ناپاك يەردىن كىتىمىز!يىگىت كەسكىنلىك بىلەن گەپنى بۆلدى. -ئۇنداق ئاسان ئىش نەدە باركەن؟!بۇنى بىكارغا باقتىممۇ بىر يىل .ياتاق -تاماققا 30000 يۈەن كەتتى،پۇلنى قايتۇرۇپراق ماڭغاي! -شۇنداقمۇ سىڭلىم؟ -يالغان دەيدۇ.مەن پۇل ئالمىدىم. -ھەي سىنى شىنجاڭدىن بۇ يەرگە بىكارغا ئەچىقىتىممۇ، ھۈ يۈزسىز!قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدە بۇ قەلەندە! -ماۋۇ 5000يۈەننى ئال ،مۇشۇ يىتەرلىك!يەنە گىپىڭ بولسا ساقچى چاقىراي.يۈرۈڭ كىتەيلى! ئابلا ھاجى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ تۇرۇپ قالدى..... يىگىتنىڭ ئىسمى ئىلتەبىر ئىدى.مەن بۇ رىئاللىققا ئىشەنمىگەندەك ئۆزىمنى چىمداپ باقتىم،راسكەن!يا ئاللا ئاخىرى ئازاد بوپتىمەن!بىراق كۆڭلىمنىڭ بىر يەرىدە بۇ يىگىتكە گۇمانىم بار ئىدى،نىمىشقا ماڭا ياخشىلىق قىلدۇ؟«بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلماسمەن !»-ھە!ئاللا ئۆزەڭ ساقلا! -مەن ئۈرۈمچدە دوستۇم بىلەن شىرىكلىشىپ كومپىيۇتۇر شىركىتى ئاچىمەن.بېيجىڭغا كومپىيۇتىر يەرمەنكىسىگەكەلگەنتىم.بۈگۈن ئۇيغۇرىستۇرانى ئىزدەپ مۇشۇ رىستۇرانغا كىرىپ ،سىزنىڭ ھاراق ئالىدا كۆزلىرىڭىزدە ياش لىغىرلاپ تۇرغان ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى.مۇسۇلمان دىگەن بۇنداق سورۇنلاردا ئىشلىسە بولمايدۇ...... بېيجىڭنىڭ كەچكى شامىلى جىنىمدىن ئۆتتى.ئۇ ماڭا خۇرۇم چاپىننى تەڭلىدى،كىيۋالدىم.ئۇ ناھايىتى تىز مىڭىپ مىنى مىللەتلەر ئۈنۋىرسىتى يىنىدىكى كىچىك بىر ئاشپۇزۇلغا ئەكىردى.ئۇ ئەھۋالىمنى سورىدى،مەن ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم.ئۇ مىنى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە ئورىنلاشتۇرۇپ قويۇپ ،ئۆزى ياتاق ئالغىلى چىقىپ كەتتى...... ئىشىك چىكىلدى،يۈرۈكۈم سىلىپ كەتتى«مەن ئىلتەبىر!سىڭلىم بەرنامۇ بار.» بىر ھەپتىدىن بېرى جىندەك يوقاپ كەتكەن ئىلتەبىرنىڭ پەيدا بولغىننى بىلىپ ئالدىراپ ئىشىكنى ئاچتىم.ئۇنىڭ يۈزلىرىدە نۇرغۇنلىغان يارا ئىزلىرى تۇراتتى.يۈرۈكۈم ئىچىشىپ كەتتى. يىنىدىكى ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ،بىشىغا كەينىدىن ياغلىق چىگىۋالغان تارتىنچاق بىر قىز مىنى قۇچاقلاپ يۈزىمگە- يۈزنى يېقىپ كۆرىشتى.قەلبىم شۇ قەدەر ئىللىقلىققا تولۇپ مېھرىبان ئانامنى قايتىدىن سېغىنىپ كەتتىم. بىز خوشلاشقان شۇ كۈنى كىچىسى ئابلا ھاجىنىڭ ئادەملىرى يولدا ئىلتەبىرنى توسۇۋىلىپ ئۇرۇپ كەتكەنكەن. -مەنمۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق بولدى قىلمايدىغىننى بىلەتتىم،ھەم ئۇنىڭ قول ئاستىدا سىزگە ئوخشاش ئالدانغان قىزلار ۋە بالىلارنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ،ساقچى ئارقىلىق ھەل قىلاي دەپ ماڭسام يولدا ئۇلارئۇچراپ ئۇرۇشۇپ كەتتۇق.بىر ھەپتە دوختۇرخاندا ياتتىم.ساقچىلارغا ئەھۋالنى خەۋەر قىلدىم.ھازىر ساقچىلار قول ئاستىدىكى قىزلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلشىۋاتىدۇ.ئۇ ئالدامچىلارمۇ جاجىسىنى يەۋاتىدۇ...... سىزگە بۇلارنى ئالغاچ كەلدىم. سومكىغا قارىسام ئىككى ياغلىق،ئىككى ئابايا ،ھەپتىيەك ،ناماز كىتابى ۋە قۇرئان تۇراتتى.كۆزلىرىمدىن ياشلار ئىختىيارسىز تۆكۈلۈل كەتتى:سىزگەكۆپ قەرزىدار بولۇپ كەتتىم،چۇقۇم قايتۇرىمەن -دېدىم. -قايتۇرىمەن دىمەڭ!ئاللا رازى بولسا يىتەرلىك .بىر ئادەمنىڭ توغرا يولغا ماڭغىننى كۆرىشتىن بەكراق خوشاللىنارلىق ئىش بولامدۇ ؟سىڭلىم سىزگە بۈگۈن ناماز ئوقۇشنى ئۈگىتىپ قويسۇن.ئۇ مۇشۇ ئالدىدىكى مىللەتلەر ئۈنۋىرسىتىدا ئوقۇيدۇ. -سىزنى اللا خالىسا يۇرتىڭىزغا يولغا سىلىپ قويساق،تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن ياخشى باشلىۋالسىڭىز بولدۇ.اللانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈدسىزلەنمەي قەيسەر ياشاڭ.اللا ئىشلىرىڭىزنى ياخشى قىلىپ بەرگەي . - مەن قايتمايمەن.بېيجىڭدا تۇرۇپ ياخشىراق يەردە ئىشلەپ ،ئاتا-ئانامنى رازى قىلىمەن.مىنىڭ ئەھۋالىمنىمۇ ھەقىچان ئۇ يەردىكىلەر ئاللىقاچان بىلىپ بولغاندۇ،مەن قايتمايمەن.يىزىغا بارسام ئاتا-ئانام مىنى توي ئىشىغا ئالدىرتىدۇ ،بىراق مىنى......گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ،مىنى ئىچىمدىن ئاچچىق يىغا تۇتۇپ كەتتى. -سىز ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ!اللا ئىنساننى ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتقان.سىزنى كەمسىتىشكە ھىچكىمنىڭ ھوقوقى يوق.سىز دىگەن باشقىلارنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراپ ئۇسۇلچى بولۇپ قالغان. -مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟ - ياق.مەن بىچارىلىك بىلەن ھىسداشلىققا ئېرىشىپ ياشاشنى خالىمايمەن. مۇشۇ كۈنگە قالغان بولساممۇ ،ئۆزىمگە چۇشلۇق غورۇرۇم بار مىنىڭ! -شۇڭا دەۋاتىمەن!.غورورلۇق كىشىلەر ياراتقۇچىسى اللانى ھەقىقى تونۇسىلا ناھايىتى ياخشى ئىتائەت قىلىدۇ.سىزگە ھىسداشچىلىق قىلۋاتقىنىم يوق!...... ئىلتەبىر ئۆزىنىڭ بايامقى ئالدىراپلا ئېيىتقان سۆزىدىن خىجىل بولۇپ يۈزى قىزىرىپ،«ئەستەغفىرۇللاھ!گەپنى كىيىنچە چوڭلار بار چاغدا دىيشەيلى،مەن چىقىپ كەتتىم.بەرنا بىر ئىش بولسا ماڭا تىلفۇن قىلارسىلەر.»-دەپ چىقىپ كەتتى. ئەتىسى مەن يولغا چىقتىم،ئۆيۈمگە كىلىۋالدىم.ئاتا-ئاناممۇ مىنىڭ غىمىمدە كۆزلىردىن ياش قۇرىماپتىكەن.ئۇزاق ئۆتمەي ئىلتەبىر ئۆيدىكىلىرى بىلەن كەلدى.نىكاھ -توي ئىسلامدا بۇيرىلغنى بويىنچە ئاددىيلا ئۆتكۈزۈلدى. دادام-ئانام مىنىڭ ئۇزۇن ياغلىق ئابايلىرىمغا قاراپ سۆيۈنۈپ. پىشانەمگە سۆيۈپ مەن ئۈچۈن بەخت تىلەپ. ئۇزۇن دۇئا قىلپ قالدى. بىز ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلدۇق. ئۆيىمىز تولىمۇ ئاددى ئىدى،لازىملىق ئۆي جابدۇقى ۋە تاملارغا ئىسلىغان ئايەتلىك كۆرىنىشلەردىن بىلەك ئارتۇقچە نەرسىلەر يوق ئىدى. بۈگۈن ئۆينى رەتلەپ ،داستىخاننى تەييارلىۋىتىپ بولۇپ،چىچىمنى يەتتە ئۆرۈپ،ئەتلەس كۆينىكىمنى كىيىپ،گىرىمنى سۇسقىنە قىلىپ،ئۆيلەرگەئەتىرنى چىچىپ ئىشىك تۈۋىدىكى دېرىزە يىنىدا تۈجۈپىلەپ ياسىغان تورتىمنى قولۇمغا ئىلىپ كەينىمگە تىقىپ سىرتقا قاراپ يولدىشىمنىڭ ئىشتىن كىلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.ئۇنىڭ قولىدابىر دەستە قىپقىزىل ئەتتىرگۈل تۇراتتى.توۋا!دەپ كۈلۈپ كەتتىم ،ئۇنىڭمۇ سوۋغىسى باركەندە ! -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم-يولدىشىم كۈلۈپ كىردى.ئۇمۇ گۈلنى كەينىگە تۇتۇۋالغان ئىدى. ۋەەلەيكۇم ئەسسالام.تىقۋالغان گۈلىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم. -يامانلىقىنى كۆرىۋاپتۇ بىردەمدە!سىز نىمىنى يۇشۇرۇپ كەتتىڭىز؟ھەجەپ مىنى دوراپ تۇرىۋاپسىزغۇ سۇمبۇلە؟ -ھە !تىپىپ بېقىڭ!ئۆزەم چىرايلىق قىلىپ ياسىغان،سىزنى خوش بولامدىكىن دەپ؟ -قوچاق ئەمەستۇ -ھە! -ئەسكى!سىز بوۋاق بالا بولمىسىڭىز يە؟! -سىز كىچىك بالا بولغاندىكىن دەيمىنا؟! -بولدى،بولدى!مانا كۆرۈڭ! -:"مەن سىزگە ئامراق ".چىرايلىق تورتكەن!خەتنىمۇ چىرايلىق ياساپسىز. -نىمە ئاڭلىمىدىم؟! -ھىيلە بىلەن بولسىمۇ دىگۈزدىڭىزدە ھا ھا ھا......مەن سىزگە ئامراق! -دىگۈڭىز يوقمىتى؟تورتنى ئۆزەم يەي ئەمسە. -ياق، ياق!مەن سىزگە ئامراق!راست دەۋاتىمەن! -مەنمۇ سىزگە ئامراق! بىز كىچىك بالىلاردەك بىر -بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ تورت يىيىشكە ئولتۇردۇق.تورتقا قاراپ، كۆزلىرىمدىن ياش ئىختىيارسىز تۆكۈلۈپ كەتتى.اللانىڭ ياردىمى بىلەن شۇ ئاچچىق قىسمەتلىرىم شىرىن تۇرمۇشقا ئايلاندى ئاخىرى !ئەلھەمدۇلىلاھ!اللا بەندىسىگە بەك ئامراق.ھەي ! بەزى بەندىلەر شۇ قەدەر ئىنساپسىزلىشىپ كەتكەنكى،خەقنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىپ ئۆزىنىڭ تەختىنى تىكلىمەكچى بولدىكەن.ئاشۇ قۇربانى بولۇپ كىتىۋاتقان ئاجىزىلەر نىمە كۈننى كۆرىۋاتقاندۇ؟...... -نىمە ئويلاپ كەتتىڭىز سۇمبۇلە؟ - شۇ قىيىنچىلىقتا قىلۋاتقان قىزلار ،بالىلار كۆز ئالدىمغا كىلىۋالدى. -ئىنشااللا ئۇلارغا قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم بېرەيلى.مىنىڭ بىر ئويۇم بار. -سىز ۋە شۇ قىزلارغا شىركىتىمىز بىر ئۆي ھازىرلاپ ،تورت -پىرەنىك دۇكىنى ئىچىپ بەرسەك،ئۇلار توغرا يولدا ھالال تىجارەت بىلەن ئىشلىسە ،كىيىنچە بۇنىڭدىن بىر بۆلەك پۇلنى قىيىنچىلىقتىكى بالىلارغا بەرسەڭلار...... -بۇ بەك ياخشى پىكىركەن ئىلتەبىر.سىز بەك ياخشى جۇمۇ ،شۇنداق قىلايلى،ئىنشااللا. -ئىنشااللا مەن بېرىپ بۇ ئىشنى ھازىرلا ئۇقۇشاي. -ھازىرلا ماڭامسىز .نىمانچە ئالدىراپ ئەمدى. -ئىنشااللا ،ھايال قالمايمەن.ئاللاغا ئامانەت! ئىلتەبىر يىراقلارغا قاراپ دادىل قەدەملەر بىلەن ئۇزاقشىپ كەتتى.سۇمبۇلە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خوشاللىق بىلەن يىراقلىشۋاتقان يولدىشىغا قاراپ پىچىرلىدى. -اللا قەدىمىڭىزنى گۈل قىلسۇن،ئىلتەبىر!مەن سىزگە ئامراق!ئاللا بىزنى مەڭگۈ بىر-بىرىمىزگە ئامراق قىلغاي.
بۇ مىنىڭ ياكى بىرەر كىمنىڭ ھەقىقى تارىخى ئەمەس،بىراق ھازىر جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇن خانىم-قىزلار چىقىش يولى ئۈچۈن بىلىپ-بىلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ كىتىپ بېرىۋاتىدۇ. ئاللادىن ئازاپلىق قىسمەتتىكى بارلىق خانىم-قىزلارغا ياردەم بېرىشىنى تىلەيمەن،ئۈمىدۋار ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاللادىن شۇ خانىم-قىزلارنىڭ توغرا يول تىپىشى ئۈچۈن ،كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان ھەقىقى مۇسۇلمان ئەركەكلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تىلەيمەن. بىز بىرلىكتە دۇئا قىلايلى.ئاللا ھەممە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت ئاتا قىلغاي.ئامىن! ھايات- قىممەتلىك.ھاياتىڭىزنى ئاللا بەرگەن.ئاللا بۇيرىغاندەك ياشاشقا تېرىشىڭ! خالىسە يازمىسى(1)
|
كۆرۈلۈشى:858 | قوشۇلغان ۋاقتى:2009-4-24 1:54:31 | يوللىغۇچى ئەزا:admin |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|