|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئۇزىنى يىتۇرۇپ قۇيغان ئادەم
|
|
|
ئاپتور:مۇھەممدئىمىن ئابدۇۋەلى
ئاھ، ئېسىت ! سەي شەنجاڭ ئۆلۈپ كەتتى، 35 يىللىق كادىر، 30 يىللىق رەھبەر ئىدى، بۇ ئالەمدىن ئۆزى كەتتى، تۇپراقتىن ئىزى يۈتتى، جىسمىمۇ، ئىسمىمۇ تەڭلا يوقالدى. ۋا، دەرىخ! نېمە دېگۈلۈك، ئىنسانغا ئورتاق قىسمەت شۇ تۇرسا؟ رەھمەتلىك 50 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 55 - يىلى مۇئاۋىن ھاكىم بولغانىدى. 58 - يىلىدىكى ئوڭچىلىققا قارشى كۈرەش، 60 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى «كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار»لارنى تۇتۇش، 70 - يىللاردىكى لىن بياۋ، كۇڭزىلارنىڭ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ مۇردلىرىنى تازىلاش، 80 - يىللاردىكى چىرىكلىككە قارشى كۈرەشلەردىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ، بىزگە ئوتتۇز يىل رەھبەرلىك قىلغانىدى. ئۇنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بولغان ئاشىقانە ئىشتىياقى ئۇنى تولىمۇ كېچىكىپ پېنسىيىگە چىقاردى. ئۇنىڭ يۆتەلدىن ئۆپكىسى قېقىلىپ ئۆرە بولالمايدىغان، ئىككى تىزى ئاغرىپ پۇتىنى رۇسلىيالمايدىغان نەس باسقۇر كېسىلى بولمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ بۈگۈنگىچە پېنسىيىگە چىقمىغان بولار ئىدى. ئۇ قايسى كۈنى ئاخشىمى بۇ ئالەمگە قىيالماسلىق نەزەرى بىلەن كۆزىنى يۇمغان چېغىدا، باشقىلار ئۇنىڭ 98 ياشتا چىققانلىقىنى ھېسابلاشتى. ۋاي، ئېسىت! ئۇ پۈتۈن ناھىيىمىزگە ئاتا يوللۇق ئادەم ئىدى، تەر - ئەجرى، تۆھپىسى ھەممىدىن كۆپ ئىدى، ئۇ پۈتۈن بىر ئەسىر ياشاپ، يېرىم ئەسىر مۆتىۋەرلىكتىن قالمىدى. شۇڭا، ئۇنى ئېتىۋارى بىلەن ئۇزىتىش كېرەك ئىدى. ئۇ كۆز يۇمۇپ بىر سائەتتىن كېيىن يۇرتنىڭ ئاق ساقاللىرى قاتناشقان دەپنە ھەيئىتى قۇرۇلدى. نامىزىنى داغدۇغىلىق چۈشۈرۈش، تەرجىمىھال يېزىش، قەبرە تېمى ئورنىتىش قارار قىلىندى. بىر ئادەمنىڭ دەپنىسىنى قىلىش، نامىزىنى چۈشۈرۈش ھېچقانچە تەس ئىش ئەمەس، تەييار ئەمىر - مەرۇپ ۋە قائىدىلەر ساماندەك تولا. ھەرقانداق ئادەم بىمالال قىلىپ كېتەلەيدۇ. بىراق، سەي شەنجاڭنىڭ دەپنە ئىشىدا، تەڭ كېچە بولغاندا، ھېچكىم ئويلىمىغان بىر مەسىلە كېلىپ چىقتى. دەپنە ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەھەرلىك جامەنىڭ خاتىپى قۇربان داموللاھاجىم: _ رەھمەتلىكنىڭ ئىسىم - شەرىپى نېمە بولغىيدى؟ _ دېۋىدى، ھېچقايسىمىزنىڭ بىلمەيدىغانلىقىمىزنى بىردىنلا ھېس قىلىپ قالدۇق. _ چاتاق ئىشكەن بۇ، _ دېدى داموللاھاجىم گويا چوڭ خاتالىق سادىر بولغاندەك چۆچۈپ، _ ئەتە سەھەردە نامىزىنى چۈشۈرىدىغان تۇرساق، ئىسمىنى نېمە دەپ ئاتىغۇلۇق مەرھۇمنىڭ؟ سەي شەنجاڭ دەپمۇ؟ بىزدە مۇنداق ئىسىم يوق، ئەزەلدىنمۇ بولۇپ باقمىغان، بۇ تەڭ كېچىدە كىمدىن سورىغۇلۇق ئەمدى؟ راست، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدىغان چاغدا، ئاتا - ئانىسى موللا تەكلىپ قىلىپ ئەرزان قىچقىرىپ قويغان مۇبارەك ئىسمىنى ئاتاپ، يېشى ۋە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى نامازخانلار ئالدىدا بىر قۇر ئەسكە سېلىش ۋاجىپ! شۇنداق ئىكەن، نامىزىنى چۈشۈرگەن ئىمامنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئىسمىنى بىلىشى ئەقەللىي شەرت ! ھەممىمىزنىڭ بېشىمىز چۈشۈپ كەتتى. شۇ چاغدا بىرسى: _ ھەي، ئىسمىنى بىلمىسەك نېمە بوپتۇ؟ ئۆلدى - كەتتى، «مەرھۇم» دەپلا قويساق، كىم سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەتتى؟ _ دېۋىدى، دەرھال يەنە بىرسى ئۆكتە قوپتى: _ شۇمۇ گەپمۇ؟ چامغۇر - زەدەك، كالا - ئېشەكلەرنىڭمۇ خاس نامى، ماركىسى بار جاھان بۇ! ئۇ بولسا ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئون يىل مۇشۇ ناھىيە خەلقىنىڭ جاپاسىنى تارتقان؛ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان رەھبەر، ئەمدى - زە، نام - نىشانسىز كۆمۈۋېتەمدۇق؟ _ بولدى قىلىڭلار، _ دېدى ھاجىم، _ ئىشقىلىپ، ئىسمىنى ئېنىقلىمىساق دەپنە قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ ناھىيىمىزگە مەشھۇر ئادەم. ئۇنىڭ ئىسمىنى بىز بىلمىگەن بىلەن بىلىدىغانلار كۆپ. ھەرنېمە قىلىپ يېرىم سائەت ئىچىدە ئىسمىنى تاپايلى. ئالدى بىلەن يېقىن - يورۇقلىرى، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، مەسىلەن، تەشكىلات بۆلۈمى، كادىرلار ئىدارىسى، ئارخىپ ئىدارىسى دېگەندەكلەرگە تېلېفون ئۇردۇق. بۇنداق تەڭ كېچىدە ئۇرغان تېلېفوننىڭ ئاۋارىچىلىقى بەك كۆپ ئىكەن. بەزىلەر تېلېفوننى ئالمىدى، بەزىلەر غۇدۇرىدى: _ ئا - ھاي، نېمە گەپ بۇ؟ تەڭ كېچىدە ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ. مەن ئۇنىڭ دادىسى يا بالىسىمىدىم ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلگىلى؟ _ دېدى. بەزىلەر: _ يېقىن ئۆتكەنلىكىمىزغۇ راست ! «سەي شەنجاڭ» دەيتتۇققۇ شۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاش زۆرۈرىيىتى بولمىغاندىكىن، سورىماپتىكەنمىز. سوراشمۇ ئەپسىزغۇ؟ _ دېدى. ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يوتقاندا يېتىپ ئەسنىگىنىچە: _ يوق، يوق! _ دېدى. _ نېمە يوق؟ _ سىلەر نېمىنى سورىغان بولساڭلار شۇ. _ نېمىشقا يوق؟ _ 72 - يىلى ئوت كېتىپ كونا ئارخىپلار كۆيۈپ تۈگىگەن، _ ئۇ شۇنداق دەپلا تۇرۇپكىنى جالاققىدە قويۇۋەتتى. تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن كادىرلار ئىدارىسى بىر سائەتلەردىن كېيىن جاۋاب بەردى: _ بىزدىكى بارلىق تىزىملىك، ئارخىپلارنى تەكشۈردۇق. پەقەت «سەي شەنجاڭ» دەپلا بار ئىكەن، 1985 - يىلىدىكى پېنسىيىگە چىقىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنىمۇ تاپتۇق. ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپ ئىمزا قويۇپتۇ. بۇ نېمە بولغىنى؟ بىز بىلەن مۇشۇ ناھىيىدە بىر ئەسىر بىللە ياشىغان، ئىزى چۈشمىگەن تاغ - دەريا، چۆل - جەزىرە، ئېتىز - ئېرىق قالمىغان بىر مەشھۇر زاتنىڭ ئىسمىنى تاپالمىغانلىقىمىز ئادەم ئەقلىگە سىغمايتتى. شۇنداق قىلىپ، بەلگىلەپ بېرىلگەن يېرىم سائەت ۋاقىت ئۈچ يېرىم سائەتتە نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. ئەمدى ئۇ مەرھۇم تۇغۇلغان كەنتكە، ئۇ ئوقۇغان، بىلىم ئاشۇرغان يەرلەرگە بېرىپ ئالاقىلىشىشكە ئۈلگۈرمەيتتى. شۇڭا، ھاجىمنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، «سەي» بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بارلىق ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى يېزىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆردۇق: سەيدى سەيپى سەيدۇللا سەيپۇللا سەيپىدىن سەدىردىن سەپەر سەمەت …… ئىسىملارنى قاتار تىزىۋەتتۇ - قۇ، ئولتۇرۇپ قالدۇق. قايسى ئىسىمنى مۇقىمداش كېرەك؟ بۇ _ بىرسىگە ئىسىم قويۇش ئەمەس، ئەسلىدە قويۇلۇپ بولغان ئىسىمنى تېپىش ئىدى. شۇڭا، قارىسىغا مۇقىمداشقا بولمايتتى. ئاخىر بۇ ئىشنىڭمۇ قاملاشمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق. ئەھۋالنى ھاكىمغا مەلۇم قىلماي بولمىدى: _ قانداق گەپ بۇ؟ _ دېدى ھاكىم تىلىنى چاكىلدىتىپ، _ نېمە قىلىپ بولمىسۇن، ئىسمىنى تېپىڭلار، ئۇ بىر ئادەمغۇ؟ 98 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، تېخى تۈنۈگۈنگىچە بىز بىلەن بىللە ياشىغان بىر پېشقەدەم رەھبەرنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدۇق، دېسەك، كىممۇ ئىشىنەر؟ بىلىدىغانلار، مېنىڭچە، ناھايىتى كۆپ. دەپنە ۋاقتىنى ئەتە پېشىن نامىزىغىچە ئۇزارتايلى … ھەي، ھەي، مېنىڭ ئىسمىم يۈسۈپ جۇمۇ، يۇي شەنجاڭ ئەمەس، يۈسۈپ مامۇت ! ئىشخانا ھاۋاسى بەك دېمىق ئىدى. شامالدۇرغۇچ يېقىمسىز غىڭشىپ، ئوت پۈركۈگەندەك ئادەمنىڭ دېمىنى بوغاتتى. قىسقىلا يىغىن ئاچتۇق. _ مەرھۇمنىڭ بالا - چاقىلىرى يوق، ئايالى ئون يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن، ئەمدى ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا بىز ئىگە بولمىساق بولمايدۇ، مۇنداق ئىسسىقتا مېيىتنى قانچىلىك ۋاقىت بىخەتەر ساقلىغىلى بولار؟ بۇ كۆپچىلىككە ئايان. شۇڭا، مۇز تېپىپ جەسەتنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ ئەتىگىچە ئوبدان ساقلاش كېرەك. ھاجىم شۇنداق دېدى. ئاندىن ھەممىمىزگە كونكرېت ئىش تەقسىماتى قىلىپ بەردى. مەن مەرھۇمنىڭ ئىسمىنى ئېنىقلاپ تېپىشقا مەسئۇل قىلىندىم. _ ھەي، _ دېدى ھاجىم بېشىنى يېنىك چايقاپ، _ مېيىتنى ئۇزاق ساقلاش ياخشى ئىش ئەمەستى ! ئىگىلىگەن ئۇچۇر بويىچە بىرىنچى نىشان _ سەي شەنجاڭنىڭ 70 - يىللاردىكى كاتىپى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يولدىشاخۇن ئىدى. بۇ ئادەم 20 يىل ئىزچىل سەي شەنجاڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەنىدى. يولدىشاخۇننىڭ ئۆيى ناھىيە بازىرىغا ئانچە يىراق بولمىغان «ھاكىملار كوچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان كوچىنىڭ ئايىغىدا ئىكەن. ئۇ قېرىپ كېتىپتۇ. ھەر تىنىقىدا بىر يۆتەل تۇتۇپ گەپ - سۆز قىلمىقى بەكلا تەس ئىكەن. _ رەھمەتلىك بەك ئوبدان ئادەمدى، _ دېدى ئۇ مېنىڭ كېلىش مەقسىتىمنى ئۇققاندىن كېيىن يۆتەلدىن دېمىنى ئاران ئېلىپ، _ ئۇ جاپالىق ئىشلەيتتى، ناھىيىمىز خەلقىگە جىق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن. يولدىشاخۇن مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا كۆزىگە لىق ياشنىڭ تولغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. _ بىر چاغلاردا، ھەي، ئەجەب زامانلار ئىدى ئۇ، _ ئۇ قاتتىق يۆتەلدىن كېيىن چوڭقۇر ھەسرەت تارتتى، _ تۆمۈردىن پۈتكەندەك كارامەت ئادەم ئىدى، خۇددى ھارمايدىغاندەك، ئۆلمەيدىغاندەك ماڭاتتى. بۇ ناھىيىنىڭ قايسى بىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا ئۇ بارمىغان؟ ئۇ چاغلاردا بىر زاغرىنى پوتاڭغا تۈگۈۋېلىپ، قورسىقىڭ ئاچسا سوغۇق سۇغا چۆكۈرۈپ يەپ، نەدە كەچ بولسا شۇ يەردە يېتىپ، پىيادە نەچچە كۈنلەپ ماڭىدىغان گەپ. پۇتۇڭنى تاش چاققان، ئەت - يېنىڭنى شاخ - شۇمبىلار يىرتقان، مەن ئۇ ئادەمنىڭ چىداملىقىغا راستتىنلا ھەيران بولاتتىم، تۆمۈرمۇ چىدىماس ئۇنداق ئىشلەشكە. ئۇ چاغدا بۈگۈنكىدەك ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلار نەدە؟ بۈگۈنكى مىشچانلار ئەگەر ئاشۇنداق دالادا بىر كېچە قونۇپ قالسا، چىشى پاشىلارمۇ بىرلا چېقىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ئۇلارنى. قاراپ تۇرۇڭ، راستتىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز ئۇلارنى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئۈچ يىل شان - شەرەپكە كۆمۈۋەتمەي ئامالىز يوق ... _ يولدىشاخۇنىكا، دەل مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى تاپمىساق زادى بولمىدى. _ ھەي، يادىمدا بولسىچۇ، مۇشۇ ئىسىم؟ _ 20 يىل بىللە ئىشلىگەن تۇرسىلا؟ _ ئۆھھۈ، ئۆھھۇ … ئۆلگەننىڭ ئەيىبىنى كوچىلاش گۇناھ! بۇ ئادەمنىڭ بىر ئىشى بولمايتتى. ئىسمىنى ئاتاپ سالدۇقمۇ، شۇ يەردىلا قاتتىق ئاچچىقلاپ كېتەتتى. بىر قېتىم ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكىلەر بىلەن يىغىن ئاچتۇق. باشقا ھاكىملار بولمىغاندىن كېيىن، يىغىننى مەن باشقۇرىدىغان، سەي شەنجاڭ سۆز قىلىدىغان بولۇپ بېكىتىلدى. مەن يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ «ھازىر ھاكىم ** مۇھىم يوليورۇق بېرىدۇ» دېيىشىمگە بىر ھاقارەتلىك سۆز بومبىدەك قۇلىقىم تۈۋىدە پارتلىماسمۇ؟ ئىمانىم ئۇچۇپلا كەتتى، تۇرغان يېرىمدە قوزۇقتەكلا قالدىم. _ نېمە دېدى؟ _ «ھەي، لالەك، نېمىدەپ يۈرىسەن سەھنىدە؟» دەيدۇ. _ بىرەر خاتا سۆز قىلىپ قويمىغانلا؟ _ ياق، مېنىڭ دېگىنىم يۇقىرىقى سۆزلا. _ سەي شەنجاڭ شۇنداق دېدىمۇ؟ _ شۇنداق، ئۆھھۈ ... ئۆھھۈ ... ئۇ يۆتىلىپ قېقىلىپ كەتتى، دېمى بوغۇلۇپ گۈرەن تومۇرلىرى بارماقتەك توملۇقتا كۆپچۈپ چىقتى. بىر ھازا ئارقا - ئارقىدىن باستۇرۇپ كەلگەن يۆتەلدىن كارىۋات بېشىدا قويۇلغان داستىكى قۇم توپىغا تۇخۇمدەك چوڭلۇقتىكى كۆكۈش بەلغەمنى ياندۇرغاندىن كېيىن ئاران ئەسلىگە كەلدى. _ كېيىن بىلدىم، بۇ ئادەم مەنسەپ نامى قوشۇلغان ئاشۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمىگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ لەۋزىگە پەرۋا قىلمايدىكەن، ھەتتا، تىللايدىكەن. مەن شۇ ئاچچىقىمدا ئۆزۈم ئۇچراتقان ئاشۇ ئادەمگە دائىر ئارخىپلاردىكى ماڭا ھاقارەت كەلتۈرگەن شۇ ئىسىمنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئورنىغا «سەي شەنجاڭ» دەپلا يېزىپ قويدۇم. ئاشۇ ئىسىمنى ئۇنتۇشقا قەسەم قىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزۇن يىل كېسەل تارتىپ ئۇنتۇغاق بولۇپ كەتتىم. ئەمدى راستتىنلا ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. _ ئەسلەپ باقسىلا، بەلكىم، يادىلىرىغا كېلىپ قالار، _ دېدىم ئۈمىدىمنى ئۈزەلمەي. يولدىشاخۇن كۆزىنى يۇمۇپ بىر ھازا ئولتۇردى، ئاندىن بېشىنى يېنىك چايقىدى: _ ياق، ياق، زادىلا ئېسىمگە ئالالمىدىم ... ھەي، سىلى مېنى شۇ ئاداۋىتى بىلەن دەپ بەرمەيۋاتامدىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىلىغۇ ئېھتىمال؟ .... ھەرنېمە دېگەن بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتىغۇ بىچارە. ئەمدى ئاداۋەت ساقلاپ نېمە پايدا؟ ئەتە - ئۆگۈن بىزگە كېلىدۇ بۇ ئۆلۈم ! ... يانفونۇمنىڭ ھەر دەقىقىدە بىر سايرىشىدىن ھەيئەتتىكىلەرنىڭ ئالدىرىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. _ مەن بۇ ئىسىمنى تاپقان ھامانلا تېلېفوندا خەۋەر قىلىمەن، _ دېدىم ئۇلارغا. يولدىشاخۇن بىلەن خوشلىشىپ تالاغا چىققىنىمدا كۈن ئاغامچا بويى ئۆرلەپتۇ. توۋا، ھېچكىم ئويلىمىغان، ھېچقەيەردە بولمىغان ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ: تەس دەي دېسە، بىركىمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ؛ ئاسان دەي دېسە، ھازىرغىچە يىپ ئۇچى يوق. شۇنداقلا، ئاپىرىپ كۆمۈۋېتەي دەي دېسە، ئۇ _ بىر ئادەم، بىر ناھىيىنىڭ بىر ئەسىرلىك مۆتىۋىرى، تۆھپىسى بار سىياسىيئون ! ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، بىراق، ئۇ ئەسكى بولسۇن، ياخشى بولسۇن نامى ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇ شۇ نامى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ نەچچە ئون يىل، ھەتتا، نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ يىل ياشايدۇ! خۇددى ئاتىللا، چىن شىخۇاڭ، چىڭگىزخان، ماركس - ئېنگلىسلارغا ئوخشاش. تىت - تىتلىق ئىچىدە ماشىنىنىڭ ئالدىنى جاھانباغ يېزىسىنىڭ قامغاقلىق كەنتىگە بۇرۇدۇم. بۇ، رەھمەتلىكنىڭ تۇغۇلغان كەنتى ئىدى. ئىچىمىدە، باشقا جايدىن بۇنداق تېپىلماسلىقىنى بىلگەن بولسام، باشتىلا مۇشۇ كەنتكە كېلىدىغان گەپكەن، دەپ ئويلىدىم. خەير، ھېلىمۇ پېشىنگە ئۈلگۈرگىلى بولاتتى. بۇ كەنتتە ئۆيلەر تارقاق، ئادەم شالاڭ ئىكەن. پارتىزاندەك نەچچە ئون يەردىن سوراپ، ئۆيمۇئۆي كۆچۈپ، كوچىمۇكوچا قاتراپ ئەللىكتىن ئارتۇق ئادەم بىلەن ئۇچراشتىم. ئەپسۇس »سەي شەنجاڭ« دەپ ئاتىلىپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمىدى. ھەتتا، كۆپىنچىلىرى بۇ كەنتتىن بىر ھاكىمنىڭ چىققانلىقىنى بىلمەيدىكەن. 101 ياشلىق بىر بوۋاي بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغاچقا، گەپ ئۇقتۇرۇش مۇمكىن بولمىدى. 82 ياشلىق بىر بوۋايلا مۇشۇ ئىسىمغا ئالاقىدار بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ھاكىمنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ھاكىمغا مۇشۇ ئادەم باغاق ئاپارغانىكەن. ھاكىم باغاقنىڭ ئۈستىدىكى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپلا خۇددى ھەرە چاققاندەك ئەندىكىپ، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ سورىماي باغاقنى يىرتىپ تاشلىۋېتىپتۇ ۋە قارىماي كېتىپ قاپتۇ ... بۇ بوۋاينىڭ يەنە دەپ بېرىشىچە، شۇندىن كېيىن، بۇ كەنتتىكىلەر بۇ ھاكىمنى پەقەتلا ئىزدىمەيدىغان بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ 60 ياشتىن تۆۋەن ئادەملەر ئۇ ھاكىمنىڭ مۇشۇ كەنتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، يۇقىرىلار بولسا 40 - 50 يىللاردىن كېيىن ئۇنتۇپ كېتىپتۇ .... ئۇھ! ماشىنىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ۋە يانفوننى ئاچتىم: _ تاپقىلى بولمىدى. _ نېمە؟ _ قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكى بىلىنەتتى. _ ھېچكىم بىلمەيدىكەن. قارشى تەرەپ بىردەم تۇرۇپ قالدى، ئاندىن: _ قايتىپ كېلىڭ ! _ دېدى. مەن قايتىپ بارغاندا ھەممىسى يىغىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ھاكىممۇ بار ئىكەن. ئەھۋالنى تەپسىلىي دوكلات قىلدىم. ئازراق سۈكۈتتىن كېيىن داموللاھاجىم دېدى: _ مىيىتنى ساقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتتى، بۇ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەستى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇراپ قېلىۋاتىدۇ. _ ھەرقانچە بولغاندىمۇ مۇنداقلا كۆمۈۋەتسەك بولماس، جامائەتكە كىمنىڭ نامىزى دەيمىز؟ قەبرە تېمىغا نېمىدەپ يازىمىز؟ يەنە كېچىكتۈرەيلى، تىرناقچىلىك يىپ ئۇچى بولسا ئىزدەپ كۆرەيلى، _ دېدى ھاكىم. _ مېنىڭچە، _ دېدى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، _ بىر يىپ ئۇچى بار. تازا ئىشەنچىلىكقۇ ئەمەس، 79 - يىلىمۇ ياكى 80 - يىلىمۇ، تازا ئېسىمدە يوق، مەرھۇم يەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە بىر ئايلىق بىلىم ئاشۇرغىنى يادىمدا. شۇ مەكتەپنىڭ ئارخىپلىرىدىن ئىز - دېرىكى چىقىپ قالارمىكىن، دەيمەن. _ تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ كۆرسەك قانداق؟ _ ياق، _ دېدى ھاكىم كېسىپلا، _ بارايلى، ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپتۇ، ئۆزىمىز ئارخىپتىن بىۋاسىتە ئىزدەيلى. شۇنداق قىلىپ يەنە ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر بەلگىلەندى: پۈتۈن ناھىيىگە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئېلانى بېرىش؛ ج خ تارمىقىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىش؛ پارتىيە مەكتىپىگە بېرىش. مەن دەممۇ ئالماي، تاماقمۇ يېمەي ۋىلايەتكە چاپتىم. پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەسئۇللىرى ياخشى ھەمكارلاشتى. مەتسەيدى ئىسىملىك 45 ياشلاردىكى بىرسىنى مەخسۇس ئاجراتتى، بىز ئارخىپتىكى تىزىملىك بويىچە بىرمۇبىر ئاختۇردۇق. «79 - يىلى 1 - ئايدىكى 1 - قارارلىق كۇرسانتلارنىڭ يوقلىما دەپتىرى»نى مالتىلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىم پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. بىر گرافىدا ئىسمى سەرىدىن، ۋەزىپىسى ھاكىم، دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. _ بار ئىكەن، بار ئىكەن ! _ مەن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ھاياجان بىلەن ۋارقىرىدىم. مەتسەيدى يۈگۈرگىنىچە قېشىمغا كېلىپ جەدۋەلگە كۆز تىكتى: _ قېنى؟ _ مانا، سەرىدىن ئىكەن! تاغ يۆتكەلدى، شۈكرى، مىڭ مەرتىۋە شۈكرى ! _ ياق، ئۇ ئەمەسكەن، مانا، ماۋۇ كاتەكچىگە قارىمامسىز؟ يېشىنى 30 ياش دەپتۇ، ئۇنداقتا سەرىدىن ئاتلىق بۇ ھاكىم 49 - يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. سىلەرنىڭ ھاكىمنىڭ يېشى بىلەن 30 - 40 ياش پەرقلىنىدۇ، _ دېدى مەتسەيدى شۈبھىسىزلىنىپ. _ بەلكىم، يېشى خاتا ئېلىنىپ قالغاندۇ؟ _ مېنىڭ تەن بەرگۈم كەلمىدى. _ ئەمىسە، مانا ماۋۇ خىزمەت ئورنى دېگەن يەرگە قاراڭ، بۇ باشقا ناھىيىغۇ؟ توختاڭ، توختاڭ، ئەمدى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، مەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي: دەل مۇشۇ يىل، مۇشۇ ئاي. مېنىڭ پارتىيە مەكتىپىگە تۇنجى كېلىپ تۇنجى سائەتلىك دەرسكە كىرىشىم ئىدى. يوقلىما قىلىۋېتىپ «سەي شەنجاڭ» دېگەن بىر ئىسىمغا كەلگەندە، گاڭگىراپ سەل توختاپ قالدىمۇ، يەنىلا ئوقۇدۇم. «بار!» بىر يولىلا ئىككى ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. «قايسىڭلار؟» دېدىممەن ئاڭقىرالماي. «مەن» دېدى ياشىنىپ قالغان، سېمىزرەك كەلگەن بىرسى. «ئۆزلىرىنىڭ ئىسمى نېمىكىن؟» دەپ سورىسام، «ئاشۇ ئىسىم ئەمەسمىكەن؟» دېدى خۇددى مۇزغا كالتەك ئاتقاندەك. «سىلى ئۇيغۇرمۇ ياكى شالغۇتمۇ؟» دېدىم ھەيران قىلىپ. «كۆزىڭىز بولسا، مەن ئۇرغۇي، قانداق ئاتىكاچى نېمىبۇ؟» دېۋىدى، مېڭەمدىن تۈتۈنلەر ئۆرلىدى. بىرقانچەيلەن پىخىلداپ كۈلۈۋەتتى. ئاچچىقتا ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم ۋە مۇنداق دېدىم: بىرىنچى، دۇنيادا «ئۇرغۇي» دەيدىغان مىللەت يوق، ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا «سەي شەنجاڭ» دەيدىغان ئىسىم يوق. بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ھاكىملار، لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسى قويغان ئۆزىگىلا خاس ئىسمى بار. سىز ئۇنداق گۆكىرىمەڭ، بۇ يەردە سىز ئوقۇغۇچى، مەن ئوقۇتقۇچى. بوپتۇ، ئىسمىڭىز «سەي شەنجاڭ»بولسۇن … قىسقىغىنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئىككىنچىلەپ سۈرۈشتۈرمىدىم. باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، مۇشۇ بويىچە يوقلىما قىلىۋەردى. ھېلىقى تەڭلا «بار» دېگەن يەنە بىرەيلەننىڭ ئىسمى سەرىدىن ئىكەن، ياش بالىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى ئاخىرىدىراق بىر كاتەكچىدىن چىقتى. ئىككىيلەن جەدۋەلنى ئاياغدىن باشقا قاراپ بىرمۇبىر سىيرىپ كۆردۇق، خېلى باشتا بىر جايدا «سەي شەنجاڭ» دەپ يېزىقلىق تۇرۇپتۇ. يېشى، يۇرتى، … دېگەنلەر ئاساسەن ئۇدۇل … سالپايغىنىمچە ماشىنىغا چىقتىم. خۇددى نەچچە ئاي دەم ئالمىغان، تاماق يېمىگەن ئادەمدەك بوشىشىپ روھىم چۈشۈپ كەتتى. 90 كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان يولنى 900 كىلومېتىر يول ماڭغاندەك ھارغىن ئىشخانىغا كىردىم. ئۇلار مېنىڭ مۇشۇ تۇرقۇمدىنلا ئەھۋالنى بىلگەن بولسا كېرەك، گەپ سورىمىدى. ئۇقۇشسام، ھېلىقى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭمۇ ئۈنۈمى بولماپتۇ. ئاھ، تىرىكلىكىدە قەدرى بولمىغان بۇ ئىسىم ئۆلگەندە تۇتىيا بولۇپ كەتتىغۇ؟ ئەتىسى بامداتتا مەرھۇمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. گاراڭلىقتا رەھمەتلىكنىڭ ئىسمىنى داموللاھاجىمنىڭ نېمىدەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم. نېمە ئۈچۈندۇر نامازغا كەلگۈچىلەرمۇ بەك ئاز ئىدى. قەبرە تېمىغا قارا سىياھ بىلەن مۇنداق دەپ يېزىلدى |
كۆرۈلۈشى:387 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-24 17:49:20 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|