ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇقىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن بۇ چەت يىراق يېزىغا ئىشقا چۈشكىنىمگىمۇ ھەپتە ئېشىپ قالدى .كىچىكىمدىن ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، بەلكىم بۇنىڭغا ئاشۇ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدىكى ماڭا يېقىندىن ھېسداشلىق قىلىدىغان ، ياردەم بىرىدىغان كۈيۈمچان ئوقۇتقۇچىلىرىم تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كىرەك . كۈندە ئەتىگەن سەھەر ئورنىمدىن تۇرۇپ ، سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئالىمەن ، ئاندىن ئالىي مەكتەپتىكى كۆڭۈلسىز -كۆڭۈللۈك ھاياتىمنى ئەسلەپ شىرىن ھىسلارغا چۈمۈلىمەن . ئاڭغىچە ئوقۇغۇچىلىرىم بىر -بىرلەپ كىلىشكە باشلايدۇ ، بەزىدە ئۇلارنىڭ سەبىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئۇماق چېھرىنى ، ئۇلارنىڭ ھېچنىمىدىن غەمسىز كۈلۈپ ئويناشلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۆزەمنى گويا بالىلىق پەسلىمگە قايتىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ئاللىقانداق بەخت قۇچىقىدا ئەللەيلىنىمەن . يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇق -يۇرۇق ، ئاقكۆڭۈل ، چىقىشقاق مىجەزىدىن ئۇزۇن يىل ئىچكىردە ئوقۇش جەريانىدا شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان بۇرۇقتۇرما ھاياتتىن قۇتۇلغاندەك ئۆزەمنى شۇنچە ئەركىن سىزىمەن . مىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرگىنى يۇرت چوڭلىرى ھەركۈنى كەچتە ياشلارغا مۇقام ئۆگىتىۋاتقىنى بولدى ، بۇ خېلى ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كىلىۋىتىپتۇ ، بۇنىڭ تەسىرىدە ياشلار ئۇرۇنسىز جىدەل ، قاڭسىق ھاراق سۇرۇنلىرىدىن بىردەملىك بولسىمۇ يىراقلىشىپتۇ . بىرەر ئىش قىلسا بىر -بىرىدىن مەسلىھەت سوراپ ھەمكارلىشىدىغان ئۇيغۇرلاردىكى ئېسل ئادەت ئەسلىگە كىلىشكە باشلاپتۇ . قۇرۇق پاراڭ ھەم غەيۋەت ئاۋۇيدىغان دوقمۇشلار چۆلدەرەپ ، ھەركىم ئۆز ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىۋىتىپتۇ .
مەنمۇ كۈندە دەرسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ياتاقتا بىرەر سائەت دەرس تەييارلىغاندىن كىيىن ئالدىراش ھالدا مۇقام ئۆگىنىش ئۈچۈن چاپىدىغان بولدۇم . بۈگۈنمۇ ئىشلىرىمنى بىر قۇر ئۇرۇنلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ شۇ يەرگە قاراپ ماڭدىم . كوچا دوقمۇشىدىن ئەمدى قايرىلاي دەپ تۇرىشىم بىلەن بالىلارنىڭ ۋاراڭ -چۇڭلىرى دىققىتىمنى تارتتى . تۆت -بەش كىچىك بالىلار بىر قىزنى ئارىسىغا ئېلىۋىلىپ چۇرقىراشقىنىچە ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇ ئېتىپ كۈلۈشۈۋاتتى . ئۇلارنىڭ بۇ ئىشغا ئاچچىقىم كىلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماستىنلا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدىم :
- ھەي ! نىمە قىلىۋاتىسلەر ؟! تېز ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار !
ئۇلار گىپىمنى ئاڭلاپ ئۆرە -تۆپە بۇلۇشۇپ قېچىشقا باشلىدى ، قىز بىر كۈلۈپ -بىر يىغلاپ يەرنى تاتلاپ ئولتۇراتتى . بىر خىل قىزىقىش ھەم ھەيران بۇلۇش ئىستىكى مىڭەمنى چۇلغىۋالدى ، ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا يىتىپ كەلدىم . شۇئان بىرسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
- مۇئەللىم ، ئۇ بىر ساراڭ ! يېقىن كەلمەڭ . ھېلى سىزنى ئۇرۇپ قوغلاپ كىتىدۇ .
ئارقىدىنلا قىز ئورنىدىن تۇرۇپ قېشىمغا قاراپ كىلىۋاتمامدۇ ، بىر خىل ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان قورقۇنچ ئىلكىدە ئورنۇمدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم . ئۇ ئاستا يېنىمغا كىلىپ مىنى بىر چۆرگىلىۋەتكەندىن كىين قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كىتىپ قالدى . .=
ئۆز-ئۆزەمگە توۋا دىگۈم كىلىپ مۇقام ئۆگۈنۈشكىمۇ رايىم بارماي ياتاققا قايتىپ كەتتىم . لىكىن نىمە ئىش قىلاي ، خىيال ئىكرانىمدا شۇ قىزنىڭ سىماسى پەيدا بۇلاتتى ، ھەيرانمەن ، ئۇ قانداقمۇ ساراڭ بولسۇن ، ساراڭ ئادەمنى كۆپ كۆرگەنمەن ، لىكىن بۇ ھېچ مەن كۆرگەن ساراڭلارغا ئوخشىمايتتى ، كىيىنشلىرىمۇ شۇنچە رەتلىك ، پەقەت ئۇنىڭ بىر كۈلۈپ ، بىر يىغلىشىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئىش ھەركەتلىرىمۇ نورمال ... تېخى مىنى چۆرگىلەپ ماڭاقارىغاندىكى قىياپىتىچۇ ... بىر قارىماققا شۇنچە گۈزەل قىز نىمە ئۈچۈن ساراڭ بۇلۇپ قالغاندۇ ..؟؟
ئەتسى ، ئۆگۈنى ....شۇ ساراڭ قىزنى كۈندە ئۇچرىتىپ تۇردۇم . بەزىدە ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان ھىسىيات ئىلكىدە ئۇنىڭغا ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ كىتەتتىم ، ئۇ ھېس قىلىشىمچە پەقەت ئوغۇللارنى كۆرسىلا تىللاپ ، قۇلىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېتىپ بىر ھازاغىچە قوغلاپ كىتەتتى . مەنمۇ ھەر قېتىم ئۇنى كۆرسەم يېنىغا بېرىشتىن قورقۇپ ، ھەيران بۇلاتتىم .
بىر كۈنى ئىشخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرسام ، خىزمەتدىشىم ئابدۇسالام ھاسىرغىنىچە كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئىدىم ، خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردىمۇ ئۇماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلغان ، مىنى بۇ مەكتەپنىڭ ، يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى خەۋەردار قىلغان ئىدى .
-ۋوي ئاداش ...نىمە بولغاندەك ؟ بىرەرسى ئارقاڭلىدىن قوغلاپ كىلىۋاتمىغاندۇ ؟-دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ .
-ئۇف....ئاران كىلىۋالدىم دىسە .ساراڭنىڭ بۈگۈن جىنى تۇتقانمۇ ؟ خېلى يەرگىچە قوغلىدى مىنى ...
-ساراڭ ؟! قايسى ساراڭ ئاداش ؟
-شۇ يەنە قايسى ساراڭ بۇلاتتى ، مەھەللىدىكى پەرىدە دىگەن ساراڭ بولمامدۇ ؟
-ھا...ھا...ھا.... مۇنداق دەڭلا ، چىشىغا تىگىپ قۇيۇپسىلە دە ،-ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم .
-ۋاي توۋا دەڭلا ئاداش ... لىكىنغۇ ئۆزى چىرايلىق ئۇ كاساپەتنىڭ . سىلە بىلمەيسىلە ، ئۇ ساراڭ بولغىنى بىلەن مەھەللىدىكى نەچچە يىگىت ئۇنىڭغا ئاشىق جۇما ... بۇرۇنغۇ ساراڭ ئەمەس ۋاقتى مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاشىق ئىدىم ، مەھەللىمىزنىڭ گۈلى ئىدى ئۇ ... )
ئابدۇسالامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇ ساراڭ قىزغا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم .
-مۇنداق دەڭلا...دىمىسىمۇ بەك چىرايلىق قىز ئىكەندۇق ..نىمە بالا كەلگەن بولغىيتتى دەيمەن ...
-ھە ، سىلە ئۇنى بىلمەيسىلە راست . مەن سىلىگە سۆزلەپ بىرەي ،-ئۇ شۇنداق دەپ گىپىنى باشلىدى ، مەنمۇ ئۇنى تۇنجى ئۇچراتقاندىن بۇيان قىزىقىپ قالغاچقا بىرىلىپ دىققەت بىلەن ئاڭلاشقا باشلىدىم .
-ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى پەرىدە بۇلۇپ ، ئۆزى يۇرتتىكى قاسىم ئاشپەزنىڭ يالغۇز قىزى ئىدى . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مۇشۇ مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ، ئۇنىڭغا بىر قارساڭلا ئىچىڭلا كۆيەتتى ، خىزمەتنىمۇ تۇلىمۇ جان كۆيدۈرۈپ ياخشى قىلاتتى ، بىر يىلدىن كىيىن مەكتىپىمىزدىكى ياش ئوقۇتقۇچى كامران بىلەن چىقىشىپ قېلىپ ، نۇرغۇن يىگىتلەرنى داغدا قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋالدى . شۇنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم، بەزىدە ئۇلارنى دائىم مەكتەپ كەينىدىكى باغلاردا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ھالاتتە كۆرگىنىمدە دەردىمنى بىر مەنلا بىلىمەن . كۈنلەر شۇنداق داۋاملاشتى . مەكتەپ مۇدىرى ئاسىىمنىڭ خېلى بۇرۇنلا پەرىدەگە كۆزى چۈشكەن ئىكەن ، بۇنى مەنمۇ ھىس قىلغان ، بەزىدە ئاسىم مۇدىر يىغىن ئېچىۋاتقىنىدا پەرىدەگە شەھۋانىلىققا تولغان كۆزلىرى بىلەن قاراپ ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ تۇرغىنى كۆرۈپ قالاتتىم . بۇ ۋاقىتتا كامران بىلەن پەرىدەنىڭمۇ توي ئىشى مۇقىملىشىپ قالغان بۇلۇپ ، تويغا يەنە ئىككى كۈن قالغاندا ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى . باشقىلاردىن ئاڭلىسام شۇ كۈنى پەرىدە ئىشخانىدا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن ، بىر چاغدا ئولتۇرۇشتا تازا ئىچىپ لەيلەپ كەتكەن ئاسىم مۇدىر ئىشخانىغا كىرىپلا <<پەرىدە ، جېنىم ! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇزۇندىن بىرى سىزگە كۈيۈپ يۈرىمەن >>دەپ پەرىدەگە ئېسىلىپتۇ . پەرىدە <<ۋاي مۇدىر ئۇنداق قىلمىسىلا ...>>دەپ يالۋۇرۇپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپتۇ ، مۇدىر ئۇنىڭ ئۆزىگە بويسۇنمايدىغانلىقىنى بىلىپ ، ئۇنى مەجبۇرى قۇچاقلاپ ، ئەدەپسىزلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ ، پەرىدە بولسا باشتىن -ئاخىر ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ يېقىن يوللاتماپتۇ ، دەل شۇۋاقىتتا پەرىدەنى ئىزدەپ كەلگەن كامران ئىشخانىغا كىرىپ، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ، ھېچقانداق ئىشنى سۈرۈشتۈرمەيلا ، ئۇ ماز ئاداش ، يۈگۈرۈپ بېرىپ پەردەنى <<بۇزۇق >>دەپ تىللىغىنىچە كىلىشتۈرۈ پ بىر تەستەك سېلىپتۇ -دە ،ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كىتىپتۇ . ئاسىم مۇدىر دىگەن ئىپلاسمۇ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ ، پەرىدە يىغلىغىنىچە كامراننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنى تاپالماپتۇ .
<<ئەتىسى پۈتۈن مەھەللىدە پەرىدە بىلەن ئاسىم مۇدىر ئاشنا ئويناپتۇ >> دىگەن گەپ تارقالدى ، مەھەللىدىكى ھەممىمىز ھەيران بۇلۇشتۇق ، لىكىن راستنى دىسەم مەن شۇ ۋاقتىدىلا ئىشەنمىگەن ، لىكىن باشقىلار شۇنداق دىگەن يەردە مەن نىمىمۇ دىيەلەيتتىم . شۇنىڭ بىلەن كامراننىڭ ئۆيدىكىلىرى تويدىن ۋاز كىچىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، تويلۇقنى ياندۇرۇپتۇ ، پەرىدەنىڭ دادىسىمۇ تازا بىر تەرسا ئادەم ئىدى ، ئۇنى بىر كىچە ئېسىپ قۇيۇپ تازا ئۇرۇپتۇ . كىيىن يۇقىردىن ئۇختۇرۇش كىلىپ ، ئاسىم مۇدىرنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپ ، پەردىدەنى كەسپىي ئەخلاققا دىققەت قىلمىغان دەپ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىدى . بۇ ئىش پەرىدەگە بەك ئېغىر كەلگەنمۇ ، ياكى دادىسى قاتتىق ئۇرۇۋەتتىمۇ ، ئەتىسى بىزنىڭ كۆرگىنىمىز شۇ ساراڭ پەرىدە بولدى ....پەرىدەگە بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ ئاداش ، دادىسى دىگەن ئادەممۇ ھازىر ئۇنى نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ باقتى ، لىكىن ئۈنۈمىمۇ بولمىدى ....
پەرىدەنىڭ بۇ قىسمەتلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئېچىشتى ، توۋا ، بۇ دۇنيا نىمە دىگە ناھەقچىلىككە تولغان ھە !! شۇ بىچارە قىز مانا ساراڭ بۇلۇپ ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلماي تۇزۇشقا باشلاپتۇ ...ھەي !!
مەن شۇ كۈندىن بۇيان پەرىدەگە بىرخىل ئىچ ئاغرىتىش ، كۈيۈنۈشۈش ، ھېسداشلىق نەزىرىم بىلەن قارايدىغان بولدۇم ، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتۈشكە باشلىدى ، بەزىدە تۇرۇپ ئۇنى كۆرەلمىسەم يۈرىكىمنى بىر نەرسە تاتلىغاندەك بۇلۇپ ، چىدىمايدىغان بۇلۇپ قالاتتىم . بۇرۇن كۈندىلىك ئادىتىم مۇقام ئۈگۈنۈشكە بېرىپ ، ياشلار بىلەن تۇنۇشۇش ، مىللىتىمىزنىڭ ئېسل ئەنئەنىۋى مىراسلىرىنى ئۆگۈنۈش بولسا ئەمدىلىكتە بولغاندا ھەركۈنى پەرىدە ئولتۇرىدىغان كۆل بۇيىغا كىلىپ كىتاب ئوقۇيدىغان ، شۇ يەردە دەرس تەييارلايدىغان بۇلۇپ قالغانىدىم . مەن ئۇنىڭ تىللىشىدىن ، باشقىلارغا ئوخشاش مىنى قوغلاپ بىرنەرسىلەرنى ئېلىپ ئېتىشىدىن قورقۇپ خېلىلا يىراق ئولتۇراتتىم ، لىكىن خىيالىم ، كۆزۈم ئۇنىڭغا ئىدى ، ئۇ چوڭقۇر ئوي بىلەن يىراققا تىكىلىپ ، نىمىنىدۇر خىيال قىلىۋاتقاندەك ، خۇددى ساق ئادەملەردەك ئولتۇراتتى ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىلكىدە ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن -ئۇزۇن تىكىلىپ قاراپ كىتەتتىم . كۈنلەر بىر -بىرىنى قوغلاپ شۇنداق ئۈتۈشكە باشلىدى .
بىر كۈنى يەنە شۇ كۆل بۇيىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ، كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپتىمەن .
- تىرىشچان يىگىت ، نىمە كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۋاتىسىز ؟،-تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ يېقىملىق ئاۋازدىن ھۇدۇقۇپ كەينىمگە قاردىم . قارىدىميۇ ، چۆچۈپ قورقۇپ كەتتىم .ئارقامدا پەرىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى .
- <<چالىقۇشى >>دىگەن كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن ،-شۇنداق دەپ ئۆزەممۇ بىلمەيلا كىتابنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم ، ئۇ كىتابنى قۇلۇمدىن تارتىپ ئېلىپ ، قوپاللىق بىلەن ۋاراقلاشقا باشلىدى ، ھېلىلا ئۇنىڭ كىتابنى ماڭا قارىتىپ ئېتىشىدىن ، مىنى بىرنىمىلەرنى دەپ تىللاپ كىتىشىدىن قورقۇپ ئولتۇراتتىم ، ئۇ ئادەتتە ئوغۇللارنى كۆرسە تىللايتتى ، لىكىن بۈگۈن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى ، چىرايىدا شوخ كۈلكە بولۇپ ،،ئۇنىڭ چىرايىدا ساراڭلىقتىن ئەكىس سادامۇ يوق ئىدى ..... ھەيرانلىق كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قاراپ كەتتىم .
ئىچىمدە << پەرىنىڭ ئۆزىلا ئىكەنغۇ بۇ ... لىكىن بۈگۈن ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ ، كىسىلى ساقىيىپ كەتتىمۇ يا ... ياق ..ياق ...دوختۇرلارمۇ داۋالاپ ساقايتالمىغان كىسەل قانداقمۇ ئۆزلۈگىدىن ساقىيىپ كەتسۇن ...>>دەپ ئويلاۋاتتىم . ئۇ بىردىنلا كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك ۋىلىلىدە قىزىرىپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كىتابنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن پېتى كىتىپ قالدى .
شۇ كۈنىدىكى ئىش بۇلۇپ ، تۆت كۈنگىچە ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم ، كۆڭلۈم بىر نىمىدىن ئەنسىرەپ ، ھەم ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان باش -ئاخىرى يوق چىگىش خىياللار ئىلكىدە ئۆزەمنى يوقىتىپ قويدۇم . <<توۋا ...بۇ مۇمكىنمۇ ؟ مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ نىمە ؟؟ لىكىن بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ، ئۇ بەرىبىر ساراڭ تۇرسا ..مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمتى ؟! تېخى باشقىلار ئاڭلىسا مىنى زاڭلىق قىلغىلى ئاران تۇرا ...>>
ئۇنى ئۇچرىتالمىغاندىن كىيىن ئۆز -ئۆزەمگە مۇشۇنداق سۇئاللارنى قۇيۇپ ، خۇددى مەنمۇ ساراڭ بۇلۇپ قالغاندەك ئۆزەمنى يوقىتىپ قويدۇم ، ھەتتا ئىشتىيىممۇ تۇتۇلۇپ ، تاماق يىگۈممۈ كەلمەيدىغان ، دەرس سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىلىرىم ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ قويسا <<ساراڭ >>دەپ تىللاپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالغانىدىم .
ئاخىرى <<مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ كىلەي ، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىغاندۇ ؟>>دەپ ئويلاپ دەرسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا پەرىدەنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقىتىم ، باشقىلاردىن سوراپ -سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاسانلا تېپىۋالدىم، بەزىلەر ئۇنىڭ ئۆيىنى سورىغىنمدا بولسا چۈشنىكسىز ھىجىيىشىپ قۇياتتى . ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ يەنە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم . <<توۋا ، مەن راست ساراڭ بوپتىمەن . ئۇنىڭ دادىسىغا نىمە سەۋەبتىن كەلگەنلىكىمنى ئېيتىمەن ...مىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم شۇ تاپتا مىنى زاڭلىق قىلىپ ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگىچە كۈلىشە ...بولدى قايتىپ كىتەي ...>>شۇنداق خىياللار ئىلكىدە ئۆيگە كىرىش -كىرمەسلىك ئۈستىدە باشلىرىم قېتىپ كەتتى . ئاخىرى ئۆينىڭ ئالدىغىمۇ كىلىپ بوپتىمەن ..نىمە ئىش بولسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي >>دەپ قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئىشكنى ئۇرماقچى بولۇپ قۇلۇمنى تەككۈزۈپ تۇرىشىم بىلەن ئىشىك ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى . مەن بىر ئارقامغا -ئالدىمغا دەسسەپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ كەلدىم . ھويلا ئىچى پاكىز ھەم ئازادە ئىدى ، تېخى ھويلىدا ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بۇلۇپ ، بىر قارىغان كىشى ھەرگىزمۇ بىر ساراڭ قىزنىڭ ئۆيى دىسە ئىشەنمەيتتى . شۇئان كۆزلىرىم دېرىزىدىكى بىر سىماغا چۈشتى ،ئۇ -پەرىدە ئىدى . يۈرەكلىم ئويناپ خۇشاللىقتىن يۈزلىرىمگە كۈلكە تەپچىپ چىقتى . قارىۋىدىم ئۇ بىر ناخشىغا غىڭشىغاچ ، ئالدىنقى قېتىم مىنىڭدىن ئېلىۋالغان <<چالىقۇشى >>رومانىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئوقۇۋاتاتتى . ئالدىمغا ئەمدى ئىككى قەدەم ئېلىپ تۇرىشىم بىلەن ، ئارقامدىن ئىتنىڭ قاتتىق ئاۋازدا قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، چۆچۈپ كەتتىم ، پەرىدەمۇ تېزلا بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزە سىرتىدىن ماڭا قارىدى .كۆزلىرىم ئۇچراشتى ، ئوتلۇق كىرپىك ، شەھلا كۆزلەر ... دەماللىققا بىر -بىرىمىزگە تىكىلىپ قېلىشتۇق ..ئۇنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق ، كۈلۈمسىرەشكە ئوخشاش ئوماقلىق جىملىيىپ تۇراتتى .
-نىمە ئۆيگە كىرمەي ماراپ تۇرىسىز ؟
ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ھۇشسىزلىنىپ كەتكەن بەدىنىمگە قايتا جان كىرگەندەك ، خۇددى ئۇزۇندىن بېرى ۋىسالىغا يىتەلمەي ئەمدىلا شىرىن لەززەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۇرىۋاتقان ئادەمدەك خۇشاللىقتىن تىلىم گەپكىمۇ كەلمەي قالدى . ئۇ مىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى ، بىز خېلى ئۇزۇنغىچە تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشىپ شۇنداق خۇشال ئولتۇردۇق . ئىچ -ئىچىمدىن قىن -قىنىمغا پاتماي قالغانىدىم ، <<ئۇ ئوڭشىلىپتۇ ، ئۇ ساقىيىپتۇ !>>دىگەن سۆزلەر بەدىنىمدىكى ھەربىر ھۈجەيرىلەرنىڭ قات -قېتىغا سىڭىپ كىرمەكتە ئىدى .
ياتاققىمۇ كەلدىم ، دېرىزەمدىن ماراپ تۇرغان تۇلۇنئايغا نىمىنىدۇر پىچىرلاپ ئۆز خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەۋاتتىم
<<رەھمەت ساڭا تەڭرىم ، پەرىدە ساقىيىپتۇ . مۆجىزە يۈز بىرىپتۇ ...ساڭا كۆپتىن -كۆپ تەشەككۈر !!>>
ئەتىسە مەھەللىنىڭ ھەممە يېرىدە <<ساراڭ قىز ساقىيىپتۇ ، پەرىدە ساقىيىپتۇ !>>دىگەن سۆزلەر تارقىلىپ يۈرەتتى .
ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى . پەرىدە ساقايغانىدى ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا ساقىيىپ كىتىشى مەھەللىدىكى ھەممە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى . مەن يەنە دەرسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇلۇپ كۆل بۇيىغا بېرىپ كىتاب كۆرگەچ ئولتۇردۇم . كۆڭلىمدە نىمىنىدۇر ، كىمنىدۇر ساقلايتتىم ، خۇددى بىرسى بىلەن ئۇچرىشىشقا كىلىشىپ قويغاندەك پات -پات كەينىمگە ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ قۇياتتىم . بىر چاغدا كۆزلىرىم چاقناپ كەتتى ، يۈرەكلىرىم ئۇزۇندىن بېرى ئىزدەۋاتقان قىممەتلىك نەرسەمنى تاپقاندەك ھاياجانغا چۆكمەكتە ، تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز شادلىق تۇيغۇسىغا جۆر بولغانىدى ، پەرىدە كەلدى ، يېنىمدا ئولتۇرۇپ ماڭا قىزىق -قىزىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى ، مەنمۇ مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپ ئۇنى كۈلدۈردۈم .شۇندىن بىرى بىز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق ، سىرداشتۇق ، مۇڭداشدۇق...ئاللىقانداق ئىچكى سىرلىرىمىزنى بىر -بىرىمىزگە ئېيتىپ كەلگۈسى توغۇرلۇق پىكىرلەشتۇق ...
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى ، كامرانمۇ لەۋلىرىنى چىشلەپ پۇشايمان ئىلكىدە قالدى ، ئەسلىدە مۇشۇ ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىكە كامران سەۋەپچى بولغان بۇلۇپ، يۇقىرغا ئەرىزقىلغانمۇ ۋە تۆھمەت گەپ تاپقانمۇ دەل -كامران ئىكەندۇق ، مانا ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئالللىبۇرۇنلا كىچىككەن ئىدى .. چۈنكى پەرىدە بىلەن ئىككىمىزنىڭ دوستلىقى ئاللىبۇرۇنلا چوڭقۇرلىشىپ مۇھەببەتكە ئۇلىنىپ بولغان ئىدى ....يۈرەكلىرىم بىر مەزگىل ئازاب -ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان بۇ ناتىۋان قىزنى بەخىتلىك قىلىشقا ئۈندەيتتى ...