تولىمۇ بېخىل بىر ئادەم بار ئىكەن ، ھەتتا ئۆزىنىڭ يەپ – ئىچىشىگىمۇ ھەم بېخىللىق قىلىدىكەن . دائىم يېرىم ئاچ – يېرىم توق ھالدا يۈرىدىكەن . بىر كۈنى ئۇنى زىياپەتكە تەكلىپ قىپتۇ . داستىخاندا ئۇ ئۆمرىدە كۆرمىگەن نازۇ نېمەتلەر قويۇلغانىكەن . بىكارلىق تاماق تېشىپ چىقماس ، دەپ قورسىقىنى تازا تويدۇرۇپتۇ ، ئەمما ئاشقازىنى بۇنداق كۈچلۈك ۋە كۆپ تاماققا كۆنمىگەچكە ، ھەزىم قىلالماپتۇ . بېخىلنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ بېرىپتۇ . ئاخىرى تېۋىپ چاقىرىپتۇ :
- ئاشقازىنىڭنى تېزدىن بوشاتمىساق ئۆلىسەن ، - دەپتۇ تېۋىپ .
- ياق تېۋىپ ! ئۆلسەم ئۆلەي ، لېكىن يېگەن تامىقىم قورسىقىمدا تۇرسۇن . مەن بۇ قەدەر لەززەتلىك تاماقتىن ۋاز كېچەلمەيمەن ، - دەپتۇ بېخىل .
يەنە بىر بېخىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ، تېۋىپ ، كېپەك بىلەن داۋالاپتۇ . كېپەكتىن شىپا تاپماق بېخىل ئەمدى ئەھلى ئائىلىسىنى ھەم كىپەك يېيىشكە مەجبۇرلاشقا باشلاپتۇ .
- قاراڭلار ، ھەم ئەرزان ، ھەم شىپا . ماڭا ئوخشاش ، نان ئۇرنىغا كىپەك يېسەڭلار ، دەردتىن خالاس بولىسىلەر ، - دەيدىكەن ئۇ