ئىدارە باشلىقى، بوغالتىر ۋە بۆلۈم باشلىقى ئۈچى ئۆزلىرىنىڭ ئېغىرلىقلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولۇشۇپ گىر تۈۋىگە كېلىشتى.
كۆپ سالا – سۇلا ۋە تەۋازۇ بىلەن ئىدارە باشلىقى 1 – بولۇپ گىرغا چىقتى:
— ۋاھ، 95 كىلوگرام، باشلىق، سىز نېمىدىگەن سېمىز – ھە؟
بوغالتىر بىلەن بۆلۈم باشلىقى ‹‹سېمىزلىك دېگەن ئۇنداق ياخشى، مۇنداق ياخشى، سېمىزلىك دېگەن دۆلەت،
ئامەت...›› دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ئۇنى ماختىشىپ كېتىشتى. گىرغا 2 – بولۇپ بۆلۈم باشلىقى چىقتى.
ئۇ بويى ئېگىز بولغان بىلەن ئورۇق، ئاۋاق بولغاچقا، ئاران 58 كىلوگرام كەلدى. بوغالتىر بىلەن ئىدارە باشلىقى
ئىككىسى ئۇنى ‹‹دان يېمىگەن توخۇ...›› دەپ بىرھازا مازاق قىلىشتى. نۆۋەت ئەمدى بوغالتىرغا كەلگەنىدى،
ئۇ گىرغا بوينىنى باغلىغاندەك چىقتى، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ باشلىقنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى
ئۈمىد قىلاتتى. ئەپسۇس، ئۇ گىرغا چىقىشى بىلەنلا، گىرنىڭ چوكىسى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
— 110 كىلوگرام.
— بۇ گىر ساختا ئىكەن، مەن ئۇنداق ئېغىر كەلمەيتتىم...
بوغالتىر كېكەچلىگىنىچە ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆزىگە قارىدى. شۇ تاپتا ئىدارە باشلىقى بىلەن بۆلۈم باشلىقى ئىككىسى
كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە گىرغا قاراپ قېلىشقانىدى. بىر چاغدا ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆزلىرىدىن يالت – يۇلت قىلىپ،
بىر خىل سوغۇق نۇر چاقناپ ئۆتتى