ئالتە ياشلىق تۇغلۇق بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن، ئانىسى راھىلە بىلەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا چىقتى.
ئاپتوبۇس قوزغىلاي دېگەندە 20 نەچچە ياشلاردىكى تۆت – بەش بالا ئاپتوبۇسقا بىر – بىرى بىلەن چاقچاقلاشقان پېتى چىقىپ كەلدى.
— ۋاي خۇدايىم، ئۆزۈڭ پاناھىڭدا ساقلىغايسەن! – دېدى راھىلە يانچۇقلىرىنى سىيلاپ، ئۇنىڭ يانچۇقىدا 2000 يۈەندەك
پۇل ۋە بانكا كارتىسى بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە تاماكىنى قىڭغىر چىشلىۋالغان بۇ بالىلارنىڭ تۇرقىدىن ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ
ھەممىسى ئەنسىزلىككە چۈشكەنىدى، چۈنكى كۆڭلىكىنىڭ ئالدى ئوچۇق بۇ بالىلاردىن گۈپۈلدەپ ھاراق ھىدى كېلىپ تۇراتتى.
ئاپتوبۇس ئالاھازەل تۆت سائەتلەردىن كېيىن كەڭسايغا كىردى. راھىلە ئۇخلاپ قالغان تۇغلۇقنىڭ يوتقانلىرىنى يېپىپ
تۈزەشتۈرۈۋېتىپ، ئالدى – كەينىگە ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى. ھېلىقى ‹‹لۈكچەك››لەرنىڭ ئىككىسى ئۇنىڭ
يېنىدا دېگۈدەك پاراڭ سېلىشىپ تۇراتتى.
‹‹بۇ لەنىتىلەر تېخىچىلا ئۇخلىماپتا؟ ئۇلار چوقۇم يولۇچىلارنىڭ يانچۇقىنى كولايدۇ، شۇڭا ئۇخلىماسلىقىم كېرەك،
غەيرەت قىلاي... ›› دەپ ئويلىدى راھىلە پوپايكىسىنىڭ يانچۇقىنى سىيلاپ تۇرۇپ. بىر چاغدا تۇغلۇق ئويغاندى.
— ئانا، ئۇسساپ كەتتىم.
— مانا سۇ، بالام، – راھىلە سومكىسىدىن مىنېرال سۇنى ئالدى ۋە تۇغلۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى.
— ئانا، يېنىمدا ياتقىنە، قورقۇۋاتىمەن.
— ئوغۇل بالىمۇ قورقامدۇ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سەن بىلەن بىر ئاپتوبۇستا تۇرسام، قورقىمەن دېگەن
گەپنى قىلساڭ قاملىشامدۇ، بالام؟
— ئاتامچۇ، ئانا؟ ئۇ ئەتە كەينىمىزدىن كېلەمدۇ؟
— شۇنداق. ئاتاڭ ئەتە بىر ئاغىنىسىنىڭ پىكاپىغا چۈشۈپ كەينىمىزدىن ئۈرۈمچىگە بارىدۇ، – دېدى راھىلە يەنە تۇغلۇقنى ئالداپ.
تۇغلۇق سۇ ئىچىپ بولۇپ، ئانىسىغا چىڭڭىدە چاپلىشىپ ئۇخلاپ قالدى. بىر چاغدا ئاپتوبۇس قاتتىق
سىلكىندى، ئاپتوبۇس ئىچى ۋارقىراش – چىرقىراشقا تولدى، ئۈستۈن كارىۋاتتىكى بىر نەچچە يولۇچى ئاستىغا
‹‹گۈپ›› قىلىپ يىقىلىشتى. ئاپتوبۇس قىڭغايغان پېتى يولدىن چىقىپ، يانباغرىدىكى چۆللۈككە كىرىپ كەتتى ۋە
‹‹گۈپ›› قىلىپ ئوڭ يېنىغا ئۆرۈلدى. كىشىلەر ئەنسىزلىك ئىچىدە چىرقىراشماقتا ئىدى.
— تۇغلۇق، بالام نەدە سەن؟
— ئانا، مانا مەن.
راھىلە بالىنى يېنىغا تارتىپ باغرىغا چىڭ باستى. راھىلە نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما
ھايات قالغانلىقىغا بارغانچە ئىشىنىۋاتاتتى. بايىقى بالىلارنىڭ بىرى مۇشتۇمى بىلەن يان ئەينەكنى ئۇرۇپ چاقتى
ۋە يۇقىرىغا چىقتى، ئۇنىڭ ھەمرالىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن چىقىپ كەتتى. بايىقى يىگىت يۇقىرىدا تۇرۇپ راھىلەنى چاقىردى:
— ئاچا، ئەكىلىڭ قولىڭىزنى... ياق، ئاۋۋال ئوغلىڭىزنى ماڭا بېرىڭ.
راھىلە قورقۇپ كەتكەن ئىدى، شۇ تاپتا جان قايغۇسىدا قىستىلىشىپ يۇقىرىغا يامىشىۋاتقان كىشىلەر ئۇنى نەچچە
قېتىم چەتكە سىقىپ چىقىرىپ تاشلىدى. ئۇ بالا قولىغا تاش ئېلىپ باشقا بىر دېرىزىنى چاقتى، راھىلە تۇغلۇقنى
ئېگىز كۆتۈردى ۋە يۇقىرىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋالغان بالىغا سۇندى. ئۇ بالا يەنە بىر ئاغىنىسىنى چاقىرىپ،
راھىلەنىمۇ تارتىپ چىقاردى.
راھىلە بالىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ رەھمەت ئېيتاي دەپ تۇرۇشىغا، ئوغلى چوڭۇلداپ سۆزلىدى:
— ئانا، ئانا، ئاۋۇ ئاكاشلار ھەممىدىن بۇرۇن چىقىپ مېنى، سېنى يەنە ئاۋۇ بوۋا، مومىلارنى تارتىپ چىقاردى.
ئۇلار بەك باتۇر ئىكەن – ھە، ئانا؟
— شۇنداقكەن، بالام، – دېدى راھىلە يىگىتلەرگە قاراپ يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ. بۇ چاغدا ئۇ،
ئۇ يىگىتلەر توغرىسىدىكى بايىقى ئويلىرىدىن خىجىل