|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
مەلۇم بىر مىليونېر داچىسىنىڭ كەينىگە بىر گۈللۈك ئېچىپتۇ ۋە باشقىلارنىڭ گۈللۈككە كىرىپ قالايمىقان قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەم ئېگىز ھەم قېلىن قورشاۋ تام ياسىتىپتۇ . باھار كەلگەندە گۈلزارلىقتىكى خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ھىدى ھەممە ياققا تاراپتۇ ، بۇنىڭ بىلەن بىر توپ كىچىك بالىلار قېلىن تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ گۈللەرنى ئوغرىلاپتۇ ، دەپسەندە بولۇنغان گۈللەرنى كۆرگەن مىليونېرنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ . بۇ چاغدا مىليونېرنىڭ بىر ئاغىنىسى ئۇنىڭغا بۇ تامنى چېقىۋېتىش توغرىلىق نەسىھەت قىپتۇ ، بۇنى ئاڭلاپ بۇ مىليونېرنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ ، مۇشۇنچە قېلىن تام ئۇششاق بالىلارنى توسالمىغان تۇرسا ئەگەر تامنى ئۆرۈۋەتسەم ماڭا جان كېرەك ئەمەسمۇ ؟ تامنى ئۆرۈۋەتكەنلىك ئوغرى بۇلاڭچىلارنى مال – مۈلكۈمنى ئوغرىلاشقا باشلاپ كەلگىنىم ئەمەسمۇ ! دەپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ دوستى كۈلۈپ كېتىپتۇ : قارىغىنە بىر توپ ئۇششاق بالىلارنى توسالمىغان بۇ تام ئەجەبا ئوغرى – قاراقچىلارنى توسىيالارمۇ ؟ دەپتۇ . مىليونېر گەپ قىلالماي قاپتۇ ، ئويلاپ باقسا بۇ سۆزنىڭمۇ داۋلىسى بار ئىكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستىنىڭ گېپىگە كىرىپ بۇ تامنى چېقىپ تاشلاپتۇ . ئويلىمىغان يەردىن قورشاۋ تام چېقىپ تاشلانغاندىن كېيىن گۈللۈكتىكى گۈللەر دەپسەندە قىلىنمايلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىدىكى چىرايلىق گۈللەرنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويۇپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مىليونېر گۈزەللىكنى باشقىلارغا تەقدىم قىلىپ تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىككە ئېرىشىپتۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپتۇ . مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بىر توپ بۇلاڭچىلار مىليونېرنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ ، دەل شۇ ۋاقىتتا بۇ گۈللۈكتە ئارام ئېلىۋاتقان بىر تىلەمچى تەرىپىدىن بايقىلىپ قاپتۇ ۋە شۇ تىلەمچى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بۇ بۇلاڭچىلار قولغا چۈشۈپتۇ ، مىليونېرنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىمۇ شۇ ئارقىلىق ئامان قاپتۇ . «ئۆزىنى پېچەتلەش » كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ، ئەمما بۇ ئۇسۇل دائىم كىشىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى كۆرۈشىدىن ئايرىپ قويىدۇ ، شۇڭا ، بەزى ئىشلاردا « قېلىن قورشاۋ تام سېلىپ سېپىل قۇرۇش » تىن ئىشىكنى ئېچىۋەتكەن تۈزۈك ، نۇرلۇق قۇياشتىن باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىڭ شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مېھرىگە ئېرىشەلەيسىز . |
كۆرۈلۈشى:496 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/18 16:26:48 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|