تېخى يېڭىلا بالامنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ ئىشخانىغا كېلىپ تۇرۇشۇمغا يان يېلىفۇنۇم ئەنسىز سايراپ كەتتى ، قارىسام بۇ ئوغلۇمنىڭ مۇئەللىمىنىڭ نومۇرى ئىكەن ، تېلىفۇننى ئېلىشىمغا ئۇ مېنىڭ مەكتەپكە كېلىپ كېتىشىمنى ئېيتتى ، تۇيۇقسىز كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزچىلىك قاپلىۋالدى ،تېخى يېڭىلا ئۇنى ئاپىرىپ قويغان ئىدىم ، يەنە كېلىپ بۇ خەنزۇ مۇئەللىم بىرەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئاسانلىقچە ئائىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتمايتتى ... تىت – تىتلىق ئىچىدە بۆلۈم باشلىقىمىزغا ئېيتىپ قويۇپ بالامنىڭ مەكتىپىگە قاراپ چاپتىم.
يولدا كېتىۋاتىمەن ، كاللامدا ئاللىقانداق خىياللار كەزمەكتە ئىدى ، بالام يىقىلىپ چۈشكەنمىدۇ ياكى قىزىپ قىلغانمىدۇ ؟ ئەتىگەننىڭياقىغۇ ناھايىتى ياخشى ، ناشتىلىقنىمۇ ئوبدان يېگەن ، ياكى ... ئانا دېگەن ھەممە نېمىگە چىدايدىكەن ئەمما بالىغا چىدىمايدىكەن ،شۇ تاپتا قانىتىم بولغان بولسا ئۇچۇپ بېرىپ بالامنى كۆرگەن بولسام ئەنسىزلەنگەن كۆڭلۈم جايىغا چۈشەر بولغىيمىدى -،ھە ؟
مانا مەكتەپكىمۇ كەلدىم ، ئوغلۇمنىڭ سىنىپى بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئەڭ ئىچكىرىدىكى سىنىپ ئىدى ، يۈگۈرۈپ دېگۈدەك سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، كېلىپ تۇرۇشۇمغا بالامنىڭ :« - ئاپا ! » دەپ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ، بالام كارىدورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تازىلىق ئۆيى تەرەپتىن چىقىپ كېلىۋاتاتتى ، جىددىيچىلىكتە ئۇنىڭ پاكىزە يۇيۇلغان مەڭزىنىڭ ئىششىپ قالغانلىقى ھېس قىلدىم ، ئۇ مېنى كۆرۈپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى .
بالامنى بەزلىگەچ ئۇنى قۇچىقىمغا ئالدىم ، گەرچە ئۇ يەتتە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئېرىم ئىككىمىز يېشىمىز خېلى بىر يەرگە بارغاندا پەرزەنت يۈزى كۆرگەچكە بەزىدە ئۇنى ھەقىقەتەن ئەتىۋارلاپ قالاتتۇق ، بالامنىڭ سول مەڭزىدىن سىرغىپ ئېقىۋاتقان سۇس قان تېخىچە توختىمىغانىدى ، ئۇنىڭغىچە بالامنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىر يەردىن چىقىپ كەلدى ۋە ماڭا :
- كەچۈرۈڭ ، بالىلار سىنىپتا ئوينىشىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن جۈرئەتجاننىڭ يۈزىگە ساۋاقدىشىنىڭ تىرنىقى كىرىپ كېتىپتۇ ،مەن ئۇ ئوقۇغۇچىغا تېگىشلىك تەربىيە بەردىم ، بالىنى ئېلىپ كېتىپ دوختۇرغا كۆرسىتىپ باققان بولسىڭىز ، يۈزى ياللۇغلىنىپ قالمىسۇن ، مەن ئاپىراي دېسەم سىنىپتا يەنە نۇرغۇن بالىلار مېنىڭ دەرس ئۆتۈشۈمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ، شۇڭا سىزگە تېلىفۇن قىلغان ئىدىم ، بالىڭىز چۈشتىن كېيىن دەرسكە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ ، دوختۇرغا كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيدە ياخشى ئارام ئېلىپ ئەتە كەلسىمۇ بولىدۇ دېدى .
مەن مۇئەللىمگە يا ئاچچىقلىنىشىمنى يا كۈلۈمسىرەپ قارىشىمنى بىلەلمىدىم ، گەرچە ئۇنىڭدا خاتالىق بولمىسىمۇ ، بالىلارنىڭ كۈندە ئۇرۇش – تالاش قىلىپ يەنە دوست بولۇپ ئوينايدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما بالامنىڭ بارغانسېرى ئىشىپ كېتىۋاتقان سول مەڭزىگە قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى ، .ئۆزۈم ئالىي مەلۇماتلىق بىر زىيالىي بولساممۇ ، بىر ئانا بولساممۇ ئەمما مۇئەللىمنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بالامنىڭ يۈزىگە « تىرنىقى كىرىپ كەتكەن » شۇ بالىنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى ، بەلكىم ئىچىم ئاچچىق بولىۋاتقان بولسا كېرەك ، مەن يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىپ بالىنى يېتىلەپ سىرتقا قاراپ ماڭدىم ، مۇئەللىم تېز – تېز قەدەملەر بىلەن بىزنى ئۇزىتىپ چىقتى ، بىز كارىدورنىڭ ئالدىدا مۇئەللىم بىلەن سوغۇقلا خوشلاشتۇق ، بالام تېخىچە ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى .
مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە بالامنىڭ مۇئەللىمى تېلىفۇندا جىددىي تەلەپپۇزدا سۆزلەشكىنىچە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ كەتتى ، مەن بالىنى ئېلىپ ئاپتوبۇس بېكىتى تەرەپكە مېڭىشىمغا بالام :
-ئاپا ، مېنىڭ يۈزۈمنى چىشلىۋالغان شاھزاتنىڭ ئاپىسى ، ئۇ دائىم مەكتىپىمىزگە كېلىدۇ ، مەن ئۇنى تونۇيمەن ،قارا ، ئۇلارنىڭ ماشىنىسى دېدى .
قارىسام مۇئەللىم ئۇ ئايالغا قاراپ بىر نېمىلەرنى سۆزلەۋاتاتتى ، مەنغۇ بالام چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە بالا ئارىسىغا كىرىپ باققان ئايال ئەمەس ، گەرچە شۇ تاپتا بالامغا ئىچىم ئاغرىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ھېسىياتىمنى ئوغلۇمدىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قالدىم ، تۇيۇقسىز بالام :
-ئاپا ، بولدى ، قايتىپ كېتەيلى ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، ئۇنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ئىكەن بىز بەرىبىر ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيمىز ...
بالامنىڭ مەيۇس چىرايىغا قاراپ ئۆزۈمنى بىر مەغلۇبىيەتچىدەك ھېس قىلىپ قالدىم ، ئەجىبا بىز چوڭلار ئارىسىدىكى باشلىقلارنى « ئەزىزلەش » مانا بالىلىرىمىز ئارىسىدىمۇ ...