ھېكايە )
ئابدۇللا ئابدۇرېشىت ئاتەش
1
— ھوي، چالا بوغۇزلانغان كالىدەك باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرماي، ماشىنا كىراسىغا پۇل بەرسىلە دېدىم سىلىگە، يۇرتۇمغا كېتىمەن. تېۋىپ ئېرىم بار دەپ تۆت بۇلۇڭىدىن بوران ھۇۋلايدىغان بۇنداق ۋەيرانە كەپىدە ئولتۇرۇۋەرمەيمەن ئەمدى. چوڭ شەھەرنىڭ راھىتى مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا...
— ۋاي – ۋۇي، ئەجەب ئاچچىقلاپ كەتتىڭلار، قولۇمغا ئازراق پۇل چۈشسە، ئوبدانراق ئۆيدىن بىرنى ئىجارىگە ئالارمىز. كىچىك ناھىيەمىزدە ھەممە ئادەم مېنىڭ تېۋىپ ئەمەسلىكىمنى بىلىدىغان تۇرسا، خەق تونۇمايدىغان مۇشۇنداق چوڭ شەھەردە جان باقمىساق، نەدە جان باقىمىز؟ قېشىمغا كېسەل كۆرسەتكىلى ئادەم كەلمەيۋاتسا، قانداق پۇل تاپىمەن؟ سىلىمۇ قارىغۇنى يارغا قىستاڭ دېگەندەك ئىش قىلىدىكەنسىلە، ئادەمنى تەتۈر قىيناپ.
— ئۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق، مەن ھازىر پۇلنى تونۇيمەن، يا پۇل بېرىلا، ھېيتلىق كىيىم ئالىمەن، يا بولمىسا ماشىنا كىراسىغا پۇل بېرىلا، يۇرتۇمغا كېتىپ ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن. ئىككىسىنىڭ بىرسىگە تۇرىلا.
— يەنە بىر ھەپتە ساقلاپ تۇرۇڭلا، قولۇمدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىگە دورا ئېلىۋېتىپتىمەن، شۇنى ساتسام ئاندىن...
— نېمە؟ دورىلىرى سېتىلغىچە ساقلامدىمەن؟ كىم ئالىدۇ ئادەمگە شىپا قىلمايدىغان ئۇنداق دورىلىرىنى، شۇڭىمىغۇ خەقلەر سىلىنى ‹‹ توختەك يالغان ›› دەيدۇ.
— ئەستەغپۇرۇللا، سىلە خوتۇنۇم تۇرۇپ مۇشۇنداق دېسەڭلا، خەق نېمە دەيدۇ مېنى...
2
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن راست تەلەيلىك جۇمۇ، ئۆيدە باركەنلا ياخشى، ھى... ھى... ھى...
— كېچىدە ئۆيدە ئولتۇرماي نەگە باراتتۇق، سىلىگە ئوخشاش ھېلى ئۇ يەردە، ھېلى بۇ يەردە يۈرۈيدىغان مايمۇن بولمىساق – يا...
— ھى... ھى... ھى... ئەجەب گەپ قىلدىلا دوختۇر، مايمۇنغا ئوخشىتىپ ئادەمنى...
— شۇنداق بولماي ئەمىسە، يانچۇقىڭلارغا ئازراق پۇل كىرسە قاراڭلىنىمۇ كۆرسەتمەيسىلە ئەمەسمۇ.
— مەن... مەن...
— ھە نېمە بولدى؟ كېكەچلەپ قالدىڭلىغۇ؟
— مەن...
— نېمە بولدى سىلىگە توختاخۇن، كانىيىڭلىغا پۇل قاپلىشىپ قالدىمۇ – يا؟
— ھى... ھى... ھى... يە... يەنە گەپتە چېقىۋالغلى تۇردىلا. كانايغا قاپلىشىپ قالغۇدەك پۇل بولغان بولسا، بۇ كېچىدە سېلىنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلمايتتىم. شۇ...
— يانچۇق قۇرۇق بولۇپ قالدى شۇنداقمۇ؟
— يا ئاللاھ، ئەجەب دانا ئادەم جۇمۇ سىلە، كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالدىلا! ھى... ھى... ھى...
— دېمەك ئەمدى ماڭا ھاجەتمەن بولۇپ قالدىڭلا شۇنداقمۇ؟
— شۇ... شۇنداق، دورىلار قولۇمدىن چىقىپ كەتسىلا سىلىگە رەھمىتىم بار ئەلۋەتتە. خاپا بولماي پېقىرغا بىر ياردەم قىلىپ قويسىلا دوختۇر، بىر ئايدەك بولدى، خەقلەر مەندىن دورا ئالمايۋاتىدۇ.
— سىلىچە شۇنداق قىلساق بولارمۇ؟
— بولمايدىغان نېمىسى بار، پۇل دېگەن ھەممە ئادەمگە لازىم تۇرسا. مەنپەئەت بولسا ئەلۋەتتە سېلىگىمۇ بولىدۇ، ھى... ھى... ھى...
— بۇ قېتىم قايسى دورىنى ساتاي دەۋاتىسىلە؟
— ئەمدى شۇ، ئەمدى... قىش كەلدى ئەمەسما، شۇڭا ‹‹ شىپائىي زىققى شەربىتى ›› ، ‹‹ شىپائىي ئۆپكە مەلھىمى ›› ، ‹‹ شىپائىي بۆرەك كومۇلىچى ›› دېگەنگە ئوخشاش دورىلارنى ياساپ تەييارلىغان. بولۇپمۇ، ‹‹ شىپائىي بۆرەك كومۇلىچى ›› دېگەن دورا ئامېرىكىنىڭ دورىلىرىدىن قېلىشمايدىغان ئېسىل دورا دېسىلە...
— شۇنداقمۇ؟ ئۇ دوراڭلار ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ قويمايدىغاندۇ؟
— خاتىرجەم بولسىلا دوختۇر، مەن سىلىگە دېسەم ‹‹ شىپائىي زىققا شەربىتى ›› نى ھەرقانداق ئادەم ئىچسە بولۇۋېرىدۇ، زىيانمۇ، پايدىمۇ قىلمايدۇ. ‹‹ شىپائىي ئۆپكە مەلھىمى ›› نى غەربچە ياسالغان دورىلارنى سوقۇپ تالقان قىلىپ، مەلھەم ياسىغان، يېيىش مىقدارى غەربچە دورىلارنىڭ مىقدارىدىن كۆپ ئەمەس...
— سىلىنىمۇ بوش چاغلىمىساق بولغۇدەك توختاخۇن. بۇ دوراڭلارنىڭ باھاسىچۇ؟
— دوختۇرخانا، دورا شىركەتلىرىنىڭ باھاسىدىن قىممەت – دە! چۈنكى كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قانچە پۇلغا ساتسام سېتىۋېرىمەن شۇ...
— مۇنداق دەڭلا، ‹‹ شىپائىي بۆرەك كومۇلىچى ›› دېگەن دورىچۇ؟
— ئۇنى توشقان زەدىكى، ئوغرى تىكەن، بۇغا مۈڭگۈزى، قۇچقاچ مېڭىسى قاتارلىق بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلاردىن ياسىدىم، شۇڭا ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ...
— كۈچى يوق دەڭلا. ئۇنداق بولسا مەيلى ئەمىسە. لېكىن...
— ھەر ئايدا سىلىگە بېرىدىغان چاي پۇلى بار تېخى.
— شۇنداقمۇ؟ ئاخىرى مېنى قىلتاققا چۈشۈردىڭلا توختاخۇن.
3
— ھوي ئادەم؟
— ھە، نېمە بولدى؟
— ما...
—قويۇپ قوي.
— سوۋۇپ قالىدۇ، پېتىرمانتا!
— ھوي گاس خوتۇن، قويۇپ قوي دېدىمغۇ ساڭا! ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ!
— ئىسسىقىدا يەۋېلىپ ئاندىن...
— ماۋۇ ئاغرىقلار ساقلاپ تۇرامدا؟ غەرەز ئۇقمايدىغان. ھە، ئاكا، قېنى يېقىنراق كەلسىلە، تومۇرلىرىنى كۆرۈپ باقاي. مانا، مانا، سىلىدە زىققى كېسىلى باركەن ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە...
— راست تاپتىلا، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەممۇ زىققى كېسىلى دېگەنىدى...
— قۇلاقلىرىنى يېقىن ئەكەلسىلە، كېچىسى كىچىك تەرەتكە تولا چىقىدىكەنلا، مەزلۇملىرىغا مىجەزلىرى بوشكەن...
— يائاللا، ئەۋلىيامۇ سىلى ئۇكام، تومۇر تۇتۇپلا ھەممە كېسىلىمنى بىلىۋالدىلىيا؟
— ئاللاھ خالىسا كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ، دورا بېرەمدىمەن قانداق؟
— ماقۇل ئۇكام، ماقۇل، دورا بەرسىلە!
— مانا ماۋۇ بىر بولاق دورا، زىققا كېسىلىنىڭ، پۇلى 57 يۈەن، ماۋۇسى مەزى بېزى كېسىلىنىڭ 523 يۈەن، ئەمما سىلىگە 400 يۈەنگە بېرىمەن .
— بۇ... سەل قىممەت بولۇپ قالدىمۇ – قانداق؟
— ئەسلىي 500 نەچچە يۈەنلىك دورا ئىدى، سېلىنى دېھقان ئىكەن دەپ 100 يۈەن ئەرزان بەردىم، بۇ دېگەن ئېسىل دورا، زورلاپ ساتمايمەن ئاكا. ‹‹ شىپائىي بۆرەك ›› دېگەن بۇ دورا پاكىستان، ھىندىستان،شىزاڭلاردىن كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك خۇرۇجلاردىن ياسالغان دېسىلە.
— يېنىمدا ئاران 300 يۈەن بار ئىدى ئۇكام، بولسىغۇ...
— شۇنداقمۇ؟ 300 كويدىن ئارتۇق پۇل يوق دېسىلە، گەپلىرى ئوچۇق، تۈز كۆڭۈل ئادەمكەنلا، بوپتۇ قېنى ئالسىلا، كېمىنى ماڭا خۇدايىم بېرەر...
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىلە توختاخۇن تېۋىپ بولامدىلىكىن؟
— شۇنداق، مەن شۇ. قېنى كەلسىلە ئۇكام.
— مەمەت دوختۇر ماۋۇ دورىنى سىلىدە بار دېگەنتى شۇڭا...
— قېنى ئولتۇرۇڭ. ئەۋۋەل تومۇرىڭىزنى تۇتۇپ باقاي، تىلىڭىزنى چىقىرىڭا، ۋاي – ۋۇي، بەدىنىڭىزنى سوغۇق چىرمىۋاپتۇ ئەمەسمۇ، توي قىلغىلى ئۈچ ئاي بولدى دېدىڭىزما؟ ئۇنداق بولسا تېخىمۇ چاتاق ئۇكام...
— شۇنداق ئاكا، دورا يېسەم ساقىيارمەنمۇ؟
— ساقىيىدۇ، نى – نى كېسەللەرنى ساقايتىدىغان دورا بار تۇرسا بىزدە. لېكىن ئۇكام پۇل كۆپرەك كېتىدۇ، كام دېگەندە ئۈچ ئاي دورا يېمىسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ...
— بىر ئايلىق دورىنىڭ پۇلى نەچچە بولىدۇ؟
— كام بولغاندا 900 يۈەن بولىدۇ.
— كېسەل ساقىيىدىغانلا بولسا مەيلى پۇل كەتسىمۇ، بۈگۈن 1000 يۈەنگە كالا ساتقان ئىدىم، بىر ئاي يەتكۈدەك دورا بەرسىلە ئەمىسە.
— لېكىن ئۇكام ئۈچ ئاي تولۇق دورا يېمىگۈچە بۇ دورىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆرەلمەيسىز جۇمۇ، يەنە بىر گەپ، دورا يەۋاتقان مەزگىلدە ئاچچىق – چۈچۈك نەرسىلەرنى يېسىڭىز بولمايدۇ، دورا تۈگىگەن ھامان يەنە كېلىپ دورا ئالىسىز...
4
— توۋا خۇدايىم، توۋا.
— ھە نېمە بولدى ساڭا؟ توۋا دەپ ياقاڭنى چىشلەيسەنغۇ؟
— ساقىلىڭغا ئاق سانجىغان چاغدىمۇ يالغان سۆزلەۋاتساڭ توۋا دېمەي ئەمىسە.
— كىمگە يالغان سۆزلەپتىمەن؟
— بايا دورا ئالغان دېھقانغا يالغان سۆزلىدىڭلىغۇ؟
— نېمە دەيدۇ ما خوتۇن، يالغان سۆزلەپ نېمە دېدىم مەن؟
— ھوي ئەھلى مۇسۇلمان، 30 يۈەنگە تەييار بولغان دورىنى 900 يۈەنلىك دورا دەپ خەقنى ئالداپ پۇلىنى ئالدىلىغۇ؟ بۇ يالغانچىلىق بولماي نېمە؟ بېشىڭلىدا مەن قاراپ تۇرسام، ئىنساب بارمۇ؟
— ئاغزىڭنى يۇم، ۋالاقتەككۈر! نېمە دەپ جۆيلەۋاتىسەن؟ پۇل تېپىپ سېنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگۈنۈم گۇناھ بولدىمۇ ئەمدى؟
— بىچارە ئاغرىقلارنى ئالداپ تاپقان پۇلنىڭ ماڭا كېرىكى يوق! سېپى ئۆزىدىن ئالدامچى تۇرۇپ، ئۆزىنى تېۋىپ دەيدۇ تېخى! دەپ باقسىلا قېنى، سىلە قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان؟ گەپ قىلمامدىلا، كۆزلىرىنى ئوغرى مۈشۈكنىڭ كۆزىدەك پارقىرىتىپ تۇرىدىلىغۇ؟
— تولا كاپشىما! ھۇ دۈشمەن خوتۇن!...
— گېپىم يېغىرلىرىغا تەگدىمۇ؟ سىلە ماڭا شاللىرىنى چېچىپ ۋارقىرىمىسىلا، بولمىسا يالغان تېۋىپ ئىكەنلىكلىرىنى خەلقىئالەم ئالدىدا ئاشكارىلايمەن، سېلىنىڭ دورىلىرىنى يەپ ئۆلۈپ كەتكەن ئايشەمخاننىڭ ئىشىنىمۇ دەيمەن تېخى، مېنى دۈشمەن دېگەنگە تويغۇزۇپ قويماي يەنە...
— سىلە دېگەن ناۋات خوتۇن، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسىلە، دۈشمەن دەپ قويغانغىلا دۈشمەن بولۇپ قالامتىڭلا، بولدى قىلىڭلا مەن بىلەن ئۇرۇشۇۋەرمەي، سىلە دېگەن مېنىڭ جېنىم...
— ۋاي شىلامچى، ئەمىسە قىشتا كىيگىلى يولۋاس تېرىسىدىن تىكىلگەن پەلتۇ ئالىمەن جۇمۇ؟
— ماقۇل خوتۇن، پۇل بېرەي! سىلىگە بەرمەي كىمگە بېرەتتىم ئۇ پۇلنى، سېلە ئۈچۈنلا پۇل تاپىدىغان تۇرسام...
— ئەجەب ئوبدان ئادەم جۇمۇ سىلى، بايا مەن دېگەن گەپلەرنىكۆڭلۈڭلىگە ئالماڭلا، مەنمۇ سېلىنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ دېگەن شۇ...
— بىز دېگەن ئەر – خوتۇن تۇرساق، ئۇ گەپكە رەنجىسەم بىر ئۆيدە تۇرغىلى بولامدۇ؟
— راست دېدىڭلا، دادىسى، قانداق بولۇپ سىلىگە كۆرۈنىدىغان كېسەللەر كۆپىيىپ قالدى؟ بۈگۈن تاماق يېگىلىمۇ چولىلىرى تەگمىدى – يا؟
— بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىلە؟
— بىلگىم كەپ قالدى شۇ...
— پۇلنىڭ كۈچى بولمامدۇ!
— قايسى پۇلنىڭ؟
— مەمەت دوختۇرغا ئايدا بېرىدىغان 1000 يۈەننىڭ...
— ئاغرىقلارنى مەمەت دوختۇر ئەۋەتىپتىكەن – دە.
— بولمىسا كېسەل كېلەمدۇ قېشىمغا؟
— يەڭ ئىچىدە سودا قىپتىكەنسىلە ئەمىسە؟