|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
بىر دادىنىڭ 3ياشلىق قىزىغا يازغان خېتى
|
|
|
قىزىم : بۇ يىل سىز ئۈچ ياشقا ، مەن 33 ياشقا كىردىم ، ئالدىڭىزدا نۇرغۇن ئۇزاق يول ۋە مۇساپىلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ، ھاياتلىقىمنىڭ داۋامى سۈپىتىدە سىزنىڭ مەڭگۈ تىنچ - ئامان ئۆتۈشىڭىزنى ۋە بەختلىك ياشىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن . مەن بەخت ئىلاھىنىڭ تولىمۇ پىخسىق كېلىدىغانلىقىنى ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ئۇنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلىمەن . بىراق مەن يەنىلا سىزنىڭ ئەنە شۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر قاتارىغا كىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . مەن بىلىمەن ، سىزنىڭ چىرايىڭىز ئادەتتىكىچە ، بەك سەتلەردىنمۇ ئەمەسسىز ، مۇھىمى سىز ئەقىللىق . مېنىڭچە بەخت ئىشىكىنىڭ سىز ئۈچۈن تاقاق بولۇشى ناتايىن ، گۈزەل چىراي ئەلۋەتتە ئايال ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ، ئەمما ئۇنىڭ شۇ ئايالنى مەڭگۈ بەختلىك قىلالىشى مۇقەررەر ئەمەس . مېنىڭچە بىر ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى ئەقلىي ۋە ئېسىل مىجەزىدىن كېلىدۇ . خۇددى رۇسىيىلىك بىر مۇتەپەككۇر ئېيتقاندەك : < ئادەم چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن چىرايلىقتۇر >> ، مەن ئويلايمەن ، پەقەت سىز ئەقىللىق ، ئوڭلۇق بولسىڭىزلا كەلگۈسىدە گۈزەل ئاياللاردىن بولالايسىز . بەخت ئىشىكىمۇ سىز ئۈچۈن داغدام ئېچىلىدۇ . دادىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەلگۈسىڭىزنىڭ بەختلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ، ئاياللار ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەقىقىي مۇنەۋۋەر ئايالنى ئەرلەرلا ئەمەس بەلكى ئاياللارمۇ ياخشى كۆرىدۇ . ھەر قانداق بىر ئايالدا ئادىمىيلىك پەزىلەت ئۇرغۇپ تۇرغاندىلا ئاياللارچە سېھرىي كۈچمۇ تەڭ خۇشپۇراق چاچىدۇ . ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم قانداق بولىدۇ ؟ بۇنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى مېنىڭچە پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ئۆمرىدە بىرەر ئىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش . ئىنسان ھاياتى تولىمۇ چەكلىك ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ زېھنىي كۈچىمۇ چەكلىك بولىدۇ . شۇڭا چەكلىك ھاياتتا بىرەر ئىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشنىڭ ئۆزىمۇ ئاسان ئەمەس . كىشىلىك ھايات ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسى ، بۇ سەھنىدە رىقابەتمۇ كەسكىن بولىدۇ . رىقابەت مەڭگۈ ئەمەلىي كۈچنىڭ سېلىشتۇرمىسى ، ئەمەلىي كۈچ مۇۋاپىق بولغاندىلا ماھارەتنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ . بۇ خۇددىي بوكس مۇسابىقىسىدە ئوخشاش دەرىجىدىكى ماھىرلارنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا ئوخشايدۇ . بىلىمسىز ، نادانلار كىچىككىنە ماھارىتى ، ئەقلىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ يۈرىۋېرىدۇ . قىزىم ، سىز كەلگۈسىدىكى رىقابەتكە تولغان ھاياتىڭىزدا بىر نۇقتىنى يەنى ئەمەلىي كۈچنىڭ رىقابەتتە غەلىبە قازىنىشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى ، شۇنىڭدەك قەدىر - قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇشنى مەڭگۈلۈك تۇرمۇش پرىنسىپى قىلىشنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . ھاياتلىق رەھىمسىز ، مەن دائىم سىزنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىشىڭىزنى ئويلىغىنىمدا سىزدىن ئەنسىرەيمەن . بۇنىڭغا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ . بۇ پەقەت ئۆزىڭىزگە باغلىق ، سىز ئۆزىڭىزنى كۈچلەندۈرەلىسىڭىزلا ئۇڭۇشسىزلىق ئالدىدا باش ئەگمەيسىز ياكى مۈرىڭىزنى چىقىرىپ قويۇپ ئۆتكۈزۈۋېتەلەيسىز . بەلكىم مەن سىزدىن بەك چوڭ ئۈمۈد كۈتكەندىمەن ، بۇ پەقەت سىزنىڭ يارىماس ئاياللاردىن بولۇشىڭىزنى خالىمىغانلىقىم ، كەلگۈسىدە ئاجىزلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈندۇر . سىز چوڭ بولغاندا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە مۇيەسسەر بولىسىز . ھەتتە نىكاھ مەسىلىسىگە دۇچ كېلىسىز . بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى تولىمۇ مۇرەككەپ مەسىلە ، ئەمما مەن سىزنىڭ ئەقلىڭىز بىلەن ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن . ئىشنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولسا ئۇ بەختكە ئېلىپ بارىدۇ ، ئەكسىچە بولغاندا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ . بىر ئادەمنى سۆيۈش بەخت ، سۆيۈلۈشمۇ بىر بەخت ، ئامما بۇ بەختنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال چوقۇم سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئۆگىنىۋېلىش زۆرۈر . شۇڭا مېنىڭ سىزگە ئېيتىدىغىنىم سۆيۈشنى ، سۆيۈلۈشنى ۋە ئايال بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . مۇھەببەت گۈلى نازۇك ، يۇمران ، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق پەرۋىش قىلىشى ۋە كۆيۈنۈشىگە مۇھتاج ، شۇنداق بولغاندىلا مۇھەببەت گۈلى مەڭگۈ توزىمايدۇ . بۇرۇنقىلار << ئاخىرى چىقىدىغان تۇنجى مۇھەببەت يوق >> دەپ توغرا ئېيتقان . بۇنىڭ سەۋەبى تۈنجى مۇھەببەتلەشكەن قىز - يىگىتلەرنىڭ سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەنلىكىدە . شۇنىڭدەك تۈنجى نىكاھلانغان ئەر - خوتۇنلارنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئەر بولۇش ياكى ئايال بولۇشنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكىدە بولسا كېرەك . ئاخىرى چىقمىغان نىكاھ قورقۇنچلۇق ، ئەمما توي قىلماسلىق تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ، توي قىلىش بەلكىم سىزنى پۇشايمانغا قالدۇرار ، ئەمما توي قىلماسلىق سىزنى تېخىمۇ ھەسرەتكە قويىدۇ . كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئازابلىق ئىش سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە پېتىنالماسلىق . شۇڭا باتۇرانە ياشاڭ ، مانا بۇلار دادىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتماقچى بولغان يۈرەك سۆزلىرى .
سىزنى سۆيۈپ دادىڭىزدىن .
|
كۆرۈلۈشى:1237 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-8 0:33:06 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|