نەچچە كۈن ئىلگىرى پويىزدا ستوكھولمغا ماڭدىم. بۇ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىت بولۇپ، ۋاگوننىڭ چىرىغى ئەتراپنى خىرە يورۇتۇپ تۇراتتى. سىرت قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن بولۇپ، بەزى يولۇچىلار خورەككە كېتىشكەنىدى. مەن سۈكۈتتە پويىز چاقىنىڭ رېلىسقا ئۇرۇلغاندا چىقارغان ئاۋازىغا قۇلاق سالدىم.
شۇ تاپتا، مەن ستوكھولمغا ئىمتىھان بېرىشكە بارغان چېغىمنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ چاغدا، ماڭا كىتاب ئورىگىناللىرىنى كۆتۈرۈپ كىتاب سودىگەرلىرىنى ئىزدەش تولىمۇ تەسكە چۈشكەنىدى. ئەمما، بۇ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا كېتىپ باراتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى يەنىلا ئازادە ھېس قىلالمايۋاتاتتىم. قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يەنىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇشاللىقىم ھۆكۈم سۈرەتتى. دوستلىرىم، قېرىنداشلىرىم، بولۇپمۇ ياشىنىپ قالغان ئاپام چوقۇم خۇشال بولاتتى. مەن شۇنداق كۆڭۈللۈك ئىشلارنى خىيال قىلىش ئارقىلىق، روھىمدىكى ئارامسىزلىقنى تۈگىتىشكە تىرىشاتتىم.
مەن ئىختىيارسىز دادامنى ئەسلىدىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بارغۇم، ئۇنىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىمنى ئېيتقۇم كەلدى. شۇنىسى ماڭا ئايانكى، ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسا ھەممىدىن بەك خۇشال بولاتتى. ئۇ مەن بىلىدىغانلار ئىچىدە ئەدەبىياتنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئادەم ئىدى.
پويىز ئايلانغان بولسا كېرەك، پىكىر – خىياللىرىم ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى جەننەتكە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. خىيالىم يەنە داۋام ئېتەتتى: دادام بالكوندىكى تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتاتتى. ئىللىق قۇياش ئۇنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈككە ئايانماي نۇر چاچاتتى. قۇشلار يېقىملىق سايرىشاتتى. دادام مېنى كۆرۈپ، ئوقۇۋاتقان كىتابىنى قويۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئاندىن:
ئوھۇي، قىزىم، نېمىشقا قايتىپ كەلدىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى.
مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئالدىراپ ئېيتمىدىم.
مەن قاتمۇقات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتىم، دېدىم ئۇنىڭغا، بۈگۈن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئاڭلاي دەپ كەلدىم.
مەن بەلكىم سىزگە ياردەم قىلالماسلىقىم مۇمكىن، دېدى دادام. جەننەتتە ھەممە نەرسە بار، لېكىن پۇل يوق.
مەن پۇلغا قەرز ئەمەس، ئەمما سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن سىزنى دەپ قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان قەرزگە بوغۇلدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا سىز ماڭا بېرماننىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ بەرگىنىڭىز، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاندېرسوننىڭ چۆچەكلىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىڭىز ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەنە شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مەن قەرزگە بوغۇلغان. بىلەمسىز، بۇ ناخشا ۋە چۆچەكلەر مېنىڭ خىياللىرىمغا قانات بولدى، قەھرىمانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم، بىز ياشاۋاتقان بۇ ئانا زېمىنغا مۇھەببەت باغلىدىم، قېنى ئېيتىڭا، مەن بۇ قەرزلەرنى قانداق قايتۇرىمەن؟
دادامنىڭ قەددى رۇسلىنىپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىدى. ئاندىن:
مەن سىزنىڭ شۇنداق قەرزگە بوغۇلغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇشال، قىزىم! دېدى.
لېكىن، دادا، بۇ قەرزلىرىمنىڭ ئازلا بىر قىسمى. يەنە تېخى كۈنلىرىنى كۈلپەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان سەنئەتكارلار، ئالدىراش دېھقانلار، خۇشال ماتروسلار، ئۇلار مېنى ئىجادىيەت ماتېرىيالى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۇلار ماڭا گۈزەل شېئىرلارنىڭ كىتابتىلا ئەمەس، يېزا – قىشلاقلاردا، ئېگىز بىنالاردا، دېڭىز – ئوكيانلاردا، مىغ – مىغ ئادەملەر ئارىسىدىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن ئادەملەرگىلا قەرزدار ئەمەس، بەلكى ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا، بۇلۇتلارغا، تاغلارغا، دېڭىزلارغا، ئۇچار قۇش ۋە ھايۋاناتقا، ئىشقىلىپ، ماڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرغان، شېئىرىي ئىلھامىمنى قوزغاتقان، قەلەم قۇۋۋىتىمنى بىلىگەن، تەپەككۇرۇمنى ئويغاتقان تەبىئەتكىمۇ قەرزدار.
دادام ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ئازراقمۇ جىددىيلەشمىدى.
دادا، سىز چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ مېنىڭ بۇ قەرزلەرنى قانداق قايتۇرالايدىغانلىقىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا، سىز ماڭا ئەقىل كۆرسەتكەن بولسىڭىز.
بۇنىڭمۇ ئامالى بولۇپ قالار، دېدى دادام ماڭا بۇرۇنقىدەك تەسەللى بېرىپ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بالام، ھەر قانداق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.
بىراق، دادا، مېنىڭ قەرزلىرىم بۇلا ئەمەس، تىلىمىزنى تاۋلاپ گۈزەللەشتۈرگەن ئۇستازلارغا، مەندىن بۇرۇن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان تەسىرلىك شېئىرلارنى يازغان شائىرلارغا، چەت ئەللەردىكى ئەدەبىيات پېشۋالىرىغا قەرزدارمەن. قېنى ئېيتىڭا، مەن بۇ قەرزلەرنى يەنە قانداق قايتۇرىمەن؟
شۇنداق، شۇنداق، دېدى دادام، قەرزىڭىز ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ئەمما بۇلارنى قايتۇرۇشنىڭمۇ چوقۇم ئامالى بولىدۇ.
مەن بۇنداق قارىمايمەن، دادا، سىز چوقۇم ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەرزىنى قانداق قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز. ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ماڭا ئىلھام – مەدەت بولدى، ئۇلارنىڭ ئورۇنلۇق تەكلىپ – پىكىرلىرى ماڭا مەنپەئەت بەردى. ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بولمىغان بولسا، مەن قانداقمۇ يازغۇچى بولالايمەن؟
شۇنداق، شۇنداق، دېدى دادام، لېكىن بۇچاغدا ئۇنىڭ چىرايىدا سەل جىددىيلىشىش، قەرزلەرنى قايتۇرالماسلىقىمدىن ئەنسىرەۋاتقاندەك ئالامەت ئەكس ئەتتى.
مەن يەنە ئىلگىرى ماڭا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگىمۇ قەرزدار، ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ، مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئەدەبىيات قەسىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان، دوستلىرىم ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ مەشھۇر تاغلارنى، ئاسار ئەتىقىلەر ۋە كونا جايلارنى ساياھەت قىلدۇرغان، نەشرىيات سودىگەرلىرى كىتابلىرىمنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت ئىشلىگەن. مەن بۇلارغىمۇ قەرزدارمەن. ئېيتىڭا، بۇ قەرزلەرنى يەنە قانداق قايتۇرىمەن؟
دادام بېشىنى تۆۋەن سالدى، چىرايىدا ئامالسىزلىق ئەكس ئەتتى.
شۇنداق قىزىم، مەنمۇ سىزگە قانداق ياردەم قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. لېكىن، مېنىڭچە، سىزنىڭ يەنە باشقا قەرزلىرىڭىز يوقمۇ؟
ھە، راست، دادا، مەن قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ قەرزنى تېخى سىزگە ئېيتمىدىم، دېدىم ۋە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم.
بۇنداق بولۇشىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن.
دادام چىرايىمغا قاراپ، گېپىمنىڭ راست – يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماقچى بولدى. ئارقىدىنلا يۈزىدىكى قورۇقلار تىترەشكە، كۆزلىرىدە مەرۋايىتتەك ياش تامچىلىرى ئەگىشكە باشلىدى.
مېنى مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلەرگە، ئاخىرىدا بۇ مۇكاپاتنى ماڭا بېرىشنى قارار قىلغانلارغا يەنە قانداق جاۋاب قايتۇرىمەن؟ دادا، ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگىنى شان – شەرەپ ۋە مۇكاپات پۇلىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، ماڭا بولغان يۈكسەك ئىشەنچ. ئۇلار مېنى نۇرغۇن ئەدىبلەر ئارىسىدىن تاللاپ چىقتى. مەن بۇ قەرزنى قانداق قايتۇرىمەن؟
دادام بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن كۆز يېشىنى سۈرتتى، تەۋرەنمە ئورۇندۇقىنى نوقۇپ تۇرۇپ:
قىزىم، جەننەتتىكى كىشىلەرنى بەك ئەقىللىق چاغلاپ كەتمەڭ، راستىمنى ئېيتسام، مەن شۇ تاپتا سىزگە ياخشىراق بىرەر ئامال تېپىپ بېرىشكە ئامالسىزمەن. لېكىن، ھازىر سىزنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چاغدىكى خوشاللىقىڭىزغا غەرق بولۇپ كەتتىم. ئارتۇق ئىشلارنى ئويلاشقا ھەقىقەتەن ئامالسىزمەن...
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى