يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەممىمىز كۆز ئالدىمىزىكى رېئاللىقتا بىر سەپتە، بىر خىل مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ھايات مەنزىرىسى نەزىرىمىزدىن يىراق ئەمەس. بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە بەزىلەر دىققەت قىلغان، بەزىلەر تازا دىققەت قىلالمىغان، بەزىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىچىگە تىنىشقان، بەزىلەر پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆزىنى يۇمۇشقان. بەزىلەر كۆزنىڭ ئىنكاسىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن بەزى ۋايساشلار ئەخمەقلىق بولۇپ تۇيۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى ھازىرقى رېئاللىق، تەرەققىيات، چېكىنىش، مەدەنىيلىشىش ۋە ياتلىشىش توغرىسىدا خېلى كۆپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ توغرا تەۋسىيىلەر بىزگە رېئاكسىيە بېرىۋاتامدۇ قانداق؟ ئەيتاۋۇر نۇرغۇن ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كەتكىلى تۇردى. بىر ئۇلۇغ زاتتىن: «تەكەببۇرلۇق نېمە؟» دەپ سورىسا، «ھەق سۆزنى تەن ئالماسلىق ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئۇنداقتا بىزگە مەسلىھەت، ھەق تەۋسىيىلەرنىڭ تەسىر قىلمايۋاتقانلىقى بىزدىكى بىمەنە تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ؟
مەن يەنە ئەنئەنە، مەدەنىيلىشىش، ياتلىشىش ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن مەقسەت كۆزىمىزدىن ياتلىشىپ مىللىي خاسلىقىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار، ياخشى ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بەزى ئېزىقىشلار ئارقىلىق ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن ئەينەك كۆتۈرۈش. ئۇقمايمەن، قارىغۇنىڭ شەھىرىدە ئەينەك كۆتۈرۈپ ماڭسا خورلۇققا قالغاندەك، بەزىلەرنىڭ قاراڭغۇ قەلب ئۆڭكۈرىگە ئەينەك كۆتۈرۈپ كىرىمەن دەپ، ناكەسلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرارمەنمۇ؟
«ياتلىشىش»نىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، بىر خىل نەرسىدىن ئىككىنچى خىل نەرسىگە ئۆزگىرىپ كېتىش، ئەكسىگە قايتىش مەنىسىنى بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يىراقلىشىش، ئايرىلىش دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بېرىدۇ. ھازىرقى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئىزدىنىشى ئۈچۈن يوچۇق ئېچىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ياتلىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: ئاڭنىڭ ياتلىشىشى، بۇنى گېگىل:«ئاڭ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى ياتلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى بىر خىل ئوبيېكتقا ئايلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا ماركس ئالدى بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئەمگەكچىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن، ئەمگەك جەريانىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەك ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ۋە بېسىمغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدا خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلماستىن، ئەمگەكتىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان روھىي ھالەت. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئادەم ماھىيىتىنىڭ ياتلىشىشى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياتلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشى، ئېتىقادنىڭ ياتلىشىشى، جىنسىي ياتلىشىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ياتلىشىشنىڭ بىرقانچە تەرىپى بولىدىكەن. بىرى، پاكلىنىش ۋە تەرەققىيات خۇسۇسىدىكى يېڭىلىنىش، يەنە بىرى، بۇلغىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆز- ئۆزىنى دەپنە قىلىش. يېڭىلىنىش ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، بىرى كونا، قالاق، قاتمال، مەنىۋى زەئىپلىك قاتارلىق مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىللەتلەردىن پاكلىنىش بىلەن مىللەتنىڭ شان- شەرىپىگە، مەۋجۇتلۇقىغا، تەرەققىياتىغا، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلغار ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار مەدەنىيەت ئامىللىرىنى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر خىل يۈزلىنىش، ئاللىبۇرۇن باشقىلار سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەت- چاۋالارنى قوبۇل قىلىۋېلىپ ئۆزىنى بۇلغاش. بىزدە ھازىر ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاز، قالاق، قاتمال، چۈشكۈن، خۇراپىي ئەنئەنىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاش كۆپرەك. چەت ئەلنىڭ ئىلغار قىممەتلىك ئېڭىنى، مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى قوبۇل قىلىش ئازراق، ئۇلار ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلىرىنى، تۈكۈرۈۋەتكەن تۈكۈرۈكلىرىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، مىللىتىمىز-
نىڭ مىللىي روھىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى بۇلغاش، مىللىي خاسلىقىمىزنى بارا- بارا دەپنە قىلىش كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ.
مەدەنىيلىشىش بىلەن تەرەققىيات تۇرمۇشقا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ ھەرگىز ئەنئەنىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى قالاق ئەنئەنىلەردىن يۈرەكلىك ۋاز كېچىش، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىش تەرەققىي قىلىش ئەمەس، بەلكى بارا- بارا ئۆزىنى ئۇتتۇرۇش بىلەن باراۋەر. ياخشى ئەنئەنىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت چوقۇم يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە پارلاق ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت. بۇ ئەنئەنە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى، ئېتىقادى، ئېستېتىك ئېڭى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ئارىسىدا بارا- بارا مۇكەممەللىشىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كاتېگورىيىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر خەلقى شۇنى چۈشىنەتتىكى، ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتتى. ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت قىپيالىڭاچ قۇرۇق گەۋدىگە ئايلانغان تىرىك جەسەتكە ئوخشايتتى.
ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلقنىڭ ئورتاق بىر ساداسى شۇكى، ھازىرقى خېلى كۆپلىگەن ياشلاردا غەرب مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشى بىر خىل ئومۇمىيلىققا ئايلانماقتا. بۇنداق ياتلىشىش يالغۇز ئىدېئولوگىيە جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مىللىي قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەتتا بىز شۇنداق ھادىسىلەرنى بايقىدۇقكى، جىنسىي ئەركىنلىك تەشەببۇسلىرىمۇ بىر قىسىم نادان ياشلىرىمىزنى سېھرى جادۇسىنىڭ تەسىر تورىغا چۈشۈرۈۋېلىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقىنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتىدۇ. ھايانىڭ ئورنىنى ھاياسىزلىق ئىگەللىگىلى تۇردى. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ياتلىشىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە مۇنداق بىر قانچە تىپىك ئەھۋالنى مىسال قىلىپ بېرەي:
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىدە توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىراق ھازىر ئەڭ ياخشى، گۈزەل ۋە ھايا ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىلغار ئەنئەنىمىزنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزگە قەتئىي مۇناسىپ كەلمەيدىغان يات بىر ئادەتلەر دەسسىۋالدى.
ئۇيغۇرلاردا بالىلارنىڭ سۈننەت تويى بىر بالىنىڭ يەتتە ياشقا كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا بۇ بالىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەش مۇراسىمى. بۇ تويدا قازان ئېسىپ يۇرتقا ئاش بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەخت- سائادەتلىك، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، ھازىر ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇرۇق سۆلەتۋازلىقى بىلەن بۇ مەسۇم بالىلارنىڭ بەخت- ئىقبالى توغرىسىدىكى تىلەكلەر رېستوراندىكى ھاراق- شاراب، مەستلىك- نەسلىك، قالايمىقان كۈلكە- چاقچاق ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.
بىر قېتىم مەن بىر زۆرۈرىيەت بىلەن مەلۇم بىر رېستورانغا باردىم. بۇ يەردە بىر بالىنىڭ سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانىكەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، رىياسەتچى بىلەن توي ئىگىسى سەھنىگە چىقىپ توينىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان چاغدا ئۇ ھەر ئىككىسى قولىدا لىق مەي تولدۇرۇلغان رومكىلارنى تۇتۇشۇپ ئاجايىپ دەبدەبە، ھەيۋەت بىلەن بالىنىڭ بەخت ئىقبالىنى ۋە ئىستىقبالىنى تىلەشتى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياتلىشىش بولامدۇ؟
بۇرۇنقى قىز- يىگىت تويىدا ئاۋۋال قىزنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، ئەتىسى ئىككى ياشنىڭ بىرىنچى كېچىنى ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىك شەرىپىگە ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە توي بېرىلەتتى. ئەتىسى قىزنىڭ يۈزى ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن سىمۋوللۇق ھالدا يۈز ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قىز كىشىلەرگە يۈزىنى كۆرسىتەتتى. ئەگەر ئالىمادىس قىزدا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالغان بولسا، ئەتىسى قازان ئېسىلمايتتى. بۇ ئەنئەنە ئىنتايىن قائىدىلىك، تەرتىپلىك، ئەھمىيەتلىك ئىدى. ھازىر بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە، قىزنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن يۆتكەپ كېلىپ، ئاۋۋال كوچا- كوچىلارنى سازايى قىلدۇرىمىز، ئاندىن رېستورانغا ئېلىپ بېرىپ ئۇسسۇلغا، تانسىغا سالىمىز، ئاندىن تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىمىز. بۇ ھازىر قىزلارنىڭ يۈزى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ بولغانلىقىنىڭ سىمۋولىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يوشۇرۇن پاجىئەمۇ بار. ئوغۇلغا توي شادلىقى دەپ كۆپلەپ ھاراق ئىچۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ بىرى قىزنىڭ ھەقىقىي پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىنى بىلىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، ئەگەر شۇ مەستلىكتە بالا بولۇپ قالسا، ئۇ بالا چوقۇم مۇكەممەل ئادەم بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. بۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەكقۇ، دەيمەن.
[1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] [8] [9] [10] [11] [12] [13] [14] [15] [16] [17] [18] [19] [20] [21] [22] [23] كېيىنكى بەت