Article Center - ماقالە مەركىزى - دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى-تېرە قەغەزنىڭ بىرىنچىسى

بۈگۈن، مەن يىڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن.
بۈگۈن، مەن مەغلۇبىيەتنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن تولغان قاداقتىن قۇتۇلىمەن.
بۈگۈن مەن بۇ دۇنياغا باشقىدىن تۆرىلىمەن،مەن ئۈزۈمزارلىقتا تۇغۇلىمەن، باغدىكى ئۈزۈملەرگە ھەرقانداق ئادەم ئېغىز تېگەلەيدۇ.
بۈگۈن، مەن ئەڭ ئېگىز، ئەڭ باراقسان تەكتىن ئەقىل-پاراسەتنىڭ مېۋىسىنى ئۈزىمەن، بۇ ئۈزۈم تەكلىرىنى نەچچە ئەۋلاد ئەقىلدارلار تىككەن.
بۈگۈن، مەن شىرنىلىك ئۈزۈمگە ئېغىز ئۈزۈمگە ئىغىز تىگىمەن. يەنە ھەربىرتال مۇۋەپپەقىيەت ئۇرۇقلىرىنى يۇتۇۋېتىمەن، يېڭى ھاياتلىق يۈرىكىمدە بىخ سۈرسۇن.
مەن تاللىغان يولدا ياخشى پۇرسەتلەر كۆپ، يەنە ئاچچىقى - چۈچۈكىمۇ بار. مەغلۇبىيەتنىڭ ھەمراھلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىر يەرگە يىغىدىغان بولساڭ، ئېھرامدىنمۇ ئېگىز بولۇ] كېتىدۇ.
لېكىن، مەن ئۇلاردەك مەغلۇپ بولمايمەن، چۈنكى مېنىڭ قولۇمدا يول كۆرسەتكۈچ قىبلىنامە بار، دولقۇنلۇق دېڭىزلاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ، ئارزۇيۇمدىكى قىرغاققا يېتەلەيمەن.
مېنىڭ كۈرەشلىرىمدىن ئەمدى مەغلۇبىيەت كۆرۈنمەيدۇ. مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب دېگەنلەر ئەمدى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن يوقىلىدۇ. مەغلۇبىيەت بىلەن مەن ئوت بىلەن سۇدەك كېلىشەلمەيمىز. ئۇلارنى ئىلگىرىكىدەك قوبۇل قىلالمايمەن، مەن ئەقىل - پاراسەتنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىمەن. مول ، ساغلام، خۇشاللىق بېغىغا قەدەم قويىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىلگىرىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىمدىن ئېشىپ چۈشتى.

ئەگەر مەن مەڭگۈ ياشىغان بولسام، ھەممە نەرىسنى ئۆگىنىۋالغان بولاتتىم، لېكىن مېنىڭ ھاياتىم مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇڭا مەن چەكلىك ھاياتىمدا چىداملىقنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك، . چۈنكى، تەبىئەت ھېچقاچان ئادەمنىڭ رايىغا باققان ئەمەس، ھەممىگە قادىر تەڭرى دەرەخلەر پادىشاھى - زەيتۇن دەرىخىنى يۈز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياراتقانكەنمەن، لېكىن باش پىياز قىسقىغىنە توققۇز ھەپتىدىلا قۇرۇپ قالىدۇ. مەن ئىلگىرىكى باش پىيازدەك تۇرمۇشتىن قوتۇلىمەن دەرەخلەر پادىشاھى - زەيتۇن دەرىخى بولىمەنم رېئال تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئۇلۇغ مالساتقۇچى بولۇپ چىقمەن.
بۇ مۇمكىنمۇ؟ مەندە يا چوڭقۇر بىلم يا مول تەجرىبە يوق. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، مەن بىر مەزگىل نادانلىق ۋە مىشچانلىقنىڭ پاتقىغا پېتىپ يۈردۇم. جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: مەن قانداقتۇر بىلىم ۋە تەجرىبە دېگەنلەرنى ئۆزۇمگە يۈك قىلىۋالمايمەن.. تەڭرى ماڭا يېتەرلىك بىلىم ۋە ئىقتدار بەرگەن، بۇخىل تالانىت باشقا جانلىقلاردا كەمدىن - كەم بولىدۇ. تەجرىبىنىڭ قىممىتى ئادەتتە بەك كۆپتۈرۈلىۋېتىدۇ. ئادەم قېرىغاندا تۇتۇرۇقىسز گەپلەرنى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، تەجرىبە ھەقىقەتەن بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. بىرلا يامان يېرى، ئۇنىڭغا ناھايتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. كىشلەر ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشكەندە بولسا، ئۇنىڭ قىممىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقىلىدۇ ياكى ئازلاپ بارىدۇ. نەتىجسى كۆپىنچە شۇنداق بولىدۇ، مول تەجرىبىگە ئىگە بولغاندا، ئادەمنىڭمۇ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلغان بولىدۇ. تەجرىبە بىلەن ئادەت بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك، مەلۇم دەۋرىگە ماس كەلگەن ھەرىكەن بۈگۈنمۇ ئۇنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
پەقەت پرىنسىپلا ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ. مەن ھازىر بۇ پرىنسىپلارغا ئىگە بولدۇم، مېنى مۇۋەپپقىيەت يولىغا باشلايدىغان بۇ پرىنسىپلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر نەچچە پرچە تېرە قەغەزگە يېزىلغان. ئۇ ماڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنڭ يولىنىلا ئەمەس، يەنە مەغلۇبىيەتتىن قانداق ساقلىنىشنىمۇ ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، مۇۋەپپەقىيەت بىر خىل روھى ھالەت. مۇۋەپپەقىيەتكە نىسبەتەن ھەركىمىنىڭ ئۆزئالدىغا كۆز قارشى بولىدۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتنىڭ ئەزەلىدىن بىرلا چۈشەندۈرۈشى بولۇپ كەلگەن: مەيلى ئۇ قانداق نىشان بولسۇن، مەغلۇبىيەت - بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى شۇ نىشانغا يېتەلمەسلىكى دېمەكتۇر.
ئەمەلىيەتتە ، مۇۋەپپقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ئوخشاش بولمىغان ئادەتتىن كەلگەن. ياخشى ئادەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى، ناچار ئادەت مەغلۇبىيەتكە ئۇلۇغ ئېچىلغان ئىشىك. شۇڭا، مېنىڭ بىرىنچى ئىشىم، ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش.
كىچىك ۋاقتىمدا مەن ھېسسىياتقا تاينىپ ئىش قىلىپ كەلدىم، ھازىر چوڭ بولدۇم، ئەمدى ئۇنداق تەنتەكلىكنىڭ ئورنىغا ياخشى ئادەتنى دەسىتىمەن. مېنىڭ ئەركىن خاراكتىرىم ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەكىللىنىپ قالغان ناچار ئادەتكە بويسۇنۇپ كەلدى. ئۇلار مېنىڭ ئىستىقبالىمغا تەھدىت سالماقتا. مېنىڭ ھەرىكىتىم سىناپ بېىقىش، ھېسيات، بىر تەرەپلىمە قاراش، ھەۋەس، مۇھەببەت، ۋەھىمە، مۇھىت ۋە ئادەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ يامىنى ئادەت، شۇڭا ، ئادەتنىڭ قۇلى بولۇش توغرا كەلسە ياخشى ئادەتنىڭ قولى بولۇشۇم كېرەك، ناچار ئادەتلەردىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇقلارنى سېلىىشىم كېرەك. مەن ياخشى ئادەتنى يېتىلدۇرۇپ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشم كېرەك.
بۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس. قانداق قىلغاندا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ مۇشۇ تېرە قەغەزلەرگە تايانغاندىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەربىر پارچىسغا بىر پىرىنىسىپ خاتىرىلەنگەن، ئۇ ناچار ئادەتنى يوقىتىپ، ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ. سېنى ئالغا يېتەكلەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلايدۇ، بۇمۇ تەبىئىي قانۇنىيەت ، پەقەت بىر خىل ئادەتلا يەنە بىرخىل ئادەتنى چەكلىيەلەيدۇ، شۇڭا ئۆزۈم تاللىغان يولدا راۋان ئىلگىرىلىشىم ئۈچۈن چوقۇم شەكىللەندۈرۈش زۆرۈر بولغان بىرىنچى ئادەت:
تېرە قەغەزنىڭ ھەربىر پارچىسىنى 30 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇش، ئاندىن كېيىنكىسىگە ئۆتۈش.
سەھەر تۇرۇپ ئىچىدە ئۇقۇش؛ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئىچىدە ئوقۇش، كەچتە ئۇخلاشتىىن ئاۋۋال يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇش.
ئەتىسىدىكى تەرتىپمۇ شۇ بويىچە داۋاملىشىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە30 كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىككىنچى تېرە قەغەزنى كۆرسەڭ بولىدۇ. ھەربىر پارچە تېرە قەغەزنى ئوخشاش ئۇسۇلدا 30 كۈن ئوقۇش كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇلار بىر خىل ئادەت بولۇپ قالىدۇ.
بۇ ئادەتلەرنىڭ قانداق ياخشى تەرىپى بار؟ ئۇنىڭ ئىچىدىن ئىنسانىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى يوشۇرۇنغان. مەن ھەركۈنى بۇ سۆزلەرنىڭ تەكرارلىغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ مەنىۋى پائالىيتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ روھىيتىمىگە سىڭپ كىرىدۇ، ئۇ بىر سىرلىق دۇنيا، ھەرىكەتتىن مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قوزغايدۇ، مېنىڭ ھەرىكىتىمگە ئاستا- ئاستا تەسىر قىلىدۇ.
تېرە قەغەزدىكى پۈتۈن مەزمۇنلارنى روھيىتىم تولۇق قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن ھەركۈنى تولۇپ-تاشقان ھاياتىي كۈچ بىلەن ئويغىنىمەن. مېنىڭ زېھىن - قۇۋۋىتىم ئەزەلدىن مۇنداق ھالەتكە كېلىپ باقمىغان. مېنىڭ ھاياتىي كۈچۈم ئۇرغۇيدۇ، قىزغىنلىقىم ئاشىدۇ. دۇنياغا خىرىس قىلىش ئارزۇيۇم بارلىق ۋەھىمە ۋە خاتىرجەمسىزلىكلىرىمنى يېڭىدۇ. كۈرەش ۋە دەردكە تولغان بۇ دۇنيادا، مەن ئىلگىرىكىدىن كۆپ خوشال ياشايمەن.
ئاخىرىدا مەن ھەرقانداق ئەھۋالغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئۇسۇلغا ئېرىشكەنلىكىمنى سېزىمەن. ئۇزۇنغا قالماي، بۇ ئۇسۇل بىلەن ئىشلىرىم راۋانلىشىدۇ. چۈنكى ، ھەرقانداق ئۇسۇلنى كۆپ مەشىق قىلىپ بەرسە ئاخىرىدا ئاسان بىر نېمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
نۇرغۇن قېتىملىق تەكرارلىنىشتىن ئۆتكەندە، مۇرەككەپ بىلىنگەن ھەرىكەتمۇ ئاددىيلىشىدۇ، ئۇ ھەرىكەتنى قوللانغاندا، ئادەم چەكسىز ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ. ئادەم تەبىئىيتى شۇنداق، ئۇ ھۇزۇر بېىشلىغانىكەن، ئۇ ھەرىكەت بىلەن دائىم شۇغۇللىنىپ تۇرىمەن ، شۇنىڭ بىلەن ياخشى بىر ئادەت دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ ئادەت تەبىئىيلىككە ئايلىنىدۇ، ياخشى ئادەتكە ئېرىشىش مېنىڭ ئارزۇيۇم .
بۈگۈن، مەن يېڭى تۇرمۇشنى باشلايمەن.
مەن تەنتەنىلىك قەسەم ئىچىمەن، يېڭى ئېرىشكەن ھاياتىمنىڭ ھەرقانداق ئىشنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىشىىغا يول قويمايمەن. بۇ تېرە قەغەزرنى ئوقۇغاندا، بىر كۈن ۋاقىتنىمۇ زايە قىلمەيمەن، چۈنكى ۋاقىتى قايتىلانمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتىنى تولۇقلىۋالغىلى بولمايدۇ، ھەركۈنى ئوقۇش ئادىتىنى ھەرگىز بۇزمايمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ يېڭى ئادەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىمەن، لېكىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىقىم ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا كەتكەن ۋاقىت ھېچقانچە گەپ ئەمەس.
تېرە قەغەزنى ئوقۇۋاتقاندا، سۆز- جۈملىلىرىنىڭ پاساھەتلىكلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ، مەزمۇنىغا سەل قارايدىغان ئىشنى قىلمايمەن، بىر بوتۇلكا ئېسىل ئۈزۈم ھارىقىنى ياساشقا نەچچە مىڭ تال ئۈزۈم كېتىدۇ، ئۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرى قۇشلارغا تاشلاپ بېرىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئەۋلادتىن - ئەۋلاتقا داۋاملىشدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارمۇ ئاستا-ئاستا قېپقالىدۇ، پەقەت ساپ ھەقىقەتلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ئۇلار مەن ئوقۇۋاتقان سۆز -جۈملىلەر ئىچىدە پىشىپ يېتىلىدۇ، مەن كۆرسەتمە بويىچە ئىش قىلمەن، ۋاقىتنى ھەرگىز ئسىراپ قىلمايمەن. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى يۇتۇۋېتىمەن.
بۈگۈن ، مېنىڭ بەدىنىمدىكى قاداقلار يوقالدى. مەن كىشلەر ئارسىدا بېشىمنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىمەن. بىرەرى مېنى تونۇۋالالمايدۇ، چۈنكى مەن ئىلگىرى مەن ئەمەس، مەن يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتىم.

 


دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى-تېرە قەغەزنىڭ ئىككىنچىسى
 
مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى مۇھەببەت بىلەن بۈگۈننى كۈتۈۋالىمەن.
چۈنكى، بۇ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ سىرى،زور كۈچ بىلەن بىرەر قالقاننى يېرىۋتىش، ھەتتا ھاياتنى خاراب قىلىۋېتىش مۇمكىن، لېكىن مۇھەببەت چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە ، ئادەمنىڭ كۆڭۈل كۆكسىنى ئاچالايدۇ. مۇھەببەت سەنئىتىنى ئىگىلەشتىن ئىلگىرى مەن پەقەت بازاردىكى ئەرزىمەس چاپارمەن ھېسابلىنىمەن، مەن مۇھەببەتنى ئەڭ قۇدرەتلىك قورالغا ئايلاندۇرىمەن، ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ھېچكىم تەڭ كىلەلمەيدۇ.
مېنىڭ نەزەرىيىمگە بەلكىم ئۇلار قارشى تۇرار؛ مېنىڭ گەپ -سۆزلىرىمدىن بەلكىم ئۇلار گۇمانلىنار؛ مېنىڭ كىينىشلىرىم بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغماس؛ مېنىڭ چىراي-شەكلىمنى بەلكىم ئۇلار ياقتۇرماس؛ ھەتتا مېنڭ ئەرزان باھادا ساتقان مەھسۇلاتلىرىمغىمۇ ئۇلار بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ، ئوتلۇق قۇياش توڭلاپ كەتكەن زېمىننى ئىللىتقاندەك، مېنىڭ مېھىر - مۇەھەببىتىم ئۇلارنى چوقۇم ئىللىتىدۇ.

[1] [2] [3] [4] [5] [6] كېيىنكى بەت

         كۆرۈلۈشى:2073     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 11:43:37يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:گۇلىستان(شەيخ سەئدى)
كېيىنكى ماقالە:مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号