ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ تارىخى
ئاپتورى : (ئامېرىكا) ۋىليام شىرېر
كىرىش سۆز
3 - ئىمپېرىيىنىڭ قىسقىغىنا ئۆمرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەن شۇ يەردە ياشىغان ھەم خىزمەت قىلغانىدىم ،ئادولف گىتلېرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ،لېكىن نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان مىللەتنىڭ ئىستىبداتى سۈپىتىدە ئۆز ھوقۇقىنى قانداق مۇستەھكەملىگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. لېكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىپ قالمىغان بولسا ،بۇ كەچۈرمىشلىرىم مېنى بۇ كىتابنى يېزىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشقا قىزىقتۇرۇپ كېتەلمىگەن بولار ئىدى.
مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ۋەقە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ، دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيسىنىڭ، شۇنداقلا ھېنرىھ ھىملېرنىڭ مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ خۇپىيانە دېلولىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بارلىق تارماقلارنىڭ زور كۆپ ساندىكى دېلولىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئىدى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇنداق زور تۈركۈمدىكى قىممەتلىك ماتېرىياللار ھازىرقى زامان تارىخشۇناسلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن ئىش ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. ئۆتكەنلەردە، خۇددى گېرمانىيە ۋە روسىيە 1918 - يىلدا دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارغا ئوخشاش، بىرەر چوڭ دۆلەت ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئىنقىلابتا ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭ دېلولىرى ھامان ئۆزىدە ساقلىنىپ كەلگەن. ئەڭ ئاخىردا، پەقەت كېيىنكى ھۆكۈمران گۇرۇھلارغا پايدىلىق ھۈججەتلەرلا ئېلان قىلىناتتى، خالاس.
1945 - يىل باھاردا 3 - ئىمپېرىيە تېزلىكتە بەربات بولدى، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭ زور مىقداردىكى مەخپىي ھۈججەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللىرىنىمۇ، مەسىلەن، شەخىسلەرنىڭ خاتىرىلىرى، ئىنتايىن مەخپىي سۆزلەر خاتىرىلىرى، يىغن دوكلاتلىرى ۋە خەت-ئالاقىلەرنى قولغا چۈشۈرۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ھېرمان گېرىنگ ئاۋىئاتسىيە مىنىستىرلىقىدا تەسىس قىلغان بىر پەۋقۇلئاددە ئورگان تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ خاتىرىلەنگەن ناتسىستچىلار رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبەتلىرىمۇ بار ئىدى.
مەسىلەن، گېنېرال فرانز ھالدېر كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئىزچىل توختاتمىغان بولۇپ، ئۇ گېبېرسبېرگېرچە تېز خاتىرلەش ئۇسۇلى بويىچە كۈندىلىك ئىشلارنىلا ئەمەس، بەلكى ھەر سائەتلىك تەرەققىياتتىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان. 1939 - يىل 14 - ئاۋغۇستتىن 1942 -يىل 24 - سېنتەبىرگىچە بولغان ھەقىقىي ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىشتا بۇ تېپىلغۇسىز ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغلاردا ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش شىتابىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، گىتلېر ۋە ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن ھەركۈنى ئالاقىلىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى نېمىسلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى ئىچىدە ئەھۋال ئەڭ كۆپ تەمىن ئېتىلگەن خاتىرە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تەشۋىقات مىنىستىرى، گىتلېرنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى يېقىن خىزمەتدىشى يوسېف گېببېلسنىڭ ۋە قوراللىق قىسىملار ئالىي باش قوماندانلىق شىتابى (OKW) ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، گېنېرال ئالفرېد ئىئودېلنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا كۈندىلىك خاتىرىلەرمۇ ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە. شۇنداقلا، ئالىي باش قوماندانلىق شىتابى ھەم دېڭىز ئارمىيىسى باش شىتابىنىڭمۇ كۈندىلىك خاتىرىلىرى بار. مەسىلەن، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ كوبۇرگ ئەتراپىدىكى تانباھ قورغىنىدا قولغا چۈشكەن 60 مىڭ توملۇق دېلوسى 1868 - يىلى گېرمانىيە زامانىۋى دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى 1945 - يىل ئاپرېلدا قولغا چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ بارلىق سىگناللىرى، پاراخوتلارنىڭ كۈندىلىك سەپەر خاتىرىلىرى. شەخسىلەرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى ۋە ئەسلەتمە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 485 توننىلىق دېلوسى ھارز تېغىدىكى قورغانلار ۋە كان قۇدۇقلىرى ئىچىگە يوشۇرۇلغان بولۇپ، بېرلىندىن كەلگەن بۇيرۇققا بىنائەن كۆيدۈرۈلمەك بولۇپ تۇرغاندا، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 1 - كورپۇسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ دېلولار 3 - ئىمپېرىيە دەۋرىدىكىلا ئەمەس، بەلكى ۋېيمار جۇمھۇرىيتى دەۋرى جۈملىدىن تاكى بىسماركنىڭ 2 - ئىمپېرىيىنى قۇرغان چاغلىرىغىچە بولغان ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىر مۇنچە يىللارغىچە توننا-توننىلىغان ناتسىسىت ھۈججەتلىرى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئالېكساندىرىيىدىكى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ بىر چوڭ ئىسكىلاتىدا پېچەتلەنگەن پېتى تۇرىۋەردىكى، ھۆكۈمىتىمىز ئاشۇ ياغاچ ساندۇقلارنى ئېچىپ، ئىچىدە قانداق تارىخىي قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىماللىقىغا بىر قاراپ بېقىشقا قىززىققۇدەك ئىپادىدە بولمىدى. ئاخىر، 1955 - يىلى _ بۇ ھۈججەتلەر قولغا چۈشۈپ ئون يىلدىن كىيىن _ ئامېرىكا تارىخشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى ۋە بەزى خۇسۇسىي فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى ئارقىسىدىلا ئالېكساندىرىيىدە ساقلىنىۋاتقان ھۈججەتلەرنىڭ پېچىتى بۇزۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سان جەھەتتىن ئىنتايىن ئاز بولغان بىر تۈركۈم ئالىملار ئادەم ۋە قورال - سايمانلىرى كەمچىل شارائىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھۈججەتلەرنى ئالدىراپ - تېنەپ گېرمانىيگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە رەسىمگە ئېلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋىدى، نەتىجىدە ئۈنۈمنىڭ چوڭ بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.
باشقا ھۈججەتلەرمۇ شۇنداق قىلىندى. مەسىلەن، گىتلېر باش لاگېرىنىڭ كۈندىلىك ھەربىي ۋەزىيەت ئۈستىدە تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان 51 قېتىملىق «فىئۇرېر (زۇڭتۇڭ) يىغىنى»نىڭ بىر بۆلۈك تېز يازما خاتىرىسى شۇنداقلا ئاشۇ ناتسىستلار ئۇرۇشى باش جىنايەتچىسىنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدا پارتىيە ئىچىدىكى كونا ھەمشېرىكلىرى ۋە كاتىپلىرى بىلەن تاماق ئۈستىدە قىلىشقان پاراڭلىرىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل خاتىرىلىرى. بۇنىڭ ئالدىنقىسىنى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 101-ئاۋىئاترانسپورت دىۋىزىيىسىدىكى بىر ئاخباراتچى ئوفىتسېر گىتلېرنىڭ بېرھتېسگادېندا كۆيدۈرۈلۈۋاتقان ھۈججەتلىرىنىڭ كۆيۈندىلىرى ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان، كېيىنكىسى مارتىن بورماننىڭ ھۈججەتلىرى ئىچىدىن تېپىۋېلىنغان.
نيۇرنبېرگدا ئاساسىي ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوراق قىلىنغاندا، قولغا چۈشۈرۈلگەن ناتسىسىت ھۈججەتلىرىنىڭ بىر قانچە يۈز مىڭ پارچىسى ئالدىراش شۇ يەرگە كەلتۈرۈلۈپ دەلىل - ئىسپات قىلىنغانىدى .مەن شۇ قېتىمقى سوراقنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۇخپىرلىق قىلغىنىمدا، شىپىگىرافتا بېسىلغان باغلام - باغلام قوشۇمچە نۇسخىلارنى ۋە كېيىنچە نەشىر قىلىنغان 42 توملۇق گۇۋاھلىق سۆزلەر ھەم ھۈججەتلەرنى ، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان مۇھىم ھۈججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئون توم كىتابنى توپلىغانىدىم. نيۇرنبېرگدىكى كېيىن يەنە ئېلىپ بېرىلغان 12 قېتىملىق سوراق توغرىسىدا نەشىر قىلىنغان 15 توملۇق ماتېرىيال ئىچىدە گەرچە نۇرغۇنلىغان ھۈججەت ۋە گۇۋاھلىق سۆزلەر قىسقارتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى قىممەتلىك باشقا ھۈججەتلەر بار.
مۇشۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى مول ھۈججەتلەردىن سىرت، ئەڭ ئاخىردا يەنە گېرمانىيە ئوفىتسېرلىرى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سوراق قىلىشتىن قالدۇرۇلغان تەپسىلىي خاتىرىلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىملىق سوراقتا قەسەم ئىچىپ ،قول قويۇپ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرى بار. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇلاردا تەمىن ئېتىلگەندىكىدەك ماتېرىياللار بۇنىڭدىن بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلار ئاياقلاشقاندا ئەزەلدىن بۇنداق خىلدىكى مەنبەلەردىن قولغا كېلىپ باقمىغان .
سان جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق بۇ ھۈججەتەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ كېتەلمىدىم . ئەلۋەتتە، بۇ بىرەر شەخىسنىڭ قۇربى يېتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس . شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ خېلى زور قىسمىنى تىرىشىپ كۆرۈپ چىقتىم . شۇغىنىسى لايىقىدىكى ئاچقۇچنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن ،ئاشۇنداق باياشات باغچىدا ھەرقانداق خىزمەتكارنىڭ ساقلانمىقى قىيىن بولغىنىدەك ،مەنمۇ كۆرۈش سۈرئىتىمىنڭ ئاستا بولۇشىدىن ساقلىنالمىدىم .
ناتسىستلار دەۋرىدە ،گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بىزگە ئوخشاش ژۇرنالىسىت ياكى دىپلوماتىك ئەمەلدار بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، 3 - ئىمپېرىيىنىڭ ھەيۋەتلىك تاشقى قىياپىتىنىڭ ئارقا تەرپىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بىلىدىغانلىرى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈسىز دەرىجىدىلا ئىدى. ھوقۇقنى قاتتىق مەزكەزلەشتۈرىدىغان بىر ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ ئىنتايىن خۇپىيانە ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى بەلگىلىشى مۇقەررەر. ئۇ ئۆزگىلەرنىڭ تىڭ تىڭلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق مەخپىيەتلىكنى قانداق ساقلاشنمۇ بىلىدۇ. 3 - ئىمپېرىيىدە سادىر بولغان ئاپئاشكارا، كىشىنى چۆچۈتىدىغان، كۆپ ھاللاردا كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان پاكىتلار _ گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشى، گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى، رومچىلارنى قاتتىق تازىلاش ،گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇۋېتىلىشى ،چېمبېرلىننىڭ ميۇنخېندا تەسلىم بولۇشى، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ،پولشا ،سىكاندىناۋىيە ،غەرب ،بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئەللەر ۋە روسىيىگە قىلىنغان ھۇجۇم ،ناتسىستچىلار ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ۋە جازا لاگىرىدىكى تېررورلۇقلار ،يەھۇدىيلارنى قىرىش زوراۋانلىقلىرى قاتارلىقلارنى خاتىرلىۋېلىش ياكى بىرەر قۇر تەسۋىرلەپ بېرىش قىيىنغا چۇشمەيدۇ .لېكىن خۇپىيانە چىقىرىلغان زور قارارلار ،سۇيىقەست ،ھىيلە - مىكىرلەر ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىقلاردىكى غەرەز ۋە سەۋەبلەرنى ،بۇنىڭدىكى ئاساسلىق شەخىسلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوينىغان روللىرىنى ،ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇقلارنىڭ دەرىجىسى ھەمدە شۇ تېررورلۇقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى نەيرەڭلەرنى _ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە يەنە باشقا نۇرغۇن ئەھۋالاتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گېرمانىيىنىڭ مەخپىي ھۈججەتلىرى مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ ئىگىلەپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى .
بەزىلەر 3 - ئىمپېرىيىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا ھازىر بالدۇرلۇق قىلىدۇ ،بۇ ۋەزىپىنى كېىينكى ئەۋلاد يازغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىغا قالدۇرۇش لازىم ،چۈنكى ۋاقىت ئۇلارنى تارىخىي نەزەرگە ئىگە قىلىدۇ ،دەپ قاراشلىرى مۇمكىن .مەن بەزى تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش يۈزىسىدىن فرانسىيىگە بارغىنىمدا ،مۇشۇ خىلدىكى كۆز قاراشنىڭ ئۇ يەردە پەۋقۇلئاددە ئەۋج ئالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم . بەزىلەر ماڭا تارىخشۇناسلار يېزىشقا بولىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى ناپولېئون دەۋرىدىن ئېشىپ كەتمەسىلكى لازىم دېيىشكەنىدى.
بۇنداق كۆز قاراشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار .تارىخشۇناسلارنىڭ كۆپچىلىكى 50 يىل ياكى 100 يىل ،ھەتتاكى 1000 يىلدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت كۈتۈپ ،ئاندىن بىرەر دۆلەتنىڭ ،ئىمپېرىيىنىڭ ياكى دەۋرنىڭ تارىخىنى يېزىشقا كىرىشىشكە پېتىنىدۇ . لېكىن، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ _ مۇناسىۋەتلىك ھۈججەتلەرنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇزاق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاران قولغا كېلىپ ،ئۇلارنى ئۆزلىرى مۇھتاج بولغان نەق ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىدىن بولىدۇ .ۋاقىت ئۇلارنى تارىخىي نەزەرگە ئىگە قىلسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يازماقچى بولغان دەۋردىكى تۇرمۇش ۋە كەيپىياتقا ، ئۆزلىرى يازماقچى بولغان تارىخىي شەخىسلەرگە بولغان بىۋاستە چۈشەنچىلىرى مۇقەررەر ھالدا كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن ،ھامان بەزى كەمتۈكلەردىن خالىي بولالمايدۇ .
[1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] [8] [9] [10] [11] [12] [13] [14] [15] [16] [17] [18] [19] [20] [21] [22] [23] كېيىنكى بەت