|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
قىزى ئۈچۈن ئۆلىۋالغان ئانا
|
|
|
بۈگۈن ئانا قىزى بىلەن ئۈچىنچى قېتىم سۆزلەشتى. سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئۇلار يول بويىدىكى قۇرۇپ كەتكەن چىملىقتا ئۆرە تۇرۇشاتتى. سوغۇق ئانىنى ئوبدانلا دۈگدەيتىپ قويغان ئىدى. - رەيھان خانىم مەكتىپىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇلار سېنىڭ ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭغا ماقۇل بولدى. بۈگۈن ئانىنىڭ تەلەپپۇزى تولىمۇ ئاجىز، ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك، يالۋۇرغاندەك چىقاتتى. - مەن ساڭا يەنە نەچچە قېتىم دېسەم ئىشىنىسەن؟ مەن ئەمدى ئوقۇمايمەن. قىزنىڭ جاۋابى قەتئىي، چىرايى شەھەرنىڭ يامغۇرلۇق ھاۋاسىدەك سوغۇق ئىدى. - خوش بولاي جېنىم قىزىم، مېنى بۇنداق داغ ــ ھەسىرەتتە قېينىما. ماقۇل، ئوقۇمىساڭمۇ ئوقۇما، بۇ شەھەردىن ئايرىلمىساڭمۇ ئايرىلما. ئەمما ئاشۇ قىلىۋاتقان مەينەت ئىشىڭدىن قول ئۈز. ئانىنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ قىزنىڭ سوغۇق نەزىرى پەرۋاسىز ئىدى. ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭغا قىلچىلىك تەسىر قىلمىغاندەك قىلاتتى. - رەيھان خانىم ساڭا خىزمەت ئىزدەۋاتىدۇ. پاكىزە، يەڭگىل خىزمەتتىن تېپىپ بىرىمەن، بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن كەچ كۇرسلاردا ئوقۇغۇدەك شارائىت ھازىرلاپ بىرىمەن دەيدۇ. ئويلاپ باق قىزىم، رەيھان خانىم بىزنىڭ ھېچنىمىمىز ئەمەس، ئۇ سەن ئۈچۈن ئاشۇنداق جان كۆيدۈرۋاتىدۇ، بىلەمسەن شۇنى. خانىمنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا. قىزلىرىمىز ئىنساندەك غورۇر بىلەن ياشىسۇن، مىللەتنىڭ گۈزەل - ئەخلاق پەزىلىتىنى قوغدىسۇن دىمەكچى. - كۆردۇڭمۇ؟ - دېدى قىز ئانىسىغا يول بويىدىكى كۆككە بوي سوزغان ئېگىز بىنالارنى كۆرسىتىپ، - سەنمۇ، مەنمۇ ئاشۇ بىنالاردا ياشىغان ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. ئەمما بىزگە ئۇ يەردە ئورۇن يوق، ئۇلار شۈنچىلىك پوچى ھەم ھاكاۋۇر، ئۇلار ئاشۇنداق يەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىدىن گۇمانلانمايدۇ. بىلدىم، رەيھان خانىم ئېسىل ئايال ئىكەن. ھەممە ئادەم ئۇنىڭدەك بولسا ئىدى، سەن بىلەن مەن بۇنداق دە - تالاش قىلىپ ئولتۇرماس ئىدۇق. بىلەمسەن ئانا، مېنى ئاشۇ ئېگىز، ھەشەمەتلىك بىنادا ياشايدىغان، پوزۇر كېيىنگەن سالاپەتلىك كىشىلەر مۇشۇ تۇرمۇش يولىغا قىستاپ ئەپچىقىپ قويدى. ئۇلار مېنىڭ ساددىلىقىمدىن، شەھەرگە، شەھەرلىكلەرگە ھەۋەس قىلىشىمدىن پايدىلاندى. قولىدىكى تۇتام - تۇتام پۇللىرى ئارقىلىق ھەممە ھايۋانلىقلىرىنى يۇشۇرماقچى بولدى. مەن ئاخىرى چۈشەندىم. پۇل بولسىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن. ئىپلاسلىقلارنى، رەزىللىكلەرنى يۇشۇرغىلى بولىدىكەن. ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولغىلى بولىدىكەن، ئالۋاسىتىدىن پەرىشتىگە ئۆزگەرگىلى بولىدىكەن، كوچىدىكى ھېلىقى ئېلانلارنى كۆرگەنسەن؟ سەندىن نومۇس قىلماي دەپ بىرەي: بىر قىزلىق پەردىسىنىڭ قىممىتى ئاران ئىككى - ئۈچ يۈز كوي. پەقەت ئاشۇنچىلىك پۇل بولسىلا، ئادەم يەنىلا يۈزى ئېچىلمىغان، مەسۇم قىز بولۇۋالغىلى بولېۋىرىدۇ، مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسەن، شۇڭا پۇل تاپىمەن. بۇ پوچى، سۆلەتۋاز، ھاكاۋۇر شەھەرلىكلەرنىڭ پۇللىرىنى پاك - پاكىزە سۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاشۇ پۇل بىلەن ئۇلاردىنمۇ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئۇلاردىنمۇ سۆلەتۋاز، ھاكاۋۇر بولۇپ ياشايمەن، ئۇلارنى كۆزۈمگە ئىلماي ياشايمەن. سەنمۇ بىر ئۆمۈر بالا ئوقۇتتۇڭ، ياشلىقىڭ، گۈزەل جامالىڭ بور توزۇندىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ كەتتى. تارتمىغان جاپالىرىڭ قالمىدى، مەكتەپ مۇدىرىدىن، ئوقوغۇچىلىرىڭنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن ھاقارەت ئىشتىپ تۇردۇڭ. ئۇلار پەقەت ئاغزىدىلا ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ دەپ قويدى. شۈنچىلىك تارتقان جاپايىڭغا چۇشلۇق قانچىلىك پۇل تاپتىڭ، قانچىلىك ھالاۋەت كۆردۈڭ؟ قارا، تۇرقۇڭ مومايغىلا ئوخشاپ قاپتۇ. سەندىن رەيھان خانىم ياش كۆرۈنىدۇ. مەن ئۇنداق جاپانى تارتمايمەن، ماڭا ھازىر پۇل بولسىلا بولدى... شۈنچە نەسىھەت قىلىپمۇ قىزىنى قايىل قىلالمىغان ئانا قىزىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا قالدى. قىزنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يېلىندى: - سەندىن ئۆتۈنەي قىزىم، گېپىمگە كىرگىن. - ھەرقانچە يالۋۇرغىنىڭ بىكار، - دېدى قىز قەتئىيلىك بىلەن، - سەن خىيالىڭدا مېنى يۈزۈمنى تۆكتى دەپ ئويلايسەن، مەنمۇ تېگىدىن بۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمايمەن، ئەمما قىلماي ئىلاجىم يوق، مەن ئۈچۈن بۇ پۇل تىپىشنىڭ، كەلگۈسى مەقسەتلىرىمگە يېتىشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى، نېمانچە كۆزۈمگە كىرىشىۋالىسەن؟ پەقەت كۆڭۈل توختىتالمىساڭ مېنى ئۆلدىگە چىقىرۋەتسەڭلا بولمىدىمۇ؟ زادى نىيىتىمدىن يانمايمەن دىسەڭ مېنى ئۆلتۈرۈپ ئۆلۈكۈمنى ئەپ كەت. تىرىكلا بولىدىكەنمەن، ئۆزۈمنىڭ دېگىنى بويىچە ياشايمەن. قىزىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئانىنىڭ ۋۇجۇدىنى دەھشەتلىك بىر خىيال چۇلغىۋالدى، ئانا بۇ خىيالدىن ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاجىز يۈرىكى ئانىلىق ۋىجدانىنى توختىماي ئەيىپلەيتتى. سەنمۇ ئانا بولدۇڭمۇ؟ بىر قىزنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىيەلمىگەن، كۆرۈپ بىلىپ تۇرۇپ يامان يولدىن توسۇيالمىغان، قايتۇرالمىغان ئادەمنىڭ ئانا بولۇش سالاھىيىتى بارمۇ؟ ئوقوتقۇچى بولۇشچۇ؟ ئۆز پەرزەنتىگە تەربىيىسى يۇقمىغان ئانىنىڭ باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى تەربىيىلەش سالاھىيىتى قانچلىك بار؟ ئۇنىڭ ئاشۇ يىراق سەھرادىكى سەبىيلەرگە ئەخلاق، پەزىلەت، ئادىمىيلىك ھەققىدە يۈزى چىمىلدىماي گەپ قىلىشقا تىلى بارارمۇ؟.... ئانا قىزىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ تۈنۈگۈن رەيھان خانىم بىلەن قىلىشقان سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە قايتا جاراڭلىدى: - قىزىمنى پەقەت گەپكە كىرگۈزەلمىدىم، - دېگەن ئىدى ئانا ھەسىرەتلەنگەن ھالدا، - قانۇن ئورۇنلىرىدىن ياردەم سورىساق قانداق بولار؟ - قانۇندىن ياردەم سورىساق تامامەن بولىدۇ، - دېگەن ئىدى رەيھان خانىم، - مەن قانۇننىڭ ئاشۇ ئازغان بەڭباش قىزنى روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ چىقالايدىغانلىقىغا ھۆددە قىلالمىساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى تېگىشلىك جازاغا تارتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. - سىلىچە قىزىمغا قانداقراق جازا بىرەر؟ - ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش، شەھۋانىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنسە، يېنىكرەك بولغاندا جەرىمانە تۆلەپ توختىتىلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا ئىككى - ئۈچ يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىدۇ. - ئۇنداقتا قانۇننى ئارىلاشتۇرمىغان ياخشىدەك قىلىدۇ، - دېدى ئانا ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا. - قانداق دەيسىز؟ - دىدى رەيھان خانىم ئانىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشەنمەي. - ئەگەر قانۇننىڭ جازاسى سىلى دىگەننىڭ سىرتىغا ئۆتەلمىسە، ئۇ چاغدا ئىككى خىل ئاقىۋەت يۈز بىرىدۇ: بىرى، بەلكىم قىزىم گۇناھىنى تونۇپ ئادەم بولۇش يولىغا مېڭىشى، ھاياتىنى قايتىدىن باشلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يۈزدە ئون پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. يەنە بىرى، ئۇ تېخىمۇ بەك تاپتىن چىقىپ كېتىشى، پاتقاققا تېخىمۇ بەك پىتىپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى مەن قىزىمنىڭ خاراكتېرىنى ئوبدان چۈشىنىمەن. - ئەمىسە قانداق قىلاي دەيسىز؟ قاراپ تۇرۇپ ئۇنى بۇنداق ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەك بولماس. - مەن يەنە ئويلىنىپ باقاي - دېدى ئانا ئۇلۇغ - كىچىك تېنىپ، - جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن، مەن ئۇنى بۇ يولدىن توسقىنىم توسقان... ئانا ئانچە ئۇزاق ئويلىنىپ كەتمىدى. ئۇ بىر قارارغا كېلىپ بولغاندەك قىلاتتى. ئانا قىزنىڭ پۇتىنى قويۇۋىتىپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى - دە، خاتىرجەملىك بىلەن قىزغا يۈزلەندى. - بوپتۇ، سېنىڭ دېگىنىڭچە بولسۇن. مەن كەتسەم كېتەي، ئەمما بىر شەرتىم بار، شۇنى ئورۇنداپ بىرىسەن. قىز خاتىرجەملىك بىلەن تىندى. يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈك دومىلاپ چۈشكەندەك چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتتى. - قېنى دە، نېمە شەرت ئۇ؟ - شەرت دەپكەتكىلىمۇ بولمايدۇ، - دېدى ئانا خىيالچانلىق بىلەن، - سىنى ئىزدەپ بۇ شەھەردە ئىككى ئايغا يېقىن تۇرغان بولساممۇ، تۈزۈك بىر تاماشا قىلماپتىمەن. بۈگۈن مېنى كوچا ئايلاندۇر. قىز بۇ شەرتلەرگە رازىمەنلىك بىلەن قوشۇلدى. ئۇلار بىر قانچە سودا سارايلارنى ئايلاندى. قىز ئانىسىغا كېيىم - كېچەك ئېلىپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئانا قەتئىي رەت قىلدى. ھەشەمەتلىك بىر تېز تاماقخانىغا كىرىپ خالىغانچە غىزالاندى. بۇ جەرياندا ئانا قىزىغا پەقەتلا گەپ قىلمىدى. ئۇ رايىدىن، ئانا نىيىتىدىن پۈتۈنلەي يانغاندەك قىلاتتى. تاماق پۇلى تۆلەيدىغان چاغدا، ئانا - بالا سەل قىزىرىشىپ قالدى. - پۇلنى مەن بىرەي، - دېدى قىز ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ. - ياق، ئۆزۈم بىرىمەن، - دېدى ئانا قەتئىيلىك بىلەن. - ماقۇل دېسىڭىزچۇ ئانا، - دېدى قىز يېلىنغان ھالدا، - سىزگە بىرەر ۋاخ تاماق ئېلىپ بەرگۈچىلىكىم بار. - بۇنى بىلىمەن، - دېدى ئانا قىزىغا يول قويماي، - ئەمما ئۇ پۇللار پاكىزە ئەمەس. مەن ھالال مېھنەت بىلەن كەلگەن پۇلغا تاماق يەيمەن. سېنىڭ پۇلۇڭغا ئېلىپ يىگەن تاماق مەن ئۈچۈن ئېشەك گۆشى بىلەن باراۋەر. قىز لام - جىم دېيەلمىدى. ئانىنىڭ قورسىقى سەل بوشىغاندەك بولدى. قىزنىڭ يانفۇنى توختىماي جىرىڭلاپ تۇراتتى. ئۇ كىملەرگىدۇ بىرەر سائەتتىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ۋەدە بىرەتتى - دە، ئانىسىغا پات - پات قاراپ قوياتتى. قارىماققا ئانىسى بىلەن خوشلىشىشقا ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى. - كۆرگەنسەن، مەن مۇشۇنداق ئالدىراش، - دېدى قىز ئانىسىغا يانفۇنىنى كۆرسىتىپ، - مېنى كەچۈرگىن ئانا. مەن بۇ تۇرمۇش يولۇمدىن ھەرگىز قايتالمايمەن. ئەگەر بۇ شەھەرگە يەنە كەلسەڭ مېنى ئىزدىگىن، بولسا تېلېفۇن قىلىپ تۇر، ناۋادا كېينچە كاللاڭدىن ئۆتۈپ قالسا، پېنسىيىگە چىقىپلا بۇ شەھەرگە يېنىپ كەل، ئاشۇنداق ھەشەمەتلىك بىنالاردىن ئۆي ئېلىپ بىرىمەن. ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ، چوڭ شەھەردە راھەتتە ياشايسەن. ئانا قىزىنىڭ ئاخىرقى سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاچچىق كۈلۈپ قويدي. - شۇ تاپتا مەن خوشلىشىشقا ئالدىراۋاتىسەن - ھە! - ھامان خوشلىشىدىغان گەپتە، - دېدى قىز مېڭىشقا ئالدىراپ تاقەتسىزلىك بىلەن. - مەندىن ھەر قانچە بېزار بولۇپ كەتسەڭمۇ، بۈنچە ئالدىراپ كەتمە، - دېدى ئانا، - يەنە بىردەم بىللە بولايلى. قىز ئۈن - تېنسىز ئانىسىغا ئەگەشتى. بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ يانفونى بىر نەچچە قېتىم سايرىدى. - بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئېگىز بىنانىڭ ئۈستىگە چىققىلى بولامدۇ؟، - تۇيۇقسىز سوراپ قالدى ئانا. قىز ئانىسىنىڭ بۇ سۇئالىدىن بىر ئاز ئەجەپلەندى. - قانداق دەيسەن؟ - بۇ شەھەرنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئېگىزدىن كۆرۈپ باققۇم بار. بۇ تەلىپىم بەك ئېشىپ كەتمىگەندۇ؟ قىز بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئانىنى ھەشەمەتلىك بىر مېھمانساراينىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى. - بۇ بىنا بولامدىكەن؟ - دېدى قىز ئانىسىغا قاراپ، - گەرچە بۇ بىنا شەھەردىكى ئەڭ ئېگىز بىنا ھېسابلانمىسىمۇ، ئېگىزلىكى 23 قەۋەت كېلىدۇ. ئۆگزىسىگە چىقساق شەھەرنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىغۇ دەيمەن. - قېنى، ئەمىسە يول باشلا. مېھمانساراينىڭ خىزمەتچلىرى بىلەن قىز تونۇشتەك قىلاتتى. ئۇ خىزمەتچى قىزلار بىلەن باش لىڭشىتىپ سالاملاشتى. ئۇلار لېفىت بىلەن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىشتى. بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ھەر خىل گۈل - تەشتەكلىرى تىزىلغان بولۇپ، ئۇ يەر - بۇ يېرىگە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۆگزە شۇنداقلا قارىغان كىشىگە كىچىكرەك بىر گۈللۈكنى ئەسلىتەتتى. مېھمانساراي بۇ يەرنى مېھمانلارنىڭ ياز كۈنلىرى شامالدىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئالاھىدە ياساپ قويغان ئىدى. ھازىر ھاۋا خېلىلا سوۋۇپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ يەر چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. ئانا ئۆگزىنىڭ لېۋىگە كىلىپ، شەھەرگە ئۇزاق نەزەر تاشلىدى. بۇ يەردىن قارىغاندا ئادەملەر چۆمۈلىدەك، ماشىنىلار قوڭغۇزدەك كۆرۈنەتتى. شەھەرنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان شاۋقۇن - سۈرەنلىرى تولىمۇ ئاجىز ئاڭلىناتتى. ئانا مەڭزىگە دومىلاپ چۈشكەن ياشلارنى قىزىغا كۆرسەتمەي سۈرتىۋەتتى. قىزى بولسا نېمىگىدۇر بىتاقەت بولغان ھالدا تاماكۇ چېكىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يانفونى توختىماي جىرىڭلايتتى. كىملەرگىدۇ ئەركىلەپ، كىملەرگىدۇ تەنبىھ بىرىپ، كىملەر بىلەندۇ كۇسۇلدىشىپ سۆزلىشەتتى. پات - پات ھاياسىزلىق بىلەن ھىجىياتتى.
[1] [2] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:2227 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-8-23 14:41:13 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|