بىرىنچى ۋە ئىككىنجى باپ
نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە] (قىسقارتىلدى)
مىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى بىلەن زېمىن`گە ئېرىشىش
ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تىپلىرى پەقەتلا ئىككى خىل بولۇپ كەلدى: جۇمھۇرىيەت ياكى پادىشاھلىق تاجاۋۇز قىلىپ ئېرىشكەن دۆلەتنىڭ خەلقى بىر بولسا بۇرۇندىنلا ئەركىن دۆلەت بولۇپ، كېيىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ ئەركىنلىكنى يوقاتقان بولىدۇ. بىراۋنىڭ تاجاۋۇز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگەلىيەلىشىدى سەۋەپ شۇكى، بىر بولسا ھۆكۈمرانلار باشقىلارنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ، بىر بولسا ئۆزىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ بار دېيىلسە، ئۇ پادىشاھنىڭ تەلىيى ۋە ئۆزگىچە ئىقتىدارىدىن كەلگەن.
مىزاندىن چەتنىمەسلىك: ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش سەنىتى
مىراسخور پادىشالىقنى ساقلاپ قېلىش يېڭىۋاشتىن تىكلەڭەن پادىشاھلىقنى ساقلاشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئۇ ئادەتتىكى پادىشاھ بولغان تەقدىردىمۇ، مىزاندىن چىقىپ كەتمىسىلا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ، پەۋقۇلاددە زور بىر كۈچنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىش بولسا ئايرىم ئەھۋالدۇر. ناۋادا، شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغۇچى بىرەر پالاكەتكە يولۇقۇپ قالسىلا، ئەسلىدىكى پادىشاھ ھاكىمىيەتنى تىرىلدۈرەلەيدۇ بىر ئىسلاھات يەنە بىر ئىسلاھاتنىڭ ئۇرۇقىدۇر.
ئەسكەرتىش: تەرجىماننىڭ ئەمگىگىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كىتاپ قىسقارتىلىپ بېرىلدى. (تەرجىمان: ئابدۇقادىر جالالىدىن)
ئۈچىنچى باب
ئىستېلا قىلىنغان رايوننى قانداق باشقۇرۇش كېرەك
ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك. ئەگەر، بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگە بېرىلگەن زەربە ئەغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۇ ئاجىز كېلىدۇ.
ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق بىر ئومۇمىي پرىنسىپ بار: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ .
ئاتا مىراس پادىشاھلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى يېڭى قۇرۇلغان باشقا بىر پادىشاھلىققا تەتبىقلىغاندا، ئىش تەس بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەگەر بۇ يېڭى پادىشاھلىق پۈتۈنلەي يېڭى قۇرۇلغان بولماي، بەلكى قىسمەن جەھەتتىن يېڭى قۇرۇلغان بولسا (بۇنداق ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە ئەبجەش ھاكىمىيەتتۇر)، بۇنداق ئارىلاشما تەركىبلىك ھاكىمىيەت ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان كاشىلىلار تۈپەيلى قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆز سەلتەنەتىنى ئوڭۇشلۇق تىكلىيەلىشىدىكى سەۋەب دەل مەزكۇر ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمدارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئوتۇش، ھالىنى ياخشىلاش ئارزۇسىدا بولغانلىقىدۇر. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئەل خەلقلىرى قولىغا قورال ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھوكۇمدارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، يېڭى ھۆكۈمدارلىقنىڭ تىكلىنىشىگە يول ئاچىدۇ. بىراق، ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن خەلق ئوز ھەرىكىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئالدانغانلىقىنى ھەس قىلىدۇ. ھاكىمىيەت ئالمىشىش ئۇلارغا ھېچقانداق ئەۋزەللىكلەردىن ئەكەلمىگەن بولىدۇ. ئەكسىچە، خەلق ئوز ھالىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ يامان بەتتەرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ سەۋەبى نىمە؟ مېنىڭچە، بۇ مۇنداق بىر تەبىئىي ئامىلدىن كەلگەن: يېڭى ھاكىمىيەت ئۆزىنى مۈستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ، خەلققە بىر مۇنچە بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ يېڭى پۇقرالىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ.
بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، سەن شۇ ئەلنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن تاجاۋۇزۇڭغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تېزلا بايقايسەن. بۇ چاغدا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىڭدە ساڭا قولچوماق بولغان كىشىلەرمۇ سېنى قوللىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا سەن دوستلىرىڭنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرالماي قالىسەن. شۇنداقلا ئۇلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولالمايسەن. چۈنكى، سەن دوستلارغا ۋاپادار بولۇش كېرەك دەپ ئويلايسەن. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ قاتتىق قول بولالماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئىستېلاچى قورال كۈچى جەھەتتە قانچىلىك كۈچلۈك بولمىسۇن، ئۇ يېڭى ئالغان رايونغا كىرگەندە، شۇ رايون خەلقىگە ئاز- تولا ياخشى تەسىرات بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى داۋام قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا دائىر مىساللار ئاز ئەمەس: فرانسىيە پادىشاھى لۇئى 12 گەرچە مىلان كىنەزلىكىنى قىلىچىنى قانغا بۇيىمايلا ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كېيىن، ئۇنىڭ مىلانىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمۇ بىردەملىك ئىش بولغان. چۈنكى، فرانسىيە پادىشاھىغا سېپىل قوۋۇقلىرىرىنى ئېچىپ بەرگەن خەلق كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن شەپقەتسىز ھوكۇمرانلىقىغا قاراپ تۇرالمىغان.
تەبىئىيكى، ئىسيان يۈز بەرگەن شۇ ئورۇنلار قايتا ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايونلارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، چۈنكى ھۆكۈمدار ئىسياندىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى بانا قىلىپ، ئىسيانچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىدۇ. گۇمانلىق ۋە خەۋپلىك شەخسلەرنى تەپىپ چىقىپ يوقىتىدۇ-دە.\، ھاكىمىيىتىنى چېڭىتىدۇ. شۇڭا ، فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تۇنجى ئىستېلاسىغا ئايلىنىپ قالغان مىلاننىڭ قولغا قايتىپ كېلىشىدە گراف لودوۋىكونىڭ چېگرادىكى قوزغىلىڭى كۇپايە بولغانىدى. بىراق، فرانسىيە پادىشاھى مىلاننى قايتا بېسىۋالغاندىن كېيىن مىلاننى قايتۇرۇۋېلىشقا بەسى مۈشكۈل بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا فرانسىيە قارشى ھەرىكەتكە كېلىپ، فرانسىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيىلىكلەرنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى لازىم بولىدۇ. بىراق، تەئەججۈپكى، لۇئى 12 ئۆزى ئىستېلا قىلغان مىلاننى ئۇدا ئىككى قەتىم قولدىن بېرىپ قويدى.
ئەمدى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ مىلانىنى ئىككىنچى قەتىم قولدىن بىرىپ قويۇشىدىكى سەۋەبنى ۋە فرانسىيىنىڭ مىلاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىشى كەرەك بولغان چارىنى ياكى فرانسىيە پادىشاھى قوللىنالمىغان باشقا بىر ھۆكۈمدارنىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان چارىنى سۆزلەپ ئۆتۈمىز.
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ، ئىستېلا قىلغۇچى دۆلەت بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ بىر بولسا ھەر ئىككىسى مىللەتداش ، غەيرىي تىلداشلاردىن بولىدۇ(ئۇلارنىڭ مىللىتى، ۋەتىنى ئايرىم بولىدۇ). ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان ئەلنىڭ خەلقلىرى ئىستېلاچى لار بىلەن ئوخشاش بىر مىللەتتىن بولسا، بولۇپمۇ، ئىستېلا قىلىنغان ئەل ئەركىن مۇھىتتا ئۆتمىگەن بولسا ، ئۇنداق ئەلگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئوڭاي بولىدۇ، ھېچقانداق كۈچ كەتمەيدۇ. ئەسلىدىكى دۆلەت خاقانىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يوقاتسىلا مۇستەملىكە ئەل ئېمىن تاپىدۇ. باشقا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستېلا قىلىنغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئەنەنىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەسلىدىكى ئورپ-ئادەتلىرىگە تەگمىسىلا، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرى يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تىپتىنچ كېتىۋېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى كىشىلەر برېتان، بۇرگۇن، گاسكونى، نورماندىيە قاتارلىق رايونلارغا ئائىت مىساللاردىن ئۇچرىتىدۇ. بۇ رايونلار فرانسىيىگە ئۇزۇن مۇددەت قارام بولۇپ تۇرۇش ئاقىۋىتىدە، فرانسىيە زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. باشتا يەرلىك خەلق بىلەن ئىستىلاھچىلار ئوتتۇرىسىدا تىل جەھەتتىكى مۇئەييەن پەرق بولسىمۇ، لېكىن óرپ-ئادەتلىرى ئومۇمەن بىردەك ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاھچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىن`غۇچىلار ئاسانلا بىرلىككە كېلىپ، ئىناق ئۆتەلمىگەندىكىن. مەيلى كىم بولسۇن ئىگىلىگەن زېمىنىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك: ئىستېلا قىلىنغان رايوننىڭ ئەسلى ھۆكۈمدارنىڭ ئەۋلادىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى كېرەك. يەنە بىرى، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن دەۋرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملىرىنى ۋە باج-ئالۋاڭ تۈزۈملىرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكەنلىكىنى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىستېلاچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچىلار بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۇيۇلدەك بىر دۆلەت روياپقا چىقىدۇ.
ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقى تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە ئىستېلاچىلار بىلەن پەرقلىق بولسا، قىيىنچىلىق ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىستېلا قىلىنغان رايوننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ئامەت بىلەن بىرلىشىپ كەلگەن بولۇشى كېرەك. ئەڭ ياخدھى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى شۇكى، ئىستېلاچى ئىستېلا قىلىنغان رايوندا ئولتۇراقلىشىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئاشۇ رايونغا بولغان ئىگىدارلىقىنى بىخەتەر قىلىدۇ ۋە ئۇزارتىدۇ. تۈركلەر گرېتسىيىگە ئەنە شۇنداق قىلغان. ئەگەر ئەينى ۋاقتتا، تۈركىيە پادىشاھى گرېتسىيىگە بېرىپ ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشمىسا، پادىشاھ ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر قانچە قىلسىمۇ بىكارغا كەتكەن بولۇر ئىدى. بۇنىڭدىكى قائىدە ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى، يېڭى ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلغان يەردە تۇرسا، توپىلاڭ ۋە تەرتىپسىزلىك ئامىللىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمدار ئۇلارنى دەرھاللا سېزىپ بىخ ھالىتىدە تىنچلىتىشقا ئۈلگۈرەلەيدۇ. ئەگەر، ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلىنغان جايدا تۇرمىسا، ھۆكۈمدار يۈز بەرگەن ئىشلار چوڭىيىپ كەتكەندە سېزىدۇ، ئۇ چاغدا، ھۆكۈمدار كەسكىن تەدبىر قوللانسىمۇ، كېچىككەندىن توپىلاڭنى بېسىقتۇرالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقىت بولۇشنىڭ ئېپى شۇكى، يەرلىك خەلقنى ئەمەلدارلارنىڭ زۇلىمىدىن خالىي قىلىش، ئاۋامنىڭ پادىشاھنىڭ خەير-ساخاۋىتىدىن بەھرىمان قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا، پادىشاھقا سادىق پۇقرالار پادىشاھنى تېخىمۇ قوغدايدىغان بولىدۇ، پادىشاھقا يامان غەرەز ساقلىغان پۇقرالار پادىشاھدىن قورقىدىغان بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئەلگە خىرىس قىلىۋاتقان سىرتقى دۈشمەنلەر ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. خۇلاسە تامام شۇكى، ھۆكۈمدار ئۆزى ئىستىلا قىلغان جاينى ئىگەللەپ تۇرسىلا ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش مۈشكۈل ئىش بولىدۇ.
يەنە بىر ئەۋزەل تاكتىكا شۇكى، ئىستىلا قىلغان رايوننىڭ مۇھىم بىر-ئىككى ئورنىدا مۇستەملىكە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۈنۈملۈتۇر. ئۇنىڭغا كۆپ ئىقتىساد كەتمەيدۇ. پەقەت ئاز-تولا خىراجەت بىلەنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرىنى ئىستىلا قىلىنغان رايونغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئىستىلا رايونىدا كۆپ تۈركۈملەپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىپ ئىقتىسادمۇ جىق كېتىدۇ. مۇستەملىكە جەريانىدا، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن زىيان-زەخمەتكە يولۇققىنى يەر ۋە مۈلۈكلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىشغالىيەتچىلەرگە مەجبۇرىي رەۋىشتە بېرىپ قويغان بىر قىسىم كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇلار ئىستىلا رايونىدىكى ئاز ساندىكى ئاۋامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلار ئولتۇراقلىشىشى جەھەتتە تارقاق ۋە نامرات كىشىلەر بولغاچقا، بىر تۇتاش كەيپىيات ھاسىل قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمدارنىڭ ئىستىلا رايونىدىكى كóپسانلىق كىشىلەر زىيان-زەخمەتكە يولۇقمىغانلىقتىن، زىيان-زەخمەتكە يولۇققان بايىقى ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ئالداپ-پەپىلەشمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەردەك قىسمەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۈرەكزادىلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتىدۇ. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن قورقىدۇ.
[1] [2] [3] [4] كېيىنكى بەت