(رومان)
ئاپتورى : مەمتىمىن ھوشۇر
1-قىسىم ، جاھان كەزدى سۈپۈرگە
قۇياش شاھى
ھەشەمەتلىك شەھەر دەرۋازىسىدىن ئېشىگىنى يىتلەپ چىقىۋاتقان بۇ كىشى جاھان كەزدى سۈپۈرگە ئىدى. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا شەھەرگە كىرىشنى كۈتۈپ كېچىچە سىرتتا تۈنىگەن كارۋانلار توپلىشىۋالغان ئىدى . سۈپۈرگە ئىسسىق تىنىقلىرى ئۇرۇلۇپ تۇرغان تۆگىلەرنىڭ تۇمشۇقلىرىنى نېرى بېرى قىلىپ ، قانداقتۇر ئۇزۇن چاپان .قىسقا چاپان .ساقاللىق، ۋەساقالسىز كىشىلەرنى ئارلاپ قىستاڭچىلىقتىن ئۆتتى ، -دە ئەركىن نەپەس ئالدى . ئىشىكىگە مىنىپ .تاش يېيىتىلغان خانلىق يول بىلەن ئىتتىك مېڭىپ كەتتى .
سۈزۈك ئاسماندىكى يىنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئەتتىگەنلىك قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى جىلۋىلىنەتتى . سۈپۈرگىنىڭ كۆز ئالدىدا شەۋەر سېپىلىغا ياندىشىپ كەتكەن ئېتىزلار .ھەرتەرەپكە سوزۇلغان توپىلىق يوللار.تېخىمۇ يىراقتا بولسا چەكسىز دالا تاشلىنىپ ياتاتتى، قانچە كارۋانلار ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنى ئۇپراتقان تاشلىق يول سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا رېتىملىق تاراسلايتى . قېلىن ، ئېگىز سېپىللار بىلەن قورشالغان ھەيۋەتلىك بىر شەھەر يولوچىنىڭ ئارقىسىدا قالماقتا ئىدى . بۇ شەھەر بۇ ئەتراپقا داڭقى كەتكەن «قۇياش شاھى» نىڭ پايتەختى ئىدى، يائاللا ، جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆمرىدە مۇنداق سۆرۈن تەلەت شەھەرنى كۆرگەن ئەمەس ، شەھەر بەكمۇ چوڭ بولۇپ ، پادىشاھلىققا قاراشلىق بارلىق ئۆلكىلەردىن بۇلاپ كېلىنگەن بايلىقلار بىلەن تىنىپ كەتكەن ئىدى . قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان باغلار بىلەن قورشالغان خان سارايلىرىنى ھەيۋەتلىك تۈۋرۈكلەر بېزەپ تۇراتتى ،چاسا خىش ياتقۇزۇلغان كەڭ يوللار ،رەڭلىك تاۋلىنىپ تۇرغان راۋاقلار ،بۈككىدە دەرەخزارلىق ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاجايىپ گۈمبەزلەر. سۈنئىي تاغلار ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن تاش پەلەمپەيلەر، شەھەر مەنزىرىسىگە تېخىمۇ سەلتەنەت بېغىشلايتى ، شەھەر كوچىلىرىدىن ئالتۇن كۆمۈش، ئېسىل تاشلار . قىممەتلىك ھايۋان تېرىلىرى ، خۇش پۇراق دورا دەرمانلار . قايسى بىر كىچىكرەك پادىشاھلىقنىڭ سوۋغا سالاملىرى قاچىلانغان ساندۇق، قاپلانى ئارتقان كارۋانلار شاھ ئوردىسىغا قاراپ ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇراتتى ، بۇ بايلىقلار بۇ يەردە ئوردىدىكى يەپ ئىچىش ، ئوشۇقچە سۆلەت ، ساراي ئايۋانلارنى بېزەش ئىشلىرىغا سەرىپ بولۇپ تۈگەيتى ،
جاھانكەزدى سۈپۈرگە بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلەر ئىچىدە باھارنىڭ ھەقىقى ھىدىنى . ئادەملەرنىڭ چىرايىدا توقلۇقنىڭ بىشارىتى بولغان قىزىللىقنى . قاقاقلاپ كۈلگەن چىن كۈلكىنى كۆرمىدى . شەھەرنىڭ پاسكىنا . تار كوچىلىرى نامراتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى . ھەشەمەتلىك خان سارايلىرىنى قۇرغان كاسىپلار ،قاداقلاشقان قوللىرى بىلەن ئاجايىپ راۋاقلارنى ئۆرە قىلغان ئۇستىلار . ماھىر نەققاشلار بۇ يەردە قىيسايغان . تار كۆلبىلەردە ھايات كەچۈرەتتى . كوچىلاردا مۈكچەيگەن،ئېغىر ئەمگەكتىن ھالسىرىغان كىشىلەر چۈشكۈن قەدەم تاشلايتى . جاسۇس سۇخەنچىلەردىن خۇدىكسىرەپ ،ئەتىراپىغا قاراپ ئېھتىيات بىلەن پىچىرلىشاتتى . دەرەخلەر ئۈستىدە قۇشلار چورقىرىشاتتى . ئارامبەخىش شامالدا يۇپۇرماقلار يىنىك شىلدىرلايتى . شىرقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلار مۇھاببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئېرىق بويلىرىدىكى يېشىل ئوتلارنى سۆيۈپ ئۆتەتتى . لېكىن تەبىئەتنىڭ بو بەزمىلىرىدىن خوشال بولغۇدەك كۆڭۈلنى تاپماق تەس ئىدى.
شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىدا يەنە «دىۋانىلەرمەھەللىسى »دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىلەرمۇ بار ئىدى . پاكار پاكار ئۆيلەر ،ئەگرى بۈگرى توپىلىق تار كوچىلاردىن قۇرۇلغان بۇ مەھەللىدە قۇل قۇل كىيىملىرى بىلەن كوچىنىڭ توپىسىنى توزۇتۇپ ئويناپ يۈرگەن بالىلارنىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى ، بەزى دىۋانىلەر يەرنى كولاپلا گەمەقىىلىپ كىرىۋالغانىدى ، ھەر بىر ھويلىىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۈكلىرى چۈشۈپ قوتورلىشىپ كەتكەن ئىتلار ئىككى پۇتىنىڭ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ مۈگىدەپ ياتاتتى . بۇ ئىتلار شۇنچىلىك ھورۇنلشىپ كەتكەنكى ،بىرەر ئوغرى كەلسىمۇ ، ئىگىسى ئويغۇتۇپ قويمىغۇچە قاۋىمايتى ، ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەسكى لاتىلار ، تۆمۈر تېسەك ، كونا كىيىملەر، خالتىلاردا قورىغان ، كۆكەرگەن پارچە نانلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى .
بۇيەردە بىر تۈپ دەرەخ ياكى كۆكەرگەن ئوت چۆپمۇ كۆرۈنمەيتى . ھەممە يەر كۆيۈك ئاپتاپتا ئوتتەك چاڭقاپ ياتاتتى . بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شەھەرگە كىرىپ دىۋانىچىلىك قىلىش بىلەن جېنىنى باقاتتى ، پادىشاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ شەھەر ئىچىدە تۇرۇشى مەڭگۈ چەكلەنگەن ئىدى . شەھەرگە كىرگەندىمۇ ئۇلارنىڭ چوڭ كوچىلارغا ئۆتۈپ تىلەمچىلىك قىلىشى مەنئىي قىلىنغان ئىدى . ئۇلارغا سەدىقە بېرىدىغانلار يەنىلا شەھەرنىڭ ئارقا كوچىسىدىكى نامراتلار ئىدى .
جاھان كەزدى سۈپۈرگە «قۇياش شاھى» نىڭ بۇ ئۇلۇغ پايتەختىگە قانداق كېلىپ قالغانلقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى .بەلكىم ئېزىپ كېلىپ قالغاندۇ . ياكى تەقدىرنىڭ شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ بۇ يەرگە تاشلىغاندۇر . ........سۈپۈرگە سەپىرىنىڭ تىزگىنىنى كۆڭلىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغان ئىدى . ئۇ قانچە سۇلارنى كىچىپ ئۆتتى ، قانداقتۇر كارۋانلارغا ئەگىشىپ ماڭدى . كىملەرنىڭدۇر گۈلخانلىرى ئەتىراپىدا تۈنىدى .
ئۇ ئۇ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرمەي تۇرۇپلا بۇ لەنىتى ماكانغا كېلىپ قالغىنىغا پۇشايمان يىدى ، دەرۋازا قوۋۇقچىلىرى بېشىغا نىپىز بۆك كىيگەن . يۈزىنى قورۇق ساقال باسقان ، ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ بىر پىشىنى پوتىسىغا قىستۇرىۋالغان بۇ غەلىتە ئادەمنى ۋارقىراپ توختاتتى .
-ھەي ساقال!
سۈپۈرگە قورۇقچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ مېڭىۋەردى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسمى ساقال ئەمەس دە ،
_ ھەي ساقال . ساڭا گەپ قىلىۋاتىمىز.
_ مېنى چاقىرۋاتامسىلەر؟
_ ھە سېنى ، نەگە ؟
_ كۆرىۋاتىسىلەرغۇ ، شەھەرگە كىرىپ كېتىۋاتىمەن .
_ ئېشىگىڭنى بۇياققا تارت .
قورۇقچىلار سۈپۈرگىنى نوقۇپ ، تارتقۇشلاپ بىرچەتكە چىقىرىپ يانچۇق قويۇنلىرىنى ئاختۇردى ، ئۇلارنىڭ قولىغا بىر نەتچە ئۇششاق يارماقتىن باشقا ھىچنىمە چىقمىدى . كۆپنى كۆرگەن سۈپۈرگە ئۈنچىقماي قاراپ تۇراتتى .ئەلۋەتتە مۇھىمراق نەرسىلىرىنى مۇنداق ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان قاراقچىلارنىڭ قولىغا چىقىدىغان يەرگە قويمايتى .
_ ئۇلۇغ پايتەختىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلەمسەن ؟ _ دەپ سورىدى قورۇقچى
_ بىلىدىغىنىمدىن بىلمەيدىغانلىرىم كۆپ _ ، دېدى سۈپۈرگە
_ ئەمىسە ئاڭلاپ قال ، بۇ شەھەرگە بىرىنجى نۆۋەت كەلگەن كىشى دەرۋازىدىن كىرىش ھەققى تۆلەيدۇ .
_ خۇدا ھەققى ئۆزۈڭلارمۇ ئاختۇرۇپ كۆردۈڭلار،مېنىڭدە ئاشۇ بىر نەتچە يارماقتىن باشقا ھېچنىمە يوق .
_ پۇلۇڭ بولمىسا شەھەرگە كىرىپ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ ياكى سەن تىلەمچىلىك قىلماقچىمۇ ؟شۇنداق قىلماقچى بولساڭ يوقال بۇيەردىن . بىزنىڭ دىۋانىلەر مەھەللىمىزنىڭ دىۋانىلىرىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ . ......
_ نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىلەر ؟ _ دەپ چۈشەندۇردى سۈپۈرگە ،_ مەن جاھان كەزدى مۇساپىرمەن ، قۇدرتى تەڭداشسىز «قۇياش شاھى» مىزنىڭ شۆھرىتىنى ، ئۇلۇغ پايتەختىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ . زىيارەت قىلماق بولۇپ يىراقلاردىن كەلدىم . مەندە نەدىمۇ پۇل پۈچەك ، مال دۇنيا بولسۇن . دۇنيا يىغىش ئاقىللارنىڭ ئىشى
ئەمەس . بايلىق پەقەت ئۇلۇغ شاھلارغىلا زىننەت قوشالايدۇ ....نەدە قاراڭغۇ چۈشسە شۇ يەردە تۈنەيمەن . بۇگۈن تاپقىنىمنى ئەتىگە ئاشۇرۇپ قويمايمەن ، ئاڭلىغانمۇ سىلەر ؟ خۇدا ئەتىگە يەتكۈدەك ئۆمۈر بەرگەن كىشىگە .ئەتىلىك رىزقىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ . مۇقەددەس كىتاپلارغا ئەنە شۇنداق يېزىلغان .
_ سەن ىېلى گەپچى ئوخشىمامسەن ؟ _ دەپ سۈپۈرگىنڭ گىپىنى تارتىۋالدى يەنە بىر قورۇقچى _ پۇلۇڭ بولمىسا مۇنۇ قوتۇر ئېشىكىڭنى قويۇپ كەت بولمىسا خان ئوردىسىغا بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيسەن ،ئىككىدىن بىرىنى تاللا .
_ نىمە گەپ بولۇپ كەتتى ،مەن زادى چۈشۈنەلمىدىم ؟
_ خۇپسەنلىكىڭنى قوي ، ياكى بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيدىغانغا تۇر ، ياكى ئېشىگڭنى قۇيۇپ كەت .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۈپۈرگىنىڭ كۆرۈمسىز ئېشىگى ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋىتىپ ھاڭراپ ، ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىشقىمۇ بولمايدىغان بۇ شەھەرنى بېشىغا كىيدى . قورۇقچىلار ئاچچىقىدا ئۇنىڭ بېقىنلىرىغا قاتتىق ئايىغى بىلەن بىر نەتچىنى تېپىۋەتتى . ئېشەك سۈپۈرگە ئۈچۈن قۇياش شاھىدىنمۇ قىممەتلىكرەك ئىدى .
ئېشەككە تەگكەن تاياق ئۆزىگە تەگكەندەك بولۇپ دۈمبىلىرى قىمىلداپ كەتتى . _ھاي ھاي ياخشى ئادەملەر ئۇنداق قىلماڭلار ._ دەپ ئارىغا چۈشتى شۈپۈرگە _
كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى ، بۇ مۇشۇنداق ئەسكى خۇيلۇق مەخلۇق ، خۇدا شۇڭا ئۇنى باشقا نىمە قىلماي ئېشەك قىلىپ ياراتقان . بوپتۇ مەن اشارغا ئىشلىسەم ئىشلەي . ئېشەك ئۆزۈمگە قالسۇن .
سۈپۈرگە تاش يۇنۇغۇچىلار قاتارىدا تاش چوقۇدى . قانداقتۇر بىر دۆڭنى تۈزگە ، تۈزنى دۆڭگە تارتىۋاتقان ھاشارچىلارغا قوشۇلۇپ ئېشىكى بىلەن توپا توشىدى .
ئۇ يەردە سېپىللار ئۈستىگە قۇرۇلغان دارلارنى ، شەھەر مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورنىتىلغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ كاللىسى چېپىلىدىغان ھەيۋەتلىك كۆتەكنى ، ئايىغىدىكى ئېغىر كىشەنلەرنى شاراقلىتىپ سۆرەپ ، قامچا ئاستىدا ئىشلەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى كۆردى . ھەممە يەرنى كىشىنىڭ دىمىنى سىقىدىغان ئېغىر بۇرۇقتۇملۇق ، چوڭقۇر سۈكۈت قاپلىغاندەك قىلاتتى . . پەقەت ئىككى ئىشلا سۈپۈرگىنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالدى .
بىر قېتىم ئۇ دىۋانىلەر مەھەللىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بېرىپ ، ئېشىكىدىن ۋە ئۆزىنىڭمۇ جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدى . جۇلدۇر كېپەن بىر توپ ئادەملەر يۇپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنى ئېشىكىنىڭ ئۈستىدىن سۆرەپ چۈشتى . قىپيالاڭاچ بالىلاردىن بىر نەتچىسى ئېشەكنىڭ ئۈستىگە مىنىپمۇ ئۈلگۈردى . قالغانلىرى ئۇنىڭ قويۇنلىرىنى ئاختۇرۇپ كىيىملىرىنى تارتقۇشلاپ سۆرىگىلى تۇردى . قورقۇپ كەتكەن سۈپۈرگە :
_ ھاي نا ئىنساپلار . مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ سىلەر ئۆز كەسىپدىشىڭلارنىمۇ بۇلاڭ تالاڭ قىلامسىلەر ؟مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا قەلەندەرغۇ ؟ _ دەپ خىيالىغا كەلگەن گەپلەرنى قىلىپ چۇقان سالدى ، ئۇ ۋارقىرىمىغىنىدا بۇ غەلىتە ئادەملەر ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ گۆشىنىمۇ تالان تاراج قىلىپ بىر پارچىدىن بۆلۈشىۋالىدىغاندەك قىلاتتى . ھەر ھالدا ئۇنىڭ ۋارقىرىشى ئۈنۈم بەردى . _ يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان قەلەندەرلەر نېمىشقىدۇر چىپپىدە توختاپ قېلىشتى .
_ سەن راستىنلا قەلەندەرمۇ ؟_ دەپ سورىدى بىرى .
_ بىلىپ قويۇڭلاركى _ دەپ گۈركىرىدى سۈپۈرگە،_ مەن يىراق ئەلنىڭ مەشھۇر قەلەندەرىمەن.....
_ ئۇنداقتا نىمىشقا ئېشەك منىپ يۈرۈيسەن ؟_ دەپ سۆزىنى بۆلدى تۇنجى ئېغىز ئاچقان قەلەندەر ،_ قەلەندەر دىگەننىڭ ھېچنىمىسى بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟
_ بىز تەرەپتە ئېشىكى يوق قەلەندەر قەلەندەر ھېساپلانمايدۇ، _ دەپ چۈشەندۈردى سۈپۈرگە _ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يۇرتۇمدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلىمەن. ئېشەككە مىنىپ جاھان كېزىمەن ، ھەربىر شەھەرگە بارغاندا شۇ يەرنىڭ قەلەندەر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلىمەن ، سىلەرنىڭ بۇ قىلىقىڭلار باشقا يۇرت قەلەندەرلىرىنىڭ قۇلىقىغا يەتسە شۇنچىلىك سەت ئىش بولىدۇكى ..............
_ سەن ئۆز يۇرتۇڭدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلى بولساڭ _ دەپ خىرىلدىدى قېرى بىر قەلەندەر ._ بىزنىڭ قەلەندەرلەر شاھىمىز بىلەن كۆرۈشمىكىڭ شەرت.
_ قەلەندەرلەر شاھى ؟ ھەيران بولدى سۈپۈرگە _ سىلەرنىڭ قەلەندەرلەر شاھىڭلار بارمۇ تېخى ؟
_ سېنىڭ يۇرتۇڭدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلى بولسا _ دېدى قېرى قەلەندەر پەخىرلىنىپ تۇرۇپ _ بىزنىڭ ئۆز شاھىمىز بار . مانا ھازىر كۆرىسەن .
قەلەندەرلەر چۇۋۇلدىشىپ ئۇنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدى . سۈپۈرگە گەپدانلىق قىلىمەن دەپ ئاغزىمدىن بالاغا قالدىممۇ نېمە؟ دەپ ئوشۇقچە گەپلەرنى قىلىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى . ئەسىلىدە ئۇ ئۆزىنى قەلەندەرلەر ئاقساقىلى قلىپ كۆرسىتىپ مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلىۋالماقچى ئىدى . بۇ ئەبلەخلەرنىڭ پادىشاھىنىڭ بارلىقىنى كىم بىلسۇن . لېكىن ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپنى ئەمدى قايتۇرىۋالغىلى بولمايتى . شۇڭا بىر دانىشمەن سۆزنى
ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ دەپ توغرا ئېيتقان .
قەلەندەر سۈپۈرگىنى باشلاپ قىيسىيىپ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكەلدى . ئۆي ئىچىدىكى قارداپ كەتكەن بورىنىڭ ئۈستىدە چاچ ساقاللىرى چىگلىشىپ كەتكەن ، چىشلىرى قارىدىغان، يۇيۇقسىز بەتلىرى ئەسلى ئۆڭىنى يوقاتقان . ئۈستىدىكى كىيىم كېچەكلەرنىڭ جۇل جۇللىقى باشقا قەلەندەرلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان سۈرلۈك قىياپەتتىكى بىر ئىنسان ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ ياش قورامىنىڭ قانچىدە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماق مۈشكۈل ئىدى .
ئەتىراپتا گىژىلداپ يۈرگەن چىۋىنلار ، تور بېسىپ كەتكەن تورۇسلاردا ساڭگىلىغان ئۆمۈچۈكلەر بۇ « شاھ ئوردىسى» نى تېخىمۇ سىرلىق كۆرسىتەتتى .
جاھانكەزدى سۈپۈرگىنى سۈر باستى . قەلەندەرلەر شاھى ئۇنىڭغا باش كۆتۈرۈپ قاراپمۇ قويماي:
_ نىمە ئادەمسەن ؟ _دەپ سورىدى .
_ تىلەمچىمەن ._ دېدى سۈپۈرگە ئىككىلەنمەي .
_ شۇنداق ئۇلۇغ تەڭرىم ئالدىدا ھەممە ئادەم ئوخشاشلا تىلەمچى ،_ دەپ قەلەندەرچىلىك پەلسەپەسى ئۈستىدە ۋالاقلاپ كەتتى قەلەندەرلەر شاھى ،_ ئىنسان ئۆزىنىڭ رىزقىنى ، بەختىنى خۇدادىن تىلەيدۇ . پەرىق شۇ يەردىكى ، بىز خۇدادىن تىلىگەنلىرىمىزنى بەندىنىڭ قولى ئارقىلىق ئالىمىز ، سەن ئۇ دۇنياغا بارغاندا كۆرىسەن .شاھلار . ئەمەلدارلار . بايلار بۇ دۇنيادىكى قىلمىشىدىن ھىساپ بېرىپ بولالماي قىينىلىپ تۇرغاندا قەلەندەرلەرنىڭ ھەممىسى خوشال خورام جەننەتكە قاراپ ماڭغان بولىدۇ . نېمىشقا دېسەڭ ، بايلار ئەمەلدارلار زومىگەرلەر خەلىقنىڭ نەرسىلىرىنى كۈچ ۋە زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدۇ . قەلەندەرلەر بولسا باشقىلار ئىختىيارلىق بىلەن ئىلتىپات قىلغان نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ ،
_ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دىلىم يورۇپ .ۆز كەسپىمگە ھۆرمىتىم ئاشتى ،_ دەپ خوشامەت قىلدى سۈپۈرگە . ئۇنىڭ ئەسيادى بىر نىمىلەر قىلىپ بۇ جىن ئۇۋىسىدىن سالامەت چىقىپ كېتىشتە ئىدى . _ مەن بەزىدە سەل ئۇيالغاندەك بولاتتىم .........
_ ئۇيالما پەخىرلەن ._ دەپ سۈپۈرگىنىڭ سۆزىنى بۆلدى قەلەندەرلەر شاھى _ بىز باشقىلارنى جىنايەت يولىدىن قايتۇرغۇچىلارمىز . مىسالى : بىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا ئۆز خىراجىتىدىن ئوشۇق بىر تەڭگە تۇرۇپتۇ دەيلى ، بۇ ئوشۇقچە نەرسە چوقۇم ئۇنى يامان خىياللارغا سالىدۇ . بىز ئۇنىڭ ئوشۇقچە پۇلىنى تىلىۋالىمىز، ھېلىقى كىشى يامان يوللارغا مېڭىپ قېلىشتىن ئامان قالىدۇ . ھەمدە كۆپ ساۋاپ ئالىدۇ .
_ ئاپىرىن ._ دېدى سۈپۈرگە _ مەن تېخى ھېچبىر قەلەندەرنىڭ ئاغىزىدىن مۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن .
_ سەن ئادەتتىكى بىر قەلەندەرنىڭ ئەلدىدا ئەمەس ، قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن -دە،_ دەپ مەغرۇرلاندى شاھ،_ مەن ساڭا ئېيتسام ئۇلۇغلۇق تەرەپتە مىنىڭ نامىم «قۇياش شاھى» دىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ . بەزىدە شۇ شاھنىڭمۇ ماڭا ھاجىتى چۈشىدۇ .
_ شۇ ئۇلۇغ ق«قۇياش شاھى»نىڭ ؟
_ مانا بۇ بوينۇمدىكى مىس پۈتۈكنى كۆردۈڭمۇ ؟ _ بوينىغا ئېسىقلىق تۇرغان قانداقتۇر بىر كىچىك مىس تاختىنى كۆرسەتتى قەلەندەرلەر شاھى ،_ مانا بۇ پۈتۈكنى ئېلىپ شاھ ئوردىسىغا ئىختىيارى كىرىپ چىقالايمەن . بەزىدە شاھنىڭ ئۆزى مېنى چاقىرىپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ . نىمە ئۈچۈن دىمەكچى ولىدىغانسەن ؟ شاھ ئۆز قوشۇنى بىلەن ياقا يۇرتلارنى بېسىۋالغاندا ، ئارقىدىنلا ئۇيەرگە مىڭلاپ قەلەندەرلەرنى ئەۋەتىشكە تۇغرا كىلىدۇ . بۇ قەلەندەرلەر ئۇ يەردە
ئون - يىگىرمىدىن بالىلاپ ئاز كۈندىلا شۇنداق كۆپىيىپ كېتىدۇكى ، ئەقلىڭ يەتمەيدۇ . بۇ بەتچىغەرلەر ئۇ يەرگە بېرىپ بېيىشقاندىن كيىنلا بىزنى ئۇنتۇشىدۇ .
بۇ ئىشقا مەن ھەرگىز خاپا بولمايمەن . ئادەملەر مال دۇنيانى كۆرگەندە ياراتقان .ئىگىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ . مەن نىمە ئىدىم ...ھەقاچان سەن قۇياش شاھىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەنسەن . ئېھتىمال ئۇ بۇدۇنيادا مەندىن مەرتىۋىلىكتۇر ، ئەمما ئۇ دۇنيادا مىنىڭ ئورنۇم چوقۇم ئۇنىڭكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ ... خۇدا ساڭا ئاجايىپ كەسىپ ئاتا قىپتۇ ، شۇ كەسىپ بىلەن ئۆلۈپ كېتشىڭگە نىسىپ بولغاي ، قېنى يولۇڭغا ماڭ .
سۈپۈرگە قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئالدىدىن قايتىپ چىقىشى بىلەن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان قەلەندەرلەر كېلىپ چۇۋۇلدىشىپ ئۇنى ئورىۋالدى . چۈنكى سۈپۈرگە ئۇلارنىڭ شاھىنىڭ نەزىرىگە چۈشكەن ۋە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدى . قايسى بىر قەلەندەر ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ قۇيرۇقىنى تارتاتتى ، قايسى بىرلىرى ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ توپىسىنى قاقاتتى . كىملەردۇر «پوش پوش » دەپ ئۇنۇڭغا يول ئاچاتتى . قەلەندەرلەر ئۇزۇندىن بېرى بۇيەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاشۇنداق قىزغىن تەنتەنە بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى .
يەنە بىر كۈنى سۈپۈرگە شەھەر كوچىسىدا قولى مەھكەم باغلانغان بىر مەھپۇس بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى . ئىككى لەشكەر ئۇنى يالاپ ئادىغا سېېلىپ ئەكىتىۋاتاتتى .
_ ھاي قېرىنداش ._ دەپ چاقىردى مەھپۇس سۈپۈرگىنى ، سۈپۈرگە ئېشىگىنىڭ قەدىمىنى ئىختىيارسىز توختاتتى . چۈنكى ئۇ سۈپۈرگە تۇغۇلغان يۇرتنىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلىدى .
_ سەن كىم بولىسەن ، نىمە ئادەمسەن ؟ _ دېدى سۈپۈرگە ھەيران بولۇپ .
_ كىملىكىمنى دەپ بېرىشكە ۋاقتىم يوق _ دېدى مەھپۇس،_ مۇنۇ ئىككى لەشكەر تېخى مىنىڭ كىملىكىمنى بىلەىنى يوق ، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم . كىملىكىمنى بىلىپ قېلىشسا ، مەڭگۈ زىنداندا چىرىپ تۈگەيمەن . يانچۇقۇڭدا بىر تىللايىڭ يوقمۇ ، پەقەت بىر تاللا تىللا ؟مېنى قۇتقۇزۇپ قال.
_ نىمە دىيىشىۋاتىسەن ؟_ دېدى لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ سۆزىنى چۈشۈنەلمىگەنلىكتىن .
_ ئۇ مىنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ _ دېدى سۈپۈرگە _ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قال دەپ يېلىنىۋاتىدۇ . مانا بۇ تىللانى ئېلپ ئۇنى كەچۈرسەڭلار .
لەشكەرلەر ئۈچۈن مەھپۇسنى ئوردىغا ئاپىرىپ بەرگەندىن كۆرە ، شۇ بىر تىللاغا تىگىشكىنى پايدىلىقراق ئىدى . سۈپۈرگە ئېشىكىدىن چۈشۈپ . قولىنى لەشكەرلەرگە سۇندى . ئۇنىڭ ئالقىنىدا راستىنلا بىر تال تىللا قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى .
_ بىر تاللا بارمۇ ؟ _ دېدى لەشكەرلەرنىڭ بىرى _ قارا بىز ئىككى ئادەمدە . بىر تال تىللايىڭنى قانداق بۆلۈشىۋالىمىز؟ بەرسەڭ ئىككىنى بەر بولمىسا يولۇڭغا ماڭ .
_ بوپتۇ ئىككىنى بەرسەممۇ بېرەي .
سۈپۈرگە ئالقىنىدىكى تىللالارنى يەرگە تاشلىدى . بىر تال تىللا پىششىق خش ئۈستىگە جىرىڭلاپ چۈشتى -دە . ئىككى تال تىللاغا ئايلىنىپ ئىككى تەرەپكە قاراپ دومىلاپ كەتتى . لەشكەرلەرنىڭ ھەيرانلىقتا كۆزلىرى پارقىراپ كېتىشتى ۋە يەنە دەرھال ئېسىنى يىغىپ تىللاغا ئۆزىنى ئاتتى . سۈپۈرگە مەھپۇسنى باغلاقتىن يەشتى .
_ رەھمەت ساڭا ._ دېدى مەھپۇس، - « تام تېشەر» دىگەن ئىسىمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت ، كېرەك بولغاندا ياخشىلىقىڭغا ياخشىلىق قايتۇرىمەن.
مەھپۇس يۈگۈرگىنىچە يىراقلاپ كەتتى . نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزى سۈپۈرگىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۇزاققىچە ئۆچمىدى . .....ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شەھەردە كۆرگەن ھېچنىمە سۈپۈرگىدە چوڭقۇرراق تەسىر قالدۇرغىنى يوق . بۇ شەھەردىكى ھەممە نەرسە پەقەتلا بىر ھۆكۈمران _ ئاشۇ « قۇياش شاھى» نىڭ خاھىشى . خوشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى . ھەممە نەرسە شۇ بىر ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇناتتى . ئوردىدىكى بارىلىق ۋەزىر ۋۇزرا ، ئۆلىما ، دانالار ، گۈزەل نازىنىنلار شۇ كىشىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلاتتى .
« خوش ئېشىگىم - دەپ مۇراجەت قىلدى سۈپۈرگە ئېشىكىگە ،_ سەن ئەگەر ئېغىلدا ئېغىلدا بىركۈن ئوشۇقراق باغلاقلىق تۇرۇپ قالساڭ زېرىكىشتىن ھاڭراپ جاھاننى بېشىڭغا كىيىسەن . شاھ ئوردىسىدىكى شۇ بىچارىلەرنىڭ ساراڭ بولۇپ قالمىغىنىغا ھەيرانمەن ... بارلىق كۈچ ۋە ھوقوقنىڭ ئىگىسى بولغان شۇ (قۇياش شاھى) قانداقراق ئادەمكىن ؟ئۇ كېچىسى قانچىلىك كەڭلىكتىكى ئورۇندا ياتار ؟بىر ۋاخلىق تامىقىدا قانچىلىك بالايى بەتتەرلەرنى يۇتىۋىتىدىغاندۇ ؟ ئېھتىمال ئۇنىڭ ئاغىزى تىمساقنىڭكىدىنمۇ يوغاندۇر؟ ئۇنىڭ قۇلاقلىرى سېنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ مۈرىسىگە ساڭگىلاپ چۈشسە كېرەك ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ھېلىقى چۆچەكلەردىكى ئىبلىسنىڭ نەق ئۆزىدۇر ؟ بولمىسا نىمىشقا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانلىكى ئادەمنى تىتىرەك باسىدۇ؟......»
جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان ئىدى . ئۇنىڭ يۇرتى بەكمۇ يىراقتا ، قۇم ۋە چۆللىكلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى . خۇدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسىتىپ . ئاشۇ چۆللۈكلەر ئارىسىغا ئاجايىپ بۇلاقلارنى ياراتقان . يىراقتىكى ئاق باش تاغلار . قارلىق چوققىلاردىن ئېقىپ چۈشكەن مۇزدەك قار سۇلىرى بىر بىرىگە قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك ئېقىنلارنى ھاسىل قىلىپ . قۇملۇقلارغا يېتىپ كەلگەندە نەلەرگىدۇرسىڭىپ غايىپ بولاتتى . - دە يەنە چۆللۈكنىڭ قايسى بىر جايلىرىدىن
فونتاندەك ئېتىلىپ چىقاتتى ، ئادەملەر بۇ بۇلاق سۇلىرىنى باشلاپ بوستانلىقلارنى بىنا قىلغانىدى . سۈپۈرگە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەرنىڭ سېپىللىرىمۇ ، ھەتتا پادىشاھىمۇ يوق . سانسىز بولاقلاردىن يىغىلغان سۇلار شەھەر ئىچىدە ئۆستەڭ بولۇپ ھەيۋەتلىك شارقىراپ ئاقىدۇ . ئۆستەڭ بويىدىكى قۇملۇقلاردا ئۇششاق بالىلار قىپيالاڭاچ بولىۋېلىپ يۈگۈرشۈپ ئوينىشىدۇ . سۆگەتلەر سايىسىدىكى سەگەنچۈكلەردە بوۋاقلار تاتلىق ئۇخلايدۇ . ئۇژمە دەرىخى سايىسى ئاستىدىكى كىگىزلەردە ئولتۇرغان ئاياللار قىزىق پاراڭلىشىپ يىپ ئىگىرىشىدۇ . شەھەر مەيدانلىرىدا دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ماللىرىنى يېيىپ سودا سېتىق قىلىشىدۇ . ئۇلاردىن باج سېلىق ئېلىشنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. ئۇ يەردىكى بايلىق . توقچىلىق كىشىلەرنى شۇنداق ساددا .غەمسىز ياشاشقا ئۆگەتكەن . كەچلىكلىرى باغلاردىن ناخشا . ساز ئاۋازى كېلىدۇ . ناخشىچىلار ئۆز ناخشىلىرىدا ئاشىقلارنىڭ دەردى .بەخىتكە ئېرىشكەن قىزنىڭ شادلىقى . يىراق كارۋان يولىدا كېلىۋاتقان يولوچىنىڭ جاپاسى . ئېرىنى كۈتىۋاتقان ئايالنىڭ سېغىنىشى . گۈللەر ئېچىلغان دالا . ئاپتاپ چاڭقىپ تۇرغان قۇملۇقلار . باھارنى قوغلىشىپ كېتىۋاتقان قۇشلار ............. يەنە شۇنداق نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدا كۈيلەيدۇ . سۈپۈرگىنىڭ شۇ سۈيۈملۈك يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا مانا بىر يىلچە بولدى .ئۇ ھەر قېتىم جاھان كېزىپ يىراقلاپ كېتىدۇ . دە يەنە سېغىنىپ ئارقىسىغا يانىدۇ.
جاھانكەزدى سۈپۈرگە ھېلىلا ئۆزى تاشلاپ چىققان « قۇياش شاھى » نىڭ پايتەختىگە يەنە بىر قېتىم قايرىلىپ قارىدى . ئېگىز سېپىل ئۈستىدە قورال ياراغلىرى بىلەن قېتىپ تۇرۇشقان جىسەكچىلەر بارغانسىرى خىرەلىشىپ بارماقتا ئىدى . ئۇ ئېشىكىنى تېخىمۇ قاتتىقراق دېۋىتتى . « ئالغا باس ئېشىگىم . تەھدىت .
زوراۋانلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ماكاندىن نېرىراق بولايلى . بۇ شەھەر نىڭ مەرمەر تۈۋرۈك .كۈمۈش فونتان . ئېرەم باغلىرىغا لەنەت...»
[1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] [8] [9] [10] [11] [12] [13] [14] [15] [16] [17] [18] [19] [20] [21] [22] [23] [24] [25] [26] [27] [28] [29] [30] [31] [32] [33] [34] [35] [36] [37] [38] [39] [40] [41] [42] [43] [44] [45] [46] [47] [48] [49] [50] كېيىنكى بەت