|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
سېنى تۇنجى كۆرگەن شۇ ۋاقتىم ھازىرمۇ ئېسىمدە ، ئۇچاغدا ئادەتتكىچە ، ئەرزان لېكىن مەن ئىنتايىن ئامراق ھەم كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرىنىدىغان ئۇزۇن كۆينەك ، بېشىڭدا كۆينىكىكىڭگە ماس ھالدا ئارتىۋالغان چىرايلىققىنە ياغلىقىڭ ، ھەرقانداق بىر ئەركەك زاتى كۆرسە يۈرەككىلا دەرھال ئوت تۇتىشىپ ئاشىق بىقارار قىلىدىغان شەھلا كۆز ئەمەس ئەكىسچە ، شۇنچە مۇلايىم ، شۇنچە ساددا ، شۇنچە ھايالىق بىر جۈپ قوي كۆزۈڭ ، ئىلىپتەك تۈپتۈز كەلگەن چىرايلىق ئۇماققىنا بۇرنۇڭ ( ئېسىڭدىمۇ مەن ھەممىدىن سېنىڭ شۇ چىرايلىق بۇرنۇڭغا ئامراق ئىدىم ) ، ئويماقتەك كىچىككىنە كەلگەن ئاغىزىڭ، ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان شۇ يۇمىلاق ئۇماققىنە چىرايىڭ ، ئېسىمدە قالغىنى پەقەت مۇشۇ ، پەقەت مۇشۇلا خالاس ، ھەرگىزمۇ ھازىرقى بەئەينى قانجۇق ئىتقا ئۆزگىرىپ ئالدىڭغا كىم چىرايلىق گەپ كىلىپ بارسا ياكى چىرايلىق توغرا نەسىھەت قىلىپ بارسا شۇنى چىشلەپ تالايدىغان ، شۇنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ئايالىم ئەمەس بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى كۆرگەن شۇ تۇنۇش چىراي ، شۇ ئىللىق چىراي ، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىنى ھەرقانچەقىلىپمۇ ئېسىمگە ئالالمىدىم ، ئەستە تۇتۇش قابىيلىيتىم بەكلا تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ يا؟؟؟سېنى شۇ تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇ بىر جۈپ ساددا كۆزلىرىڭدىن بىر ئايال زاتىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھەم ئايال كىشىنىڭ تۈگىمەس بايلىقى بولغان مۇلايىملىقنى ، پەقەت ئۆزىنىڭ جۈپتىگىلا بولغان رايىشلىقنى ، ئېسىللىقنى، شۇنداقلا بىر ئائىلىدە ئېرىگە ۋاپادار خوتۇن پەرزەنتلىرىگە كۆيۈمچان ئانا بولالايدىغان شەرمىي ھايالىق بىر قىزنىڭ ئوبرازىنى كۆرگەن ئدىم . ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس ، بۇ پەقەت سېنىڭ تاشقىي نىقابىڭكەن خالاس ، ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشرىڭ ( توشقاننىڭ تېرىسىگە ئورىنىۋالغان قانجۇق ئىت )ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن ۋاقتىمدا تولىمۇ كېچىككەن ئىدىم.لېكىن بۇ كېچىكىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنىلا ئىجابىي جەھەتتىن داۋاملاشتۇراي دېدىم .چۈنكى بۇ چاغدا ئىككىمىزنىڭ چىرايلىق ئىللىق ئائىلىمىز ، قورسىقىڭدا بولسا تېخى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالىمىز بار ئىدى . لېكىن ئەپسۇس يەنىلا مىڭ ئەپسۇس شۇ چىرايلىق ئائىلىمىزنى ئاناڭ بىلەن بىرلىشىپ بۇزدۇڭ بالىمىزنى تىرىك يىتىم قىلدىڭ . ئېرىڭ كېسەلدىن ساقىيىپ بولالمىغان ، يېرىم جان ، تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىچچارە ئېرىڭنىڭ بوۋىسى بۇ دۇنيادىن ۋىدالىشىپ ، قاتتىق ئازاپ ئىچىدە ھەسرەت ئىچىدە تۇرغان ۋاقىتتا شۇ بىر ئېغىز سېسىق گېپىمگە يامانلاپ ئاناڭنىڭ ئۆيىگە كەتتىڭ ، توۋا دەيمەن ھايۋان جېنىدا كېسەلچان ھەمرايىنى تاشلاپ قويۇپ كەتمەيدۇ ھەي ئىنسان. ئۆزۈم باردىم ، ئاتا -ئانام باردى ( توۋا دەيمەن ، قۇدىلارنىڭ ئۆيىدە ئادىمىگەرچىلىك ئىشى بولۇپمۇ مۇسىبەت ئىشى چىققاندا باشتىن ئاياق بشىدا تۇرۇپ ياردەملەشكەننى ، تەسەللىي بەرگەننى كۆرگەن ، ئاڭلىغان لېكىن ....... ) يېنىپ كەلمىدىڭ ، شۇ سۆيۈملۈك قېيىنئاناممۇ بىر ئېغىز گەپ قىلماي ئولتۇرۋالدى ، گەپ قىلدى راس ، ئۆيدە مەھكەم ئولتۇرغىن قىزىم دەپ ساڭا روھىي مەدەت بەردى ، شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانامنىڭ ، مېنىڭ قارىلىقمنى سېنىڭ ئاتا -ئاناڭدەك ھۆرمەتلىك قۇدىلىرى تۇرغان يەردە يېقىن يۇرۇق ئەل ئاغىنىلەر كېلىپ سۇندۇردىبىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەمدى ئاچچىقى چىققاندۇ ، ( ئۆزۈمنىڭ ئاتا -ئانامنىڭ ئاچچىقىنى ،غۇرۇرىنى قايرىپ قويۇپ ) دەپ يەنە كىشى قويدۇم ، ئۆزۈم باردىم ، يەنە شۇ كونا مۇقام تېتىقسىز گەپ ، ئاجىرىشىپ كېتەيلى ، ئاتا -ئاناڭنىڭ بولسا ئاجىرىشىپ كەتسۇن ، بالىمىزنى تەستە بېقىپ چوڭ قىلىپ تەستە ئوقۇتقان ( خۇددى مەن تامنىڭ تۈشىكىدىن تۇغۇلۇپئۆزەمچە چوڭ بولۇپ قالغاندەك ) . ئىشقىلىپ ئاشۇ بىچارە ئاناممۇ شۇ بىگۇناھ بالىنىڭ يىتىم بولماسلىقى بىر ئوبدان بەخىتلىك كېتىۋاتقان ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەكلاتىرىشتى ، مەن ئۆزۈممۇ قىلمىغىنىم قالمىدى ، ئۆتكۈزمىگەن ھېچقانداق بىر گۇنايىمغا چىرايلىق گەپ قىلىپ يالۋۇردۇم ، سەت گەپمۇ قىلىپ باقتىم ، ھەتتا قورقۇتۇپمۇ باقتىم ، ئالدىڭدا تىزلاندىم ، كار قىلمىدى ، ساڭا ھېچقايسىسى كار قىلمىدى ، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك قىلچىكمۇ تەسىر قىلمىدى ، بەلكىم ساڭا قىلغان شۇ چىرايلىق گەپلەرنى شۇ يالۋۇرۇشلارنى بىر تاشنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىلغان بولسام بەلكىم ئاشۇ تاشمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاككىدە يېرىلىپ كېتىشى ، شامدەك ئېرىپ كېتىشى مۇمكىنتى ، لېكىن سەن ..................... شۇڭا تۇرۇپ ئويلاپمۇ قالىمەن ئانامنىڭ شۇنچە كۆيۈمچان ، شۇنچە مېھرىبان شۇنچە ساپالىقلىقىغا قىزبالا بولغان بولساممۇ شۇ ئانامنىڭ ئۈستى ئاچچىق لېكىن تېگىدە بىر ئۆمۈر يېسىمۇ ئېشىپ قالغۇدەك ھەسەل يۇشۇرۇنغان، شۇ توغرا نەسىھەتلىرىنىڭ كۈچىدە ئېرىمگە ئۇماق ئۇماق بالىلارنى تۇغۇپ بېرىپ بىر ئۆمۈر بەخىت ئىچىدە ياشاپ خەلقى ئالەم ئەل جامائەت ئالدىدا ئاتا ئانامنىڭ ئۆزەمنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىپ ، ئەڭ مۇھىمى ياشانغان ۋاقتىمدا مېنىڭ ھازىرقى يېشىمغا بارغان پەرزەنتلىرىمنىڭ ئالدىدا ، ۋىجدان سورىقى ئالدىدا يۈزۈمنى يۇرۇق قىلىپ( ئېرىنى نۇرغۇن مۇۋەپىقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن ئەڭ مۇنەۋەر ئايال ) بولالمىساممۇ(لېكىن كۆيۈمچان خوتۇن لاياقەتلىك ئانا ) بولۇپ بارلىقىمنى شۇ كىچىككىنە بەخىتلىك ئائىلەمگە بېغىشلاپ ئۆتەتتىم. ھەيرانمەن مېنىڭ ئاشۇ ھۆرمەتلىك قېيىنئانام ساڭا زادى قانداق تەربىيە قىلىدىغاندۇ ؟؟؟مېنىڭ ئانامنىڭ ھەدەم توي قىلىپ ماڭغان ۋاقتتا قىلغان مۇنۇ بىر ئېغىز سۆزى ھازىرمۇ ئېسىمدە : ( جېنىم قىزىم بۈگۈندىن باشلاپ بىزدىن ئايرىلىپ ئۆزۈڭ مۇستەقىل ئۆي تۇتۇپمۇستەقىل ياشايدىغان بولدۇڭ ، بىز سېنىڭ كىچىكىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۆزەڭنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدۇق ، مۇھەببەت تۇرمۇش ئىشىدىمۇ ھەم شۇنداق ، مانا بۈگۈن قۇتلۇق تويۇڭ بولدى ، شۇڭلاشقا تۇتقان ئۆيۈم ئۆي بولسۇن دېسەڭ بىزنىڭ ئالدىمىزغا گەپ كۆتۈرۈپ كەلمە ،)ئېككىسىنىڭ قالدى گەپ سۆزلىرىنى مەن ئۇقمايمەن ، لېكىن ھەدەم بىلەن ئاكام توي قىلغىلى 10يىل بولدى ئىككى پەرزەنتىنى شۇنداق ئوبدان بېقىپ بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ ، لېكىن سەنچۇ ........... ئىككىمىز توي قىلىپ يېرىم يىلمۇ بولماستا ئۆي بۇزۇلدى.سورىمىسىمۇ ئۆزلىكىڭدىن غىتىلداپ بېرىپ خۇددى باشلىقىغا ئۆز خىزمىتىنى دوكلات قىلىۋاتقان خىزمەتچىدەك ئاتا ئاناڭغا ئۆيدىكى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېقىتماي تېمىتماي ،يىپتىن يىڭنىسىغىچە دەپ بارىدىغان ئاشۇ تىلىڭنى كېسىۋېتەلمدىم يا ، چۈنكى ئاشۇ تىلىڭنى بىر چاغلاردا قانماي قانماي شورىغىنىم ئېسىمدە.(ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ) دەيدىغان ، لېكىن سېنىڭ قىلىچىڭ قانچە ئېگىلگەنسىرى شۇنچە كېسىۋەردى ، مەن يا سۇنۋۇكۇڭ بولمىسام 72 بېشىم بولىدىغانغا ، كېسىۋېرەمسەن، لېكىن ئەنسىرەيدىغىنىم مۇشۇ قىلىچىڭ كېيىن ئۆزۈڭنىڭ بوينىنى كېسىپ سالارمۇ.....................ئاخىردا قوپۇپ سېنى ئۇرغان قاتارغىمۇ چىكەتتىم ، بولۇپتۇ ئۇرغانمۇ بولاي ، تىللىغانمۇ بولاي ، ھە بولاپتۇ خورلىغانمۇ بولاي ، ئۇرغىنىم ، تللىغىنىم ،خورلىغىنىم گۇنا بولدىيۇ، نىمىشقا مۇشۇنداق قىلدى دەپ سورايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى ، ( ما ،چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ ) دەپ ئاڭلغان مەن بولمىسا ، ئاخىردا مۇشۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ، ئەينى ۋاقىىتىكى ئۆزەڭنىڭ ئاتا-ئانىسغا بىر خىل پوزىتسىيەدە ، مېنىڭ ئاتا -ئانامغا بىر خىل پوزىتسىيەدە بولغىنىڭغا ، بىرەر ئېغىز گەپ تالىشىپ بولغىچە كۈنلەپ تاماقمۇ ئېتىپ بەرمەي ئاچ قويغىنىڭغا ، ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن كارىڭ بولماي يەنە شۇ ھۆرمەتلىك ئاناڭنىڭ ئۆيىدىن كېلەلمەي ، بىچارە دادام ئۆيىمىزنى تازىلاۋاتقاندا سىرتىىن كىرگەن مېنى كۆرۈپ ، -ۋوي بالام ئايالىڭ بەكلا ئالدىراشمۇ ، قارا ئائىلە جابدۇقلىرىنى بەكلا توپا بېسىپ كېتىپتۇ، دەپ ئۆزى تازىلاپ قىلغاندا ، ھەي بولدىلا قالغىنىنى سۆزلمەي ئۆزۈممۇ نۇمۇس قىلىۋاتىمەن باشقا ئىش ئىزلىرىڭنى ، ئاتا-ئاناڭنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەشتىن، گوپپاڭشىتىپ ئۇرۇپ ماكچايتىۋەتمىگىنىمگە، سۈر توقاي قىلىپ ئۇرۇپ قاتلىۋەتمىگىنمگە، ئىشقىلىپ شۇنداق قىلمىغىنىمغا بەكلا پۇشايمان قىلدىم ، ئاخىردا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلماي تۇرۇپ يەنە شۇ بەتتنامغا قالدىمغۇ ؟!ئاخىردا ، مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئەجدادلىرىمزىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھىكمەتلىك سۆزلىرىدىن مۇنۇنى ئەسلەپ قالدىم:( قىز چىقارساڭ دادىسغا قارا ، ئوغۇل ئۆيلىسەڭ ئانىسىغا)دادام ماڭا دائىم ئوغلۇم ئەر كىشىنىڭ دېگەن قەھرىمۇ ، زەھىرىمۇ ،ھەسلىمۇ بولۇشى كېرەك دەيدىغان ، ئويلاپ باقسام ساڭا لازىمى پەقەت ھەسىلمكەن ، يا مەن ھەسەل ھەرىسى بولمىسام يا سېنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىڭگە دائىم ھەسەل بەرگىلى بولمىسا ، ئازراقلا قەھىرىم چىقىپ بولغىچە چاقىرمىسىمۇ غىتىلداپ شۇ ئاناڭنىڭ ئۆيىگە كېتىسە ، ھەي سادىغاڭ كېتەي سېنىڭ شۇ ئاناڭنىڭ ئۆيىدىن باشقا بارىدىغان يېرىڭ يوقمىدۇ زادى ، بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن بۇ قىز بالىنىڭ نېرۋىسى ئاجىزمىدۇ يا دەپ ، نېرۋىسى ئاجىزمىكەن دېسەم قورسىقىڭنىڭ ئاچقىنىنىبىلىسەن ، كۈندە مەن بىلەن سوقۇشۇپ تۇرۇپ راڭپىزا بىلەن ساۋمىفېڭنى بىر ئوبدان يەيسەن ، مېنىڭ قەھىرىم بىلەن ھەسىلمنى بىر ئوبدان ئايرىيسەن ، شۇ ئاناڭنىڭ ئۆيىگە ئېزىپ قالماي بىر ئوبدان تېپىپ بارالايسەن ، ئىشقىلىپ مەن بىلىپ بولالمىدىم جۇمۇ سېنىڭ ئىچىڭدە زادى نىمە ئويلاۋاتقىنىڭنى ، .....................ئويلاپ باقسام ئىككىمىزنىڭ شۇنداق گۈزەل چاغلىرىمىزمۇ ئۆتۈپتىكەن ، شۇنداق شېرىن ۋاقىتلىرىمىزمۇ ئۆتۈپتىكەن ، شۇنداق تاتلىق ، شۇنداق لەززەتلىك مىنۇت ،سىكىنۇت ،دەقىقىلىرىمىزمۇ ئۆتۈپتىكەن ، ئېسىڭدىمۇ ، بىر چاغلاردا ھاياتنىڭ شۇنداق لەززىتىنى سۈرۈپ بىر بىرىمىزگە يىلاندەك چىرمىشىپ كېتەتتۇق ،ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىمىزدا ئىسسىقتا تىنالمايقالساقمۇ يەنىلا بىر بىرىمىزنى قويۇپ بەرگىمىز كەلمەي ھەشقىپىچەكتەك چىڭ يۆگىشىۋالاتتۇق ، سېنىڭ ئۇخلاشلىرىڭمۇ بىر سەنئەت ئىدى ، غەرىپ تەرەپكە قويۇپ بىر ئوبدان ئۇخلىغان كاللاڭ ئەتىسى شەرىقتىن قوپاتتى ، بەزىدە شۇنداق چىڭ قۇچاقلاپ ياتقىنىم بولسا سېنىڭ ئاشۇ سۆيۈملۈك سېسىق پۇتۇڭ بولاتتى. بەزى بەزىدە سېنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ جىلە قىلىپئوينايتتىم ، تېرىكىشىڭ ئەۋجىگە چىقىپ چىدىماسلىقىڭنى چىقىرىپ ئۆينىڭ ئىچىدە نىمە قىلىشىڭنى بىلەلمەي جىلە بولۇۋاتقان ۋاقتىڭدا بولسا مەن سېنىڭ شۇ ئۇماق تۇرقۇڭغا قاراپ ئىچئچىمدىن ھۇزۇرلىنىپ كېتەتتىم. سىرتلاردا ماڭغان چېغىمىزدا سېنى دائىم سول تەرپىمدە ماڭغۇزاتتىم ، چۈنكى بۇ يەردە ئانامدىن قالسىلا ، پەقەت ، پەقەتلام سېنىلا ياخشى كۆرىدىغان سېنىلا سۆيىدىغان ، سېنىڭ ئىسمىڭنىلا چاقىرىپ سوقىدىغان ، ھازىر بولسا پارە - پارە بولۇپ كەتكەن شۇ بىچارە يۈرۈكۈم بار ئىدى ، بىچارە يۈرۈكۈمگىمۇ ئىچىم ئاغرىديدۇ جۇمۇ .مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز گېپى يادىمغا كېلىپ قالدى :دۇنيادا بارچە كېسەلگە داۋا تېپىلغان بىلەن بىرلا كېسەلگە داۋا تېپىلمايدۇ ئۇ بولسىمۇ ( كۆيۈك ئوتى ) ، سېنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىلگىرى مۇھەببەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دوسلىرىمنىڭ شۇلارنىڭ دەردۇ پىراقىغا چىدىماي ھاراقىنى بولىشىغا ئىچىپ ھۆر- ھۆر يىغلاشلىرىغا ،قاراپ شۇلارنى توۋا پۈتۈنسۈرۈك بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ ھەجەپ يىغلايدىكەنيا ، مۇشۇمۇ قىلقمۇ دەپ زاڭلىق قىلاتتىم ، ئۆزۈممۇ تا مۇشۇ كەمگىچە ( ئەقلىمنى بىلىپ جۇمۇ ) يىغلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن ، ھەتتا بەدىنىمنى ( دوختۇرنىڭ ئۇكام ناركوز قىلغىدەك چوڭ ئىش يوق جۇمۇ ) دەپ قويۇپ ناركوزمۇ قىلماي ئوپىراتسىيە قىلغان ۋاقىتلىرىدىمۇ كۆزۈمنى مىتمۇ قىلىپ قويمىغان ئەركەك ئىدىم ، ئاخىردا مەنمۇ يىغلىدىم ، يىغلىغاندىمۇ قاتتىق يىغلىدىم ، تۈگمەن تېشى چۆرگىلىگىدەك ئەمەس، يۈزمو يەرنىڭ كۆچىتىنى سۇغارغىدەك يىغلىدىم، ئىشقىلىپ خېلى ئوبدان يىغلىۋالدىم ، ئادەمنىڭ ئىچى بوشاپ قالىدىكەن دېسە ، بۇنداق دېسەم سەن بەلكىم قاتتىق خۇشال بولىسەن ، ئەمما مېنىڭ يىغلىغىنم كۆز يېشى ، ئەنسىرەيدىغىنىمسەن ، كېينچە بىر كۆزۈڭدىن قان ، بىر كۆزۈڭدىن يىرىڭ ئېقىتىپ يىغلاپ قالارسەنمۇ ، .............سەندىن ئايرىلىپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ھېچقانداق دورا ئىشلەتمەي ، ھېچقانداق چېنىقىشنى قوبۇل قىلماي تۇرۇپ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا 25 كىلو ئۇرۇقلىۋالدىم، ئۆزۈممۇ بەكمۇ سېمىز ئەمەستىم بولمىسا ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئۇرۇقلايمەن ، جىيەنفېي قىلىمەن دەپ تاماق يېمەي ، تەرلەپ پىشىپ چېنىقىپ يۈرگەن شۇ قىزلارغا قاراپ ئىچىممۇ ئاغىرىپ قالدى تېخى ، نىمۇ قىلىدۇ بۇنچە ئۆزىنى قىيناپ ، مەندەك دەرت تاتسىلا بولمىدىمۇ ھە ، ھەي ھايات مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ، بىرسىمىز كۈلسەك بىرسىمىز يىغلايدىكەنمىز ، بىرسىمىز ئۆلسەك ، يېڭى بىر ھايات دۇنياغا كۆز ئاچىدىكەن ، شۇڭا ئويلاپمۇ قالىمەن ماڭا بەرگەن مۇشۇ ۋىجداننىڭ يېرىمىنى ساڭا بەرگەن بولسا ، بۇنداق دېسەم سەن چوقۇم ۋىجدان دېگەن نىمە ئۇ ؟ۋاي قويىڭە بولدى، ئاۋۇ يەردە يېڭىدىن راڭپىزا دۇكىنى ئېچىپتىكەن، بېرىپ يەپ كېلەيلى ، بەك ئوخشايدىكەن دەيسەن ، مەندىن نەسىھەت، راڭپىزىنى ئازراڭ يە بولمىسا گېمىروي بولۇپ قالىسەن .كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ، ھاسىدىن ئايرىماپتۇ دەپ ، خىزمەت ئورنۇمدا ئۆسۈپ باشلىق بولۇپ قالدىم دېگىنە ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ماڭا زور ئىلھام بولدى ، ئۆزۈمنىڭ قەددىنى قايتىدىنرۇسلىدىم ، بار ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆزۈمنى خزمەتكە ئۇردۇم ، تېلىۋۇزۇرلاردا،تورلاردا يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان ياش ناخشىچىلىرىمىز خۇددى مېنىڭ ئازابىمنى بىلگەندەك ، خۇددى ئاشۇ ناخشىسىنى مەن ئۈچۈنلا ، ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك( ئوقيا ، ئاشۇ كۈن كېچىسى ، يامغۇرۇلۇق كېچە ) قاتارلىق نادىر ناخشىلىرى بىلەن دەرتكە توشۇپ رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن غېرىپ يۈرۈكۈمگە ھەمرا بولدى ، ئاۋۇ ( يامغۇرلۇق كېچە ) دېگەن ناخشىنى تېخى ئۆزۈم بىر يەرلەردە مەس ھالەتتە بىلمەي ياكى ئۇخلاپ ياتقان ۋاقىتتا تۈن سەيلىسى قىلىپ ئېيتىپ سالدىممۇ دەپگۇمان قىلىپ كەتكەن يەرلىرىممۇ بار ، چۈنكى ناخشىنىڭ تېكىستى مېنىڭ ئازابىمغا ، ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ كەتكەن ئاشۇ ۋاقتىمىزغا يۈزدە توقسان توققۇز پىرسەنت چۈشىدىكەنچۇ ، شۇڭلاشقىمۇ بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئاڭلاپ قانمايمەن ،ئۆزۈمنىڭمۇ ناخشىچىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن .ناخشىنىڭ ئىسمى ( دەپتىمەن ) دېگەن ناخشىدىكى ( يىگىت ) دېگەن سۆزنى قىز دەپ ئۆزگەرتىپ ئېيتقىم كېلىدۇ،لېكىن مۇشۇ ئاۋازىمنىزە باشقا ناخشا چولپانلىرىنىڭ سەنئەت كېچىلىكىگە بىلەت ئېلىپ كىرگەن بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ سەنئەت كېچىلىكىمگە بىلەت تارقىتىپ ئۆتكۈزسەم بولىدىكەن ، شۇڭلاشقا ئېيتماسلىق قارارىغا كەلدىم .شۇنداق قىلىپ مۇشۇ چىرايلىق ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ قىلچىلىكمۇ يۈزىنى قىلمىدىڭ ، ئىشقىلىپ ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ ، ھېچكىمنىڭ يۈزىنى قىلمىدىڭ ، ئويلاپ باقسام بىزنىڭ ئۇ بەخىتلىك كۈنلىرىمىز كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ ، ئاخىردا شۇنداق قىلىپ شۇ چىرايلىق ئائىلىمىزنى ئاناڭ بىلەن بىرلىشىپ بۇزدۇڭ ، بالىمىزنى تىرىك يىتىم قىلدىڭ . بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى ؟؟؟ گەرچە بۇ سوئال قارىماققا ئاددىيدەك تۇرغان بىلەن ، لېكىن ئىككىمىزگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا سالمىقى ئنتايىن ئېغىر. بىر سوئال،ھەيرانمەن! بۇ دۇنيادا ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن ، كۆتۈرۈپ قوپقىسىز ئازاپقا سالغان ، يۈرەكلىرىنى لەختە- لەختە قانغا توشتۇرۇپ ، سىرتلاردا ئوچۇق ئاشكارا ئاشنا ئويناپ، ئاخىردا شۇ ئاشنىسىدىنمۇ بۇرنىغا يەپ يەنە سالپىيىپ شۇ ئايالىنىڭ يېنىغا كېلىپ كەچۈرۈم سوراپ، يەنە قايتا يارىشىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىپ، ناماقۇل بولۇپ كەلگەن شۇ ئەرلەرنىمۇ بالىلىرىنىڭيۈزىنى ، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى ( تەغدىم قىلغان ، ئۆزىنىڭ پاك ، قىزىل گۈلدەك خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان شۇ بەدىنىگە تۇنجى تامغىنى باسقانلىقىنىڭ يۈزىنى قىلىپ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىۋېتىپ ، بىرەر ئىككى كۈن ياكى بولمىسا بىرەر ھەپتە قېيداپ ئاخىردا يەنە بۇرۇنقىدىنمۇ ئىناق ئۆتۈپ شۇ ئىللىق ئائىلىسىنى قوغداپ قالىدىغان ، پەرزەنتلىرىنى ئۆگەينىڭ قولىغا قويۇپ خورلىنىشتىن ، ئەل ئاغىنە ساۋاقدىشىلىرىنىڭ ، دوست دۈشمەنلىرىنىڭ يىتىم ئوغلاق ، دادىسى يوق ھاراملىق دەپ مازاق قىلىشىدىن ساقلاپ قالىدىكەن .شۇ تاپتا مېنىڭ سەندىن مۇنۇ بىر سوئالنى سورىغىم كىلىۋاتىدۇ :ئىككىمىزنىڭ ئىشىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇشۇدەرىجىگە،ئىللىق ئائىلىمىزنىڭ بۇزۇلۇپ شۇ بىگۇناھ سەبىي بالىمىزنىڭ ئاتا ئانىسى بار تۇرۇپ قارا يىتىم بولغىدەك سېنىڭ ئالدىڭدا زادى نىمە گۇناھ ئۆتكۈزدۈم؟توۋا دەيمەن ، ھايۋان جېنىدا 6 ئاي بىرگە يۈرگەن ھەمرايى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە ياكى ئايرىلىپ كەتسە شۇنى ئىزدەيدۇ ، شۇنىڭغا تارتىشىدۇ ، تۇيۇقسىز ئۇچىرىشىپ قالسا بىرسى بىرسىگە ئەكىلىشىپ شوخلۇق قىلىشىدۇ ، لېكىن ........ سەن خۇددى ئەسكى پايپىقىڭنى تاشلىۋەتكەندەكلا تاشلىۋەتتىڭا مېنى ، قىلچىلىك تارتىشىپمۇ قويمىدىڭا ، ئەجىبا مەندەك قىز تەككەن بىر ئېرىڭنىڭ قىلچلىك تارتىشىدىغان يېرىممۇ يوقما ؟شۇڭا دەيمەن سېنى ئاشۇ ھايۋانغا ئوخشاتسام ئاشۇ بىچارە ھايۋانلارغىمۇ ئۇۋال قىلىپ قويىمەن ، شۇ تاپتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز گېپى ئېسىمگە كىلىۋاتىدۇ:( تۇرغۇسى كەلمىگەن مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى ) .بوپتۇ ، مەن بەك چارچاپ كەتتىم ، جىسمانىي جەھەتتىن چارچاش بىلەن روھىي جەھەتتىن چارچاش پەقەتلام ئوخشىمايدىكەن ، ئاجىرشىپ كىتەيلى ، ئانا بالا ئىككىڭنى مۇرادىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي ، مەندىن ئاجىرشىپ تۈگىمەس بەخىتكە ئۆزەڭ ئارزۇ قىلغان شۇ كۈنلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلا بولساڭ مەن ۋاز كەچتىم بولدى، خوتۇن مەن ۋاز كەچتىم .............ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن سېنى ئۆزۈڭ ئارزۇلىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمىگەن ئوخشايمەن ، راستىمنى دېگەندىمۇ ، سېنىڭ شۇ ئۆيۈڭدىكى كىشىلەردىن تارتىشىدىغېنىم پەقەتلام شۇ بىگۇناھبىچارە بالام بار ئىكەن ، بەك چىدىمىسام ئۆزەم ئەكىلىپ باقارمەن ، ئويلاپ باقسام مېنىڭ ئايرىلغىنىم پەقەت ، مېنى قىلچىلىكمۇ ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ، ( مۇھەببەت ، ۋىجدان ، ئەقىدە ) قاتارلىق مۇھەببەت ئاتالغۇلىرىنىڭ بىرسىنىمۇ قىلچلىك چۈشەنمەيدىغان ، ۋاپاسىز خوتۇن لاياقەتسىز ئانا ، لېكىن سېنىڭ ئايرىلغىنىڭ دەل بۇنىڭ ئەكىسچە..............................ئاخىردا مۇشۇ ئىككى ئېغىز سۆزنى قىلغۇم كەلدى:< سەن > ، < مەندىن ئايرىلىپ تۈگىمەس بەخىتكە ئېرىشىپ ، خىيالىڭدىكى ئاشۇ ئاق ئاتلىق شاھزادەڭنىڭ مەلىكىسى بولۇپ بەخىت قاينىمىغا غەرىق بولۇپ كەتسەڭمۇ ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولىمەن ، چۈنكى سېنى سۆيىمەن ، بەلكىم بۇ ھاياتىمدا ئىككىنچى بىر قىزنى سېنى سۆيگەندەك سۆيەلمەسلىكىم مۇمكىن ، بايا دەپ ئۆتكىنىمدەك بىر كۆزۈڭدىن قان بىر كۆزۈڭدىن يىرىڭ ئېقىتىپ تۈگىمەس ئازاپقا ، تۈگىمەس خورلۇققا قالساڭمۇ يەنىلا ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولىمەن چۈنكى مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمىنى كۆزگە ئىلمىدىڭ ، سۆيگۈمنى يەنچەپ چەيلىدىڭ ،ئەقىدەمنى خورلىدىڭ > ................ < بەخىتلىك بول > |
كۆرۈلۈشى:1205 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-18 19:41:25 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|