|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
مۇنبەردىن باشلانغان مۇھاببەت
|
|
|
مۇشۇ چاغلارغىچە 23 بەتلىك ھايات مۇساپەمدە مەن ئۇچۇن مۇھىم ۋە ئانچە مۇھىم بولمىغان ئادەملەر ئارىسىدا يەككە -يىگانە ياشاپ كەلدىم .ھاياتتىن ،تۇرمۇشتىن رازى بولغان چاغلىرىممۇ كۆپ بولدى .چۇنكى مەن ھەر جەھەتىن كۆپ بەخىتلىك ..مىنىڭ مۇكەممەللىككە .مېھىر-مۇھاببەتكە تۇلغان كۆڭۇللۇك بىر ئائىلەم ،بارلىقىنى ماڭا ئاتىۋەتكەن مېھرىبان دادام ،ئاپام بار .ئائىلىدە مەن بالىنىڭ كىچىكى بۇلۇپلا قالماي شىركەتتىمۇ مەن خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدىمۇ يېشى ئەڭ كىچىكى ،خىزمەتداشلىرىممۇ ماڭا بەك كۆڭۇل بۇلىدۇ .ھەممىلار يەردە مەن شۇنداق كۇيۇنۇش ،ئەركىلتىش ئىچىدە ئۆتكەچكىمىكىن كۆڭلۇم بەكمۇ نازۇك ئىدى .خىزمىتىم ئاساسەن كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قىلدىغان خىزمەت بولغاچقىمىكىن كۆپ ۋاقتىمدا تورغا چىقاتتىم .بىراق مەن كۆپ ھاللاردا ((چ چ دىكى مۇھاببەت خۇدايىمغا ئامانەت)) دىگەن گەپكە بەكرەك ئىشەنگەچكە چ چ نى ئېچىپ قۇيساممۇ يۇشۇرۇن ئۇچۇق قۇيۇپ خەت يازغانلارغا بەك جاۋاپ قايتۇرۇپ كەتمەيتىم.بىر كۇنى دوستۇم ماڭا مەلۇم بىر مۇنبەردىكى بىر ئەسەرنى كۆرسىتىپ كۇرۇپ بىقىشىمنى تەۋسىيە قىلدى .ھەقىقەتەنمۇ ئۇ ئەسەر ياخشى يىزىلغان ئىدى بىراق ئاخىرى يىزىلىپ بۇلمايلا داۋامى بار دەپ تۇختاپ قالغانىدى .بەكمۇ قىزىقىپ قالغان بۇ ئەسەردنىڭ داۋامىنى ئەتە كۇرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىش بولغان ئىدى .شۇڭا مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ تىزىملىتىپ ئىنكاس يىزىپ ئاخىرىنى كىيىنچە ئۇقۇماقچى بولدۇم .ۋە تىزىملىتىپ كىرىپلا شۇ تىمىغا ئىنكاس يازدىم .خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا نەچچە كۇن مۇنبەرگىمۇ كىرەلمىدىم .ئىشلىرىمنى تۇگىتىپ ئىسمىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپلا ھەيران قالدىم .چۇنكى ماڭا ئىككى پارچە ئۇچۇر كەلگەن ئىدى .مەن يا بۇ مۇنبەردە بىرەرسىنى تۇنۇمىسام ئۇچۇر يازغىنى ئەجەپ ھە !ئۇچۇرلارنى ئۇقۇپ باقمايلا ئىسمىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم .بۇ ئىسىمنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن .ۋاي بولدىلا ھېلىقى ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئۇقۇۋالايچۇ .ئۇ ھىكايە مىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىپلا تۇراتتى .ئانچە كۆپ ئىزدەپمۇ كەتمىدىم .ئۇ تىما نادىرلىنىپ باش بەتتە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى .تىمىنى ئېچىپلا توختاپ قالدىم .چۇنكى ھىكايىنىڭ ئاپتۇرنىڭ ئىسمى بايا ماڭا ئۇچۇر ئەۋەتكۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئىدى .ھىكايىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ئۇيغا چۆمدۇم ھىكايىدە تەسۋىرلىنىۋاتقىنى شۇ بىرلا ئائىلىدىلا يۇز بەرگەن ئىش بۇلۇپلا قالماي نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە ھېلىمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتۇشتا قىيىنچىلىق تارتىش ۋە شۇ جەرياندىكى تالاش تارتىشلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بىرىپ ياخشى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن بولسىمۇ ،ئاتا- ئانىسى ئالدىدا خىجالەتچىلىك تارتىۋاتقان ئىشلار تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ بۇ ئىشلار مىنىڭ بېشىمدىمۇ بىر قېتىم ئۆتكەن بۇلۇپ مەن بۇلسام ئاددىيلا يولنى يەنى ئۇقۇماسلىقنى تاللىۋالغان ئىدىم .ئەمما ھىكايىدىكى باش پىرسۇناز بولسا بەكمۇ قەيسەر بۇلۇپ مىنى ئەڭ تەسىرلەندۇرگىنى دەل شۇنداق چاغدا پەيدا بولغان شەپقەتچى ۋە ئۇنىڭ (ئەگەر سىىز ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ جەمىئەتتە بىر كىشىلىك ئورنىڭىزنى تاپسىڭىز شۇ ماڭا قايتۇرغا جاۋابىڭىز )دىگىنى ئىدى .ھىكايىنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا ئويغا چۆمدۇم .بىزدە كۆپ قىسىم ئۇقۇغۇچىلاردا ھازىر ھەممە شارائىت تەل تۇرۇپمۇ ((ئاھ خۇدا،ئۇگەنمىسەم نىم بۇلار))نى راسا توۋلاپ ئاتا-ئانىسىدىن مەكتەپ پۇل ئەكەل دىدى دەپ ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ دىسكوخانىلارغا،قىزلارغا ،ھاراق-شاراپقا ھەتتا بەزىلىرى نەشىگە خەجلەپ ئاتا-ئانىلارنى زار-زار قاقشقتىدىغانلار كۈرمىڭ ...........تۇرۇپلا ھېلىقى ئۇچۇرلارنى ئۇقۇپ باققۇم كەلدى .ۋە ئۇچۇرلارنى ئاچتىم .1-پارچە ئۇچۇردا سىزنىڭ مۇنبەرگە يېڭىدىن كىرگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمەن .تىمامغا يازغان ئىنكاسىڭىزدىن تەسىرلەندىم .سىزنىڭ ماڭا ئىلھام بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت !2-پارچە ئۇچۇرxxxxxxkبۇ مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم خالىسىڭىز قۇشۇۋېلىڭ دىيىلگەن ئىدى .مەن ئانچە ئۇيلانمايلا ئۇ نۇمۇرنى قۇشۇۋالدىم .ئۇزۇن بۇلمايلا ئۇ نۇمۇردىن .ئۇچۇر كەلدى .-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشىمۇسىز ؟-ياخشى .ئۇزىڭىزچۇ ؟-مەنمۇ ياخشى -مەن مۇنبەردىكى (x ) بولىمەن سىز زۇننار بۇلامسىز ؟شۇنداق دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم مەن قىسقىنە پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن دوسىت بۇلۇپ قالدىم .مەن كىچىكىمدىنلا كىتاپقا ئامراق ئىدىم كىتاپلاردىكى باش قەھرىمانلار بىلەن غايىبانە پىكىرلىشەتتىم .گەرچە يىزىقچىلىققا قىزىقساممۇ بىرەر بەرسە يىزىپ باقمىغان ئىدىم .ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ ئىككى ئاي بولغاندا تۇنجى ئەسىرىمنى قاشتىشىغا يوللىدىم .تۇرداشلارنىڭ بەرگەن پىكىرىمۇ ياخشى بولدى.ئەسىرىم ئېلان قىلىنىپ 4 كۇن بولغاندا ئۇ چ چ دا ماڭا بىر خوش خەۋەر بار دىدى بەكمۇ قىزىقتىم .چۇنكى تۇنجى ئەسىرىمنىڭ ئېلاق قىلىنىشى مىنى قاتتىق ھاياجانغا سېلىپ مىنى بەكمۇ خوش قىلىۋاتقان بۇ كۇنلەردە ئۇلۇۋالىمەن دىگەن ئادەمنىمۇ نىيتىدىن ياندۇرالىشىمغا ئىشىنەتتىم .تىزراق دەڭە ئادەمنى تەقەززا قىلماي دەپ خەت يازدىم مەن .ئىكراندا ئۇ تاتلىق كۇلۇپ تۇرغان بىر ئىپادىنى ئەۋەتتى .ۋە ھازىرلا باشقا بىر مۇنبەرگە كىرىڭ ئىسمىڭىز ئالدىنقى مۇنبەردىكى بىلەن ئوخشاش دەپ مەخپى نۇمۇرنى ئەۋەتتى .مەن ئۇ مۇنبەرگە نەچچە ئون قېتىم تىزىملىتىپمۇ كىرەلمىگەن ۋە شۇ پېتىلا بولدى قىلغان ئىدىم .بىر خوشاللىقىم ئىككى بۇلۇپ يەنە بىرمۇنبەرگە قەدەم تەشىرىپ قىلدىم .سىرتتىن مېھمان بۇلۇپ ئەمەس رەسمىي ئەزا سۇپىتىدە كىردىم .كىرىپلا ھەيران قالدىم .چۇنكى مىنىڭ تىمام بۇ مۇنبەردىمۇ قىززىق ئىنكاسلىق تىما بۇلۇپ قالغان ئىدى .تۇرداشلارنىڭ بەرگەن ئىنكاسلىرىدىن خوشال بولساممۇ بۇ تىمىنى قانداق كۇچۇرۇپ ئەكەلگەنلىكىگە ھەيران ئىدىم .دەرھال ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم بۇ تىمىنى قانداق كۇچۇرۇپ ئاچىقتىڭىز ئاۋۇ مۇنبەرنىڭ خەت نۇسقىسىنى باشقا مۇنبەردىن قوللىمايتتىغۇ ؟ئۇ دەرھال ئۇچۇر قايتۇردى .مەن قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى چۇقۇم قىلىدىغان ئادەم .سىز ئۇچۇن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازىمەن !-اچقچاق قىلماڭ !بولمىسا رەنجىپ قالىمەن !چ چ نى ئۇچۇرۋەتتىم ۋە شۇ كۇندىن باشلاپ بىر قانچە كۇن ئاچمىدىم .بىر كۇنى ئىشخانىغا كىلىپلا ئۇزۇمنىڭ شۇ كۇنى ئارتۇقچە ئۇيلۇنۇپ كىتىپ ئۇنىڭ چاقچىقىنى خاتا چۇشىنىپ قالغاندىمەنمۇ يا دەپ ئۇيلاپ قالدىم ۋە چ چ نى ئاچتىم .ئۇ قالدۇرغا ئۇچۇرلار بىلەن تۇشۇپ كىتىپتۇ.(كەچۇرۇڭ زۇننار مەن چاقچاق قىلمىغان ئىدىم .كۆڭلۇمدىكى سۆزلىرىمنى سىزگە دەۋەلغۇم بار .ئىسىڭىزدىمۇ بىزنىڭ تۇنجى قىتىم پاراڭلاشقىنىمىز .شۇ چاغدا مەن ئائىلەم تۇغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەن .مەن ھەر ۋاقىت سىز دەك ئۇچۇق مىجەزلىك ۋە كۇيۇمچان دوستۇم بولسا دەپ ئۇيلايتىم ئەسىرىمگە يازغان ئىنكاسىڭىزدىن ۋە كىيىنكى پاراڭلىرىمىزدىن مەن سىزنىڭ مىنى ۋە ئائىلەمنى قۇبۇل قىلالايدىغان ۋە مەن شۇنچە يىل كۇتكەن قىزنى تاپقانلىقىمغا ئىشەنگەن ئىدىم .بىراق ........زۇننار مەندىن شۇنچە رەنجىدىڭىزمۇ ؟ئۇنداقتا مەن ئۇ سۆزنى دىمىگەن بولاي xxxx بۇ مىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرۇم سىز بىلەن بىر كۇرۇشكۇم بار ئىدى .نەچچە كۇندىن كىيىن قىشلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتقا قايتىمەن .ئەلۋەتتە ماڭا تىلىغۇن ئۇرسىڭىز مەن ئاۋال كۇچارغا بىر چۇشۇپ ئاندىن ئاقسۇغا كىتەي سىز بىلەن يۇز كۇرۇشكۇم بار .....ئىككى كۇن ساقلىساممۇ تىلىفۇن ئۇرمىدىڭىز شۇنچە رەنجىگىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن .مەن ئەتىلا شىنجاڭغا ماڭىمەن .2 كۇندىن كىيىن مەن سىز نى قانداقلا بولمىسۇن كۇرۇشۇم كېرەك سىزدىن يۇز تۇرانە كەچۇرۇم سورىمىسام بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ .مىنى كەچۇرۇڭ ..........قۇلۇمغا تىلىفۇننى ئالدىم ۋە ئۇنىڭغا تىلىفۇن ئۇرماقچى بۇلۇپ ئۇنىڭ نۇمۇرلىرىنى ئاستا-ئاستا باستىم .قوللىرىم قاتتىق تىتىرەپ تۇرۇپ تىلىفۇننى قۇلىقىمغا تۇتتۇم .تۇيۇقسىزلا يۇرەك سۇقۇشۇم تىزلىشىپ كىتىۋاتاتتى .يۇرىكىمنىڭ قاتتىق سۇقۇۋاتقان ئاۋازىنى ئۆزۇممۇ ئىنىق ئاڭلىغان ئىدىم .تىلىفۇن ئۇلاندى .ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ بۇنچە سىلىق- سىپايە ۋە سېھرىي كۇچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇ مىنىۇت ھىس قىلغان ئىدىم .مەن دەل ۋاقتىدا پويىز ئىستانسىغا چىقىپ ئۇنى كۇتۇپ تۇرۇشقا ۋەدە بەردىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ تىلىفۇننى قۇيدۇم .بىرەر سائەتتىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى .سىز گە بىلەن كۇرۇشۇشكە ئاز قالغانسىرى سىزنى كۇرۇشكە شۇنچە ئالدىراپ كىتىۋاتىمەن .سىزنى ھەر مىنۇت ئەسلەپ تۇرىمەن .مەنمۇ جاۋاپ قايتۇردۇم .كۇرۇشىدىغىنىمىزغا بىر كۇندىن ئارتۇقراق ۋاقىت قالدى .مىنىڭمۇ سىزنى كۇرۇپ سىز بىلەن ئۇچۇق ئاشكارە پىكىرلەشكۇم بار !ئۇ كىلىدىغان كۇنى نىمىشقىدۇر بىر ئاز جىددىيلىشىپ قالدىم ۋە ياتاق ئۇيۇمدىكى ئەينەك ئالدىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۇچۇنلا ئۇچ سائەت ۋاقتىمنى سەرىپ قىلدىم .ئادەتتە مەن كىيم- كېچەككە ئۇنچىۋالا دىققەت قىلىپ كەتمەيتىم . چۇشتىن كىيىن دەل ۋاقتىدا پويىز ئىستانسىسىغا چىقتىم .جىددىيلەشكىنىمدىن ئۇنى تۇنۇيالارمەنمۇ دەپ ئۇيلاپ يۇلۇچىلار قىستىلشىپ چىقىۋاتقان چىقىش ئىشىكىگە قارىدىم .يۇلۇچىلارمۇ چىقىپ بولغاندەك قىلاتتى .ئۇ پويىزدىن چۇشمەيلا كىتىپ قاپتۇدە دەپ ئۇيلاپ تۇرساممۇ ئۇنچە تىز قايتقۇم كەلمىدى .چىقىش ئىشىكىگە ئاخىرقى رەت قارىغىنىمدا ھاۋانىڭ شۇنچە سۇغۇقلىقىغا قارىماي يىلىڭغىنا كىيىنىۋالغان بىرەيلەن چىقىتى .بىر قاراپلا ئۇنىڭ چىرايىنى ئۇنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن رەسىمىگە ئوخشاتتىم بىراق سوراشتىن خجىل بۇلۇپ تۇرغىنىمدا ئۇ چامادانىنى سۆرەپ ئالدىمغىلا كەلدى ۋە ياخشىمۇسىز مەن xxx زۇننارخان دىدى .كۇرۇشۇشىمىز گەرچە ئاددى بولسمۇ ئۇنىڭ ئىككى كۇن كۇچاردا تۇرۇپ قىلىشى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھىسيات ئارلىقىمىزنى خېلىلا يىقىنلاشتۇردى .ئىككى كۇندىن كىيىن ئۇ قايتىماقچى بولدى مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قالدىم .يۇرىكىمنىمۇ قۇشۇپ ئەۋەتىۋەتكەندەك بىر خىل كۆڭلۇم يېرىم ھالدا ئىشقا كەلدى .قۇلۇم پەقەت ئىشقا بارمايتى .نىمىلا ئىش قىلاي نىمىنىلا ئۇيلىماي ئۇ خىياللىرىمغا كىرىۋالاتتى .مەن ئۇنى خىياللىرىمدىن ھەيدىگەنسىرى بۇ خىل رۇدۇپاي تۇيغۇلار ماڭا چاپلىشىپلا تۇراتتى .نەچچە سائەتتىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى .سىزنى كۆرمىگىنىمگە بەش سائەت 12مىنۇت بولدى سىزنى سېغىندىم .-مەنمۇ سىز نى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمەن .دەپ ئاددىيلا جاۋاپ يازدىم .ئەمما كۆڭلۇمدە يازماقچى بولغىنىم باشقا ئىدى .ئادەتتە ئۇ بىر كۇندە بىر قېتىم تىلىفۇن قىلىپ ،ئۇچ-تۆت قېتىم ئۇچۇر ئەۋەتەتتى .بىر كۇنى ئۇ ماڭا تىلىفۇن قىلىپ بىر ساۋاقدىشى بىلەن كۇرۇشۇشۇش ئۇچۇن كەلمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى .ھىساپلاپ باقسام ئۇ كۇن بىز ياشلار زارىقىپ كۇتىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئىكەن .مەنغۇ بويتاق بولغاچ يىلدا بۇنداق كۇنلەردە شىركەتتە دەم ئالمايلا ئىشلىۋىتەتتىم.راسىت گەپ قىلسام ئاشۇ بايرام كۇنىنى مەن گويا بىر ئالدامچىلار بايرىمدەكلا ھىس قىلاتتىم .دىمىسىمۇ ئۇغۇللار ئۇن يۇەنگە بىر تال گۇل سېتىۋىلىپلا ساددا قىزلارنى ئالدايتى .قىزلارنىڭ كاللىسىدا بولسا كىم بىر تال گۇل ئېلىپ بەرسە مەن شۇنىڭ بىلەن يۇرىمەن دەيدىغان ئىديە باردەكلا ئىدى .چۇنكى ئۇمۇ بىرخىل سېلىشتۇرما بۇلۇپ قالدىدە مەنمۇئۇنىڭ ئۇچۇر تىلىفۇنلىرىغا كۇنۇپلا قالغان ئىكەنمەن .بىرەر كۇن تىلىفۇن كەلمىسە ياكى ئۇچۇر كەم قالسا كۆڭلۇم بەكلا يېرىم بۇلاتتى.ئۇ كۇنى مەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقمىدىم ئۇ چۇشۇپ بۇلۇپلا تىلىغۇن قىلىمەن دىگەن بولسىمۇ چۇشتىن كىيىن سائەت بىر بولغىنچە ئۇنىڭدىن تىلىفۇنمۇ كەلمىدى .نەچچە قېتىم تىلىفۇن قىلسام تىلىفۇنى ئىتىك .ئاخشام توك قاچىليالماپتۇدە دەپ ئۇيلىدىم مەن ۋە چۇشتىن كىيىن ئۇنى ئىزلەپ باقماقچى بولدۇم .كوچا ئادەملەر بىلەن بىلەن لىق تۇلغان ئىدى .ئۇغۇللارنىڭ -قىزلارنىڭ چېھرىدە كۇلكە قىزلارنىڭ قولىدا بىر تالدىن مۇھاببەت گۇلى بەزى قىزلار كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ كۈزىچىلا بىر- بىرىنىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتىۋېلىشقان ئىدى .تۇرۇپلا ئۆزەمنى بۇ شەھەردە ھىچنىمەم يۇقتەك يەككە-يىگانە سىزىشكە باشلىدىم بۇگۇنكىدەك كۇندە مەن ھىچقانداق دوستۇمنىڭ يادىغىمۇ كەلمىگەن ئىدىم .كوچىدا ئۆزەمنى تۇلىمۇ بىئەپ سىزىپ كىتىۋاتقىنىمدا تۇيۇقسسىز يانفۇنۇم سايراپ قالدى .تىلىفۇننى ئالدىم ۋە ئۇنى ئاۋازىدىن تۇنۇدۇم .-نەدە سىز؟سىزدىن ئەنسىرەپ كەتتىم ...-مەن ھازىر ئەتتىرگۇل ئارامگاھىدا تىزراق كىلىڭ بولامدۇ ؟ئۇنىڭ ئاۋازى ئەركىلەش ئارلاش چىقىۋاتاتتى .شۇنچە سۇيۇنۇپ كەتتىم .يۇرىكىم ھاياجان ئىلكىدە مىنى ئالدىرتىۋاتقاندەك ،كوچىدىكى ھەممە ئادەملەر مىنى بەخىتلىك بول زۇننار دەپ تەبرىكلەۋاتقاندەك تۇيۇلدى .ئەتتىرگۇل ئارامگاھى بايرام ئۆتكۇزۇۋاتقانلار بىلەن لىق توشقان ئىدى .ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇنىڭغا كۇزۇم چۇشتى .ئۇدۇلدىلا ئۇلتۇرغاچقىمىكىن ئۇنى شۇنچە ئاسان تېپىۋالغان ئىدىم .ئۇنىڭ قېشىغا باردىم .ئۇ بىللە ئولتۇرغانلارنى بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇردى .ھە ئەسلىدە ئۇلار مۇنبەردىكى دوستلار ئىكەندە .تۇنۇشتۇرۇش ماڭا كەلگەندە ئۇ مۇنبىرىمىزنىڭ گۇلى زۇننار ئۇ ھەم مىنىڭ قىز دوستۇم دىدى .ئۇلتۇرغانلار بىرلەپ چاقچاق قىلىشقا باشلىدى .بۇ سۆزلەر ھىچ قۇلىقىمغا كىرمەيۋاتاتتى .مىنىڭ قىز دوستۇم مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن ھە ! بىزبۇ تۇغۇرسىدا تىخى بىر نەرسە دىيىشمىگەنغۇ ؟مەن ئۇنىڭ قىز دوستى ؟ئەجەبا بۇ مەن ئاخشام كۆرگەن چۇش ئەمەستۇ ھە ؟!چۇش بولسا نىمىدىگەن شىرىن چۇش بۇ ئۇنداق شىرىن چۇش ئىلكىدە مەڭگۇ ئۇيغانماي ياشىسام شۇلارنى ئۇيلاپ تاتلىق كۇلدۇم .چىرايلىق زىناقلىرىم ئۆز گۇزەللىكىنى نامايەن قىلدىغان پۇرسەت تاپقاندەك مىنى تېخىمۇ تاتلىق كۇلۇمسىرەشكە ئۇندەۋاتاتتى.-مۇنبىرىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى بىرلا نام چىقىرىش بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ گۇلىنى ئۈزىۋاپتۇ مانا ! دىدى شەيدايىشۇنى دىمەمسەن بىزمۇ بۇ كۇچاردا تۇرۇپ يۇرتىمىزنىڭ گۇزەللىرىنى تۇنۇماپتىمىز ئەمەسمۇ ؟دىدى غۇبارسىز مۇ قۇشۇلۇپ -ئاداش كۇچارنىڭ گۇزىلىنى ئاقسۇنىڭ يىگىتلىرى تۇنۇشتۇرسا چىدىمىدىڭمۇ يا ؟ نازىلنىڭ بۇ گىپى بىلەن xx ماڭا مەنىلىك قاراپ قۇيدى .-شۇڭا ئىسمى چىدىماس ئەمەسمۇ بۇ ئاداشنىڭ دىدى لەرزانمۇ قۇشۇلۇپ كۇلگەچئۇ يەر بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ تاماقمۇ كەلتۇرۇلدى .ئالسىلا-باقسىلا دىگەندەك تەكەللۇپ سۆزلەرمۇ بىزدىن خېلىلا يىراقلىشىپ قاپتىكەن .بۇ سۇرۇننى ئېلىپ ئىيىتساق ناھايتى قائىدە -يۇسۇنلۇق بىر سۇرۇن بولغان بۇلۇپ بىزمۇ ئادەتتە بىر -بىرىمىز بىلەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلەن ئەمەس ئالدىراشمۇ دىگەن شۇ بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولغان ئىدىۇق. بۇ يەردىمۇ مەن ئاتا -ئانىلىرىمىزنىڭ ئەدەپ -قائىدلىرىنى كۇرۇۋاتاتتىم .تاماق يىيىلىپ بولغاندا ھەممىمىز يىغىلىپ خەلىق مەيدانىغا بېرىپ خاتىرە ئۇچۇن رەسىمگە چۇشتۇق .كەچمۇ بولغان ئىدى .بىز بىر-بىرىمىز بىلەن خوشلىشىپ خوشلاشتۇق .ئىككىمىز يانمۇ -يان كىتىۋاتىمىز .گويا قىلدىغان گەپ يۇقتەك جىمجىت كىتىۋاتىمىز .يۇرىكىم ھاياجان بىلەن گويا قەپىسىدىن ئۇچۇپ چىقىشقا ئالدىراۋاتقان قۇشلاردەك نىمىگىدۇر تەلپۇنۇپ تۇراتتى. بىراق كىچىكىمدىن تارتىپ قان-قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن شەرمى-ھايا تۇيغۇلىرى مىنى ئىختىيارسىز ئۆز ئىلكىگە ئالغان ئىدى .شۇنچە ئاستا مېڭىۋاتساقمۇ بۇ يوللار تۇگەپ كىتىۋاتاتتى ..تۇرۇپ تۇرۇپ كۇزۇمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قاراپ قۇيىمەن .ئىشەنچىسىزلىك بىلەن تىركىشىۋاتقان سەبىي كۆڭلۇم ئىشەنچىسىزلىك بىلەن بىئارام بولاتتى .دىمىسمۇ مەن كىم ؟ ئۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ئىستىقباللىق ياش مەن بولسام .....-زۇننار گەپ قىلمايسىزغۇ ؟دىدى ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ بايىقى سۈزۈمدىن رەنجىپ قالدىڭىزمۇ نىمە ؟.........-ئۇ بىردىنلا توختاپ قالدى .نىمىش بولغانلىقىنى بىلمەي مەنمۇ تۇختاپ ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇ يانچۇقىدىن بىر بولاقنى ئاۋايلاپ ئالدى .ۋە ماڭا:-بۇ مىنىڭ بىر ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا قىلغان سوۋغىسى ...ئۇنىڭ سۆزلىرى كوپىنچە كىتابىي تىل بويىچە چىقاتتى.ئۇ بولاقتا نىمە بارلىقىنى بىلمىسەممۇ ئېلىشتىن خىجىل بۇلۇپ قۇلۇمنى ئۇزاتمىدىم .ئۇ ماڭا قارىدى ۋە قوللىرىمنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ بۇ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدىكى سوۋغا .يىگىتىنىڭ قىزدوستىغا بىر نەرسە سوۋغا قىلىشى بۇلۇپمۇ بۇگۇنكى كۇندە سوۋغا بىرىشى نورمال ئىشقۇ دىدى .بىراق كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭغانلارنى كۆرسەم بەكمۇ بىئارام بۇلۇپ كىتەتتىم .ئەمدىلىكتە مەن ؟ئاستا ئۇنىڭدىن قوللىرىمنى سۇغۇرۇۋالدىم .ئۇ ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپلا قالدى ۋە مەن بەك كەچ قالماي بىكەتتە ماشىنا قالماي قالمىسۇن يەنە دىدى .داۋاملىق ئالغا قاراپ كىتىۋاتىمىز .بىراق مەن يەنىلا كۆڭلۇمدىكى سۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا دىيىشنى خالىمىدىم .بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەرق بەك چوڭ ئىدى .بىكەتكىمۇ يىتىپ كەلدۇق تەلىيمىزگە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان بىر ماشىنا ئۇچۇردى .ئۇ مىڭىش ئالدىدا ماشىنا ئەينىكىدىن قۇلىدىكى بولاقنى ماڭا ئۇزاتتى.ئىختىيارسىز قۇلۇمنى ئۇزاتتىم .مەقسىدىم ئۇنىڭ چىرايىدا مەيۇس ئۇچقۇنلارنى كۆرمەسلىك ئىدى .ئۇ كۇلدى .ئۇنىڭ كۇلكىسى شۇنچە ئوماق بەئەينى بوۋاقلارنىڭ كۇلكىسىدەك تاتلىق ئاڭلاندى .ماشىنا قوزغالدى .تىلىغۇن قىلىڭ دىدى ئۇ قولى بىلەن شەرەتلەپ .مەنمۇ قۇلۇمنى پۇلاڭلاتتىم.23يىللىق ھايات مۇساپەمدە مىنىڭ قەلىپ تۇرۇمگە تۇنجى رەت يات جىنىسلىقلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ بۇسۇپ كىرىشى بولغان بۇ خىل مۇنبەر دىن باشلانغان مۇھاببەت مىنى خېلىلا تەمتىرەتكەن ئىدى .ئۇ كەتتى .كىتىپلا قالماي مىنىڭ يۇرىكىمنىمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى .بولاقنى ئاچتىم ئۇ بىر شارپا ئىدى .بوينۇمغا ئۇرۇدۇم .ئۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى نىمە دەپ يىزىشنى بىلمىدىم .........ئەتىسى ئىشخانىغا كىرىشىممگە خىزمەتدىشىم نادىرە مىنى كۇرۇپلا سۆزلەپ كەتتى .-ئاداش شارپاڭ نىمدىگەن چىرايلىق !قەيەردىن ئالدىڭ ؟-مەن..مەن بۇنى ...دۇدۇقلاپ قالدىم .ئەلۋەتتە بۇنى ئۇغۇل بالا سوۋغا قىلدى دىسەم ئۇنىڭ تېخىمۇ كوچىلاپ سۇراپ كىتىشى مۇمكىن شۇڭا دەرھاللا :-ئاكام بۇ قېتىم ئۇرۇمچىدىن يېنىشىدا ئالغاچ كەپتىكەن .دىدىم .بۇنىڭ بىلەنلا گەپ تۇگىمىدى .خىزمەتداشلىرىمدىن ئايگۇل ھەدەم كۇلۇپ تۇرۇپ :-ھە قاچان تۇنۇگۇنكى بايرامنىڭ يالدامىسى بۇ دىدى.-ياق.ياق..ئۇنداق دىمەڭلار يۇزۇمنى ئەتكىنىمچە ئىشخانىدىن يۇگرەپ چىقىپ كەتتىم .كۇنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆي بىلەن ئىشخانا ئارلىقىدا ئالدىراش ئۆتمەكتە .ئەمدى ئۇنىڭدىن تىلىفۇن كۇندە بىر رەت ئەمەس ھەپتىدە بىر رەت تىلىفۇن كىلىدىغان بولدى بىراق ئۇچۇرلىرى يەنىلا كۇندە نەچچە رەت مىسكىن قەلبىمگە ئاراملىق بىرىپ مىنى يۇقلاپ تۇرۇۋاتاتتى.مۇنبەرگە يەنە كۇندە كىرىپ تۇرۇۋاتاتتىم .بىراق مەن يەنە ئەسەر يىزىشتىن قالغان ،كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلسەملا ئۇ خىيالىمغا كىرىۋالاتتى.بۇلۇپمۇ جىمجىت كېچىلەردە بۇ ئوغرى تۇيغۇلار ئىشىكيۇچۇقلىرىدىن،دىرىزە كۆزنەكلىرىدىن ،بۇسۇغا ئارلىقلىرىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ شىرىن تۇيغۇلىرىمنى ئۇغۇرلايتى..ھەر كۇنى ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇ سوۋغا قىلغان شارپىنى بوينۇمغا ئۇراپ ئىشقا بېرىش مىنىڭ كۇندىلىك ئادىتىمگە ئايلانغانىدى .2-ئاينىڭ 20-كۇنى ئۇ ماڭا تىلىفۇن بىرىپ يەنە ئىككى كۇندىن كىيىن ماڭىدىغانلىقىنى ئىيىتتى .دىمەك ئۇنىڭ تەتىل ۋاقتى توشقان ئىدى .ئۇنىڭ كەچتە ماڭا يوللىغان ئۇچۇرىدا مەن كۇچاردىن ماڭايمىكىن دەيمەن .مۇنبەرداشلار بىلەن خوشلىشىپ ماڭىمەن.دىگەن ئىدى .مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرۇپ ئۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ ئۇچۇر يوللىدىم .23-چىسلا ئۇ كەلدى .مۇنبەرداشلار يىغىلىپ بىللە تاماق يىدۇق .سىرتلارنى ئايلاندۇق .چۇشتىن كىيىن سائەت ئىككىنىڭ پۇيىزى بىلەن ئۇ ماڭىدىكەن .شۇڭا سائەت بىرلەر بىلەن بىز دوسىتلار بىلەن خوشلاشتۇق.پويىز ئىستانسىغا چىققۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردىم .ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى ،گەپنى نەدىن باشلىشىمنى بىلمەي تۇرغىنمىدا ئۇ گەپ باشلىدى .زۇننار مەن سىزنى قانداقلارچە ياخشى كۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن .سىزنى تۇنجى كۆرگىنىمدە مەن ئىستەۋاتقان قىز مۇشۇ دەپ يۇرىكىم ھاياجاندىن تىپىچەكلەپ كەتكەن ئىدى .بىراق سىزنى ماڭا بۇنچە قاتتىقلىق قىلار دىمەپتىكەنمەن .دىدى.مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ .بىز .بىز تۇنۇشقىلى ئانچە ئۇزاق بولمىدى .مەن سىزنى قىلچە چۇشەنمەيمەن .دىيەلىدىم ئارانلا .-مەن سىز نى ساقلايمەن تا سىز مىنى قۇبۇل قىلغۇچە دىدى ئۇ تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا قۇلىقىمغا پىچىرلاپ .مەن ئاستاغىنە قۇلۇمنى ئۇنىڭ قۇلىنىڭ ئۇستىگە قۇيدۇم .ئۇ كەتتى تۇرمۇشۇم بولسا يەنە شۇ بىر خىل قېلىپ ئىچىدە ئاددىيلا ئۇتۇۋاتىدۇ .قىسقىغىنەنەچچە ئاي ئىچىدە مىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىپتىنىچ تۇرغان قەلىپ كۆلۇمگە كىملەردۇر تاش تاشلاپ تەۋرىتىۋەتتى.تۇرمۇشۇم تاتلىق ھىس تۇيغۇ بۇشۇكلىرىگە بۆلەندى .بىراق ئۇ يىراقتا ئۇنى خالىغانچە كۇرەلمەيمەن .پەقەت ئۇ كۇندە ئەۋەتىدىغان ئۇچۇرلار مىنىڭ كۆڭلۇمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرىدۇ .ئۇنىڭ ئەسىرى ئاز ئۆتمەي ئاۋازلىق ئەسەر بۇلۇپ چىقتى .ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى خوشاللىقىغا مەنمۇ تەڭ شىرىك بولدۇم .پەقەت ئۇنىڭ تىزراق يېنىمغا قايتىپ كىلىشىنىلا كۇتەتتىم .بىراق يەنىلا ئۆزەمگە تازا ئىشەنچ قىلالماي ئۇتۇۋاتاتتىم .بارا-بارا مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئانچە قۇرۇنمايلا چاقچاقلىشىدىغان ،كۆڭلۇمدىكى ھىس -تۇيغۇلىرىمنى ،پىكىرلىرىمنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بولدۇم.ئۇنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرى ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بۇلۇپ بىر ئىزىدا توختاپ قالماسلىق تۇغۇرسىدا نەسىھەت قىلاتتى.مەنمۇ قۇلۇمغا ئالمىغىلى ئۇزاق بولغان دەرسلىك كىتاپلىرىمنى قۇلۇمغا ئالدىم.ۋە شىركەتنىڭ لەنجۇغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كىلىدىغان شۇ بىر ساننى قولغا كەلتۇردۇم .ۋە بۇ خوش خەۋەرنى شۇ زامانلا ئۇنىڭغا يەتكۇزدۇم .ئۇ بەكمۇ خوشال بولدى .ئىشقىلىپ ئۇقۇشۇم تەتىلدىن كىيىن بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلىەن بىللە ماڭساممۇ بولغۇدەكقۇ دەپ ئۇيلىدىم .كۇنلىرىم ئۇنى زارىقىپ كۇتۇش بىلەن ئۆتتى ..چۇنكى ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىز بىر ئاز بولسىمۇ يېقىنلاشقان ئىدى .ئاخىرى مەن زارىقىپ كۇتكەن ئۇ كۇنمۇ كەلدى .مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىم .تەتىل خېلى ئۇزۇن بولغاچقا ئۇمۇ بىزنىڭ شىركەتكە ئىشقا چۇشتى.ئىككى ئاينى بىكار ئۆتكۇزگەندىن بۇ سەل ياخشىراق ئىدى .ئىشخانىمىز ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل ئىدى.بېشىمنى كۇتۇرسەملا ئۇنى كۇرەلەيتىم .بۇ دەل مەن ئارزۇلىغان تۇرمۇش ئىدى .ئۇنىڭ ياتىقى شىركەتنىڭ يېنىدىلا بولغاچ كىرىپ-چىقىشىغا بەكمۇ ئەپلىك بولغان ئىدى .كەچتە ئىشتىن چۇشۇپ يىمەك-ئىچمەك كوچىسىغا بېرىپ بىللە تاماق يەيتۇق .كوچا ئايلىناتتۇق .مىنىڭ خەنزۇتىلدا ئازراق قىينىلدىغان يەرلىرىمنى ھىساپ قىلمىغاندا تەكرار قىلىشنىمۇ تاشلىۋەتمىگەن ئىدىم.بۇ جەريانلاردىمۇ ئۇنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئىرىشتىم.ئۇنىڭ خەنزۇتىلى قابىليىتىگە ھەتتا بىزنىڭ جىڭلىمۇ قول قۇياتتى.ئۇنى خىزمەتداشلارمۇ تېزلا ئارىغا ئىلىپ كەتتى .ئۇنىڭ ياردىمى تەگمىگەنلەر يۇق دىيەرلىك ئىدى .كۇنلىرىمىز شىرىن مۇھاببەت ئىلكىدە بەكمۇ تىز ئۇتۇپ كىتىۋاتاتتى.ئاخىر بىزنىڭ ماڭىدىغان كۇنىمىزمۇ كەلدى .پويىز كۇتۇش زالىدا خىزمەتداشلار بىزنى ئۇزاتقىلى كەلگەن ئىدى .ۋاقىت تۇشقاندا بىز سومكىلىرىمىزنى كۇتۇرۇپ پويىزغا قاراپ ماڭدۇق .مەن كەينىمگە قاراپ ئۇلارغا قۇلۇمغا پۇلاڭشىتىپ خوش دىدىم-خەير-خوش مېھرى ئىسسىق ئەزىزانە يۇرتۇم كۇچار.... -خەير-خوش كۇيۇمچان دادا مېھرىبان ئانا ...خەير-خوش دىلكەش خىزمەتداشلىرىم ..........مەن پات-پۇرسەتتە يەنە ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ مۇشۇ تەرىقىدە قايتىپ كىلىمەن .پويىز ئەينىكىدىن سىرتقا قارىدىم .ىسرتتىكى تامچىلاۋاتقان يامغۇر ،يۇيۇلۇپ ئۆز گۇزەللىكى بىلەن دۇنيانى گۇزەللەشتۇرگەن تەبىئەت ،ھەممىلا ئادەم مىنىڭ بەختىم ئۇچۇن تەنتەنە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى | |
كۆرۈلۈشى:757 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-18 19:39:13 | يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|