بۈگۈن تورغا چىقىپ ماقالە كۈرۈپ باقتىم، يەنە شۇ قىزلارنى سۆكىدىغان، ئىپپىتىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدىغان ماقالىلەر سەھىپىنى بىر ئاپتۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئاشۇ ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان غۇرۇرى كۈچلۈك يىگىتلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك ئىدى. ئاشۇ قىزلارنى ئازدۇرىۋاتقان يەنىلا بىز ئوغۇللار ئەمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ يولدىن چىقىشىدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز بارغۇ؟
مەنمۇ ئۆزۈمنى راۋرۇس غورۇرلۇق دەپ ھېساپلايدىغانلارنىڭ بىرى ئىدىم. باشلانغۇچتىن تاكى ئالي مەكتەپكىچە سىنىپ باشلىقى بولغان، نەتىجەم ئەزەلدىن بىرىنىڭ كەينىدە قالمىغان، ئاتا- ئانامنىڭ، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ پەخىرى ئىدىم. ئالي مەكتەپنى ئىچكىرىدىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپنىڭ بىرىدە ئوقۇدۇم، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار ساپ، تىرىشچان دەپ قارايتىم.
ئەڭ ئاخىرقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمي ماقالەمنى يېزىپ بۇلۇپ بىكار يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر ئاخشىمى يېقىن دوستۇم جىددى تېلفۇن قىلدى: - تېز كەل، يېنىمدا ئىككى قىز بار، كەچتە چۇقۇم ئوينايمىز.........
بارماسلىققا سەۋەب تاپالمىدىم، دوسلىرىمنىڭ< يۈزى ئېچىلمىغان يىگىت> دەپ زاڭلىق قىلىشلىرى جېنىمغا تېگەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېسىيات جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتتىن تېخىچە ئۆزۈمنى تاپالماي يۈرەتتىم. ئاخىرى ئىش كۆرۈپ بېقىش ئستىكى بىلەن كوچىغا چىقىپلا تاكسىى توسۇدۇم. بېرىپلا ھەيران قالدىم، ئىككى قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق، تولغان ئىدى. ئاۋال شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى بىرگە تاماشا قىلدۇق، بىرگە تاماق يېدۇق، ئاخىردا قىزلارنى بىر نېمىلەرنى دەپ يۈرۈپ قاۋاقخانىغا ئاپاردۇق. بۇ مېنىڭ قاۋاقخانىغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم ئىدى، ئەمما يالغاندىن ئىش كۈرگەن قىياپەتكە كىرىۋالغاندىم. ھارغۇچە دېسكو ئوينىدۇق، قىزلار ئىچمەيمەن دېگىنىگە قويماي بىر-ئككى رومكا ئۈزۈم ھارىقى ئىچكۈزدۇق، ئولارنىڭ سەل قىزىشىغا ئەگىشىپ سۈركىلىپ تۇرۇپ ئوينىساقمۇ قورۇنمايدىغان بۇلۇپ كەتتى. كېيىن دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئۈزۈم ھارىقىغا ئاق ھاراقنى ئارلاشتۇرۋەتتۇق... ......
بىر چاغدا دوستۇم بىلەن يەنە بىر قىز چىقىپ كەتتى، مەن بىلەن دېسكو ئويناۋاتقان قىز سەل ھۇشىيار ئىكەن، تاڭ ئاتقۇچە ئوينايمەن دەپ تۇرىۋالدى، ئەمما مېنىڭ نەپىسىم بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ....... ئاخىرى قىز ھاردى، ھاراق تەسىردە پۇتلىرى قېيىپ، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنى يۆلەپ قاۋاققخانىدىن چىقتىم، تاكسى تۇسۇپ ئەڭ يېقىن مېھمانخانىغا باردىم. ياتاققا كىرگەندە قىز ماڭا يۆلىنىپلا قالدى، كىيىملىرىنى سالغۇزۋەتسەممۇ ئىختىيارىنى ماڭا تاپشۇرۇپ ياتاتتى، بۇنداق ئىشلار ئۇنىڭ بېشىدىن كۆپ ئۆتكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى سىيلىدىم ، ئەمما قىز پۈتۈنلەي ھېسىياتسىز ئىدى .........
توساتتىن پەيدا بولغان سەسكىنىشتىن قۇلۇمنى تارتىۋالدىم، قۇلۇم ئۇنىڭ بەدىنىگە تەگكەندە سەسكىنىش تېخىمۇ كۈچىيەتتى. نېمە ئىش ئكەنلىكىنى تەستە ھېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداق ھېسىيات ئكەنلىكىنىمۇ بىلدىم. بۇرۇن بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كېچەتتىم. ئەمما مەن ياخشى كۆرگەن قىز مېنىڭ ئۈچ يىللىق قۇربانلىقىمغا، ئۈچ يىللىق يالۋۇرۇشۇمغا پەرۋا قىلماي كېتىپ قالغان. ئۆمۈرۈمدە ئۇنىڭ قۇلىنى بىرلا قېتىم تۇتۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم، ئۇ ھېسىياتلىرىم پاك ئىدى، ئۇلۇغ ئىدى. ئاشۇ قېتىم ئۇنىڭ قۇلۇنى تۇتقاندا پەيدا بولغان پۈتۈن بەدىنىمدىكى توك تەپكەندەك جۇغۇلدش، تۇمۇر- تۇمۇرلىرىمغا تارىغان شېرىنلىكتىن بولغان تۇيغۇ بىلەن سېلشتۇرغاندا ئالدىمدىكى جانسىز بەدەندىن، ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن يىرگىنىش تۇيغۇسى كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈردى. گەپ قىلماي يېنىپ چىقتىم، ئۇزۇن يولنى پىيادە بېسىپ مەكتەپكە قەيتىپ كەلدىم، ئۆزۈم ھەقىقى ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن دائىم بىرگە فىرانسۇز تىلى تەكرار قىلغان چىملىققا كېلىپ يېتىپلا ئۇخلاپ قالدىم.
گەرچە پەسكەش ئىشتىن بىرنى قىلىشقا قەدەم باسقان بولساممۇ، خوشال بولىدىغىنىم- مەن ئاخىرى ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.