|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
مەكتەپ پۈتتۈرگىنىمگىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە 4يىل بولۇپ قالدى .بۇ تۆت يىل مەن ئۈچۈن قىرىق يىلدەك بىلىندى .چۈنكى بۇ جەرياندا مىنىڭ قىلمىغان بىرلا ئىشىم يەنى ئوبورنى تازىلاشلا قالدى.تاللا بازارلىرى،قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى دەمدۇ ئىشقىلىپ ئازراقلا پۇل تېپىپ جان باقىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم.بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە خېلى ياخشى خىزمەتلەرگە ئپرۇنلاشتى مەن يەنىلا شۇ بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن گويا شاڭچىنىڭ موكىسىدەك .ماتېرىياللىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۇيان -بۇيان قاتىرىغاچ مەمۇرىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشتىم ھەر قېتىمدا يېزىق ئىمتىھانىدىن ئۆتسەم يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا شاللىنىپ بۇ ئىشتىنمۇ كۆڭلۈم سويۇۋۇپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن تاللا بازىرىدا ئىشلەشنى قارار قىلدىم .شۇنداق قىلىپ ئۇ جايدا ئىشلەۋاتقىنىمغىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى .گەرچە بېرىدىغان ئايلىقى ئاز بولسىمۇ ھەر-ھالدا ئاچ قالمىغىنىمغا مىڭ شۈكرى بۇلتۇر كۈز پەسلىدە تۇيۇقسىز چوڭلاردىن ئىنىمنىڭ تويى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تېلىفون كەلدى شۇنىڭ بىلەن دۇنيالىقتىكى بىرلا ئىنىمنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ كېلىش ئۈچۈن 10كۈنلۈك رۇىسەت سوراپ يۇرتقا قاراپ يول ئالدىم.پاھ يۇرتىمىزمۇ ئۈرۈمچىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ قاتار سېلىنغان ئىمارەتلەر،كەڭرى ياسلغان يوللار نىمە دىگەن چىرايلىق .نىمە دىگەن كۆركەم ھە!مانا ئاىخرى ئۆزۈم چوڭ بولغان يېزىغىمۇ يېتىپ كەلدىم يېزىمىزدىمۇ خېلى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولغاندى.دادام-ئاناملارمۇ ھەرھالدا خېلى ياخشى تۇرۇپتۇ.ئىنىم بولسا توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ مەن بىرتەرەپتىن ئائىلىنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىنىمنىڭ توي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.بىت كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ . -قايتىپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلايمىكىن دەيمەن دىيىشىمگىلا . -نىمە دەيدىغانسەن ئاكا دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەر بولمىسا بولمايدۇ،سىنىڭ يېرىڭ بولمىسا قانداق قىلىسەن.دادام-ئاناملارغا بېرىلگەن 6مو يەرنى تالىشىپ يۈرمەيلى يەنە دىدى ئىنىم ئۇدۇللا .ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى بىراق مەن چاندۇرماسلىققا سېلىپ مەنمۇ كەلمەيمەن ئۇكام شەھەردە ئىشلەيمەن دىيەلىدىم ئارانلا .چوڭلارمۇ ئۈندىمىدى.مانا ئەتە توي بولىدۇ بىز خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئالدىراش بولۇپ كېتىشتۇق .ھېىپ -ئېچىپ ئۆيگە كىرىشىمگە بىرمۇنچە ئادەم كاڭدا ئوتۇرۇشۇپ تاماق يىيشىۋېتىپتۇ مەن سالام قىلىپ كىدىمدە ئۇللار بىلەن بىرمۇ -بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكە باشلىدىم ئىگىز بويلۇق ،قاڭشارلىق،قاشكىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان سېمىز بىرى بىلەن قول ئېلىشتىم ئۇنىڭ قولى شۇنداق يۇمشاق ئىدىكى خۇددى قىزلارنىڭ قولىغىلا ئوخشايتى.مەن بۇ نەدىن كەلگەن باشلىقتۇ؟بىزنىڭ بۇنداق باشلىق تۇغقىنىمىز يوق ئىدى قارىغاندا قوشنىلارنىڭ تۇغقىنى ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈردۈم . -شۇ ئارىدا قادىر ئاكا بۇ مىجىت بولامدۇ؟سورىدى ئۇ دادامدىن.كۆڭلۈمگە بۇ كىشى مىنىڭ ئىسىمىمنى بىلىدىكەنغۇ دىگەنلەر كەچتى. -شۇنداق مىجىت بولىدۇ دىدى دادام جاۋابەن. -ھە يىگىت نىمىش قىلىۋاتىسەن؟قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇ خۇددى سوتچىلاردەك سوراق قىلغىلى تۇردى مەن بولسام: -ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىمەن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان دىدىم چاقماق تېزلىكىدە. -نىمە تاللا بازىر ئىشلەۋاتامسەن؟بۇ ئىش قاملاشماپتۇ نىمىشقا نىمى ئىزدىمىدىڭ؟ ۋوي قادىر ئاكا بالىنىڭ ئىشلىرىدىن مىنى نىمىشقا خەۋەردار قىلمىدىڭ ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۈرۈمچىدە 5يىل ئوقۇپتۇ ئەجىبا ماڭا خەۋەر قىلماپسەنغۇ؟ھەي سىنىزە نىمە دىسەم بۇلار كونىلاردا ئۆزۈڭ ئۈچۈن قايغۇرمىساڭ يەر يۈتەر دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ؟قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن ھوقۇقۇمنىڭ بارىدا ئۇنى ئورۇنلاتۇرۇپ قويسام ياىشى ئەمەسمۇ ھەي سېنىزە ئالامەت غەم يىمەس ئادەمسەن.بوپتۇ ھېچقىسى يوق بالام قايتىپ بارغاندىن كېيىن مىنى ئىزدە چوقۇم كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن دىدى ۋە يانفون نومۇرىدىن تارتىپ ئۆيىنىڭ نومۇرىغىچە يېزىپ بەردى.شۇ ئەسنادا ھاياجانلانغانلىقىمدىن كۆز يېشى قىلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم ۋە چوڭلاردىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم .مانا تويمۇ ئاخىرلاشتى تاغاممۇ كالا باش ماركىلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى،.ۇ بىز بىلەن خۇشلۇشۇۋاتقاچ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ بارغاندىن كېيىن چوقۇم مىنى ئىزدىگىن دەپ تاپىلىدى.مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كەتكۈم بار بولسىمۇ بىراق چوڭلارنىڭ ئېتىز-ئېرى ئىشلىرىنى تۈگىتىشىپ بېرىپ قايت دىگەن بۇيريقىغا خىلاپلىق قىلالمىدىم .مانا سىنتەبىر ئېيىمۇ كىرىپ قالدى گەرچە ۋاقتىم توشۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا چوڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى داۋاملاشتۇردۇم .مەندە خوجايىن ئىشتىن بوشۇتۇۋېتەرمىكىن دەيدىغان خىياللار بولمىدى چۈنكى مەن ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىمەن چۈنكى تاغدەك تاغام بار ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇنداق سوكالتاق خوجايىنلارغا ئىشلىمەيمەن.بۇلارنى خىيالقمدىن ئكتۆۈزگىنىمدى روھلىنىپ كېتەتتىم مانا ئىشلارمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خۇشلىشىپ گۈزەل ئۈرۈمچىگە يەنى مىنىڭ بەختىم ئېچىلىدىغان جەننەت شەھەرگە تاغدەك تاغامنىڭ ئالدىغا قاراپ يول ئالدىم.ماشىنا ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە شۇنداقتىمۇ مەن شوپۇر ئۇستامدىن رەنجىگەندەك ئىشتىكرەك ھەيدىسە بولمامدىغاندۇر دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئىچىمدە غودۇڭشۇشقا باشلىدىم ئەگەر مىنىڭ قول ئاستىمدىكى شوپۇر سەندەك بولىدىغان بولسا جەزمەن ئىتىن بوشىتېۋېتەتتىم نىمانداق ئاستا ھەيدەيدۇ ماشىنىنى بۇنداق ئىسىل ماشىنا دىگەننىچۇ سائىتىگە 200نى كۆرسىتىپ ھەيدىمىسە قانداقمۇ بولىدۇ قارىمامدىغان بۇ لەقۋانى ئىست كونا شوپۇركەن تېخى دەيتىم ئىچىمدە .مانا مىڭ بىر تەسلىكتە تاڭغا يېقىن ماشىنا ئۇلانبايغا كەلدى بىردەمنىڭ ئىچىدە قارلىغاچلىقتىن ئۆتۈپ ئۈت تاش بېكىتىگە يېقىنلاشتى خېلىدىن بېرى يېغىشقا باشلىغان سىم-سىم يامغۇر توختايمۇ دىمەيتى مانا بېكەتكىمۇ كىردۇق ھەممە يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن نىشانلىرىغا يول ئېلىشماقتا مەن بولسام ئالدىراش چۈشتۈمدە،يۈك-تاقىلىرىم بىلەن سېۋەتتىكى مىۋىلەرنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ھالدا ئىتتىك -ئىتتىك مېڭىپ تاكسىدىن بىرنى توستۇم تاڭمۇ ئاتتى بۈگۈب شەنبە تاغاملار دەم ئالىدۇ شۇنىڭ ئۆيىگە باراي مىۋىلەر سېسىپ قالمىسۇن كۆيۈمچان تاغام مىۋىلەرگە يېڭى ۋاقتىدا ئېغىز تەگسۇن دىگەنلەرنى خىيالىمغا كەلتۈدۈم-دە،مىڭ تەسلىكتە ئۇنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلىفون قىلىشقا باشلىدىم. -نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟سورىدى شوپۇر. - ئالدىرىماڭ تېلىفون قىلىۋالاي دىدىم ۋە تېلىفون قىلىشقا باشلىدىم .مانا تېلىفون ئېلىندى.مەن مۇلايىملىق بىلەن. -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغا دىدىم ھاياجان بىلەن. -كىم بولىسىز ؟ -مەن مىجىت تاغا. -قايسى مىجىت ؟ -قادىرئاخۇننىۇ ئوغلى. -ھە شۇنداقمۇ ؟داداڭ-ئاناڭلار ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ -ھەر-ھالدا خۇداغا شۈكرى خېلى ياىشى. -مىنى بىرەر ئىش توغۇرلۇق ئىزدىگەنمىدىڭ ؟ -شۇنداق تاغا مەن ھازىرلا ماشىنىدىن چۈشتۈم. -ھە شۇنداقمۇ؟ -ئەمىسە بىر نەچچە كۈن دېمىڭنى ئېلىۋېلىپ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ماتېرىياللىرىڭنى ئېلىپ ئىدارىغا بار؟خوش ئەمىسە.مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئۇلتۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم شۇ ئارىدا. -نەگە ئاپىرىپ قويىمەن قايتىلاپ سورىدى شوپۇر. -جىەدىلىككە (داۋامى بار) -----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:مىسرانىم مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:http://bbs.misranim.com/read.php?tid=11----- |
كۆرۈلۈشى:1941 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-5-23 23:20:31 | يوللىغۇچى ئەزا: |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|