چاقماق چاقىدۇ ، ئۆچىدۇ ، باھار
كېلىدۇ ، كېتىدۇ ، ئەمما ياشلىق چاغدىكى-
تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسىرەت ھەرگىزمۇ
ئۆچمەيدۇ ، كەتمەيدۇ .
كەچ كۈز ، دەرخلەر قاقشال .
بوران گۈركىرەپ چىقماقتا . ئاسمان يۈزىنى چاڭ – تۇمان قاپلىغان . دەرخلەر ۋىڭىلداپ ، پۇتاقلار قاراسلاپ سۇنماقتا . . .
قاقشال ئورمانلىق ئىچىدىن ياشقىنە بىر يىگىت چىقىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى سۇنۇق ۋە مۇرەككەپ ، قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرى غەزەپلىك ۋە تولىمۇ غەمكىن . ئۇ يالاڭۋاش ، چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن ، ئۇچىسىدا ئاق پاڭچۇ كۆڭلەك ، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ، چاپىنىنى ئۆشنىسىگە تاشلىغان .
ئۇ ئاستا مېڭىپ ئورمان بويىدىكى بىر تۈپ قارىياغاچنىڭ تۈۋىگە كېلىپ توختىدى – دە ، ئېرىقتىكى ئېقىپ كېتىۋاتقان سۈزۈك سۇنىڭ ئاستىدىكى رەڭدار ئۇششاق تاشلارغا قارىدى . چاپىنىنى تېگىگە سېلىپ ، قارىياغاچقا يۆلىنىپ ئولتۇردى . ئۇ مۇڭلىنىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ ، سۇ ئۈستىدىكى ئېقىپ كېلىۋاتقان سېرىق ياپراقلارغا تەلمۈرۈپ خىيالغا چۆمدى .
. . . ئېھ ياشلىقىم ! گۈزەل سۆيگۈ باھارىم ، سەن ھاياتىمغا خۇددى نەۋ باھاردەك كىرىپ كەلدىڭ – دە ، گويا شامالدا ئۇچقان تۈتۈندەك غايىپ بولدۇڭ . . . ئېھ سۆيگۈ باھارىم ، ئۆزۈڭنىڭ قىزىلگۈلىنى ماڭا سۇندۇڭ – دە ، پۇراپ بولغۇچە تارتىۋالدىڭ . . .
ئېھ !
مېنىڭ گۈزەل سۆيگۈ باھارىم ،
ۋەيران بولدۇڭ سېرىق غازاڭدەك .
قالدىم مەنلا يالغۇز ۋە مەيۈس ،
ياپراقلىرى تۆكۈلگەن گۈلدەك . . .
ئېھ ھايات . . . ، شېرىن مۇھەببەت ، جانىجان سۆيگىنىم تۇرسۇنئاي . . . بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن . . .
بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن . . .
ئۈرۈمچىنىڭ ئاخىرقى قىش كۈنلىرى . بەختىيار ئۆز ياتىقىدا يالغۇز . تاگورنىڭ ئاتاقلىق رومانى « ھالاكەت » نىڭ ئاخىرقى بابلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى – دە ، تاماكىدىن بىرنى ئورىدى . ئۆي ئىچىنى ئىسسىپ كەتكەندەك سېزىپ ، دېرىزىنى ئاچتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ھەيۋەتلىك بوغدا چوققىسى گەۋدىلەندى . ئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغقا قاراپ خىيال سۈردى :
بۇ يەردە مارت ئايلىرى كەلگەن بولسىمۇ ، تېخىچە ئاق قار ئۆز ھۆسنىنى نامايان قىلماقتا . مانا « ھالاكەت » نىڭ قەھرىمانلىرى ياشىغان جايلاردا بولسا يامغۇر ھېچقاچان سوغۇق ،قاتتىق ، پاراقىراق قار ئۇچقۇنلىرىغا ئايلانمايدۇ . ئىللق ياقلاردا قار نەملىك ۋە گۈزەل بولىدۇ . قارمۇ ياخشى ، بۇ ساپ قار قاتلىمى تېخى شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان باھارنىڭ خەۋەرچىسىدۇر . قارلىق دالالاردىكى تاغ چېيىنىڭ چوغدەك قىزىل ئۈنچىلىرى ، ياۋا ئالۇچىنىڭ ياپيېشىل پەردىگە ئورالغان ئاپئاق گۈللىرى جىلۋە قىلدۇ ، بۇلار نېمىدىگەن گۈزەل – ھە ؟ قارنىڭ ئاستىدا بولسا مۇزلىغان گىياھلار يېشىل تۈس ئېلىپ بىخ چىقىرىشقا باشلايدۇ . قار ئاستىدا باھارىنى تەشنا بولۇپ كۈتىدۇ . . . مېنىڭ قەلبىمدە ھەم گويا باھارنى كۈتۈپ تۇرغان يۇمران بىخلارغا ئوخشاش ئاجايىپ بىر ئارزۇ – ئىستەك گۈللىمەكتە . گۈزەل بىر ئىسىم چوڭقۇر يىلتىز تارتماقتا . ئەلۋەتتە ، باھار كەلگەندە كۆكلەپ ياشنىسا ، نېمىدىگەن ياخشى – ھە ؟ شېرىن مۇھەببەت . . . ئېھ ، تۇرسۇنئاي . . . گۈزەل ئىسىم . سۆيۈملۈك قىز . . .
يۈرىكىڭ يالقۇنلىرىدىن قەلبىمگە ئوت بەرسەڭ سۆيەي ،
چىن ئىشق گۈلزارىدىن گۈلچىمەن تەرسەڭ سۆيەي .
ناز بىلەن پەرداز ئۈچۈن قەلبىم مېنىڭ مەپتۇن ئەمەس ،
مۇھەببەت داۋانلىرىدىن مەن بىلەن ئۆتسەڭ سۆيسەڭ .
﹡ ﹡
نەۋ باھار ، گۈل باھار كەلدى . . .
مۇز ھەر قانچە قىلسىمۇ باھار ئاپتىپىنىڭ تەپتىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى . خۇددى شۇنىڭدەك ، باھار كېلىشى بىلەن تەڭ ، بەختىيار ئۆز قەلبىدىكى مۇھەببەتنى ھەر قانچە يوشۇرغان بولسىمۇ ، بىراق ئامال بولمىدى . بەختىيار تۇرسۇنئاينى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالدى . ئۇنىڭ تەمبۇرى تىنماي سايرايدىغان ، ئاغزى سۆيگۈ ناخشىلىرىدىن بوشىمايدىغان بولۇپ قالدى .
سۈبھى تاڭ . . .
ئاق لەيلىنىڭ ياپراقلىرىدىكى مەرۋايىتتەك سۈزۈك شەبنەم تامچىلىرى تاڭ قۇياشىنىڭ نۇرىدا ياقۇتتەك جىلۋە قىلاتتى . ئەتراپتىكى رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايتتى . يىراقلاردا كاككۇك سوزۇپ – سوزۇپ زوق بىلەن سايرايتتى .
بۈگۈن بەختىيار ناھايىتى خۇشال ئىدى . چۈنكى ئۇ تۇرسۇنئاينىڭ مۇھەببەت بىلەن تولغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى . بەختىيار سەھەردىلا مۇشۇ ئورمانلىققا كېلىپ ئېرىق بويىدىكى قارىياچاچ تۈۋىدە ئولتۇرغانىدى . شۇنىڭدىن بېرى تەمبۇر چېلىپ ناخشا ئوقۇيتتى . ئۇ تەمبۇرنى زوق بىلەن چېلىپ يېڭى ناخشا باشلىدى :
تۇرسۇنئاي ئەقىدەم كۆپ ، دىلىمدا سەن گۈلى رەنا ،
سېنىڭدەك نازىنىن قايدا مۇھەببەت دىلبىرى رەنا .
نەزەر سالسام تەبەسسۇم قىل ، ۋاپا ئەيلە ، جېنىم دەيمەن ،
بەختىڭچۈن پىدا بەختىم ، سېنىڭ ئىشقىڭدا جان رەنا .
سېنىڭچۈن شېھىت بولماق ماڭا ئەڭ زور سائادەتتۇر ،
مۇھەببەت – سۆيگۈ بابىدا مۇشەققەت چەكمىگەن كىم بار ؟ !
بەختىيارنىڭ ئاۋازىدا سۆيگۈ گۈلىستانىغا قەدەم قويغان ياش يىگىتنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى ئەكس ئېتەتتى . ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا چىن مۇھەببەتنىڭ ، مۇھەببەتلىك ياشلىقىنىڭ ھۇزۇر – ھالاۋىتى ، سادىقلىق ، ۋاپادارلىقنىڭ بۈيۈك ئەقىدىسى جاراڭلايتتى .
ئۇ ناخشىدىن توختىدى . تۇرسۇنئاينىڭ خېتىنى تۈنۈگۈن كەچتىن بېرى قايتا – قايتا ئوقۇغان بولسىمۇ ،گويا ئۇسساپ سۇغا قانمىغان كىشىدەك يەنە بىر قېتىم ئوقۇدى :
« قەدىرلىكىم بەختىيار !
خېتىڭ ئۈچۈن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن ! ساڭا چىن يۈرىكىمدىن رەخمەت !
سېنىڭ ئىشقىڭغا يار بولۇش ، ھاياتنى سەن بىلەن ئورتاق ئۆتكۈزۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم ۋە بەختىمدۇر .
بەختىيار ، بىلسەڭ كېرەك ، قىزنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكى پەقەت ئۇنى سۆيگەن يىگىت قەلبىنىڭ قىز قەلبىدىكى تولۇق ئەكسىدۇر ، قىزنىڭ بەختى يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن چىن ئىشقىدۇر .
ۋاپا – ساداقەت بىلەن ياش مۇھەببىتىمىز گۈللىسۇن !
ساڭا ئۆزۈم ، بارلىقىم تەئەللۇق !
سېنى سۆيۈپ :
كەلگۈسىدىكى رەپىقەڭ - تۇرسۇنئاي . »
چىرايلىق ياز ، گۈزەل ئاخشام .
گويا گۈزەل قىزنىڭ ئەگمە قاشلىرىغا ئوخشىشدىغان ئاي ناھايىتى نازلىق قىياپەتتە ئۆز نۇرلىرى بىلەن ئەتراپقا كۆز تاشلايتتى ۋە بەزى كۈل رەڭ بۇلۇتلار بىلەن مۆكىمۆكىلەڭ ئوينىشاتتى . ئوماق يۇلتۇزلار بىر – بىرى بىلەن ئويناشقاندەك كۆز قىسىشاتتى . ياز ئاخشىمىنىڭ جانغا ھۇزۇر ئىزغىرىن شامىلى يېشىل ياپراقلارنى لەرزان چاۋاك چالدۇراتتى . بەختىيار بىلەن تۇرسۇنئاي ئېرىق بويىدىكى قارىياغاچ تۈۋىدە ئولتۇراتتى .
بۈككىدە ئورمانلىق ئىچىدىن گارمونغا تەڭكەش ناخشا ئاڭلاندى :
كېتەر بولدۇم يىراقلارغا ھىجران يۈكىنى ئارتىپ ،
چىدىغىن سەن پىراقلارغا سېغىنغاندا ئۇھ تارتىپ .
تاشلاپ كەتتى دېمىگىن ، كۆڭلۈم قالىدۇ سەندە ،
دۈشمەنلەر سوغ كۈلۈشمىسۇن ، كۆزۈڭنى ياشلىما غەمدە .
- گارمونچى يىگىتكە ھىجران كەلگەندەك ، - دېدى بەختىيار .
- بەلكىم ، ھايات قوشماق يۈرەكلەرنى ۋاقىتلىق ئايرىغاندۇ ، - دېدى تۇرسۇنئاي چوڭقۇر مەنىدە ، - ھىجران ۋاپا بىلەن ئۆتسە ، مۇھەببەت تاۋلانسا ياخشى .
- شۇنداق ، مۇھەببەت پەقەت چىرايلىق كۈنلەردە، ئايدىڭ كېچىلەردە ئويناشلا ئەمەس ، مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزگەرمىگەن ، ھىجراننى يېڭەلىگەن مۇھەببەت ھەقىقىي مۇھەببەتتۇر .
- ئەلۋەتتە ، بىز مۇھەببەتلىك بەختىمىز ئۈچۈن كۈرەشكۈچىلەر ، ۋاپا ، ساداقەت بىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىمىز بولۇشى كېرەك .
- تۇرسۇنئاي ، سېنىڭ شۇنداق قىلالىشىڭ مۇمكىنمۇ ؟
- مۇمكىنلا ئەمەس ، بەلكى مۇقەررەر . چۈنكى ئۆز بەختىم ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىشنى ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ ، شۇنداقلا مەن سېنى قەلبىمدىن سۆيگەنىكەنمەن ، مېنىڭ بەختىممۇ پەقەت سەن بىلەن .
- مۈشكۈل پەيتلەردە دولامدا قولۇڭنى كۆرەرمەنمۇ ؟
- شەك – شۈبھىسىز ئىشىنىشىڭ كېرەك .
- مۇھەببەت شەيتانلىرى ساڭا گۈل تەڭلىسىچۇ ؟
- قەلبىمنى تامغا قىلىپ باسقان ئەقىدەمگە سادىقمەن . مەن ئۈچۈن ياماننىڭ گۈلىدىن ، سېنىڭ قولۇڭدىن پۇرىغان پىياز مىڭ ھەسسە ياخشى . چۈنكى :
ئەھلى سۈرەتلەرنىڭ ئەسلا دىلدارى بولماس ،
ۋاپاسىز كىشىنىڭ ۋاپالىق يارى بولماس .
سۆھبەت شۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالدى . تۇيۇقسىز ۋاقىرىغان مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن تۇرسۇنئاي « ۋاي ! . . . » دەپ بەختىيارغا تاشلاندى . بەختىيارنىڭ كۈچلۈك قوللىرى شۇ ھامانلا تۇرسۇنئاينىڭ نازۇك بەللىرىگە چىرماشتى . ئوتلۇق لەۋلەر ئىختىيارسىز بىر – بىرىگە ئۇرۇلۇپ كەتتى . . .
ئەتراپنى ئاق قار قاپلىغان مارت ئايلىرىنىڭ بېشىدا تۇرسۇنئاي ۋە ئۇنىڭ سىنىپداشلىرى ئۈچ چوڭ ئاممىۋى ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن يىراقتىكى « ئالمىلق باغ » قا خىزمەتكە كەتتى . شېرىن مۇھەببەتكە ئاچچىق ھىجران ئۆز قىلىچىنى چاپتى .
بەختىيار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆز ياتىقىدا تەمبۇر چېلىپ ناخشا ئوقۇيتتى . ئۇ ھازىرمۇ تۇرسۇنئاينىڭ سېغىنىش بىلەن يازغان خېتىنى ئوقۇپ تۈگەتتى – دە ، يېڭى ناخشا باشلىدى :
يار كەتتى يىراقلارغا ، ئەمدى مەن كۆرەلمەيمەن ،
ئوماق يارىم تۇرسۇنئاي ، قانغۇدەك سۆيەلمەيمەن ،
ئەجەپ ئايرىلدۇق تۇرسۇنئاي ، ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاي .
تەمبۈرنىڭ زىل نازۇك تارى بەختىيارنىڭ قەلبىگە تەڭكەش تىترەيتتى . ئۆز يارىنى سېغىنغان يۈرەكلەرگە مۇڭ ۋە ئۈمىد بېغىشلايتتى .
بىز ئايرىلغان شۇ سەھەر ئەجەپ دەھشەت سوغ ئىدى ،
قاچان كۆرۈشەرمىز دەپ ، كۆزلىرىمىز ياش ئىدى ،
قانداق قىلىمىز تۇرسۇنئاي ، چىرايلىقىم شېرىن ئاي .
بەختىيارنىڭ ئاۋازىدا كۈچلۈك سېغىنىشنىڭ يالقۇنلۇق ئوتى گۈرۈلدەيتتى . ئىنسان ئۈچۈن زۆرۈر ، مۇھەببەت ئۈچۈن قىبلىنامە بولغان ۋاپا – ساداقەتنىڭ نامى قايتا – قايتا تەكرارلىناتتى .
مۇڭلىنىپ ساز چالىمەن سەنمۇ ئامراق ناخشىغا ،
يۈرىكىمىنى بەرمەسمەن سەن يارىمدىن باشقىغا ،
كەلسە ۋىسال ، تۇرسۇنئاي ، قېنىشارمىز ئوماق ئاي .
﹡ ﹡
بەختىيار بىلەن تۇرسۇنئاينىڭ ئايرىلغىنىغا مانا بەش ئايدىن ئاشتى . ئۇلار بىر – بىرىنى بەك سېغىناتتى . ئۇلارنىڭ خەتلىرى ھەپتىمۇ ھەپتە دېگۈدەك ئالمىشىپ تۇردى .
گۈزەل باھار ، چىرايلىق ياز كېتىپ تەبىئەت سېرىق لىباس يېپىنغان چاغدا بەختىيارلار كۈزلۈك يىغىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن ، يىراق تاغلىق رايونغا كەتتى .
﹡ ﹡
نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى .
يىراقلاردىن مەن كېلۇرمەن سېنى سېغىنىپ ، يارى – يار ،
ئوتلۇق ئىشقىڭ ، مېھرىڭ بىلەن ئوتتەك يېنىپ يارى – يار .
ئاسغالت يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئىچى ناخشا – كۈلكە بىلەن تولغانىدى . كۈزلۈك يىغىمغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېقا قايتىپ كېلىۋاتاتتى ، بەختىيار زوقلىنىپ ناخشا ئوقۇيتتى :
ئايدەك يۈزۈڭ ، چولپان كۆزۈڭ كۆز ئالدىمدا ، يارى – يار ،
تاتلىق سۆزۈڭ ، شېرىن ۋەدەڭ قەلبىمدە بار ، يارى – يار .
بەختىيار خۇشال ئىدى ، ئۇنىڭ قەلبى ناخشا بىلەن تولغانىدى . تۇرسۇنئاي مۇشۇ ئاينىڭ بېشدا يازغان خېتىدە : « بەلكىم ئون بەشىنچى بويابىرغىچە قايتارمىز ، خىزمەتلەر تامام بولاي دېدى . . . » دەپ يازغانىدى . بۇ ، بەختىيارنىڭ سېغىنىش ئوتى بىلەن كۆيۈپ قاغجىراپ كەتكەن يۈرىكىنى ياشارتىۋەتكەنىدى . شۇڭا بەختىيار : تۇرسۇنئاي بۇ چاغقىچە قايتقاندۇر ، ۋىسال – كۆرۈشۈش قانچە ياخشى . . . ، دەپ ئويلايتتى . ئۇنىڭ تۇرسۇنئاينى سېغىنىپ ، ۋىسالنى زارىقىپ كۈتكەن يۈرىكىدىن ئوتلۇق ناخشا خۇددى فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىقاتتى !
ئۆتتى ئايلار ئۇنتۇمىدىم ، قەلبىمدە سەن ، يارى – يارى ،
مۇھەببەتنىڭ قىزىل گۈلى چېچەك ئاتسۇن ، يارى – يار .
. . . . . .
بەختىيار ئۆستەڭ بويىدىكى قارىياغاچ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ خىيالىدىن يۇقىرىقىلارنى كەچۈردى .
ھۆرمەتلىك كىتابخان ! شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ھېكايەم تامام .بۇنداق دېسەم ، « قانداق ساراڭ بالا بۇ ، گېپىنىڭ ياكى بېشى ، ياكى ئاخىرى يوق » دەپ ئويلارسىز . سىز شۇنداق ئويلاشقا ھەقلىق ، مەنمۇ ھەم ھەقلىق . چۈنكى باشقىلارغا ئوخشاش ، بىلمىگەننى « بىلىمەن » دېگۈم كەلمەيدۇ . راسىت ، شۇنداق ، بەختىيارنىڭ خىيالى شۇ يەردە تامام بولدى . بەلكىم ئەمدى سىزدە « بەختىيار شۇ قارىياغاچ تۈۋىدە ئولتۇرغانچە قالدىمۇ ؟ ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى نېمە بولدى ؟ تۇرسۇنئاي قېنى ؟ . . . » دېگەن سوئال تۇغۇلار . بۇ توغرا ، تاس ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن .
بەختىيار يۇقىرىقىلارنى ئويلاپ بولۇپ خېلى ئۇزاق جىم ئولتۇردى . ئۇنىڭ خىيالىدا نېمە بارلىقىنى مەن بىلمىدىم . كېيىن ئۇ بىر تال ياپراققا :
« تۇرسۇنئاي ! خاتىرجەم بول ! سۆزۈڭنى ئورۇنداپ ، ئۆز ئەقىدەمگە سادىق ياشايمەن ! » دەپ يازدى – دە ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كەتتى .
قالغان مەسىلىلەر توغرۇلۇق مەن تەپسىلىي بىر نەرسە بىلمەيمەن . پەقەت سىزگە ئۈچ پارچە خەت قالدۇرۇپ كېتىمەن . خەير ھۆرمەتلىك كىتابخان دوستۇم ، سىزگە بەخىت تىلەيمەن !
بىرىنچى خەت
« جانجىگەر دوستۇم ئۈمىد !
مەن ئەڭ ئاۋۋال ساڭا بەخت – شادلىق تىلەيمەن ! ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ ، مەن ھەم ياخشى .
سەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ، شۇڭا بۇ خېتىمدە ساڭا بىر نەرسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن .
مەن بۇ يەردىكى دوستۇم بەختىيار توغرۇلۇق ئۆتكەنكى خەتلىرىمدە ساڭا يازغانىدىم . ئۇ ئالىيجاناب ، تېپىلماس يىگىت ئىدى . يېقىندا ۋاپات بولدى .
ئۆتكەنكى يەر تەۋرەش ئېسڭدە باردۇر ، بۇ دەل دەرس ۋاقتى بولۇپ ، بەختىيار قىزغىن دەرس سۆزلەۋاتقاندا ، يەرنىڭ تەۋرىشى بىلەن ئۆگزىنىڭ بىر تال توغرا ياغىچى سۇنۇپ كېتىدۇ . سىنىپنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ، ئوقۇغۇچىلارنى بېسىۋېلىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ . دەل شۇ پەيتتە بەختىيار : 〈 تېز قېچىڭلار 〉دەيدۇ – دە ، ئۆز گەۋدىسى بىلەن ياغاچنى يۆلەپ تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىپ بولۇشىغا بەختىيار ھالىدىن كېتىدۇ ، سىنىپ ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ . . .
قارىغىنا ، دوستۇم ، بۇ نېمىدېگەن بۈيۈك خىسلەت ؟ ئۇنىۋېرستېتنى پۈتتۈرگەن ، يىگىرمە تۆت ياشقا تولغان ، ئەمما تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان ياش يىگىت ئۈچۈن مەدھىيىلەشكە لايىق خىسلەت .
بەختىيار تولا چاغلاردا ماڭا 〈 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىككى يىلىق ھاياتىم چىن مۇھەببەت بىلەن ئۆتكەنىدى . مېنىڭ سۆيگەن غۇنچە گۈلۈم بار ئىدى ، كېيىن ئايرىلدۇق . ۋىسال كۈنلىرى كېلىپ بىز كۆرۈشىدىغان چاغدا – مەن كۈزلۈك يىغىمدىن قايتقاندا ، مېنى سۆيگىنىم ئەمەس ، بەلكى دوستۇم ۋە سۆيگىنىمنىڭ خېتى كۈتۈۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسە تامام بولدى . . . 〉دەيتتى . ساڭا ئۇنىڭ يېنىدىن چىققان ئىككى پارچە خەتنى قوشۇپ ئەۋەتتىم ، يېڭى ھېكايەڭنى كۈتىمەن .
خوش ! بەختلىك بول !
دوستۇڭ ئابدۇرېھىم »
ئىككىنچى خەت
« قەدىردان دوستۇم بەختىيار !
ساڭا سادىق يۈرىكىم بىلەن بۇ دەھشەتلىك خەۋەرنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە مەجبۇرمەن .
تۇرسۇنئاي ئۆلۈپ كەتتى ! ! !
ۋەقە مۇنداق : تۇرسۇنئاي بىلەن بىللە يەنە بىر دوختۇر ئىشلەيتتى . ئۇ تۇرسۇنئايغا 〈 كۆيۈپ 〉قاپتۇ . ئەمما تۇرسۇنئاي ئۇنىڭ بارلىق خەت ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپتۇ . دەل شۇ پەيتتە بىز قايتماقچى بولدۇق . ئالدىراپ قالغان دوختۇر ئۆزىنىڭ ياۋۇز نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، تۇرسۇنئاي يوق چاغدا مەسىت قىلىدىغان دورا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ . خىزمەتتىن كەچتە ھېرىپ – ئۇسساپ كەلگەن تۇرسۇنئاي چايدىن بىر پىيالە ئىچىپتۇ – دە ، مەسىت بولۇپ قاپتۇ . بۇ پۇرسەتنى كۈتكەن رەسۋا دوختۇر ئۇنىڭ نومۇسغا تېگىپتۇ . . .
دوستۇم بەختىيار ، بىز ئەتىسى چۈشلەر ئەتراپىدا تۇرسۇنئاينىڭ جەسىتىنى تاپتۇق . دەريا بويىدىكى سۆگەت بۈك – باراقسان بولۇپ ، دەريا يۈزىگە ئېگىلىپ ، چوڭقۇر قاينامنى يوشۇرۇپ تۇراتتى ، تۇرسۇنئاي دەل شۇ يەرنى تاللىغان ، سۆگەتكە سىرتماق سېلىپ ، ئۆزىنى چوڭقۇر قاينامغا تاشلىغان . . .
بەختىيار ، قايغۇرما ! نەپرەتنى ۋە تۇرسۇنئايغا بولغان مۇھەببەتنى كۈچكە ئايلاندۇر ! تۇرسۇنئاينىڭ ئارمانلىرى ساڭا قالدى . سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى يۈك ئېغىر ، ئۆزۈڭنى مەزمۇت تۇت !
بىزمۇ پات ئارىدا بارىمىز ، تۇرسۇنئاينىڭ يېنىدىن تېپىلغان خەتنى قوشۇپ ئەۋەتتىم ، قالغان گەپلەرنى بارغاندا سۆزلىشەرمىز !
خەير !
قولۇڭنى دوستلارچە سىقىپ : يادىگار »
ئۈچىنچى خەت
« ئۆمۈرلۈك سۆيگىنىم بەختىيار !
مەن سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇھەببەتلىك ھاياتىمدا ئەقىدەمگە ، ساڭا سادىق بولۇپ ياشىدىم ، دېيىشكە ھەقلىقمەن .
بەختىيار !
بۈگۈن مەن سەندىن ، گۈزەل دۇنيا ۋە گۈزەل ھاياتتىن ۋىدالىشىمەن . بۇ ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت . چۈنكى بۇ ئۆلۈم سېنىڭ بەختىڭ ، سېنىڭ قەدرىڭ ، سېنىڭ شانۇ شەۋكىتىڭ ئۈچۈن ! سېنىڭ شەنىڭگە داغ قالدۇرۇشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن ! ھەم ئۆزۈمنىڭ بەختى ، ھۆرمىتى ئۈچۈن ! شۇنداقلا چىن مۇھەببەت ، ۋاپا – ساداقەت ، قىزلىق غۇرۇرۇم ، نومۇسۇم ماڭا قىممەتلىك بولغىنى ئۈچۈن ! . . .
بەختىيار ، مەن سەندىن تولۇق رازىمەن . سەن ئالىيجاناب ، ۋىجدانلىق ، سۆيۈشكە لايىق يىگىتسەن . مېنىڭ سەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈش مەقسىتىم بار ئىدى . ئەپسۇسكى ، مېنى بۇ بەختتىن قارا نىيەت يالماۋۇزلار مەھرۇم قىلدى .
مېنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم : مەن ئۈچۈن قايغۇرما ! ئۆزۈڭنى مۇستەھكەم تۇت ! خالىساڭ ئۆزۈڭگە يارىغان قىزدىن بىرنى تاللاپ مۇھەببەتلىك بەختىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىل ! ئەمما مېنى پەقەتلا ئەسلەپ قوي ! مېنىڭ ئالىي ئارزۇ – ئىستەكلىرىم ساڭا قالدى . خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى يولىدا مەن ھەم ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئىككى كىشىلىك ئىشلە ! باشقلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمە ! دوستلىرىڭنىڭ پىكرىگە قۇلاق سال ! مۇستەقىل پىكىر قىل ، مۇستەقىل ياشا !
مەرھۇم مەھبۇبەڭ : تۇرسۇنئاي . . . »
1965 - يىل ئىيۇل ، ئۈرۈمچى
« كاككۇك قونغان تال » دىن
[1]