Article Center - ماقالە مەركىزى - سىڭىللىرىم سىلەرگە ئېيتماي تۇرالمايمەن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


سىڭىللىرىم سىلەرگە ئېيتماي تۇرالمايمەن

ئاپتۇر: زۆﻫرەگۇل ئابدۇۋايىت 

ساتىراشخانىدا چېچىمنى بويىتىۋاتاتتىم ،چېچىمنى بوياۋاتقان قىزنىڭ قول تېلفونى سايراپ كەتتى .ئۇ قىز بايىدىن بېرى ياندىكى ئورۇندۇقتا ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان دوستىغا يانچۇقىنى ئىما قىلىپ :
_ تېلفوننى ئالغىنە ئاداش ،ﻫەقىچان ئەسئەت ،قولۇم بىكار ئەمەس ،مېنىڭ ئورنۇمدا سەن سۆزلىشە ،_دېدى .
مەن ئەينەككە يۇزلىنىپ ئولتۇرغاچقا ﻫەممىنى كۆرۇپ تۇرىۋاتاتتىم .
ساتىراش قىزنىڭ دوستى تېلفوننى ئېلىپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن قولى بىلەن تېلفوننى توسۇپ تۇرۇپ ،ئاۋازىنى پەس قىلىپ ساتىراش قىزغا :"قانچە ئەۋەرتىمەن دەۋاتىدۇ " دېدى .ساتىراش قىز ئون بارمىقىنى چىقىرىقپ كۆرسەتتى .
_ يۇز كوي ؟
_ ئوﻫۇش ،يۇز كويمۇ پۇلمۇ ،مىڭ كوي .
_ ئايالىغا يوق ئۇ مىڭ كوي ،ساڭا ئەۋەرتەمدۇ ؟
_ئەۋەتىدۇ ،توي - تۆكۇن تولا ،يېتىشەلمەيۋاتىمەن دېگەنىدىم ،_ ئۇ ئىككى قىز شۇنداق قىلىپ قارشى تەرەپكە ئامانەت كارتا نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىپ تېلېفوننى قويدى .ئاندىن يەنە پاراڭغا چۇشتى .
_ ئەسئەتنىڭ ئايالى ﻫازىر ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە ئىكەن .
_ نېمىشقا ؟ ئەسئەت كەلسە تايىغىنى يەيدۇ .
_ شۇ ئەسئەت پۇل چىقىرىپ بەرمەي تۇرمۇشتا قىينىلىپ كېتىپ بالىنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ .ئۇ غوجاممۇ ئىچكىرىدە ئوقىتى ئوندان بولغانكى ئازراق پۇل چىقىرىپ بەرسە بولىدۇ .
_ پۇل چىقىرىپ بەرگۇچىلىكى بولسا چىقىرىپ بېرەر ئۇ .ئەركەك سەۋزىگە ،_ ساتىراش قىز شۇنداق دەپ قاشلىرىنى ئۇچۇردى ۋە ئۇلاپلا :
_ ﻫە راست ئاداش ،نىجاتكام خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن دەپ يۇرىدۇ .ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۇنى تاققا سەيلىگە چىقماقچى ئىكەن .بىر ئاغىنەم بار ئىدى ،دوستىڭىزدىن بىرنى ئەگەشتۇرىۋالسىڭىز دېگەن ،بىللە چىقامسەن ؟
_ يەكشەنبە ئىشىم بار ئىدى .
_ قويە ئۇ گېپىڭنى ،ﻫەممىسى پۇلى بار نىمىلەر ،يېقىن ئۆتسەڭ پايدىسى تېگىدۇ .مېكى - مېكى قىلماي يەكشەنبە ئەتتىگەندە مۇشۇ يەرگە كەل ،ئۇلار بىزنى ئالغىلى ماشىنا بىلەن مۇشۇ يەرگە كەلمەكچى .
ساتىراش قىز چېچىمنى بوياپ بولۇپ لۆڭگە بىلەن چىڭ ئوراپ ﻫورداش ماشىنىسىغا بىېشىمنى كىرگۈرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ قولىدىكى بوياق بىلەن بۇلغانغان پەلەينى سېلىپ قولىنى يۇدى- دە ،دوستىنىڭ يېنىغا كىېلىپ ئولتۇرۇپ گەپ باشلىدى .
_ تۆنۇگۇندىن بېرى قوسۇغۇم كۆپۇپ دىمەيسەن .
_ نېمىگە ؟ _ دېدى دوستى قىيا بېقىپ .
_ ﻫېلىقى ساتتار دىگەن نېمىنىڭ گېپىنىڭ يوغانلىغىنى دىمەيسەن .
_ ئۇنى توي قىلىدىكەن دەيدىغۇ ؟
_ ﻫە شۇ ،بىر بۇۋى قىز بىلەن توي قىلارمىش .يۈزىنى يېپىۋالسىلا ﻫېساپمۇ ؟ چۈمبەلنىڭ ئىچىدە ئويۇن بار دەپ ،ﻫەممە ئىشنى شۇ يۇزىنى يېپىۋالغانلار قىلىدۇ .مېنى تېخى" سەن غىت قىسىپ يۇرمىدىڭ ،دادامنىڭ ئاغىنىلىرى بىلەنمۇ ئارىلىشىپسەن ،ئاتا -ئانام ئۇ قىزنى بىزگە كۆرسەتمە ،دېدى " دەيدۇ .ئاچچىغىمدا ئاغزىمنى بۇزۇپ بىر مۇنچە تىللاپتىمەن ئۇ لاتىنى .كېچىچە شۇ بىرنىمىنى چۇشەپ چىقىپتىمەن ،ﻫې ،ﻫې ،ﻫې _ ئۇ قىز ئاغزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلدى .
ئەينەكتىن قىزغا سەپسىلىپ قارىدىم .ئۇ نە چىرايىدىن ،نە تۇرقىدىن ئېۋەپ تاپقىلى بولمايدىغان ،ئەمدىلا يىگىرمە بىر ،ئىككىلەرگە كىرگەن قىز ئىدى .بۇندىن ئون يىل ئىلگىرى قىزلار ئاپىسىدەك ، ﻫەدىسىدەك ئاياللار تۇرماق ،ئۆز دوسلىرى ئالدىدىمۇ بۇنداق تېتىقسىز ،لاۋزا گەپلەرنى قىلمايتتى . ئۇ قىزنىڭ ﻫەدە يوللۇق مەندىن ۋە دوستىدىن ﻫېيىقماي ،چىرايىدا قىلچە خىجىللىق ئىپادىسى يوق دەۋاتقان گەپلىرىگە ﻫەيران قالدىم .
مەن تۇرمۇشتا بەخىتلىك دەپ قارايدىغان دوستۇمنىڭ مىﻬمانخانا ئۆيىدە ئۇنىڭ ئېرى بىلەن دەريا بويىدا بىر - بىرىگە سۇ چېچىشىپ چۈشكەن رەسىمىنىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسىغا قاراپ ئولتۇراتتىم ،دوستۇم چاي چۆگۇنىنى كۆتۇرۇپ كىرىپ كەلدى ۋە ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرۇپ چاي سۇنغاچ گەپ باشلىدى :
_ ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم يىغىلىپ كەتتى ،تېلفوندا دىيىش قولايسىز ،ئەجەپ ياخشى كەپسەن . مۇشۇ يېقىندى بېرى ئىچىم دەردكە توشۇپ كەتتى ،كۆرگەنلا ئادەمگە دىگىلى بولمىغان .
_ سەندەك بەخىت پەيزىنى سۈرۈپ يۈرگەن ئادەمنىڭمۇ دەردى بولامدۇ ؟
_ ۋىيەي ،دەردى يوق ئادەم بولامدۇ ! ماۋۇ ئوڭلۇق ئادەمنىڭ خاپاچىلىغى .ئۇ ئۆتكەندە خىزمەت بىلەن بىر ناﻫىيىسىگە بېرىپ بىرەر ئايچە تۇرغان ،شۇ يەردە بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ .ئۆتكەن يەكشەنبە ئۆي تازىلاۋاتسام قۇلىقىغا دۇگىلەك چەمبەر ﻫالقا سالغان بىر قىز كىرىپ مېنى قۇچاقلاپ مەڭزىنى مەڭزىمگە يېقىپ كۆرۇشۇپ كەتتى .تونۇيالمىغان بولساممۇ مېﻬمان دەپ ﻫۆرمىتىنى قىلىپ ئۆيگە باشلىدىم .چاي قۇيۇۋاتسام :
_ پۇرقەت ئۆيدە يوقمۇ ؟!_ دەيدۇ :
_ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ،بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ،_ دىسەم :
_ ئىككىمىز يۇرۇۋاتاتتۇق ،پۇرقەتنى بىر ﻫەيران قالدۇراي دەپ تېلىفون قىلمايلا ئۆيىنى ئىزدەپ تېپىپ كېلىشىم ،_دەيدۇ .
_ قايسى پۇرقەتنى دەيسىز ؟_ دېدىم تىترەپ تۇرۇپ .
_ پالانى ئىدارىدە ئىشلەيدىغان پۇرقەتچۇ ؟ ئالدىنقى ئايدا بىزنىڭ ناﻫىيىدە تۇرغان .
_ مەن ئۇنىڭ ئايالى تۇرسام ،سىز قانداقچە ئۇنىڭ يۇرگەن قىزى بولىسىز ،_ دېدىم ئاچچىغىم كېلىپ .
بۇ گېپىم بىلەن قىز يىغىپ ئولتۇرغان پۇتلىرىنى سوزۇپ تامغا يۆلەندى ۋە خوجايىنلارچە تەلەپپۇزدا :
_ ئۇچۇ ،ماڭا ئايالىم يوق دىگەن مەن تېخى سىزنى ئۇنىڭ ﻫەدىسى چېغى دەپتىمەن ،_دېدى .
_ ئايالىم يوق دىسىلا يوق بولۇپ قالامدىكەن ،سىزمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى بولغاندىن كىيىن سۈرۈشتۇرۇپ ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟!
_ مەن پۇرقەتنىڭ گېپىگىلا ئىشىنىمەن ،ئۆزۇم ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن گۇمانلانمايمەن .ئۇنىڭ ئايالى بولسىڭىز نېمە چاتىقىم !مۇﻫەببەتنى بۇغۇش زالىملىق ،_ قىز شۇنداق دەپ پەلسەپە سۆزلەپ تېخىمۇ مەﻫكەم جايلىشىپ ئولتۇردى .
_ چىق ئۆيدىن يۈزى قىلىن داپشاق،_ دېدىم قىزنىڭ مۇتىﻬەملىكىگە ئاچچىقىم كېلىپ .
_ ئۆزۇڭ چىق سەت پاسكىنا ،ئەرگە يارىمىغان مەينەت ،قارا تۇرقۇڭغا ،ئۆي خىزمەتچىسىدەك تۇرساڭ ،ئەسلى سەندىن نۇمۇس قىلپ ئايالىم يوق دەپتىكەن .
شۇ چاغدا سېنى ئويلاپ ئۇ قىزغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغان بولسىمۇ دەپ كەتتىم .قوشنا - قۇلۇملار ئاڭلاپ قالامدىكىن دەپ يا چىڭراق گەپ قىلالمدىم .
_ چاچتىن تۇتۇپ سالماي ،ئۇنداق يۇزى قىلىن داپشاقنى !
بۇ گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن .كۆز ئالدىمدا ﻫېلىقى چەمبەر ﻫالقىلىق قىزنىڭ دوستۇم سالغان كۆرپىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇۋاتقان كۆرۈنىشى كەلدى .قاچانلاردىن بېرى بىر ئايالنىڭ ئېرى بىلەن تۇتقان ئۆيىگە يات قىزلارنىڭ تارتىنماي كىرىپ ،تۆردە ئولتۇرىۋىلىپ چاي قۇيغۇزۇپ يەنە ئۇلارنى ﻫاقارەتلەيدىغان بولۇپ كەتتى .قىزلارغا شۇ خىل جۇرئەت نەدىن كەلدى ؟ قېنى ،قايسىمىز ئاشۇ قىزنىڭ ئۆز قىزىمىز ياكى سىڭلىمىز بولۇپ قېلىشىنى خالايمىز ؟
بىر سۈنئەت توي مەرىكىسىدە چوڭ ياشلىق ئاياللار بىلەن بىر داسىتىخاندا ئولتۇرۇپ قالدىم .
_ مۇشۇ كۈندە بالا ئۇقۇتۇپمۇ ئىشمۇ دەيسىز ،كۆرۈۋاتىمىزغۇ ئوقۇپ كەلسىمۇ خىزمەت يوق .كىم ئاقناقچى ،ئوقۇپ كەلگەن بالىلار ئاقناقچى .نەپسىنىڭ چوڭلىقى ،ئوقۇپ كەلگەن قىزلارچۇ تېخى ،شەﻫەر كۆرۇپ قالغاچقا باشقۇرغىلى بولمىغان ،ﻫەرەڭ - سەرەڭ كىيىملەرنى كىيىپ ،كوچا - كوچىدا ئوبىكتا تۇتۇپ تۇتتۇم دەپ خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ يۈرگەن ،باشقا بالا بولىدىكەن .شۇڭا كىچىكىدىنلا بىرەر ﻫۈنەرگە بېرىپ باشنى ساقايتقان ياخشىكەن ،_دېدى ياغلىقىنى چېكىلەپ چىگىۋالغان ئايال يېنىدىكى ئايالغا . بۇ ئايال دىگەن ئەﻫۋال ئومۇميۇزلۇك بولمىسىمۇ ئاساسسىزمۇ دېگىلى بولمايتتى .
چۈشلۈك تاماق يېيش ئۈچۈن ئىدارىغا يېقىن بىر ئاشخانىغا كىردىم نېرىقى ئۈستەلدە ئىككى ئەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانىكەن .ئۇلارنىڭ گەپلىرى قۇلۇقىمغا كىرىپ قالدى ."بالىلار سىفەننى پۇتتۇرگەن كىچىكلا قىزلاركەن تېخى ،خىزمەتكە تەقسىم قىلدى .ﻫېلىقى خىلۋەت ئاشخانىغا باشلاپ تاماقنى كونا پەدىدە چىقىرايلى دېسەم ،'ياق ،بىز سومىيەن يەيمىز 'دەپ بەش كويلۇق سومىيەننى يەپ ئولتۇردى .جوزا قۇپقۇرۇق تۇرسىمۇ سەت تۇرىدىكەن .خىجىل بولۇپ ئىككى خىل سەي چىقىرىپ قويدۇق .قىزىل ﻫاراقنى قۇيۇپ بەرسەك ئىچىپ كەتتى.ئىچكەنسىرى كۆزلىرى خۇمارلىشىپ تەلمۇرگىلى تۇردى .ئەرزانلا بەش كويلۇق سومىيەنگە چۈشتى دىگىنە " .ئۆز بۇزۇقچىلىقىدىن پەخىرلىنىپ سۆزلەۋاتقان ئەرگە نەپرەت بىلەن قاراپ قويدۇم .
كۆز ئالدىمغا ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى نۇزۇگۇمنىڭ قۇمۇشلۇقتا چاچلىرى پاخپايغان ﻫالدا ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراپ تۇرغان كۆرۈنىشى كەلدى .كەلدىلا ئەمەس،شۇ كۆرۇنۇشكە جان كىردى .نۇزۇگۇم بىردىنلا مىدىرلاپ قۇمۇشلار ئىلىپ يىرتىۋەتكەن كۆڭلىكىنىڭ پېشىنى تۇتقانچە چاچلىرىنى يەلپۇتۇپ خۇدانىڭ ئالدىغا دات ئېيتقىلى ماڭدى .ئۇ جېنىدىن ئەزىز بىلگەن ئىپپەت - نۇمۇسنى ﻫازىر بىر قىسىم قىزلار بىر قىتىملىق دالا سەيلىسى ،بىر نەچچە ياغلىما گەپ ،بىر ۋاخلىق تاماق ئۈچۈن قۇربان قىلىۋىتىۋاتاتتى .
نۇزۇگۇم پۇتلىرىغا كىشەن سېلىنىپ زىندانغا تاشلانغاندىمۇ ساماندا بان پىشۇرۇپ يەپ ،قۇمۇشلۇقلارغا مۆكۇنۇپ سەرسان بولۇپ يۈرۈپ :
نۇزۇك باشقا كۈن چۇشتى ،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟
دەپ قوشاق قوشقانلىرىدىمۇ ،ئۇشا قىزلاردەك ئەخلاق چېگرىسىدىن ﻫالقىغان ئىشلارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن .
قىزلىرىمىزغا نېمە بولدى ؟!
بىز ئۇلارغا ئۇلگە بولالمىدۇقمۇ ؟!ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ،ئىپپەت - نۇمۇس تۇيغۇسىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدە بىز چوڭلارنىڭ ،ئاتا - ئانىلارنىڭ ،جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ - يوق ؟بار ،ﻫەممىمىزنىڭ بار .ئاشۇ قىزلارنى ئەسئەت ئاكا ،نىجات ئاكىدەك بىزگە ئۇلگە بولۇشقا تېگىشلىك بېجىرىم ،تەندۇرۇس ،ئەقلى - ﻫۇشى جايىدا ئەرلەر ياخشى يولغا باشلاش ئورنىغا ،ئۇلارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يامان كوچىلارغا باشلاپ كىردى .ئاتا - ئانىلار چىڭ تۇتمىدى .بىزمۇ ئاشۇ قىزلار ئالدىمىزدىلا تارتىنماي ناشايان سۆزلەرنى قىلسا ،ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ نېمە كەپتۇ دەپ ،دەپ ئويلاپ ،ئىپادە بىلدۇرمەي ئاڭلاپ ئولتۇردۇق .
مەن كىچىك چاغدا ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بار ئىدى ،شۇ چاغلاردا بۇ ئۆستەڭ سۈيىنى كىشىلەر چېلەكلەپ ئېلىپ ئەكىرىپ ئىچەتتى .ﻫىچكىم يۇندا ،ئەخلەت تۆكمەيتتى .شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئۆستەڭ سۇيىدە يۇزۇمنى ئادىتىم بار ئىدى ،بىراق تولا چاغلاردا باشقىلار بۇ قىلىقىمنى كۆرۇپ قىلىپ خاپا بولۇپ "جامائەت ئىچىدىغان سۇ بۇ "دەپ بىرمۇنچە سۆزلەپ كېتەتتى ،شۇڭا ئوغرىدەك ماراپ تۇرۇپ ،ﻫېچكىم كۆرمىگەن چاغدا ﻫاپىلا - شاپىلا يۈزۈمنى يۇيىۋالاتتىم .ﻫازىر بۇ ئۆستەڭگە چېلەكلەپ يۇندا،ئەخلەت تۆكىۋەتسىمۇ ﻫېچكىم ﻫېچنىمە دېمەيدۇ .شۇڭا كىشىلەر كۈپكۈندۇزدىلا خەقلەرنىڭ كۆزىچە يۇندا - ئەخلەتلەرنى تۆكىۋىرىدۇ ،ئۆستەڭ سۇيىنى ئىچىش تۈگۈل قولىڭىزنى چىلىغىڭىزمۇ كەلمەيدۇ .بۇ ئىشتىن شۇنداق بىر نۇقتىنى چۇشەندىمكى جامائەت پىكرىنىڭ ،ئاممىنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشىنىڭ جەمئىيەتنى تۈزەش ،ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە رولى چوڭ بولىدىكەن .
نېمە ئۇچۇن بىزنىڭ ئىمان ،ئېتىقاد ،ئەخلاق كۆز قارىشىمىز سۇسلاپ كەتتى ؟
كىچىك ۋاقتىمدا قوشنىمىزنىڭ دىلئارا ئىسىملىك بىر قىزى بولىدىغان ،مەﻫەللىدىكى ﻫەممە ئادەم ئۇنىڭغا يامان كۆزدە قارايتتى .سەۋەبى ئۇ قىز ئەتراپتىكى ياشقىلاردىن ئالاﻫىدىرەك ئىدى .چېچىنىڭ ئالدى سېكىلىكىنى لاخشىگىرنى قىزىتىپ بۈدرە قىلىپ يۇرەتتى .شۇ چاغدا مۇشۇنچىلىك ئىشمۇ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى يەتكۇچە قوزغىغانىدى .چوڭلار ئۇ قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىۋەرگەچكە ،بىز بالىلامۇ ئۇ قىزنى ئۆچ كۆرەتتۇق .ﻫەتتا :
ئا پوكۇسىنى ،پوكۇسىنى ،
يىگىرمە تىيىنلىق سومكىسىنى .
ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا ،
ساغرىسىنى تولغاپ مېڭىشىنى .
دەپ ئۇ قىزنى كۆرسەكلا چۇرقىرىشىپ قوشاق ئېيتىپ كەينىگە كىرىۋالاتتۇق . شۇ چاغدا ﻫېچكىممۇ ئۇ قىزنى گۇزەللىككە ئىنتىلىدىكەن دەپ قارىمىغانىدى .كىيىن قانداق بولدى ئۇ قىز ﻫامىلدار بولۇپ قاپتۇ .چوڭلاردىن دادىسى ئۆلتۇرىۋېتىمەن دەپتىكەن ،ئاپىسى قاچۇرىۋېتىپتۇ .ﻫازىر يۇرگەن يىگىتىنىڭ ئۆيىدىكەن دەپ ئاڭلىدۇق .ئۇ قىز ئون نەچچە يىلغىچە ئاتا - ئانىسىنىڭ قوراسىغا قەدەم باسالمىغان ،خېلى بىر مەزگىلگىچە ئەل - يۇرتقا كۆرۇنمەي مۆكۈنۇپ يۈرگەنىكەن .ئۇ قىزغۇ پاك مۇﻫەببىتىنى ،چىن سۆيگىنى دەپ ،بىر يىگىت بىلەنلا مۇﻫەببەتلىشىپ ،ئىش تېرىپ يۈرگەن ئىدى .
ﻫازىر بىر قىسىم قىزلارچۇ ؟ﻫامىلدار بولۇپ قالىدىغان بولسا بالىسىنىڭ دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ ﻫەم ﻫەم ﻫامىلدارمۇ بولمايدۇ .چۇنكى ﻫەرخىل ﻫامىلدارلىقتىن ساقلاش ئەسۋابلىرى ،دورىلار ئۇلار ئۇچۇن ناتۇنۇش ئەمەس ،ﻫەي سىڭىللار ،سىلەر بىرى بىلەن مۇﻫەببەتلىشىڭلار ،ئەقىدە قىلىڭلار ،ئاخىرى نەتىجىلىك بولماي قالسا يىگىت ئالماشتۇرۇڭلار ياكى بىرەرى بىلەن يەڭگىللىك قېچىپ كېتىڭلار،بىز بۇلارنىڭ توغرا چۇشۇنەيلى .بىراق بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئەر بىلەن ياكى ئائىلىسى ،بالىلىرى بار ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشىڭلارنى ،تېخى چۇشۇنۇپ يەتمىگەن ،بىر - ئىككى قېتىم سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغان ئەرلەر بىلەن كېچىنى بىرگە ئۆتكۇزۈشۈڭلارنى ،مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۇچلۇك دەپ ،مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتتە ئۆي تۇتۇۋاتقان ئاياللارنى ﻫاقارەتلىشىڭلارنى قانداق چۈشۈنىمىز ؟سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا ئىپپەت - نومۇسنىڭ قىممىتى قانچىلىك ؟سىلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىڭلار شۇنچىلىك بولسا ،سىلەر تۇققان ،سىلەر تەربىيىلىگەن بالىلار قانچىلىك بولماقچى ؟ﻫەي ئايدەك چىرايلىق سىڭىللىرىم ،سىلەر ماڭا ئۆچ بولۇپ كەتسەڭلارمۇ بۇ گەپلەرنى سىلەرگە ئېيتماي تۇرالمايمەن .ئەرزىمەس ئويۇن - تاماشىنى دەپ ئۆزۇڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ،زېﻬنىڭلارنى ،غورۇرۇڭلارنى ،ئىپپىتىڭلارنى ،ئادەملىك قىممىتىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلماڭلار .سىلەرنىڭ گۇزەل رۇخسارىڭلار ،كېلىشكەن بەدىنىڭلار ئالدىدا ئەرلەر ﻫېيىقىپ تۇرسۇنكى ،خۇددى كىنوخانىغا كىرگەندەك ئىسقىرتقانچە توسالغۇسىز كىرىپ كەتمىسۇن

         كۆرۈلۈشى:838     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-18 17:29:14يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:10يۇمۇر
كېيىنكى ماقالە:ئاسىيادىكى 11دۆلەتنىڭ گۈزىلى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号