ئەلچىن بىلەن"مەن ھايات" سۆزلشىپ قاپتۇ.
- ئوغلۇڭ دۇكاندا ساڭا ياردەملەشمەپتغۇ؟- دەپتۇ ئەلچىن.
-ئوغلۇمنى يېزىدىكى بوۋسنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۋەتتم.-دەپتۇ "مەن ھايات"
_نېمىشقا؟ ساقسىز بۇلۇپ قالدىما؟
-ياقەي، خېرىدارغا ئارتۇق پۇل قايتۇرۇپ بەرسەم، ئوغلۇم كۆرۈپلا قالسا يىغلاپ كېتىدۇ.

شۈكۈر0996 تىكۈچىلىك دۇكىغا كىرىپ ، كىيىم تىكتۈرمەكچى بوپتۇ.
-ماڭا بىر كاستۇم -بۇرۇلكا تىكىپ بەرسىڭىز، شۇنسى ئۇنى ئوغلۇمنى ئۆلچەپ تىكىسىز.
- نېمىشقا؟ سوراپتۇ تىككۈچى
- كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنى ئوغلۇم كىيەتتى.

دىلداشتىن ئوقۇتقۇچىسى سوراپتۇ.
-دىلداش سەن چوڭ بولساڭ نېمە بۇلسەن؟
-چىش دوختۇرى بۇلمەن.
-نېمىشقا؟ يۈرەك دوختۇرى بولغىن.
- بولمايدۇ، ئۇنۇڭدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىش خەۋپى بار.
-قانداقلارچە؟
-چۈنكى ، ئادەمدە بىر تاللا يۈرەك بۇلىدۇ، چىش بولسا ئوتتۇز ئىككى بۇلىدۇ... دەپ جاۋاب بىرىپتۇ دىلداش.

خۇشخۇي بىر كىچىسى موتىسىكىلىتنىڭ چىرىقنى ياندۇرماي كېتىۋاتسا، ساقچى تۇتۋېلىپ ئۇنى سوتچىغا تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ. سوتچى ئەسلىدە ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىسى ئىكەن .
-ئۇستاز!-دەپتۇ سوتچى،- ئېسىڭىزدىمۇ، خاتا يازغان ھەر بىر جۈملە سۆزۈمى يۈ ز قېتىملاپ يازدۇرغىنىڭىز؟
خۇشخۇي "ئاپلا ، شۇنىڭ ئەنتىنى ئالمسا بۇلاتتىغۇ؟" دەپ تاتىرىپ تۇرسا، ھېلقى سوتچى ھۆكۈم چىقىرىپ:
- قەغەز - قەلەم ئېلىڭ، "كېچىسى چىرىغى يوق موتىسىكىلىت مىنمەيمەن "، دەپ يۈز قېتىم تەكرارلاپ يېزىڭ.

جاسۇس بىلەن مەخپى 123 پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
- توغرا ئىش قىلىش ياخشى ئىكەن! بۇنى تۈنۈگۈن بىلىدىم - دەپتۇ جاسۇس.
- نېمە بولدى؟ دەپ سوراپتۇ مەخپى 123
-ئېسىڭىدىمۇ، قايسى كۈنى بىر ئىتىنى ئوغۇرلاپ كەلگەن ئىدىم؟
- ھە ئېسىمىدە.
- ئاشۇ ئىتنى ساتىمەن دەپ ئۈچ كۈن بىكار ئاۋارە بولدۇم ، بىر تىينغىمۇ سوراپ قۇيۇشمىدى. ئاخىر، ئىگىسىگە ئاپىرىپ بېرىۋىدىم، ئۇ خۇشال بولغانىڭ ئۈستىگە يەنە 100سوم سۈيۈنچە بەردى.

سەكىنە تاماق پىشۇرۋاتقاندا، بارچۇققىزى قازاندىكى بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ يەپ :
- تۈزى كەم، يەنە سېلىشى كىرەك - دەپتۇ.
بېلىقىز پاكمۇ بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ يەپ:
- زىرىسى كەم ، يەنە سېلىشى كېرەك - دەپتۇ.
سائادەتمۇ بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ يەپ بېقىپ:
- قارمۇشى كەمكەن، يەنە سېلىشى كىرەك -دەپتۇ.
بۇنۇڭغا چىداپ تۇرالمغان سەكىنە بارلىق گۆشنى يەپ بۇلۇپلا ئارقىدىن :
-قازاندا گۆش كەمكەن، گۆش سېلىش كىرەك . - دەپتۇ.