ئويلىماپتىمەن
بىر قىز ساقچىغا؛
مەن پۇلنى ئىچ كىيىمىمنىڭ يانچۇقىغا سالغانىدىم،كېلىشكەن بىر يىگىت ئوغرىلاپ كەتتى،-دەپتۇ.
ساقچى؛
-ئۇ ئوغرىلىق قىلغاندا ئازراقمۇ سەزمىدىڭىزمۇ؟
-ئۇ پورىتمالىمنى سىلىغانىدى،پەقەت ئويلىماپتىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىز قىزارغان ھالدا.
ماشىنىنى قانداق ھەيدەيمەن؟
بىر يىگىت لايىقى بىلەن پىكاپلىق دالىغا سەيلىگە مېڭىپتۇ،يىگىتنىڭ بىر قولى رولدا،يەنە بىر قولى قىزنىڭ بېلىدە ئىكەن.ئۇلار تۆت كوچىدىن ئۆتكەندە قاتناش ساقچىسى كۆرۈپ قاپتۇ؛
-رولنى ئىككى قولۇڭدا تۇت!
ھېلىقى يىگىت پەرۋاسىزلا؛
-ئۇنداقتا ماشىنىنى قانداق ھەيدەيمەن؟-دەپتۇ.
يەر ئاستى پويىزىدا
يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان يەر ئاستى پويىزىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ ، ئۆرە تۇرغان بىر ئەر يولۇچى يېنىدا تۇرغان بىر ئايال يولۇچىغا ئېگىلىپرەك تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن دەپتۇ؛
-كەچۈرۈڭ خانىم ،پويىزنىڭ ئىچى بەك قاراڭغۇ ئىكەن ،ئەيىپكە بۇيرۇمىسىڭىز ، سىزگە بىر تاسما تۇتقۇچ تېپىپ بېرەيمۇ ؟
-ھاجىتى يوق ، مەن تۇتقۇچقا ئېسىلىپ بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن ،-دەپتۇ ئايال قوپاللىق بىلەن .
-ئۇنداقتا گالىستۇكۇمنى قويۇۋېتىڭ!-دەپتۇ ئەر زەردە بىلەن .
تورغا چىقىشنىڭ پايدىسى
بىر ئىت تورغا مەستانە بولۇپ قاپتۇ.قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا تورغا چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىپتۇ. بىراق ئۇ گەپ يېمەپتۇ. ئۇ تېخى بىر كۈنى تورغا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ؛
مەن ھەر قېتىم تورغا چىقسام مېنىڭ ئىت ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.
توپچى ئەسكەرلەرنىڭ مەشقى
بىر كۈنى توپچى ئەسكەرلەر زەمبىرەك ئېتىپ مەشىق قىلىپتۇ،ئۇلار ئاتقان ئىككى پاي ئوق نىشانغا دەل تېگىپتۇ،بىراق ئۈچىنجى پاي ئوق بىر دېھقاننىڭ كۆكتاتلىقىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.بۇنىڭدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن كوماندىر دەرھال يېقىن بېرىپ قارىسا كۆكتاتلىقتىن ئۈستىبېشى قاپقارا ئىستا بۇلغانغان،چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بىرسى چىقىپ يالۋۇرۇپ كېتىپتۇ؛
-مەن خاتالاشتىم،بىراق بىر تۈپ يېسۋىلەك ئوغرىلاپ قويغانغىمۇ شۇنچىۋالا قاراملىق قىلامسىلەر؟!
ئاڭلاپ قالىدۇ
بىر بېخىل ئادەم ئايالى بىلەن بىللە ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپتۇ. ئايالى يەۋاتقان مومىسىدىن بىر پارچە لاتىنى تارتىپ چىقىرىپ يولدىشىغا كۆرسىتىپ دەپتۇ؛
-كۆردىڭىزمۇ؟يۈرۈڭ،بۇلار بىلەن دېيىشەيلى.
بېخىل جىددىيلىشىپ ئايالىغا ؛
ۋوي ،بوشراق گەپ قىل ،ئۇلار ئاڭلاپ قالسا لاتا پۇلىنىمۇ تۆلىتىدۇ،-دەپتۇ.
ئەقىل
يىگىت؛ تۈنۈگۈن كېچە سىزگە توي قىلىش تەلىپى قويۇپ چۈشەپ قاپتىمەن ،بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟
قىز؛ نېمىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئويغاق ۋاقتىڭىزدىن ئەقىللىقراق ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟
ئېلان
خېرىدار؛ بۇ چاچ چىقىرىش دۇرىڭىز ،تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلگەن ئېلاندىكىدەك ئۈنۈملۈكمۇ؟ بىر بوتۇلكا ئالسام پايدىسى بۇلارمۇ؟
پىركازچىك؛ ۋاي بولىدۇ، تېخى ھېچكىم ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ باقمىدى.
كېنو كۆرۈش
زىيادە سېمىز بىر كىشى كىنو كۆرگىلى كىرىپ،مىڭ تەستە ئورنىنى تېپىپ جايلىشىپتۇ.يېنىدىكى كىشى قىستىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا زەردە بىلەن دەپتۇ؛
-سېمىز بولغاندىكىن ئىككى كىشلىك بېلەت ئالسىڭىز بولمامتى؟
-كەچۈرۈڭ،ئىككى كىشلىك بېلەت ئالغان، ئەپسۇس بىرسى ئۈستۈن قەۋەتنىڭ ئىكەن...
چىرايلىق ئانا
بىر ئانا ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ ،قىزىغا ‹‹چىرايلىق›› دەپ ئىسىم قۇيۇپتۇ.يوقلاپ كەلگەنلەر قىزىغا بۇ ئىسىمنى قۇيۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن،ئۇ مۇنداق دەپتۇ؛
-قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ،مەكتەپكە بارىدۇ.ھەر قېتىم ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرىدا، بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سۇرىسا ، باشقىلار ‹‹چىرايلىق››نىڭ ئانىسى دېيىشسە ،ۋاھ، بۇنېمە دېگەن ياخشى؟!
خاتالىق
سۇلتان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى،ئۇ جىددىيلىشىپ كەتسە بەزىدە كېكەچلەپ قالاتتى.بىر كۈنى ئۇ ئىمتىھانغا كومىسسىيىلىك قىلىۋاتقاندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ۋاقىرىدى؛
-سەن...سەن...سەن...كۆچۈرۈشكە پېتىنىۋاتامسەن،تۇرە ئورنىڭدىن!
ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئارقا-ئارقىدىن بەش ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
يول ئىزدەش
بىر مەسىت يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىزدىن سوراپتۇ؛
-كەچۈرۈڭ خانقىز، ماڭلىيىمدا قانچە ھۈررەك بار ئىكەن؟
-ئۈچ ھۈررەك بار ئىكەن،-قورقۇمسىراپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىزچاق.
-يەنە بەش ئىستولبىدىن ئۆتۈپ ئۆيۈمگە بارغۇدەكمەن،-دەپتۇ مەسىت ئۆز-ئۆزىگە.
تەييارلىغۇچى ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال
مەنبە ؛ ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژورنىلى
2010-يىل1-ئاينىڭ 14-كۈنى
كۈلمىسىڭىز مەيلى ، چىدىيالىسىڭىز!