كەڭ بىر دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىچىك ئارالدا بىر تۈپ شاپتۇل دەرىخى بار ئىكەن. دەرەختىكى شاپتۇللارنىڭ مەي باغلاپ پىشىپ كەتكىنىنى كۆرگەن تۈلكىنىڭ يېگۈسى كەپتۇ، ئەمما دەريادىن ئۆتەلمەپتۇ. مايمۇننىڭمۇ شاپتۇللارنى يېگۈسى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ دەريادىن ئۆتەلمەپتۇ. شۇڭلاشقا، تۈلكە بىلەن مايمۇن ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بىرلىكتە ئامال قىلىپ ئارال تەرەپكە ئۆتۈپ، شاپتۇللارنى تەڭ بۆلۈپ يېمەكچى بولۇشۇپتۇ.
ئىككىسى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ياغاچتىن بىرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، دەريانىڭ بۇ قېتىدىن كىچىك ئارالغا ئۆتىدىغان يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈكتىن بىرنى ياساپتۇ.
كۆۋرۈك تار بولغانلىقتىن ئىككىيلەن بىرلىكتە ئۆتەلمەي، بىرى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىرى ئۆتۈشكە توغرا كەپتۇ.
تۈلكە مايمۇنغا:
— ئاۋۋال مەن ئۆتەي، ئاندىن كېيىن سەن ئۆتكىن، – دەپتۇ.
مايمۇن تۈلكىگە ماقۇل بوپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن يامان تۈلكە ئاۋۋال ئارال تەرەپكە ئۆتۈپتۇ. ئۇ شاپتۇللارنى ئۆزى يالغۇز يېيىش ئۈچۈن كۆڭلىگە رەزىل پىلاننى پۈكۈپ، ياغاچنى دەرياغا تاشلاپتۇ ۋە مايمۇنغا قاراپ:
— مايمۇن، بولدى قايتىپ كەتكىن، سېنىڭ شاپتۇل يېيشتىن تەلىيىڭ يوق ئىكەن! - دەپتۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ.
تۈلكىنىڭ بۇ قىلىقىدىن مايمۇننىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ دەرھال كۈلۈپ تۇرۇپ:
— ھا... ھا... ! سەن شاپتۇل يېيەلىگىنىڭ بىلەن، مەڭگۈ بۇ تەرەپكە قايتىپ كېلەلمەيدىغان بولدۇڭ! – دەپتۇ ۋە بىرلا كۈچەپ، بايا ئىككىسى بىرلىكتە ياسىغان ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ يەنە بىر بېشىنى دەرياغا ئىتتىرىپتۇ.
تۈلكە مايمۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى تىت - تىت بولۇپ، ئامالسىز مايمۇنغا يېلىنىپ:
— مايمۇن، بىز دېگەنيېقىن دوست، تېزراق ئامال تېپىپ، مېنىڭ قايتىپ كېتىشمگە ياردەم قىلغىن! ــ دەپتۇ.
ئەمما مايمۇن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ.