بىر كۈنى نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ بىر دوستى ئۇنىڭدىن پۇل قەرز سوراپ كەلدى . ئەپەندى بۇ ئادەمنى ئوبدان بىلەتتى ، پۇل بەرسە قايتۇرۇپ ئالالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . لېكىن ھاجەتمەننىڭ سوراپ كەلگىنى ئاز پۇل ئىدى . شۇڭا ئەپەندىم ئويلىدى ؛ < بوپتىلا بېرىپ تۇراي ، قايتۇرمىسىمۇ ماڭا چوڭ زىيان بولمايدىغۇ ... سوراپ كەلگىنى كۆپ پۇل بولمىغاندىكىن قۇرۇق قول قايتۇرماي ...>
ئۇ دوستىغا سورىغان پۇلنى بەردى . ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ ئادەم پۇلنى قايتۇرغىلى كەلدى . ئەپەندىم قاتتىق ھەيران بولدى ، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى . بۇ ئادەمنىڭ قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزە ئىدى !
ئارىدىن يەنە ئۈچ كۈن ئۆتۈپ دوستى يەنە پۇل سوراپ كەلدى . بۇ قېتىم خېلى كۆپ پۇل سوراپ كەلگەنىدى .
__ ئاغىنە __ دېدى نەسىردىن ئەپەندىم ، __ سەن ئالدىنقى قېتىم مېنى ئالداپ كەتتىڭ ، شۇڭا ئەمدى ساڭا پۇل قەرز بېرىپ تۇرالمايمەن ...
__ نېمىلەرنى دەۋاتىسىز ، __ دېدى دوستى ھەيران بولۇپ ، __ ئالدىنقى قېتىم ئالغان پۇلنى قاۇتۇرۇپ بەردىمغۇ ؟
__ توغرا ، پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىنىڭ راست . لېكىن مەن سېنىڭ پۇلنى قايتۇرىشىڭغا ئىششەنمەيتتىم . دېمەك سەن مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ تەتۈرىسىچە ئىش قىلدىڭ ، شۇڭا ئەمدى ساڭا پۇل قەرز بېرىپ تۇرمايمەن !