بىر كىشى بىر ھەپتىلىك ھارغىنلىقتىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرغىنىدا ياخشى دەم ئېلىپ ھارغىنلىقتىن قۇقتۇلۇش ئۈچۈن قولىغا كۈندىلىك گېزىتنى ئالدى، پۈتۈن كۈن ئۆيدە راھەتلىنىپ ئولتۇرۇشنى ئويلىدى. دەل بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرغىنىدا ئوغلى يۈگرەپ كەلدى، كىنوغا قاچان بارىدىغانلىقىنى سورىدى. بۇ ھەپتە ئاخىرىدا كىنوخانىغا ئېلىپ بارىمەن دەپ دادىسى ئوغلىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما سىرتقا چىقىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن بىر باھانە تېپىشى كېرەك ئىدى. گېزىت بىلەن بىرگە بېرىلگەن بىر دۇنيا خەرىتىسىگە كۆزى چۈشتى.
ئاۋۋال دۇنيا خەرىتىسىنى يىرتىپ كىچىك پارچىلارغا بۆلدى ۋە ئوغلىغا؛
-ئەگەر بۇ خەرىتىنى تۈزىتەلىسەڭ سېنى كىنوغا ئاپىرىمەن. - دېدى.
ئىچىدە بولسا <<ئەمدى قۇتۇلدۇم، ئەڭ ئالىي جۇغراپىيە پىروففىسورىنى ئەكەلسەڭمۇ بۇ خەرىتىنى ئاخشامغىچە تۈزىتەلمەيدۇ.>> دەپ ئويلىدى.
ئارىدىن 10 مىنوت ئۆتكەندىن كېيىن بالىسى يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە دادىسىغا؛
-خەرىتىنى تۈزەتتىم ئەمدى كىنوغا بارايلى. - دېدى.
كىشى باشتا ئىشەنمىدى، خەرىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. خەرىتىنى كۆرگەندە خەيران قالدى. بۇنى قانداق قىلغانلىقىنى سورىدى.
بالىسى؛
-ماڭا بەرگەن خەرىتىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئادەم بارئىدى. ئادەمنى تۈزەتكىنىمدە دۇنيا ئۆزلىكىدىن تۈزەلدى. - دەپ جاۋاپ بەردى