* 1 *
نەنچاڭ قوزغىلىڭى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، خې لوڭ يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتتى. بىر كۈنى جۇ ئېنلەي ئۇنى يوقلاپ كېلىپ چاقچاق تەلەپپۇزىدا:
— خې ئاقساقال، سىزنىڭ كاللىڭىز يارايدىكەن جۇمۇ، جاڭ جيېشى ئۇنى 100 مىڭ تەڭگىگە سېتىۋالماقچى بوپتۇ، – دېۋىدى، خې لوڭ بېشىنى چايقىغان ھالدا مۇنداق دېدى:
— ئاپلا، باھا چۈشۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟! قوزغىلاڭدىن بۇرۇن ئۇ مېنى يېنىغا تارتىش ئۈچۈن، بەش مىليون تەڭگە بەرمەكچى بولغان، يەنە ئۇنىڭغا خەنياڭدىكى بىر ھەربىي سانائەت كارخانىسىنى قوشقان، مېنى بولسا ۋۇخەن مۇداپىئە گارنىزونىغا قوماندان قىلغانىدى، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭمىغان. قاراڭ بۇ خۇمپەرگە، مانا ئەمدى نېمانداق بېخىللىشىپ كەتكەن – ھە؟!
* 2 *
ئامېرىكىنىڭ 36 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جونسون 26 ياش چېغىدا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تېكساس ئىشتاتلىق شۆبىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ شۇنچىلىك قاتتىققول ئىدىكى، قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ خاتالىقىنى چاقچاق ئارقىلىق تۈزىتەتتى. بىر كۈنى ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۈستەللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۈستىگە ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارغا تولغان بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ ئۈستەلنىڭ ئىگىسىگە ئاۋازىنى قەستەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى:
— مەن ئىدىيەڭنىڭ ئۈستىلىڭدەك قالايمىقان بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمەن .
بۇ ئادەم دەرھال تۇتۇش قىلىپ بارلىق ماتېرىياللارنى رەتلەپ ئېلىۋەتتى، ئورنىنى پاكىز تازىلاپ قويدى، ئەمما جونسون 2 – قېتىم ئۇنىڭ ئۈستىلىگە كەلگەندە، ئۈستەلنىڭ تولىمۇ رەتلىك، ئەمما قۇپقۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
— مەن كاللاڭنىڭ ئۈستىلىڭدەك قۇپقۇرۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمەن!