Article Center - ماقالە مەركىزى - چولپانلار تىللىشىپ كەتتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


چولپانلار تىللىشىپ كەتتى

رونالدۇ: توپ مەستانىلىرى ، ھەرقايسى دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرى، ئۆزىنى پۇتبول مۇتەخخەسىسلىرى دەۋالغان بېكىنباۋر، مارادونا دېگەن كىسپۇرۇچلارنىڭ كاللىسى مەن تېپىپ شاپاق قىلىۋېتىدىغان توپتىنمۇ بەك قاپاقباشلار ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىچە بىلجىرلىشىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا چېمپيون بولىدۇ_يەي، گېرمانىيە چېمپيون بولىدۇ_يەي دەپ قوسىقىمنى ئېسىۋاتىدۇ. ئەنگىلىيىلىكلەرمۇ ھالىغا چۇشلۇق گەپ قىلسا بولاتتى. پورتۇگالىيىلىك تۈكباشلارمۇ بوشراق پو ئاتسۇن! فىگو دېگەن قېرىپ شالاقشىپ كەتكەن ھاراقكەشكە ئىشىنىپ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھازىر قانداقمۇ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇدەك سەۋىيە بولسۇن! ئۇنى بىز ئۆتكەن يىلى قېرىپ كارغا يارىماس بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ئىتالىيىدىكى ئېنتېر كوماندىسىغا ئالداپ_سىلاپ ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىدۇق. بىچارە ئىتالىيىلىك مودېل قىزلارنىڭ قورشاۋىدا چىۋىن ئولاشقان شاپاقتەك پاچىقىدىكى ماغدۇرىنىڭ ھەممىسىنى شۇلارغا بېرىۋەتتى. پورتۇگالىيە پۇتبول جەمئىيىتىدىكى كۆتەكباشلار ئۇنى پەقەت ئامالسىز ھالدا پورتۇگالىيەنىڭ روھى سىمۋولى سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماقچى! ۋاي بىچارىلەر! تازنىڭ نېمىسى بار دېسە تۆمۈر تاغىقى دېگەندەك ئىشقۇ بۇ! كىرىستىئان دېگەن مېنىڭ بوۋىلىرىمنىڭ پۇشتىدىن بولغان سېرىق پىشماق، مىس گەدەن تاز ناھىيىتى توپنى ئازراق ئۇسۇل ئوينىتىشنى بىلىدۇ. فرانسىيىلىك قېرى تۈلكە فلاتىنى تېخى ئۇنى ئەللىك يىلدا بىر مەيدانغا كېلىدىغان نادىر توپچى دەپ ماختاپ كېتىپتۇ. ۋاي قوۋۇرغام! پېقىر ئۆگەي ئاكىسىنى دوراپ باققىنى ئۇ! ئەنگىلىيىلىك سۆلەتۋاز تۈك پاچاقلارنى ئالداپ ئۆتەلىگەن بىلەن توپ سېھىرگەرلىكىنىڭ بوۋىسى بولغان ماۋۇ بىز بىرازىل سامباچىلىرىنىڭ چاتىرىقىدىن ئۆمىلەپ قالىدۇ ۋاقتى كەلگەندە. كارلوس دېگەن توم پاچاق شاتۇرنى قارانچۇق قىلىپ قويساقلا كۇپايە ئۇنىڭغا. دېكو دېگىنىمۇ تايىنلىق پاكىنەك. كالتە پۇتلىرىدا بىز بىر چامدىغان يەرنى تۆت چامداپ يۈگۈرىدىغان نېمە ئۇ! شۇ ھالىغا بىز بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چۈشۈپ قالسا پۇتىغا چۈشكەن توپنى بېشى ئۇدۇل بولۇپ قالغان تەرەپكە ساراڭدەكلا تېپىپ قالىدۇ. قالغانلىرى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئىنجىمارۇقلار ئۇ. توپ ئويناشنى بىزدىن ئۆگەنگەن ئۇ تازلار! پورتۇگالىيىكلەرمۇ تولا چېمپيون بولىمىز دېمەي كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقالىسىلا ياقىسىغا تۈكۈرۈپ شۈكرى دېسە بولىدۇ. ئەنگىلىيىلىك سېرىق تۈكلەر قاچانغىچە بىزنىڭ بېكخامىمىز بار دەپ پو ئېتىپ يۈرەركىن، توۋا دېمىسە بىر. بېكخام بىلەن ئىككى يىل بولدى بىر كوماندىدا تۇرىۋاتىمەن. بۇنىڭ ھالى فىگودىنمۇ بەتتەر ھازىر! بۇ پالەك رەڭلىك پىتكۆزنىڭ نېمىسىنى شۇنچە ياخشى كۆرۈدىكىن، ئەخمەق قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭغا يېپىشقىنى يېپىشقان. ماۋۇ پۇتبول دېگەن سۆلەتنى تونۇمايدۇ، پاچاقتىكى ماغدۇرنى تونۇپ قالىدۇ ۋاقتى كەلگەندە! ئۇنىمۇ ياۋروپا گۈزەللىرى تولا شوراپ ھېلىلە قىلىۋەتتى. ئۇ ئەمدى كارغا كەلمەيدۇ. ئوۋېن سەل قارام نېمە ئىدى، مېجەزىغۇ بەك ئوبدان بۇ بالىنىڭ، لېكىن ئاسانلا زەخملىنىدىغان شور پىشانە بۇ. كاكا دېگەن ئۇكامنى كۈشكۈرتۈپ قويسام توپنى تەپكەنلىك بولۇپ پودىقىغا بىر تېپىپلا دوختۇرخانىغا ئۈلگۈرتىدۇ. لېكىنزە رۇنى دېگىنىدىن ھەزەر بولمىساق بولمايدۇ. بۇ ساراڭ نىمىكەن. كالىغا ئوخشاش ھارغىنىنى ئۇقمايدىغان، كەركىداندەك بېشىنى تۆۋەن قىلىۋېلىپ ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۈسسۈپ توپنى خەتەرلىك ئاقچىيدىكەن. لېكىن ئۇنىڭغىمۇ ئامال بار. رىۋالدونىڭ 2002_يىلى تۈركىيە كوماندىسىغا ئىشلەتكەن مەيدىسىگە توپ تەگسە تاشىقىنى تۇتۇپ يېتىۋالىدىغان تاكتىكىسىنى ئىشلىتىمىز_دە، قىزىل كارتا يىگۈزۈپ چىرايلىق يولغا سالىمىز. ۋاي_ۋاي! نېمە ئەنسىرەپ كەتتىم مەن. بەك دۆت نىمىلەر بۇ ئەنگىلىيىلىك. بولۇپمۇ ۋارىتارلىرى ئەزەلدىن دۆت نىمىلەر بۇ! ۋاقتى كەلگەندە يىراقتىن تەپكەن ئىختىيارى جازا توپ بىلەنلا ئوڭشايمىز. ئىتالىيىلىك سۆلەتۋازلارغۇ كەچكىچە يۈزىنى تۇتۇۋېلىپ مۇش يىيىشنى بىلىدىغان، ئاجىزنى بوزەك ئېتىشنى بىلىدىغان،نوچىنى كۆرسە بىر مۇش ئاتماي يېتىۋالىدىغان مۇش خالتىسى نىمىلەر. ئىشقىلىپ بۇدا يەنىلا بىز چېمپيون بولىمىز. ئەمىلى كۈچ ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ! تەلەيگە گول بولىدىغانلار تولا كوتۇلداپ قوساقنى ئەسمەي لاسۋېگاس ياكى ئاۋمېنغا بېرىپ قىمار ئويناش،تولا كەيپىياتىمغا تەسىر يەتكۈزۈشمەي!

فىگو: رونالدو پوقنىڭ ئىسسىقىنى يەپ قاپتۇ. غوجىئاكىسى فىگونىڭ پاچىقىدىكى ماغدۇر تېخى تۈگەپ كەتكىنى يوق. مادرېدتىن ئايرىلىشتا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى كۆزلىگەنمەن. ئۆتكەنكى مۇسابىقىدە ھەممىدىن نوچىسى مۇشۇ ئىدى دەپ توپنى خۇددى بىر فىگو ئوينايدىغاندەك ھەممىسى مېنىلا بېقىۋالغان ئىدى. كورىيەلىك جېنىدا تولا پۇتلىرىمغا تېپىپ پۇتلىرىمنى يېغىر قىلىۋەتكەن ئىدى. ھازىر ھەممىسى مېنى قېرىدى دەپ قارايدۇ، بۇ دەل مەن كۈتكەن نەتىجە! قاراپ تۇر رونالدو دېگەن توڭكاي چىش قارا ئېشەك. پاچىقىمدا قانچىلىك ماغدۇر بارلىقىنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن. ئاپلا، تاكتىكامنى ئەجەپ بىلدۈرۈپ قويدۇم_يا ئاچچىقىمدا...خەپ! ...بۇ مۇھىم ئەمەس! مۇسابىقە بىر بولسۇن قېنى، پىرە ئوينىتىپ ساراڭ قىلىۋېتىمەن ھەرقايسىڭنى!
بېكخام: ماۋۇ رونالدو دېگەن قاسماق مېنىڭ سايەمدە خوتۇنلۇق بولۇۋېلىپ نىمانداق پو ئاتىدۇ دەيمەن. ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭلار! مەن ئايال پادىشاھ مۆرەمگە قىلىچ تەككۈزۈپ سىرلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن بىر ئالىجاناپ ئاقسۆڭەكمەن. مايمۇندىن ئۆزگەرگىلى ئۇزۇن بولمىغان بۇنداق پەسەندىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ يۈرۈش مېنىڭ سالاھىيىتىمگە ماس كەلمەيدۇ. ياۋروپا گۈزەللىرىگە بۇزۇلدى دېگەن بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە ھەرەىز ئىشەنمەڭلار. خوتۇنۇم ۋېكتورىيە ئاڭلاپ قالسا ئىشتىنىنى سېلىۋېتىپ كوچىدا ناخشا ئوقۇشتىن يانمايدۇ. بىز بىرىتائىن ئاقسۆڭەكلىرى ئەزەلدىن تولىمۇ قائىدىلىك، مۆتىۋەر سۈپەت كېلىمىز! ھەممە ئادەم بىرازىل توڭكايلەردەك كوچىغا ساغرىسىنى دومسايتىپ چىقىۋالمايدۇ. ماۋۇ بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئۆرپ_ ئادىتىمىز بار، ئىناۋەت جاندەك لازىم بىزلەرگە. توردىكى رەسىملەرگە كەلسەك ئەر_ خوتۇن ئىككىلىمىز دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە چولپانلار! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كېلىشكەن چىرايىم، ئۆزگىچە خارەكتىرىم بىلەن ھوللىۋودنىمۇ زىل_زىلىگە سالغان ئادەم! ئېلانغا چىقسام پۇل تېپىپ تۇرمۇشۇمنى باياشاتچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ ئوغلۇم برولىننى دۇنياۋى چولپان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىمەن. شۇڭا ھۆتۈت_پۆتۈت دېيىشسىڭىزمۇ ئاقمايدۇ دەپ قوياي! پۇل كىمگە تاتلىق ئەمەس! مېنى ئۇچى_ بۇچى دەپ كېتىپتۇ ئۇ قارىلاق. بۇ بىرازىللىكلەر ئېشەكلەرنىڭ ئۆتكەندە تەلىيى كېلىپ بىزنى ئۇتۇۋالغان ئىدى. ھوشۇق دېگەن ھەمىشە بىر تەرەپكە ئوڭ چۈشۈۋەرمەيدۇ. بىردەم ئۇنىڭغا،بىردەم بۇنىڭغا سەنچۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ. مەن بېكخام ئەزەلدىن كەچكىچە يۈگۈرۈپ قۇرۇق توپ ئوينىتىپ يۈرمەيمەن. تازا پەيتنى تېپىپ ئەجەللىك پاس بېرىمەن. قالغىنىغا رۇنى ئۇكام بىلەن ئوۋېن ئۇكام بار. ۋارىتاسىنى ئۆتمۈ_تۈشۈك قىلىۋەتكەندە ئاندىن مېنىڭ قېشىمغا كەلسۇنا رونالدو، چاتىرىقىمدىن ئۆمىلىتىمەن. يەنە 01 يىل توپ ئوينىساممۇ قېرىمايتتىم. ھوللىۋودتىكى تام.كرويىس دېگەن ئاغىينەم ئاداش توپنى تاشلاپ قېشىمغا كېلىڭلار، بىرلىكتە كىنو ئىشلەپ دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ نادىر ئۈلگىلەرنى يارىتايلى دېگەچكىلا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كېيىن ھوللىۋودقا بارماقچى بولۇۋاتىمەن. چېمپيونلۇق بىزگە مەنسۇپ. ئۇندىن باشقا نى_نى توپچىلىرىمىز بار. چېلسىئا كوماندىسىدىكى ئاداشقا كاپىتانلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئامېرىكىغا كېتىمەن. خەپ رونالدو! زادى ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان زەڭگى ئىدىڭ!.

كىچىك رونالدو:
ما نىمىلەرنى! ھەقاسىڭ مېنى ئۇنتۇپ قېلىپ رونالدوكام بىلەن بولۇپ كېتىشىپسىنا! بۇ گەپنى ماڭا قىلىش ھەقاسىڭ! مارادۇناكاممۇ بۇ كىچىك رونالدو مەندىن ئېشىپ كەتتى دەۋاتسا، بارسېلونادىكى كۆزنى چاقايتىدىغان جىمى شان_شەرەپنى مېنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىنى شالىلىرىنى ئېقىتىپ كۆرۈشۈپ تۇرۇپ ما نىمىلەرنىڭ نەۋاقتىكى رونالدوكام بىلەن بولۇپ كېتىشكىنىنى! ھەممەڭنى ماڭا چوقۇنسۇن دەپ خەلقئارا پوتبول بىرلەشمىسى ھەقاسىڭغا مېنى ئاكا سايلاپ بەردى. ھېلىغۇ رونالدو ئاكام ئىكەن، بىرازىلىك 01 موماي بىلەن قېتىلىپ چۈشسەممۇ ھەقاسىڭغا ئۆزەم يالغۇز تېتىيمەن. ئەمىلىيەتتىمۇ ئىسپاتلاندىغۇ بۇ ئىش! ئۆتىشە بىر چەتكە كاپشىشماي!

دېل.پىئېرو:
ئەجەپ نومۇسنى بىلمەيدىغان نىمىلەركەنسەن! باچاۋ دېگەن ھارام تاماق بۇتپەرەس بۇتقا ئىشەنمەي ئەينى ۋاقىتتا يا بىسمىللا دەپ تەپكەن بولسا توپ چاتىرىقىڭدىن كىرىپ ۋارىتار تورىڭنى يىرتىپ سانپاۋلودىكى ھەيكىلىڭنى چېقىشاتتى سەن نىمىلەرنىڭ. 2002_دىكى مۇسابىقىدە كورىيەلىك ئۇششۇقلار بىلەن بىر بوتۇلكا براندىغا سېتىلغان رېپېرې خاتا ھۆكۈم چىقارمىغان بولسا ئەڭ ئاخىرى سەن ئورانگۇتانلار بىلەن بىز تۇتۇشۇپ ئانا_ ماناڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتەتتۇق. بۇ يىلقى مۇسابىقە نەدە ئۆتكۈزىلىدۇ بىلەمسەن؟ ياۋروپا ئاڭلاپ قويۇش! ئۇششۇقلۇق قىلىدىغانغا ئاسىيالىق ساچقان سۆڭەك نىمىلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ھەققى يوق. نەۋاق بىزنىڭ قارا قوللار، تاقىرباشلار پارتىيىسىدىكى ئاغىينىلىرىمىز گېرمانىيىدىكى ياتاقلارنى ئىگەللەپ باققىلى! ھەرقانداق ھارام تاماق ساختىلىق ئارىلاشتۇرىدىكەن مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىرىدۇ ئاڭلاپ قويۇش! بۇدا رىۋالدو دېگەن ھېلىگەر تۈلكە پودىقىنى تۇتۇۋېلىپ ياتىدىكەن، پودىقىنى ئۆتمۈ_تۈشۈك قىلىپ ئىس چىقىرىدۇ قارا قول ئەزىمەتلىرىمىز.

شېۋچېنكو:
يائاللا، بۇ مۇسابىقىمۇ چاتاقمۇ نېمە؟ مەن ئەڭ ياخشىسى گەپ قىلماي جۇمۇ...

ۋان سىتىرلوي:
بىز بىژيەدە ئېشەك باقامدىكەنمىز! بۇقىدەك مۆرىمەي تۇرساق ماۋۇ كاسكى ئىتلارنىڭ قاۋىشىپ كەتكىنىنى. ئەزەلدىن سەن نىمىلەرنىڭ ھېلىگەرلىكىدە تەلىيىمىز كەلمەيۋاتىدۇ. بولمىسا ھەقىقىي چېمپيون بولىدىغان ئەمىلى كۈچ مانا بىزدە ئىدى. ئوغۇل بالا بولۇشساڭ ھېلە ئىشلەتمەي چىقىش، بۇدا ئاندىن چېمپيوننىڭ كىمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىشىپ قالىسەن.

زىدانى:
شۇنداقمۇ؟
كىرىسپو:
شۇنداقمۇ دېگەنمۇ گەپمۇ؟ بۇ چايخانا ئەمەس...قىزىق قىزىل باش تاز جۇمۇ بۇ. 98_يىلىدىكى مۇسابىقىدە بۇ سوغۇق چىراي تاز ئاشۇ قىزىل بېشى بىلەن بىرازىلىيىنىڭ ۋارىتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزۈپتى، كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم بولغان ئىدى. بەزىلەرگە چېمپيونلۇق پەقەت ياراشمايدۇ دېسە.

باللاك:
ئاپلا جۇمۇ، مەن گەپ قىلاي دېسەم ساھىپخان بولۇپ قاپتىكەنمەن، نىمانداق جىلە قىلىدۇ ماۋۇ نىمىلەر!

مېز:
ئۇرۇشقاننىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق! شەخسەن مەن ئۇرۇشمايمەن. ئۇرۇش_تىللىشىپ بىر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. تىللىساڭلار مېنى تىللاڭلار بىكارلىق بولغاندىن كېيىن. تارىختىكى شۇنچە دەھشەتلىك تىرويە جېڭىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا بىر ساھىپجامالنى تالىشىش جېڭى بولدى، نېمە قىلىسىلەر، ئەمىلىيەتتە ئۈرۈمچىدە ئەرگە تېگەلمىگەن چىرايلىق قىز ساماندەك ئىدى.

مالدىنى:
ھەي ئىلگىرىكى توپچىلار كارامەت ئىدى جۇمۇ! توپىنى بىر چىرايلىق ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتسە نوچىكەنسەن دەپ قويۇپ ئېسىل ماھارىتىنى جەۋلان قىلدۇرۇشنىلا بىلەتتى. شۇڭا مۇشۇنداقلارنىڭ دەستىدىن مارادونا، ، باچاۋ، ماتىئوس، ۋان،باستېن، كىلىنىسمان دېگەن ئېسىل توپچىلار بالدۇرلا توپ ساھەسىدىن چېكىنگەن ئىدى. ئەڭ كونا رەڭدىن مەنلا چىداپ كېلىۋاتىمەن...ھەي!...

ھەسەن شاش:
ئىشىڭ يوقما سەن خەقنىڭ! سەن نىمىلەر مۇشۇنداق ئادەمنىڭ زىتىغا تېگىشىدىغان گەپ قىلىپ ماۋۇ بىز تۈركىيەلىك قېنى قىزىقلارنى جېلە قىلىپ سوقۇشتۇرۇپ قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇشمىغان بولساڭ بۇ يىلقى لوڭقا يۈزدە_يۈز بىزنىڭ بولاتتى. رۇستۇ دېگەن ئەخمەق ۋارىتىمىزنى بارسېلونا دېگەن ئۆلەۈر كوماندا بىر يىل ۋارىتار قىلىپ ئىشلىتىپ توپ ئۆگەتمەي شاكىلات يىيىشنى ئۆگۈتۈپتۇ. ئۈلكەر كەمپىتنى يەۋېرىپ قەن ماددىسى ئېشىپ كەتتى بۇ نېمىنىڭ. بىر ھالقىلىق توپنى تۇتالماي پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىزنى پوق قىلدى. تولا بىر_بىرىڭنى تىلىشىپ غەيۋەت قىلىشماي مەشقىڭنى ئوبدان قىلىشە. ھېچبولمىسا مۇسابىقىنىمۇ بولسا قىزىتىش_تە! شۇ مۇسابىقىدىن بولسىمۇ ھوزۇرلىنىپ كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىپ ئولتۇرايلى!!
         كۆرۈلۈشى:937     قوشۇلغان ۋاقتى:2008-5-14 13:19:08يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئامېرىكىدىكى روجەكلەردىن ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزغا نەزەر!
كېيىنكى ماقالە:بىر تەتەينى سۆيۋاپتىمەن............
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号