كەينىچە مېڭىش
ئوقۇغۇچى دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ:
--- بۈگۈن يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئالدىمغا بىرقەدەم ماڭسام، كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم.
--- ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن؟
--- كېيىن ئامال تاپتىم، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم.
سېتىپ بېرىش
بىر كىشى ماگىزىن ئارىلاۋېتىپ، چىرايلىق ھەم ئوماق بىرئوغۇل بالىدىن سوراپتۇ:
--- دادڭ سېنى ماڭا سېتىپ بېرەلەمدۇ؟
--- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، ماڭا تېخى باھا قويۇلمىغان.
پەقەت بىرلا
مېھمان قورۇمىدىكى بىر تال چىۋىننى كۆرۈپ قېلىپ، كۆڭلى ئېلىشىپئاشپەزنى چاقىرىپتۇ. ئاشپەز ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا:
---مېھمان، بىر تاللار چىۋىن ئىكەنغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتىيوق، ئۇ تەخسىدىكى قورۇمىنى سىزدىن بالدۇر يەپ بولالمايدۇ،- دەپتۇ.
مايمۇن
بىر كۈنى باغدادتىكى بىر ئاقسۆڭەك بىرسىدىن سوراپتۇ:
--- قانداق قىلسام مايمۇننى كۆرەلەيمەن؟
--- ئەينەككە قارىسىڭىزلا.
مەست
ئىككى مەست رېلىس ئۈستىدە كېتىپ بېرىپ قاقشاپتۇ:
--- نېمانداق تۈگىمىگەن پەلەمپەي بۇ؟
---شۇنى دەيمەن، تۇتقۇچى تېخى يەردىكەن.
ئۇخلاپ قالدى
ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپبېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:
--- ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
--- ئۇخلاپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
لوگىكىلىق خۇلاسە
پروفېسسورنىڭ قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: <<كىتابئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە>> دەپسۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنىبۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: << مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنىياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دەپ جاۋاببېرىپتۇ.
ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن
ئوقۇتقۇچى: دەرسباشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغائوخشامسەن؟
ئوقۇغۇچى: ئوخشىمايدىكەنمەن.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟
ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچىغا.
نېمىنى ئويلىدىڭ
قاتتىق سوغۇق بولغانبىر كۈنى، بىر ئوغرى پاختىلىق چاپان ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
سوتچى: بۇ چاپاننىئوغرىلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ؟
ئوغرى: ئەگەر تۇتۇلۇپقالمىسام ئىسسىق پاختىلىق ئېرىشىدىغىنىمنى، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگەبولىدىغىنىمنى ئويلىدىم.
يەڭگە بىلەن سىڭىل
سىڭلىسى: يەڭگە، سىزدەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟
يەڭگىسى: ئەڭ ياخشىسىسىڭلىسى يوقنى تاللاڭ
مەنبە؛ توردىن كەلگەن