Article Center - ماقالە مەركىزى - قەلبىمىز ئاسمىنىدىكى نۇرانە يۇلتۇز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


قەلبىمىز ئاسمىنىدىكى نۇرانە يۇلتۇز

(ئەلنىڭ پەخىرلىك شائىرى تېيىپجان ئېلېيېف ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن)

ھېيتەم ھۈسەيىن (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى)

       بۇ يىل 19 – فېۋرال ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۇل سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى، يېڭى زامان ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ قابىل تەشكىلاتچىسى، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى تېيىپجان ئېلېيېفنىڭ ۋاپات بولغىنىغا  20 يىل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ يېڭى گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقىمىز پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان بۇ مۆھتەرەم زاتنى ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرى، ئېيىتقانغا ‹‹تۈگىمەس ناخشا››لىرى ھامان خەلقىمىز قەلبىدە جاراڭلاپ تۇردى. ئاز بولمىغان قەلەم ساھىبىلىرى مەرھۇمنى سېغىنىپ نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى يازدى. مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ  20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاشۇ ئەسلىمىلەردىن  تاللاپ گېزىتىمىزدە ئېلان قىلدۇق.

— مۇھەررىردىن

        بۇ يىل 19 – فېۋرال، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارى، ئېلىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىغا تونۇلغان يىتۇك شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى تېيىپجان ئېلېيېفنىڭ ۋاپاتىغا 20 يىل  بولدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى، جۈملىدىن ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرى  بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازى، قەدىردان سەپدىشى ۋە غەيۇر تۆھپىكارنى ئالىي ھۆرمەت – ئېھتىرام، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىپ، سېغىنىپ كەلدى.

       خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى تېيىپجان ئېلېيېف چېقىندەك چاقناپ ئۆتكەن 59 يىللىق قىسقىغىنا ئۆمۈر مۇساپىسىدە بىزگە 1000 پارچىغا يېقىن شېئىر، 12شېئىرلار توپلىمى، بىر ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى ھەم ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە نەشرگە تەييارلىغان ئاجايىپ قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. بولۇپمۇ شائىر تېيىپجان ئېلېيېف شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى يېڭى تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈرۈش يولىدا ھارماي – تالماي ئىزدىنىپ، بۇ جەھەتتە  شېئىر ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىزگە يېڭى، جانلىق ۋە ئۆچمەس نەمۇنە تىكلەپ بەردى.

      ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئالەمشۇمۇل شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى مىسلىسىز گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈنلەردە، بىز بۇ مۆھتەرەم زاتنىڭ تولدۇرغىلى بولمايدىغان مۇھىم ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆكۈنۈش ۋە ھەسرەت ئىچىدە تېخىمۇ ئېنىق سەزمەكتىمىز. دانالار توغرا ئېيىتقان:‹‹شۇنداق مەرھۇملار باركى، ئۇلار تىرىكلەردىنمۇ تىرىكرەكتۇر، لېكىن شۇنداق تىرىكلەرمۇ باركى، ئۇلار مەرھۇملاردىنمۇ مەرھۇمراقتۇر.›› شېئىرىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى دەۋردىن دەۋرگە ئۇلىغان تۆھپىكار شائىر تېيىپجان ئېلېيېف بىز ئۈچۈن دەل ئاشۇنداق تىرىكلەردىنمۇ تىرىك مەرھۇمدۇر. ئۇ  كىچىكىمدىن ئۈلگە قىلغان ھۆرمەت ساھىبىم، كۆڭلۈم تۆرىدىكى غايىۋانە ئۇستازىم ئىدى.

     1953 – يىلى، ئىلى دەرياسى بويىدىكى گۈزەل يېزام بايانداي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى، بىز شۇ كۈنى مەكتەپ بويىچە يازلىق تەتىل ئالدىدا ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتاتتۇق. ئۇشتۇمتۇت گۈلدۇراس ئالقىش ياڭراپ كەتتى، ھەممىمىز مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇردۇق. مەكتەپ مۇدىرىمىز 20 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بوي، قامەتلىك، خۇش پىچىم، چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان بىر مېھماننى باشلاپ كىردى ۋە مېھماننى كاتتا ئىززەت – ئىكرام بىلەن ئۇدۇل سەھنىگە باشلاپ چىقتى. بىز تېخىمۇ قاتتىق چاۋاك چېلىپ، مېھمانغا ئېھتىرام بىلدۈردۇق.

       — ساۋاقداشلار، دىققەت! – دەپ مۇراجىئەت قىلدى مەكتەپ مۇدىرى، – ھازىر مەن سىلەرگە بىر ئەزىز مېھماننى تونۇشتۇرىمەن. مانا، سىلەرگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغان بۇكىشى ‹‹شەرق ناخشىسى››ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى، سىلەر ھەر دائىم شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىدىغان، ئاتاقلىق ياش شائىرىمىز تېيىپجان ئېلېيېف ئەپەندى بولىدۇ!

       گۈلدۈراس ئالقىش مەيداننى چاڭ كەلتۈردى، شادلىقىمىز ئىچىمىزگە پاتمايتى. بىز قىن – قىنىمىزغا سىغمىغان ھالدا كېيىكتەك سەكرىشەتتۇق....

     — ساۋاقداشلار! – دېدى يەنە مۇدىر، –  يولداش تېيىپجان سەل تۇرۇپلا سەپەرگە ماڭىدۇ. ۋاقىت غەنىمەت، شۇڭا شائىرىمىزنى ئىككى كەلىمە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى!

      ئۇزاققا سوزۇلغان تەنتەنە ئىچىدە تېيىپجان ئاكا سەھنىنىڭ ئالدىغىراق كەلدى. ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمدى، ئۇ يوغان، نۇرلۇق كۆزلىرىنى يىغىن ئەھلىگە تىكىپ، ئوڭ قولىنى سول كۆكسىگە ئېلىپ: ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،  دوستلار، ساۋاقداشلار!››دېگىنىچە كۆپچىلىككە سالام بەردى، ئاندىن جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن سۆز قىلىپ، ئىنسان ئۈچۈن بىلىم ئىگىلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى، ئۇستازنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە توختالدى.ئۇنىڭدىن كېيىن مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە بېغىشلانغان بىر شېئىرنى تولىمۇ ھېسسىياتلىق، جەلپ قىلارلىق ھالدا دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. دېكلاماتسىيىگە ئۇلاپلا ‹‹ئۇستازىم››دېگەن ناخشىنى ئوقۇپ يۈرەكلەرنى جىغىلدىتىۋەتتى.

      ناخشىغا ئەسىر بولغان مۇئەللىملەرنىڭ كۆزلىرىدە ئىسسىق ياشلار ئەگىدى، بىز قوللىرىمىزنىڭ ئاغرىغىنىنى ئۇنتۇغان ھالدا توختىماي چاۋاك چالدۇق، ئاندىن سەھنىگە ئېتىلىپ چىقىپ، شائىرغا گۈل تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۇزىتىپ كوچىغا چىقتۇق. ئۇ چۈشكەن ماشىنىنىڭ قارىسى يىتكۈچە قوللىرىمىزنى پۇلاڭلىتىپ:‹‹خەير – خوش ئۇستاز، تېيىپجان ئۇستاز!››دەپ توۋلاشتۇق.

     شۇ كۈندىن باشلاپ، شائىرنى تۇنجى كۆرگەن ئاشۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلار ئېسىمدىن زادىلا چىقمىدى. ئۇ ئېيىتقان مۇڭلۇق ناخشىمۇ قۇلىقىمدىن كەتمىدى.

‹‹باسقان ئىزىڭ گۈلگە تولسۇن ئۇستازىم،
ھۆرمەت – ئالقىش ساڭا بولسۇن ئۇستازىم....››

      1958 – يىلى كۈزدە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىن يېڭى بۆلۈنۈپ چىققان شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندىم. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ماڭا يېڭى ئامەت نېسىپ بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پۈتۈن شىنجاڭدىن مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30  ئوقۇغۇچىنى تاللاپ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. مەكتەپ رەھبەرلىكى  تۆت يىلغىچە يۇرتقا قايتمايدىغانلىقىمىزنى، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلارنى سېغىنغانلىقىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ،  ‹‹مالەن گۈلى›› ناملىق بالىلار چۆچەك درامىسىنى تەييارلاپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ ئويناپ، ھەر مىللەت خەلقىگە دوكلات قىلغاچ ئائىلىمىزنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى.  1962 – يىلى يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ‹‹خەلق››تىياتىرخانىسىدا بۇ تىياتىرنى قويدۇق. ئويۇنىمىز  تاماشىبىنلارنىڭ زور قىزىقىش بىلەن كۆرۈشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

     ئىيۇل ئايلىرى ئىدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەدەنىيەت نازارىتى ‹‹كوئېنلون›› مېھمانخانىسىدا سەنئەت كېچىلىكى ۋە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بىزنى كۈتۈۋالدى. ۋاڭ ئىنماۋ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى، شۇ ئارىدا رىياسەتچى:‹‹ھازىر ئاتاقلىق شائىرىمىز تېيىپجان ئېلېيېف  يېڭى يازغان <ۋەتەن ھەققىدە غەزەل>ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ››دەپ ئېلان قىلدى. شۇئان يۈرىكىم ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بېشىغا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا يارىشىملىق قارا كۆك شىم – كاستۇم كىيگەن تېيىپجان ئاكا خۇددى توققۇز يىل ئاۋۋالقىدەك روھلۇق قىياپەت بىلەن كۆز ئالدىمدا پەيدا  بولدى ۋە ماڭا تونۇشلۇق ئاۋازى بىلەن ئانا ۋەتەنگە كۈچلۈك مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرغان شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

      شائىرنىڭ ئەل – ۋەتەنگە سادىق يۈرىكىدىن تەبىئىي ئېتىلىپ چىققان، گويا يانار تاغدەك لاۋا چېچىپ تۇرغان ئوتلۇق مىسرالار دىل تارىمىزنى تىترىتىپ، ھەممىمىزنى ھەيرانۇ – ھەس قىلدى، گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئەتراپنى بىر ئالدى. شائىر كۆپچىلىككە سالام بەرگەندىن كېيىن،  ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى. مەن يىراقتىن تېيىپجان ئاكىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇراتتىم. ئەمما قېشىغا بېرىپ تونۇشلۇق بېرىشكە زادىلا پېتىنالمايتتىم. تاقىتىمنىڭ تاق بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن سىنىپ مۇدىرىمىز ئابدۇرېھىم تاھىر ئاكا مېنى يىتىلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى – دە:

      — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېيىپجان، مەن سىزگە ماۋۇ شاكىچىك يۇرتلۇقىڭىزنى تونۇشتۇرغىلى كەلدىم. ئىسمى ھېيتەم، ئۇ سىزنى 1953 – يىلى باياندايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە شېئىر ئوقۇپ بەرگەن چېغىڭىزدا كۆرۈپتىكەن، كۆپ شېئىرلىرىڭىزنى يادقا بىلىدۇ، سىزگە بەك چوقۇنىدۇ، ئۆزىمۇ شېئىر يېزىشقا قىزىقىدۇ، – ...دېدى.

      — باياندايدا كۆرۈشۈپتىكەنمىز – دە! توغرا – توغرا! ‹‹ئامان بولسۇن›› دېگەن غەزەلنى ئېيتقان شاكىچىك سىز ئىكەنسىز – دە؟ – دېدى شائىر شۇ چاغلارنى دەرھال ئېسىگە ئېلىپ ۋە مېنى قۇچاغلاپ، – يارايسىز، يارايسىز! بىز ئاكا – ئۇكىلاردىن بولۇپ قالايلى، ئەمەلىيەتتە ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت ئايرىلماس ئاكا – ئۇكىلاردىن،  كەلگۈسىدە ئەلگە ياراملىق سەنئەتكار بولۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

       شائىرنىڭ بۇ قەدەر كىچىك پېئىللىقى ۋە ئىنسانىي پەزىلىتى مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. مەن ھاياجان ئىچىدە نېمە دىيىشىمنى بىلمەي، ئۇنىڭ ئۆلمەس شېئىرلارنى يازغان مۇبارەك قولىنى چىڭ سىقتىم.

      — سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، – ئۇ شۇنداق دېگەچ بايىلا بىزگە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن شېئىرىنىڭ قوليازمىسىنى ماڭا تەڭلەپ، – سىزگە يادىكار بولۇپ قالسۇن، – دېدى. مەن شائىرغا قايتا – قايتا رەھمەت ئېيتتىم، شۇ تاپتا ۋۇجۇدۇمدا بەختىيارلىق ھېسلىرى دولقۇنلىسا، كۆزلىرىمدە ئىپتىخارلىق ياشلىرى ئەگىمەكتە ئىدى.

       بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن تېيىپجان ئاكىنىڭ بۇ مەشھۇر غەزىلىنى تولۇق يادلىۋالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ شېئىرنىڭ ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇكېرىم خوجايوف  تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسى ‹‹خەلق گېزىتى››دە ئېلان قىلىندى ھەم بۇ شېئىر بىلەن پېشقەدەم شائىرىمىز نىمشېھىتنىڭ ‹‹ۋەتىنىمنى سېغىندىم››دېگەن شېئىرى ھەققىدە ‹‹خەلق گېزىتى››دە: ‹‹ۋەتىنىمىزنىڭ شېئىرىيەت بېغىدا ئېچىلغان بىر جۈپ قىزىلگۈل››سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىندى. مەن بۇ ئىككى شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نۇسخىلىرىنى مەكتەپ ۋە سىنىپىمىزنىڭ  كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە دائىم زوق – شوخ بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ ئالقىشلىنىپ تۇردۇم. بۇ  شۇنىڭدىن كېيىن شېئىرىي ئىجادىيەت يولىغا قەدەم بېسىشىمغا زور مەدەت بولدى.

      بىز بېيجىڭدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ 1965 – يىلى مايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ شىنجاڭ دراما 1 – ئۆمىكىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندۇق. مەن ناخشا – ئۇسسۇل – دراما قورۇسىنىڭ ئىچىدە تېيىپجان ئاكا بىلەن پات – پات ئۇچرىشىپ، سالام – سەھەت قىلىشىپ تۇردۇم. بۇ چاغدا ئۇ ئابدۇكېرىم خوجايوف قاتارلىق شائىرلار بىلەن بىللە ئۇيغۇر ‹‹ئون ئىككى مۇقامى›› ئاھاڭلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ‹‹ياشىسۇن خەلق كوممۇناسى››ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇلنىڭ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن، بۇ سەھنە ئەسىرىگە قاتنىشىدىغان ئارتىسلار كۆپ بولغاچقا، مەشىق سورۇنى يېتىشمىگەنلىكتىن، ناخشا – مۇزىكا ۋە ئومۇمىي خورلارنىڭ رەپىتىسى كۆپ ھاللاردا بۈك – باراقسان ھويلىنىڭ كەڭرەك سەينالىرىدا قىلىناتتى. تېيىپجان ئاكىمۇ چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالدا نەق مەيداندا كۈن – كۈنلەپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زىھنىنى يىغىپ خاتىرە دەپتىرىگە تېكىست يېزىش، ناخشا – مۇزىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنى داۋاملىق ئۆزگەرتىش بىلەن بەند بولاتتى. ئۆتمۈشتىكى يوقسۇللارنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىك ھاياتى تەسۋىرلەنگەن بۇ تېكىستلەردە ئادەمنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلگۈدەك مۇنداق تەسىرلىك مىسرالار بار ئىدى:

ئەل – يۇرت قالدى دەھشەتتە، تۈن ئىلكىدە زۇلمەتتە،
بايلار ئەيش – ئىشرەتتە، بىز ھەسرەتتە –  كۈلپەتتە.
تاپقاننى لەھەڭ يۇتتى، ئەجرىمىز بىكار كەتتى،
باي يەيدۇ پولۇ – بەتتە، بىزلەر ئاچ نادامەتتە.
.......
ئەي زامان ئۆكتەملىرى، ھىيلىگەر شۇم تۆرىلەر،
ئەسلى تەكتىدىن تىرىكتاپ، نەسلى قانخور بۆرىلەر.
ئاخىرى بىر كۈن تۇتار سەنلەرنى نەپرەت قەھرىمىز،
بىزمۇ ئادەمغۇ نېمىشقا يوق نېمانچە قەدرىمىز؟
.........
      ناخشىدىكى بۇ پىغانلىق نىدالار ۋە يالقۇنلۇق مىسرالار ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىپ يۈرىكىمىزنى لەرزىگە سېلىپ تۇرغانلىقتىن بىزگە ياد بولۇپ كەتكەنىدى.

     بىراق، 1966 – يىلى باشلانغان ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››  مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. بۇ جەرياندا ئۇستاز شائىر تېيىپجان ئېلېيېفمۇ ھەر مىللەت كەسىپداشلىرى قاتارىدا ‹‹جىن – شەيتان›› دەپ قارىلىنىپ، ئېغىر روھىي بېسىم ۋە ئۇۋالچىلىقلارنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز گۇناھكارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا چىدىماي كۆپ پۇچۇلاندى. ئۆزىنى ئاچچىق موخۇركا ۋە ھاراققا زورلاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق ئەلەملىك كۈنلەردە يازغان مۇنۇ بىر كۇپلېت شېئىرى شائىرنىڭ شۇ چاغلاردا تارتقان ئېغىر دەردىنى بايان قىلاتتى:

‹‹قۇي، ئەي ساقىي،
ھوشۇمدىن ئايرىلاي بىر دەم،
جاھان غوۋغاسىدىن خالىي بولاي بىر دەم.
ھوشۇمنىڭ بارىدا يوق ئىكەن ماڭا ئارام،
ئۇنىڭسىز ئەمدى مەن ئارام ئالاي بىردەم.››
.........
         1970 – يىلى شائىر تېيىپجان ئاقلىنىپ، پالانغان يېرىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى ۋە ناخشا – ئۇسسۇل – دراما قورۇسىدا ئولتۇراقلاشتى. ئۇزاق ئۆتمەي رەھبەرلىك ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تېمىسىدىكى تارىخىي ئوپېرا ‹‹كۈرەش يولى››نى سەھنىلەشتۈرۈشنى ئۆمىكىمىزگە ئۇقتۇردى ۋە تېيىپجاننى ئۆزئىچىگە ئالغان  ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى. تەلىيىمگە ئارتىسلار ئىچىدىن مەنمۇ بۇ گۇرۇپپىغا ئاجرىتىلدىم ھەم تېيىپجان ئاكىدىن بىۋاسىتە تەلىم ئالىدىغان تېپىلماس پۇرسەتنىڭ نېسىپ بولغانلىقىدىن خۇش بولۇپ قىن – قىنىمغا سىغمايلا قالدىم.

       ئەسەرنىڭ بىرىنچى كۆرۈنۈشى گۈلسۈمخان ئانىنىڭ  قىزى پاتىگۈل بىلەن سوئال – جاۋاب تەرىقىسىدە ئېيتىدىغان ناخشىسى  ئارقىلىق باشلىناتتى. بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى قايسى تەرىقىدە يازارمىز دەپ ئويلاپ بولغۇچە، تېيىپجان بىر دەمدىلا ئۈچ كۇپلېت تېكىستىنى يېزىپ بولدى:

گۈلسۈمخان:

تۇرنىلار كەتتى ئۇچۇپ،
تۆكتى غازاڭ كۈز بورىنى.
كەمبەغەل راسلاپ خامان،
قالدى قۇچاقلاپ ئارىنى.

پاتىگۈل:

سۇغا بارغاچ سۇ بويىدا،
تۆت قۇلاق تاپتىم يەنە.
تەلىيىم بارمۇ ئانا،
تەلەيگە تەبىر بەرگىنە.

گۈلسۈمخان:

مەنمۇ بىر چاغدا قىزىم،
تاپقان ئىدىم جىق تۆت قۇلاق.
تەلىيىمنى شۇنچە كۈتتۈم،
كەلمىدى تەلەي بىراق.

     شۇنداق، شائىر تېيىپجان بۇ ئوپېرانىڭ ناخشا تېكىستلىرىنى مۇزىكىنىڭ تەلىپى بويىچە شۇنچە تۇرمۇشقا يېقىن، يېنىك، مەنىلىك، ئاھاڭ ئىشلەشكىمۇ ئەپلىك قىلىپ يېزىپ بەرگەنىدى. بىز قايىللىقىمىزنى يوشۇرماي ئۇنىڭغا ‹‹بارىكاللا›› ئوقۇيتتۇق، ئەمما ئۇ، ‹‹ئۇنچە ئەمەس›› دەپ قوياتتى كەمتەرلىك بىلەن.

     بىر كۈنى تېيىپجان ئەنە شۇنداق جايىغا چۈشكەن بىر تېكىستنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىزگە ئوقۇپ بېرىۋېدى، مۇھەممەد تاتلىق ئاكا:

     —‹‹قوينى قاسساپ سويسۇن›› – دە، – دېدى. 

    — ئېتى تاتلىقنىڭ گېپىمۇ تاتلىق ئىكەن – دە، مەن تېخى چوڭراق مالنىڭ ئېتىنى ئاتاپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، – دېدى تېيىپجان ئاكا دەرھاللا. بۇ گەپتىن ھەممىمىز بىر ھازاغىچە قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

      ل. فېيىرباخ:‹‹چاقچاق كۆڭۈلنى تېگى يوق ھاڭلاردىن ئۆتكۈزۈپ كېتەلەيدۇ ۋە كىشىگە دەرد – ئەلەمنى مەنسىتمەسلىكنى ئۆگىتىدۇ››دېگەنىدى. بۇ سۆز تېيىپجان ئېلېيېفنىڭ ئەمەلىيىتىگە تولىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ باشقىلاردا كەم ئۇچرايدىغان خۇشخۇي، كۆڭلى –  كۆكسى كەڭ، قىزغىن، سەمىمىي ئىنسانىي خىسلىتى بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.  مەن بۇ ھۆرمەت ئىگىسى بىلەن بىللە بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن غەنىيمەت كۈنلەردە  شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇنىڭ ھەر قانداق ئادەم بىلەن تېزلا چىقىشىپ كېتەلىشى، قەدىمى يەتكەن ھەر قانداق سورۇننى شادلىق سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋېتەلىشى، دۇتارنى چىرايلىق چېلىپ، خەلق ناخشىلىرىنى رەت – رېتى بىلەن ئېيتالىشى، بىر دەمدىلا  ھەزىل – چاقچاقلارنى ھەم ھازىر جاۋاب بېيىت – قوشاقلارنى توقۇپ چىقىپ، ھەممە ئادەمنى ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلدۈرۈپ – تېلىقتۇرۇپ، دوستلار كۆڭلىنى ئاۋات ئەيلىشى،  ئەمما چاقچاق تۈپەيلى ھېچكىمنى زەررىچە رەنجىتىپ قويماسلىقى، ئويناپ سۆزلىسىمۇ ئويلاپ سۆزلىشى.... قىسقىسى، ئاممىباب ئادەم ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئەل ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوبرازىنى تىكلىگەنىدى.

      1975 – يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى ئۈلگىلىك جىڭجۈي تىياتىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىگەن ‹‹قىزىل چىراغ››ئوپېراسى بېيجىڭدىكى ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكى››گە قاتناشتۇرۇلدى. شۇ قېتىمقى سەپەردە مەن تېيىپجان ئېلېيېف ئاكا بىلەن بېيجىڭدا ئىككى ئاي بىللە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. شۇ كۈنلەرنىڭ  بىرىدە مەن تېيىپجان ئاكىنى ياتىقىغا ئىزدەپ كىرسەم، كۈلكە –  چاقچاق تازا ئەۋجىگە چىققان ئىكەن.  تېيىپجان ئاكا ئاتاقلىق كومپوزىتور ۋە پېشقەدەم  مۇزىكانت ھۈسەنجان جامى ئاكا بىلەن بىر ياتاقتا ئىدى. ئۇلار تولىمۇ يېقىن سىرداش دوستلاردىن بولسىمۇ، تېخى بىر ئۆيدە يېتىپ باقماپتىكەن. تېيىپجان ئاكا  كېچىسى ھۈسەنجان ئاكىنىڭ خورىكى دەستىدىن كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ ۋە ئەلەمگە چىدىماي تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپتۇ:

‹‹ئاۋۋال چىقتى بوش خورەك،
ئاندىن چىقتى قوش خورەك.
خورەك چىققان تۆشۈككە
پەشۋا كېرەك، مۇشت كېرەك.

 ھۈسەن ئالدى راھەتنى،
تېيىپ قالدى ئاتاققا.
ساراڭمىدىم پۇل تۆلەپ،
خورەك تارتقان ياتاققا.

 ياراتقانسەن خۇدايىم،
خورەكچىنى نېمىشقا.
كىرسە ئەگەر خورەكچى،
مەن كىرمەيمەن بېھىشقا.

      شائىرنىڭ بۇ ئۈچ كۇپلېت شېئىرى شۇ قېتىم بىزنىڭ بېيجىڭدىكى چاغلىرىمىزدا كۆڭۈل ئاچىدىغان چاقچاق گەپلىرىمىزنىڭ ئەڭ قىزىقى بولۇپ قالغانىدى. 

     1987 – يىلى تېيىپجان ئاكىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالدى. بۇ شۇم خەۋەر ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلدى. چۈنكى بۇ 57 ياشقا ئەمدى قەدەم قويغان شائىرنىڭ ئەڭ نەۋقىران، ئەڭ ھوسۇللۇق مەزگىلى ئىدى. مەن شۇ يىلى خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن يېڭى قۇرۇلغان شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا يۆتكەلگەنىدىم. مەكتىپىمىز ‹‹يەنئەن ››يولىدىكى يازغۇچىلار قورۇسىغا يېقىن ئىدى، مەن تېيىپجان ئاكىنى پات – پات ئۆيىگە ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلاپ تۇردۇم. ئۇستازنىڭ روھى يەنىلا تېتىك ئىدى. ھال سوراپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. نېمە كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى سورىغانلارغا ئۇ:‹‹ئون ئىككى مۇقامنىڭ بىرىنچى مۇقامى بولۇپ قاپتىمەن››دېگەن چاقچاق بىلەن جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭ بۇ يۇمۇرلۇق  جاۋابى ئادەمنى دەم كۈلدۈرسە، دەم يىغلىتاتتى. تېيىپجان ئاكا مەيلى بېيجىڭدا داۋالىنىۋاتقان ياكى داۋالىنىش كار قىلماي ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى دوختۇرخانىسىدا ياتقان مەزگىللەردە بولسۇن، ھەتتا سۆيۈملۈك ئەل – دىيارى بىلەن خوشلىشىۋاتقان ئاداققى دەملەردە بولسۇن، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمىدى. ئۆلۈم دەھشىتى ئالدىدا شۇنچە مەردانە، شۇ قەدەر قەيسىرانە ھالدا قاقاقلاپ كۈلدى. چاقچاق بىلەن دوستلار دىلىنى يايراتتى، ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەمەس، بەلكى بورادەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى، ۋايىم يېدى. شۇڭا ئۇ ھامان چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابىنى بىلدۈرمەسلىككە، دوستلىرىنى چۆچۈتۈۋەتمەسلىككە تىرىشتى. ئۇنىڭ باتۇرلارغا خاس ئاشۇ جاسارىتى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى، ئۈنسىز يىغلاتتى... چۇنكى بىز بۇنداق باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىكنى بۇرۇن ئەدەبىي ئەسەرلەردە ۋە ئېكرانلاردىلا كۆرگەنىدۇق.

      مەن 1989 – يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇنى يوقلاپ يەنە دوختۇرخانىغا باردىم. بۇ مەرھۇمنىڭ جان تەسلىم قىلىشىغا ساناقلىق كۈنلەر قالغان پەيت ئىدى. مەن دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا بىر قانچە تونۇش – بىلىشنىڭ ئاستا كۈلۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئەجەبلەندىم. ئەسلىدە ئۇلار ئېغىر ئاغرىپ ياتقان تېيىپجان ئاكىنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ چىققان ھۈسەنجان جامى ئاكىغا قىلغان قىزىق چاقچىقىنى بوش ئاۋازدا ھېكايە قىلىشىۋاتقان ئىكەن.

      بۇ كۈنى تېيىپجان ئاكىنى يەنە يوقلاپ بارغان ھۈسەنجان ئاكا ئۇنىڭدىن قايتا – قايتا ئەھۋال سوراپ:

       — تېيىپجان، ئەھۋالىڭلار قانداقراق ئاداش؟ –  دەپتۇ. بىر – ئىككى قېتىمنى ئۇ خۇش تەبەسسۇم بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم سورىغاندا:

      — قانداق بولاتتى دوستۇم، ھەر كۈنى ئەزرائىل بىلەن ‹‹مۈشۈك بىلەن چاشقان ئويۇنى››ئويناۋاتىمەن. ئۇ قوغلايدۇ، مەن قاچىمەن. ئۇ تۆشۈكتىن قوغلىسا بۇ تۆشۈككە قاچىمەن، بۇ تۆشۈكتىن قوغلىسا ئۇ تۆشۈككە ئۆزۈمنى ئاتىمەن. تۆشۈك كۆپ بولغان بىلەن ماغدۇرىم ئاز، ئاخىرى تۇتۇۋالىدىغان ئوخشايدۇ ئۇ كاساپەت، – دەپتۇ تېيىپجان ئاكا زەئىپ ئاۋازدا قىزىقچىلىق قىلىپ.

      مانا بۇ ئەجەل گىردابىدا ياتقان غەيۇر ئىنساننىڭ ئەزرائىلغا قىلغان ئاچچىق مەسخىرىسى، دوستلار مېھرىگە بىلدۈرگەن مۇھەببەتلىك چاقچىقى، ئەلنىڭ ئىخلاس – ھۆرمىتىگە ئوقۇغان تەشەككۈرى، بەرگەن رازىلىقى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى تەسەللىسى ئىدى.

       ئارىدىن كۆپ كۈن ئۆتمىدى. خۇددى ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك، ئەزرائىلنىڭ ئۇنى تۇتماي كۆڭلى تىنمىدى. 1989 – يىلى 2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى بىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس، مۇسىبەتلىك بىر كۈن بولدى. بۇ كۈن ئۇيغۇرنىڭ گوموروسى، ئۇيغۇرنىڭ بايرونى، ئۇيغۇرنىڭ ئابايى، ئۇيغۇرنىڭ پوشكىنى، دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەخىرلىك شائىرى تېيىپجان ئېلېيېف مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان قاباھەتلىك كۈن ئىدى. پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چىدىمىدى، ھەيۋەتلىك ئىلى، تارىم، ئېرتىش دەريالىرىمۇ گويا شائىرغا ھازا ئاچقاندەك تولغىنىپ، مۇڭلىنىپ ئاقاتتى؛ بېشىغا ئاق سېلىپ، بېلىگە ئاق باغلىغان خانتەڭرى ئانا ماتەم ئىلكىدە شائىر ئوغلانىغا ئېھتىرام بىلدۈردى. بوغدا كۆلى ئۆزىنى قىرغاققا ئۇرۇپ ئەلەم ئىچىدە چايقالدى. شۇ كۈنى ئەل گويا دەريادەك ئۆركەشلەپ ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇب  تەرىپىدىكى قەبرىگاھقا قاراپ ئاقتى. مېنىڭ كۆز ئالدىمدا خەلق شائىرى، دەۋرىمىزنىڭ باتۇر كۈيچىسى تېيىپجان ئاكا يەنىلا شۇنداق تەمكىن، شۇنداق بەردەم ھالدا ئەلنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ گويا يەنىلا  ئۆزى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان خەلق كۈيى – مۇڭلۇق ‹‹ھارۋىكەش ناخشىسى››نى بىزگە تونۇشلۇق يېقىملىق  ئاۋازى بىلەن لەرزان ياڭراتماقتا ئىدى:

‹‹سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ،
يا تاشمايدۇ، ئاقمايدۇ.
ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسى كەلسە،
ياش – قېرىغا باقمايدۇ.
...........

         كۆرۈلۈشى:277     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-14 13:46:18يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:يۇمۇرلار
كېيىنكى ماقالە:مەستانىلەر
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号