ئىنتايىن چىرايلىق چوڭ بولغان بىر قىز بۇلۇپ ، ئۆزى ۋە ئوغۇل دوستىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن.
ئوغۇل دوستى ئىنتايىن كۆڭۈلچەك بولۇپ ، بۇ قىزغا ئىنتايىن كۆيۈنىدىكەن. چۈنكى ئۇ بۇ قىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن.
بىر كۈنى ئوغۇل قىزغا:
– سىز ماڭا تېگىشنى خالامسىز؟- دەپ سوراپتۇ.
– كۆزۈم دۇنيادىكى ھەممىنى كۆرگەن چاغدا سىزگە تېگىمەن دەپتۇ ،- قىز.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزنىڭ كۆزى تۇيۇقسىز كۆرىدىغان بولۇپتۇ . ئۇ قۇياشنى ، زىمىننى ، دەريانى ، قۇشلارنى ، پۈتۈن دۇنيانى جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىنىمۇ كۆرۈپتۇ . لېكىن ئۇ ئوغۇل دوستىنى كۆرگەن چاغدا ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ.
ئۇ ئۇغۇل دوستىنىڭ بىر قارىغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.
– مەن سىزگە تەگمەيمەن ، چۈنكى كۆزىڭىز كۆرمەيدىكەن ، قارىغۇ بولۇش ئىنتايىن ئازاپلىق ئىش ، - دەپتۇ.
ئوغۇل بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئازاپلىنىپتۇ.
–سىز ماڭا تەگمىسىڭىز مەيلى، لېكىن سىز ماڭا كاپالەت بېرىڭ ، كۆزۈمنى ئوبدان ئاسراڭ ،- دەپتۇ يىغلامسىراپ.
شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپلا ئوغۇل بۇرۇلۇپلا كېتىپ قاپتۇ.
چۈنكى ، ئوغۇل ئۆزىنىڭ كۆزىنى ئۆزى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن قىزغا تەقدىم قىلغان ئىكەن!!!......
ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى