|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
مەلۇم بىر ئۈنچە مەرۋايىت سودىگىرى ئوغلىنى ئېلىپ بىر يەشىك ئۈنچە مەرۋايىت بىلەن نەنياڭغا سودا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ ھەمدە بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن بىر چوڭ پاراخوتنى ئىجارىگە ئاپتۇ . بىر كۈنى كەچتە ، سودىگەرنىڭ ئوغلى ماتروسلارنىڭ ئۆيى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇلارنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلىشىۋاتقىنىنى بايقاپتۇ ، بالا ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە قىزىقىپ دېرىزىنىڭ تۈۋىگېرەك كەپتۇ. ئەسلىدە ، ماتروسلار سودىگەر ۋە ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قىممەت باھالىق ئۈنچە – مەرۋايىتلارغائېرىشىش توغرىسىدا پىلان تۈزىۋاتقان ئىكەن ، بۇنى ئاڭلاپ سودىگەرنىڭ ئوغلى چۆچۈپ كېتىپتۇ ! ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دادىسىنىڭ خانىسىگە كىرىپتۇ ۋە قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق مەسلىھەت سوراپتۇ . سېنىڭچە قانداق قىلىش كېرەك ؟ ياندۇرۇپلا ئوغلىدىن سوراپتۇ دادىسى ؛ - « ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ ئۇلار بىلەن ئېلىشىش كېرەك ! » دەپتۇ ئوغلى مۇشتىنى تۈگكەن ھالدا - « بولمايدۇ !» سودىگەر كەسكىنلىك بىلەن رەت قىپتۇ ، ئەگەر شۇنداق قىلساق بىز ئۈنچە -مەرۋايىتلىرىمىزدىن ئايرىلىپلا قالماستىن يەنە ھاياتىمىزمۇ تەھتىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن ؛ - ئۇنداقتا ئۈنچە –مەرۋايىتلىرىمىزنى ئۇلارغا مۇشۇنداقلا تۇتقۇزۇپ قويامدۇق؟ ئوغلى تاقەتسىزلىك بىلەن دادىسىدىن سوراپتۇ . - « ئۇنداق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ ، ئۇلار بەلكىم ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ جىنايەت پاكىتىنى يوقىتىشى مۇمكىن ، بىز ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك »دەپتۇ سودىگەر ئېغىر سۈكۈتكە چۆمۈپ . -« ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟ قارىغاندا بىزگە ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرماقتىن باشقا يول يوق ئوخشايدۇ » دەپتۇ ئوغلى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ؛ - « بەلكىم ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن ، بالام ، يەنە بىر ئامال بار ...» سودىگەر ئوغلىنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇ پىچىرلاپ « بەلكىم بۇنداق قىلساق مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشىمىز ناتايىن ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ ھاياتىمىز ئامان قالىدۇ ». ئوغلى ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ .بىردەمدىن كېيىن دەرغەزەپكە كەلگەن سودىگەر ئوغلىنىڭ قۇلىقىدىن تارتقىنىچە پالۇبىغا قاراپ ئېتىلىپتۇ ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنى تىزلىنىشقا بۇيرۇق قىپتۇ : ھۇ دۆت كالۋا ، ئەخمەق ، سەن نېمىشقا مېنىڭ نەسىھىتىمنى ئاڭلىمايسەن ؟ ئوغلى دادىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمايلا قالماستىن دادىسىنى ئىتتىرىپ مەنسىتمەسلىك بىلەن دادىسىنى تىللاپتۇ : « ئۆلمەيدىغان قېرى ، سېنىڭ دىگەنلىرىڭنىڭ قانچىسى نەسىھەت ؟ بىلەمسەن ، دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ ! » بۇ ۋاقىتتا ، ماتروسلارنىڭ ھەممىسى ئويغىنىپ كېتىپتۇ ، ئۇلار بىر – بىرلەپ ياتىقىدىن چىقىپ بىر چەتتە تۇرۇپ ئويۇن كۆرۈشۈپتۇ . بۇ ۋاقىتتا سودىگەر خانىسىگە كىرىپ بىر يەشىك ئۈنچە – مەرۋايىتنى ئېلىپ چىقىپتۇ ۋە ،« بەرىبىر مەن مەندەك بىر داداڭنى تونۇمىغاندىكىن ئەمدى مېنىڭمۇ سەن ئۈچۈن جاپا تارتىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى ، بۇ مال – دۇنيالارغا ئېرىشىمەن دەپ خام – خىيال قىلما !» ئۇ شۇنداق دەپلا يەشىكنى ئېچىپ ئىچىدىكى ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى بىر – بىرلەپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىپتۇ ، ماتروسلار سودىگەرنىڭ قولىدىكى ئۈنچە – مەرۋايىتلارنىڭ ئۆزلىرى بۇلىماقچى بولغان مال – دۇنيالار ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ تۇرۇشىغا سودىگەر يەشىكنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋېتىپتۇ ، شۇ ۋاقىتتا ،ئون نەچچە ماتروس ھەيرانلىق ۋە ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە لېۋىنى چىشلىگىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ . سودىگەر بۇرۇلۇپلا ماتروسلارغا ۋارقىراپتۇ : پاراخوتنى كەينىگە قايتۇرۇڭلار !ئەمدى نەنياڭغا بېرىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى !» بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن ماتروسلار پاراخوتنى كېچىچە ھەيدەپ قايتىپ كېتىپتۇ . پورتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن سودىگەر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى دەرھال شۇ يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ماتروسلارنىڭ بۇلاڭچىلىق ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش غەرىزى توغرىلىق ئەرز ئېيتىپتۇ ، سوتچى ماتروسلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۇلاردىن : « سىلەر سودىگەرنىڭ ئۈنچە – مەرۋايىتلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتكىنىنى كۆردۈڭلارمۇ ؟ » دەپ سوراپتۇ. « كۆردۇق !» دەپ تەڭلا جاۋاب بېرىپتۇ ماتروسلار . « قانداق كۈچ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر قان – تەرىنى سەرپ قىلىپ يىغقان مال – مۈلكىدىن شۇنداقلا ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ پەقەت ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىلا ئادەم مۇشۇنداق قارار چىقىرىدۇ ، سىلەر بۇنى بىلەمسىلەر » دەپتۇ سوتچى . نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان ماتروسلار ئامالسىز گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ سودىگەرنىڭ يوقاتقان بارلىق مال – مۈلكىنى تۆلەپ بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ ، سوتچى ئۇلارنىڭ جازىسىنى يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىپتۇ . |
كۆرۈلۈشى:624 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-8-23 16:18:13 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|