|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سۇ ئۈزگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
|
|
|
ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېقىندا 13 ئىشتاتتىكى 120 مىڭدىن ئارتۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرگەندە، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى، سۇنى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىمىغان كۆلچەكلەر ئاساسەن بالىلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، تېيىز سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى ئىكەن. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكىدا تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەلگە، يەنى ئاشقازان كېسىلى، ئىچ سۈرۈش كېسىلى ھەر يىلى 15 قېتىمدىن 20 قېتىمغىچە قوزغىلىدىكەن، بۇلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىرىنىڭ مەينەتلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار ئىكەن، چۈنكى كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنى مىكروب، پارازىت قۇرۇت ھەم ۋىروس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىق دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى قوللىنىپ كۆلچەكلەرنىڭ سۈينى قەرەلىدە تازلاپ تۇرسىلا، يۇقىملىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. كېسەللىكنىڭ ھەم ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆپلىگەن كىشىلەر كۆلچەكتىكى خىلور پۇرىسىلا، كۆل سۈيىنى پاكىز ئىكەن، دەپ قارايدىكەن، ئەمەلىيەتتە خىلورامىن، خىلورم سۈيدۈك ھەم تەر بىرىككەندە، خىلوردەك پۇرايدىكەن. ئادەتتە خىلور ئارقىلىق كۆل سۈيىنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندا قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قاراش خاتا. ئەگەر خىلورنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە، سۇ ئۈزگۈچىلەر ئوخشاشلا تېرە ياللۇغى، تېرە يۇقىملىنىش ھەم ئەسۋە چىقىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، «سۇ ئۈزۈش كېسەللىكى» تىن خالىي بولۇش ئۈچۈن چوقۇم: 1. كۆلچەكتىكى سۇنى ئىچمەسلىك؛ 2. سۇ ئۈزۈشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇش؛ 3. بالىلارنى پات-پات تەرەت قىلدۇرۇش؛ 4. كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيۇش؛ 5. كۆلچەكنىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككەن.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:168 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-7-4 20:09:31 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|