|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىنى كۆپ ئالماشتۇرمىغان ياخشى
|
|
|
نۆۋەتتە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراۋاتىدۇ . ھاۋا ئىسسىق ياز كۈنلىرى بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ . ھازىر ئاتا - ئانىلار بوۋاقلىرىغا ھەرخىل سۈت پاراشوكلىرىنى ئىچۈرىدىغان بولدى . سۈت پاراشوكىنى خالىغانچە ، تېز ئالماشتۇرۇش بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ . مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىدىكى پەرىدە ئىمىندىن ئىگەللىشىچە ، نۇرغۇن ئانىلاردا بوۋاققا ھەرخىل سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا پايدىلىق ، سۈت پاراشوكىنى قۇيۇق تەڭشەش بوۋاققا تېخىمۇ قۇۋۋەت بولىدۇ دەيدىغان خاتا چۈشەنچە بار ئىكەن . ئەمەلىيەتتە ، قىسقا ۋاقىتتىلا مەلۇم خىل سۈتنى يەنە بىر تۈردىكىگە ئالماشتۇرۇش ، قۇيۇق تەڭشەپ بېرىش بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەڭشىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرستىپ ، ئاستا خارەكتىرلىك ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . شۇڭلاشقا بوۋاقلار ئالتە ئايلىقتىن بىر ياشقا كىرگۈچە بىرخىل سۈت پاراشوكىنى ئىشلىتش ، ئالماشتۇرۇش توغرا كەلگەندە يېڭىدىن ئالماشتۇرغان سۈت پاراشوكىنىڭ مىقدارى ھەم قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك ئىكەن .
__ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:274 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-6-25 20:45:59 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|