|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
تويدىن كىيىنكى 7 يىلدا ئەرلەردە بولىدىغان ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر
|
|
|
توي قىلغان بىرىنچى يىلى
تۇرمۇشىمىز شۇنچىلىك ئىناق ، باشقا ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئۇرۇشۇپ بىر - بىرىنى يەۋەتكۈدەك بولۇپ كەتكىنىنى كۆرسەك ، خۇددى بۇنداق ئۇرۇشلار بىزدىن يىراقتەك ئۇرۇشۇپ قانداقمۇ بىر ئۆيدە بىللە ياشاپ ئۈتۈلەيدىغاندۇ دەپ ئەجەپلەندۇق .
ئىككىنچى يىلى
بىزمۇ ئۇرۇشىدىغان بولدۇق . ئۇرۇشقان ۋاقتىمىزدا مەن ئىنتايىن قىممەتلىك بىردانە سائەتنى چاقتىم ۋە 40 مىنۇت يىغلىدىم ئاندىن ئاپامنىڭ ئۈيىگە يامانلاپ بېرىپ بۇنداق ئادەم بىلەن ئۆي تۇتمايمەن دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ مېنىڭ ئىدارەمگە كېلىپ ئاكتىپلىق بىلەن مەندىن كەچۈرۈم سوراپ مېنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇندى .
ئۈچىنچى يىلى
ئۇرۇشقىنىمىزدا مەن بىر نەچچە تال ئەينەك رومكىنى يەرگە ئېتىپ چېقىۋەتتىم ۋە 30 مىنۇت يىغلىدىم ، ئاندىن دوستۇمنىڭكىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇردۇم ، ئۇمۇ مېنى يېنىپ كەل دەپ بىر قانچە قېتىم تىلفۇن قىلدى . مەنمۇ تارتىشمايلا قايتىپ كەلدىم ، ئۇ يەردىكى ئەينەك پارچىلىرىنى ئۆزى تازىلىغان بولسىمۇ مېنىڭ قىلچىلىك كارىم بولمىدى . تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولغاندا مەن ياتاق ئۆيدىن چىققىلى ئۇنىمىدىم ، ئۇ ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ « تاماقنى تەييار قىلىپ قويدۇم ، بۇ ياققا چىقىڭ » دېدى ، مەن چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىدىم ، ئۇ خاتالىقىنى تونۇپ مېنىڭ كەچۈرۈشۈمنى ئېيتتى ، مەن بولسام سۈكۈتتە تۇردۇم .
تۆتىنچى يىلى
ئۇرۇشقىنىمىزدا ئۆزۈم پەرۋىش قىلغان قىزەنگۈلۈمنى چىقىۋەتتىم ۋە 20 مىنۇت يىغلىدىم ، ئاندىن سىرتتا بىر كۈن ئايلىنىپ يۈردۈم . كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ ، مېھمانخانا ئۆيدە ئەتىگەندە چاققان تەشتىكىمنىڭ پارچىلىرى شۇپېتى . مەن ئاكتىپلىق بىلەن قالايمىقانچىلىقنى تازىلاپ يىغىشتۇردۇم ئۇ بولسا كەچلىك تاماقنى ئىتىپ ئۆزى ئۇسۇپ يىدى . مەنمۇ ئۆزۈم ئۇسۇپ كېلىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتالىقىنى ئايرىدۇق .
بەشىنچى يىلى
ئۇرۇشقىنىمىزدا مەن كىرسلودىن ياستۇقنى ئېلىپ يەرگە ئاتتىم ۋە 10 مىنۇت يىغلىدىم ، ئاندىن مېھمانخانا ئۆيدىن ياتاق ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتىم . كەچلىك تاماقنى ھېچكىم ئەتمىدى ، ئۇمۇ بالكوندا تاماكىسىنى چىكىپ تۇرىۋەردى . مەن ئۆزۈم ئاكتىپلىق بىلەن ياستۇقنى يەردىن ئېلىپ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان تاماقتىن بىرنى ئېتىپ يەپ بولۇپ ئۇخلىدىم ئۇ سىرتقا چىقىپ يىدى . قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەن ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم ئۇ بولسا ئىنتايىن كەسكىنلا : »مەندە خاتالىق يوق » دېدى .
ئالتىنچى يىلى ئۇرۇشقىنىمىزدا مەن ھېچنىمىنى ئاتماي پەقەت 5 مىنۇتلا يىغلىدىم . ئۇ بولسا ئاغىنىسنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى ، مەن ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇرۇپ قايتىپ كېلىشىنى ئېيتتىم ۋە ئۇنىڭ ئامراق تامىقىدىن بىرنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم .
يەتتىنچى يىلى
ئۇرۇشقىنىمىزدا يىغلىمىدىم بەلكى بىردەمدىن كىيىنلا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ توپ مۇسابىقىسى كۆرۈشۈپ بەردىم ، ئۇ بولسا مېنىڭ« جىنايەتلىرىمنى » سۆزلەپ ئاخىرىدا : « بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق قىلساڭ سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن « دېدى . |
كۆرۈلۈشى:580 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011-6-23 20:09:48 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|