مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى 2010-يىلى16-ئىيۇل
مەمتىلى دانى
6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازاردىكى ‹‹كەررىفور›› تاللا بازىرىغا كىرىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بۆلۈمىگە باردىم. چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزوردا مەن قىزىقىدىغان بىر پىروگرامما قويۇلۇۋېتىپتىكەن، ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قاراپ بىر دەم تۇرۇپ قالدىم. شۇ ئەسنادا بىرجۈپ ياش ئەر – ئايال تېلېۋىزورنىڭ يېنىغا نەچچە قېتىم كېلىپ كەتتى. ئاددىي، ئەمما يارىشىملىق كىيىنىۋالغان، تۇرقىدىن زېرەكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر مۇلازىم قىز ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئەمما، ئۇلار ھېچ نېمە دېمەي، بۇ يەردىن ئايرىلدى. قىز ئۇلارنى ئوخشاشلا قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. ئۇنىڭ سەمىمىي ۋە سالماق پوزىتسىيەسى دىققىتىمنى تارتتى. ئىجتىمائىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ئادىتىمدىن بولسا كېرەك، قىزدىن ئەدەب بىلەن سورىدىم:
_ كەسىپكە خېلى پۇختىدەك قىلىسىز، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى خېلى بولدىمۇ؟
_ نەچچە ئاي بولدى، - دېدى قىز سىپايىلىق بىلەن.
_ ئىلگىرى نېمە ئىش قىلغانتىڭىز، ئوقۇغانمۇ؟
_ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سوتسولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن.
ئۇ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىمۇ، گەپ – سۆز ۋە ھەرىكىتىدىن ئىشلەۋاتقان خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
دەرۋەقە، جەمئىيىتىمىزدە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئاددىي خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان ياشلىرىمىز كۆپ. چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتنى چۈشەنگەن، تەتقىق قىلغان، ئاددىي ئىشلار ئارقىلىق زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى كۆڭلىگە پۈككەن، قەدەمنى بىر – بىرلەپ بېسىشنى ئىرادە قىلغان. لېكىن، بەزى ياشلىرىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىش ئورنى تاللاشتا مۇتەئەسسىپ، قاتمال ئىدىيەلەردىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن پالانچى دۆلەت مەمۇرىي بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، مەن بىلەن بىر مەھەللىدىكى پوكۇنچى چوڭ ئىدارىدە يوغان ئۇنۋان بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ. مەن نېمىشقا ئۇششاق – چۈششەك ئىش قىلغۇدەكمەن؟ دەپ، ئىش ياراتماي يۈرىدۇ. خوپ، ئۇلارنىڭ مۇنداق ئويلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، يەنە كېلىپ مۇنداق ئويلاشنىڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك يېرىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە يۇقىرىراق نىشان بېكىتىشىگە پايدىلىق. ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق شەخس سېلىشتۇرۇش ئىچىدە ياشايدۇ. ھەر قانداق بىر رايون ۋە دۆلەت سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن قوزغاتقۇچ كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق سېلىشتۇرۇش ئىلمىي، ئەمەلىي ۋە ئاقىلانە بولۇشى كېرەك. بۇنداق ياشلار جەمئىيەتنى ياخشى كۆزىتىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى قانۇنىيەتلەرنى ياخشى تەتقىق قىلىشى جەمئىيەتنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېتىراپ قىلىشى، قارىشىنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
ئالدى بىلەن شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مەقسىتى كادىر تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، مۇقىم مائاشلىق خادىملار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشلا ئەمەس. بەلكى، ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت قاتلىمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش. شۇڭا، كادىرلار ئېھتىياجى تويۇنۇش ھالىتىدە بولسىمۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ھەقسىز ئوقۇش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ھەر يىلى نەچچە مىڭلاپ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كادىر بولۇشى كېرەك دېيىلسە، نەگە سىغىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەلۋەتتە كادىرلار قوشۇنىغا تولۇقلىنىشى مۇمكىن. بىراق، كۆپ قىسمىنى جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرى سىغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردىكى باشقا ساھەلەر دەل كارخانا – شىركەتلەر، مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ۋە يېزا – قىشلاقلاردۇر. بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئۇ بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆزگىرىش. بۇنىڭغا يۈزلەنمەسلىك ئاقىلانىلىك ئەمەس.
بىز، ئادەتتە، دۆلەت مەمۇرى بولۇش ئەڭ ئىشەنچلىك، ئىش ھەققى مۇقىم، ‹‹ئالتۇن تاۋاق›› دەيمىزغۇ؟ بىراق، بۇ تۈزۈممۇ تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەشمۇ خېلىلا ئىشەنچلىك بولسىمۇ، بۇ جەھەتتىكى ئىسلاھاتمۇ باشلاندى. كىشىلەرنىڭ دۆلەت مەمۇرلۇقىغا ياكى كەسپىي ئىشتاتقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش، ئىقتىسادىي كاپالەت ۋە داۋالىنىش خىراجىتىگە ئائىت ئىشلار. بىراق، بۇ مەسىلىلەرنى دۆلەت سۇغۇرتا ۋە باشقا ئىجتىمائىي كاپالەت مېخانىزمى ئارقىلىق ھەل قىلىۋاتىدۇ. بەلكى بۇ جەھەتتىكى تۈزۈملەر بارغانسېرى مۇكەممەللىشىدۇ. چوڭ ۋە ئوتتۇرا كارخانىلاردا توختام تۈزۈمى بىر قەدەر مۇقىم يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، كىچىك كارخانىلاردا بۇ تۈزۈم پات ئارىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق يەتتە ئورۇن 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بىرلەشمە ھۆججەت چىقىرىپ، 2010 – يىلىغىچە كىچىك كارخانىلاردىن ئەمگەكچىلەر بىلەن قانۇن بويىچە توختام تۈزۈش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تۈزۈم ئەمەلىيلەشسە، كىچىك كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئائىت ئىشلىرى يۈرۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئائىلىسىدە بىرمۇ خىزمەتچى يوق ئائىلىلەردىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى جىددىي كۈن تەرتىپكە قويدى. ياشلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى ئەلۋەتتە غەنىيمەت بىلىپ، ئارتۇقچە سېلىشتۇرۇش ۋە ئابرۇيپەرەسلىكنى روھىي بېسىم قىلىۋالماسلىقى كېرەك. بىر ئوبدان ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تاشلاپ كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلار خېلى بارغۇ؟ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى 10 – 20 يىل ئىشلىگەن ئىقتىدارلىقلارمۇ كارخانىغا ياكى 3 – كەسىپكە يۈزلىنىپ، قابىلىيىتىنى نامايان قىلىۋاتقان، زور نەتىجىلەرنى قازانغان ئاشۇ شەخسلەرگە ھەۋەس قىلىمىز، ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇيمىزغۇ؟ جەمئىيەت كەڭ تۇرمۇش سەھنىسى، ھاياتلىق سەھنىسى، كۈرەش سەھنىسى! تىرىشچانلار، ئىرادىلىكلەر بۇ سەھنىدە چوقۇم ماھارىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياكى ئىش كۈتۈۋاتقان ياشلىرىمىز ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، چوڭ – چوڭ ئىشلارغا پىلان تۈزۈش بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، كېبىرىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ ئىلغارلىقىدىن ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. يۈز – ئابرۇي قوغلىشىدىغان، ئاددىي خىزمەتلەرنى ياراتمايدىغان ناچار روھىي ھالەتتىن غالىب كېلىشى، چۈشكۈن خىيالپەرەسلەرگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سىز مەيلى قايسى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولۇڭ ياكى قانچە سەۋىيەلىك بولۇڭ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز ھەم بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىڭىز، سىزدىكى يەنە بىر مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.