گۇزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات تۇرسۇن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

بۇ تۈردە ۋاقتىنچە مەزمۇن يوق
   ئاۋات تېمىلار

 

گىتلېر سىزغان ر..
قەيسەر ھېسامىدى..
تالانتلىق ياش ر..
مەشۇقىنىڭ جامال..
داڭلىق رەسسام غ..
ئابدۇكېرىم نەسى..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
گۇزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات تۇرسۇن
دىلمۇرات تۇرسۇن 68 – يىلى 3 – ئاينىڭ 5- كۇنى تۇغۇلغان. 87 – يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىنىڭ گۇزەل – سەنئەت كەسپىنى پۇتتۇرۇپ قەشقەر شەھەرلىك 9 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن.94-96 – يىلىعىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتىتىدا بىلىم ئاشۇرغان.                                                              
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان جەرياندا تەلەپچان ، مۇكەممەل بىر گۇزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە يىڭىلىق يارىتىش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىپ 2000-يىلىدىن باشلاپ كومپيۇتىر بىلەن گۈزەل سەنئەتنى بىرلەشتۇرۇپ ئىلان – ماركا لايىھەلەش جەھەتتە بۆسۇش حاراكتىرلىك نەتىجە يارىتىپ گۇزەل – سەنئەت ساھەسىدە يىڭى بىر نەتىجە ياراتتى.
ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي ئاجايىپ كۆركەم لايىھەلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دائىرسىدىكى ئاساسلىق ژورنال،ۋە كىتابلاردا جەۋلان قىلىشقا باشلىدى.بۇ جەرياندا دىلمۇرات تۇرسۇن جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق فوتۇ سۇرەت ئەسەرلىرىنى كومپيۇتىر ماي بوياق سىستىمى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ كومپيۇتىر سىزمىچىلىقىدىن ئىبارەت گۇزەل سەنئەتتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ يىڭى بىر سەھىپە ئاچتى.                                                                                 
دىلمۇرات تۇرسۇن ئەنە شۇنداق بىر قانچە يىل جاپالىق مەشىق ۋە ماھارەت بىرلەشكەن ئىجادى ئەمگەك بىلەن شۇعۇللىنىپ ئىلگىرى -ئاحىرى مەركىزى مىللەتلەر نەشرياتى تەرىپىدىن چىققان ئۇيغۇر  كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن «لەيلى – مەجنۇن»، «پەرھات – شىرىن»، «ئەدەپ –ئەخلاق دۇردانىلىرى» دىن ئىبارەت 50 نەچچە كىتابقا،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرياتى تەرىپىدىن چىققان «تاش ياپراق»،«بوز تورغاي»،«ئاي تۇلۇن» قاتارلىق 70 نەچچە كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى كۆركەم تەلەپكە لايىق لايىھەلەپ ئۇنىڭ ئىچىگە بىرىلگەن .200 پارچىدىن ئارتۇق چاتما قىستۇرما رەسىملەرنى ئىلان قىلىپ كەسىپداشلار ۋە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى.                                                              
دىلمۇرات تۇرسۇن ئەنە شۇ ۋاقتتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق ئىجادىيەت پىلانىغا مەخسۇس ۋاقىت ۋە يىتەرلىك خىراجەت ئاجىرتىپ 6 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تەڭرى تىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى تولۇق ئايلىنىش جەريانىدا شىمالنىڭ جەننەتتەك كۆركەم، ياپيىشىل ئوت – چۆپ قارغايزارلىقىنى،جەنۇبنىڭ تىلسىماتتەك قۇم بارخانلىرى بىلەن ئاجايىپ گىرەلىشىپ كەتكەن توغراقلىق ۋە بوستانلىقلىرىنى، پامىر ئىگىزلىكىدىكى تاش قەلئە ۋە ياپيىشىل يايلاقلىرىنى كۆككە تاقاشقان ئاقباش تاغلىرىنى ، ئەجداتلىمىز قەدىمدە بەرپا قىلعان شەھەر خارابىلىرىنى ، كىندىك قىنى تۆكۇلگەن ئانا يۇرتى قەشقەرنىڭ قاتمۇ – قات خالتا كوچىلىرنى ئايلىنىپ ئاجايىپ سىرلىق قەدىمى مىللىي يادىكارلىقلارنىڭ قىممەتلىك ئىزنالىرى بىلەن گۈزەل ۋەتەننىڭ تەبىئىي مەنزىرسىنى ئاساسلىق قىلغان 8000 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئارخىپلارنى يىغىپ توپلىدى.                                                                       
2006 – يىلى بۇساھەدە كۆرگەزمە ئىچىپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى.ئۇ ياراتقان توغراقلارنىڭ ئوبرازىدا ئۇنىڭ بۇيۇكلىكى ۋە ئىپادىلىنىدۇ.   
 ئاۋاتلىغى : 751  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010-8-4 20:47:54 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682