تالانتلىق ياش رەسسام نۇرمۇھەممەت ئابلىز - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

بۇ تۈردە ۋاقتىنچە مەزمۇن يوق
   ئاۋات تېمىلار

 

گىتلېر سىزغان ر..
قەيسەر ھېسامىدى..
تالانتلىق ياش ر..
مەشۇقىنىڭ جامال..
داڭلىق رەسسام غ..
ئابدۇكېرىم نەسى..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
تالانتلىق ياش رەسسام نۇرمۇھەممەت ئابلىز
نۇرمۇھەممەت ئابلىز 1991 – يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت فاكولتېتى ماي بوياق تولۇق كۇرس سىنىپىنى پۈتكۈزگەن . 2001 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە ، ئاتاقلىق رەسسام تۇردى ئىمىننىڭ جۇڭگوچە رەسىم تەتقىقات ئىشخانىسىدا بىلىم ئاشۇرغان . ئۇ ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكولتېتىنىڭ لېكتورى : تاڭشەن ئىنىستىتۇتى رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكلىپلىك رەسسامى . 
     ئۇ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا گۈزەل سەنئەت ئىجادىيتى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ ، مول مىللىي ئالاھىدلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدلىككە ئىگە ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن . ئۇنىڭ ‹‹ تەكلىماكاندىكى كەنت ›› ، ‹‹ قەشقەر كوچىسى ›› ، ‹‹ قايتىش ›› ، ‹‹ تاقىچى ›› ، ‹‹ سوۋغات ›› ، ‹‹ ئايال سازەندىلەر ›› ، ‹‹ قەشقەر تەسىراتلىرى ›› ، ‹‹ نەغمە – ناۋا ›› ، ‹‹ بازار ›› ، ‹‹ توي ›› ، ‹‹ تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ›› ، ‹‹ يىللار ئىزناسى ›› ، ‹‹ مەشرەپ ›› قاتارلىق ماي بوياق رەسىم ، جۇڭگوچە رەسىم ، تام رەسىملىرى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە تاللانغان ، ھەمدە بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئالتۇن مېدال ، 1 – دەرىجىلىك مۇكاپات ، ئىلمىي مۇكاپات ، ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن . 

   ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ 80 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇرلۇق گېزىت – ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭ 50 پارچىغا يېقىن ئىجادىي ئەسىرى « ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى » غا كىرگۈزۈلگەن . جۇڭگو رەسساملىرى جەمئىيتى ، « جۇڭگو گۈزەل سەنئەت گېزىتى » ، شەرق خەنفىڭ سەنئەت تەتقىقاتى ئاكادېمىيىسى بىرلىكتە نەشىر قىلغان « نۇرمۇھەممەت ئابلىزنىڭ ئەسەرلىرى توپلىمى » ناملىق بىر يۈرۈش پوچتا ئاتكېرتكىسى تارقىتىلغان .

 ئاۋاتلىغى : 648  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010-8-27 17:46:29 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682