تۇغۇلغان ۋاقتى : 1971 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى سىئولدا تۇغۇلغان
قان تىپى :A قان تىپى
بوي ئىگىزلىكى : 185 سانتىمىتىر
ئېغىرلىقى ؛ 80 كىلوگىرام
ئۇ رول ئالغان كىنولار : مەن سۆيگۈدىن باشقىنى بىلمەيمەن ، ئەر - خوتۇننىڭ ماماتى ، گۈزەللەر دەۋرى ، يىنسەينىڭ ھېكايىسى، خالتا كوچىدىكى كىشلەر ، تىنچلانمايدىغان مۇھەببەت ، مۇھەببەت شەرتلىرى ، دېڭىز ئىلاھى ، قىزىل كۆز ......
ئۇ 2002 - يىللىق KBS تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن ، 2004 - يىلى MBC ۋە KBS تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن . ئۇ يەنە كورىيىدىكى ئەرلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان crocodile ماركىلىق كىيىمنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان .
ئۇنىڭ ئاپىسى كورىيىدىكى ناھايىتى داڭلىق ئارتىس بولۇپ ، ئۇ ئايال ئىلگىرى - كېيىن سىياسى بىلەن شۇغۇللانغان ، نۇرغۇن كىنولاردا رول ئالغان . ئۇنىو سىڭلىسىمۇ ئارتىس بولۇپ ، ئۇ ئۆزىدىن كېيىن كورىيىدىكى داڭ قازانغان خېلى داڭلىق ئارتىس ھېسابلىنىدۇ . بوۋىسىمۇ ئارتىس بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئارتىسلار ئائىلىسى دىيىشكە بولىدۇ .
ئۇ ئادەتتە كۆك رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ ، كىيىم تاللىغاندا ، قىزىلغا مايىلراقنى تاللايدۇ ، قىزىقىشى قار تېيىلىش ، ۋېلىسپىت ھەيدەش ، مۇز تېيىلىش قاتارلىقلار . ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتسە ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن يۈگۈرىدۇ . ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىكلىرى پىۋا ، قەھۋە قاتارلىقلار . ئۇ تىپىك كاتولىك دىنى مۇرىتى . ئۇنىڭ ئەڭ تەسىر قوزغىغان كىنوسى << ۋاقىتنىڭ تارىخى >> .










|