موخانداس كرامچاند گەندى 1869-يىلى ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى بوربانداردا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش چاغلىرىدا ئەنگلىيەگە بېرىپ قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ، 1891-يىلى ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەكلىپ بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ، بىر شىركەتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ 1894-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ناتال ئۆلكىسىدە ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنى تەشكىللەپ، جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىپ، «زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىش» شوئارىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گەندى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ھىندىستاندا ۋەز ئېيتىپ، «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ھەرىكىتى»نى تەشكىللىگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گەندى ئەنگلىيەلىكلەردىن «ھىندىستاندىن چېكىنىش»نى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغاندا، بۇ ھەرىكەت ئېچىنىشلىق باستۇرۇلغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، گەندى خەلققە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، مەزھەپلەر ئارىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. 1948-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ھىندىستان كونگرېستلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داڭلىق رەھبىرى، زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى، «ماخاتما گەندى» دېھلىدا كەچلىك دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا، ھىندىستاندىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا ئۇ 79 ياشتا ئىدى. گەندىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن قاتىل ھىندى دىنىدىكى چېكىدىن ئاشقان گۇرۇھنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ گۇرۇھ گەندىنىڭ ئاقكۆڭۈل، تىنچ ۋە مېھرىبان بولۇش تەشەببۇسىنى رەت قىلغان. گەندى ئۆمرىدە تۆت كىتاب چىقارغان ياكى تەھرىرلىگەن. ئاساسلىق كىتابلىرىدىن«ھىندىستان ئاپتونومىيەسى»، «گەندىنىڭ تەرجىمھالى−ھەقىقەت توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىم» قاتارلىقلار بار. گەندى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى مەنىۋى داھىيسى بولۇپ، ئۇ «زوراۋانلىق قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» قاتارلىق داغدۇغىلىق ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، زورلۇق ئىشلەتمەسلىك شەكلى ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئەنگلىيە تاۋارلىرىغا بايقۇت قىلغان. موخانداس گەندى يەرلىك ئادەت بويىچە 13 يېشىدا توي قىلغان. 1888-يىلى 9-ئايدا 19 ياشلىق گەندى پاراخوت بىلەن ئەنگلىيەگە بېرىپ ئۈچ يىل ئوقۇپ ئادۋوكات بولغان. ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپلا جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ، بىر دېلونى بىرتەرەپ قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ ئىش كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇش يولىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. بۇ مەزگىلدە، جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھىندىستانلىقلار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا سايلام ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ قېتىمقى سەپىرىدە گەندى ئاق تەنلىكلەر ئولتۇرىدىغان ئورۇندا ئولتۇرۇۋالغاچقا، ئىككى قېتىم باشقىلار تەرىپىدىن پويىز ۋە پوچتا ئاپتوموبىلىدىن سىرتقا تاشلىۋېتىلگەن. بۇنداق باراۋەرسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىك ئۇنى بەك ھەيران قالدۇرغاچقا، ئۇ بىر تەرشكىلات قۇرۇپ، ھىندىستانلىقلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ناھايىتى تېزلا ئۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. ھىندىستانلىقلار ئۈچۈن باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان 20 يىللىق كۈرەشتە، ئۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ سوتسىيالىزىمنى تونۇشتۇرىدىغان نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ، «ھىندىستان جامائەت پىكرى» دېگەن ژۇرنالنى چىقارغان. ئۇ ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ جەنۇبىي ئافرىقا ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاشكارا نۇتۇق سۆزلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا يەنە بەزى قانۇنلارنى ماقۇللاپ، ئاق تەنلىكلەردىن بولمىغان باشقا كىشىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. ھىندىستانلىقلار سەككىز ياشتىن ئاشسىلا يول خېتىگە ئېرىشەلەيتتى. لېكىن ھىندىستانلىقلار: بۇ «يول خېتى قانۇنى» ئادىل ئەمەس دېگەن. بەزى ھىندىستانلىقلار ھەتتا يول خېتىنى كۆيدۈرۈۋىتىپ تۈرمىگە كىرگەن. بەزى ھىندىستانلىقلار سىياسىي نامايىش ئۆتكۈزگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. ھىندىستانلىقلار قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋەرگەچكە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باشلىقلىرى ئۇلارغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ گەندى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى زورلۇق ئىشلەتمەي قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ماخاتما گەندى 1915-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندە «قەھرىمان» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 32 يىلدا ئۇ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە خوجايىنلارنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى، ھىندىستاننى مۇستەقىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇشۇنداق ئىنقىلابىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا، كۆپ يىل تۈرمىدە ياتقان. ئۇ ھىندىستانلىقلاردىن ئۆزى كېۋەز تېرىپ، ئۆزى رەخت توقۇپ، ئەنگلىيە رەختلىرىنى سېتىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئۇ دېڭىز قىرغىقىدا تۇز ئېلىش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزگەندە، ئۇنۇڭغا نۇرغۇن ئادەم قوشۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭلا تۇز سېتىش ھوقۇقى بولۇپ، تۇزدىن باج ئېلىناتتى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن گەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 مىڭ ھىندىستانلىق تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ قېتىمقى سىياسىي كۈرەش غەلىبە قىلىپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ تۇز ئېلىپ-سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم كۈرەش بولغان. ئاخىرىدا 1947-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ھىندىستان مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ، بەش ئايدىن كېيىن گەندى 1948-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھىندىستانلىقلار ئۇنىڭغا «دۆلەت ئاتىسى» دەپ نام بەرگەن. 1920-يىلى 9-ئايدا كونگىرېستلار پارتىيەسىنىڭ جاكارتا ئالاھىدە يىغىنى ۋە 12-ئايدا ناپولدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىندا گەندىنىڭ زورلۇق ئىشلەتمەسلىك ۋە ھەمكارلاشماسلىق پىلانى ھەم ئۇ تۈزگەن پارتىيە پىروگراممىسى رەسمىي ماقۇللىنىپ، زورلۇق ئىشلەتمەسلىك ھەم ھەمكارلاشماسلىق كونگىرېستلار پارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ھىندىستان ئاپتونومىيەسى كونگىرېستلار پارتىيەسىنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئاز سانلىقلار ئاساسىي قانۇن ۋاسىتىسىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان تەشكىلات بولغان «كونگىرېستلار پارتىيەسى» كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇپ، ئاممىغا تايىنىپ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرىدىغان زامانىۋى بۇرژۇئا پارتىيەسىگە ئايلىنىپ، گەندىنىڭ كونگىرېستلار پارتىيەسىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، گەندى كونگىرېستلار پارتىيەسىنىڭ ئاقساقىلىغا ئايلىنىپ، ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات يۈلىنىشىنى بەلگىلىگەن. 1922-يىلى 2-ئايدا زورلۇق ئىشلەتمەي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەچكە، گەندى تۇنجى قېتىم زورلۇق ئىشلەتمەسلىك ۋە ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى توختاتقاچقا، ھىندىستانلىقلارغا ئېغىر كېلىپ، كونگىرېستلار پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى سىستېمىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، گەندى يەنە تۈرمىگە تاشلانغان. لېكىن، گەندى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ خەلقنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغىتىش ئىرادىسىدىن قايتمىغان. 1929-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كونگىرېستلار پارتىيەسى لاھوردا ئۆتكۈزگەن يىغىندا ھىندىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش قارارى ماقۇللانغان ھەم گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى باشلاشقا ھوقۇق بېرىلگەن. 1930-يىلى 3-ئايدا ئۇ 78پىدائىينى باشلاپ «تۇز يىيىش سەپىرى»گە ئاتلىنىپ، 2-قېتىملىق زورلۇق ئىشلەتمەسلىك ۋە ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەن. بۇ ھەرىكەتتە گەندى ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىيسى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەم پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشقان. شۇڭا، ئاممىۋى ھەرىكەت بوشىشىپ قالغاچقا، ئەنگلىيەلىكلەر ھىندىستانلىقلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغان. 1934-يىلى 10-ئايدا گەندى كونگىرېستلار پارتيەسى رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن يەنە تەگىشىپ قالغاچقا، بۇ پارتىيەدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە يەنىلا بۇ پارتىيەنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1939-يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيە ۋەكىلى ھىندىستانغا جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گەندى باشچىلىقىدىكى زورلۇق ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ مەيدانى بىلەن كونگىرېستلار پارتىيەسى رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ئۇرۇشنى شەرتلىك قوللاش تەشەببۇسى ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۇ ئىككى قېتىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. لېكىن، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى جاھىللىق قىلىپ كونگىرېستلار پارتىيەسىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرمىغاچقا، كونگىرېستلار پارتىيەسى گەندىنى ئىككى قېتىم قايتا رەھبەرلىك ئورنىغا چىقارغان. بۇ مەزگىلدە گەندىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش مەيدانىدا تېخىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. 1943-يىلى 4-ئايدا ھىندىستاندا ئاممىنىڭ ئەنگلىيەگە قارشى كەيپىياتى كۈچىيىۋاتقان ھەم ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى ھىندىستانغا قىستاپ كىلىۋاتقان پەيتتە، گەندى «ئەنگلىيەلىكلەر ھىندىستاندىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم 1940-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە 3-قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قوزغاپ، 4-قېتىملىق ھەمكارىلاشماسلىق ھەرىكىتىگە تەييارلىق كۆرۈپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن. شۇڭا، گەندى 1944-يىلى 5-ئايغىچە تۈرمىدە ياتقان. ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قايتا قوزغالغان ھىندىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمىدا، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىگە قوشۇلغان. لېكىن، ھىندىستاندا ھىندى دىنى ۋە ھىندى دىنىي مۇرىتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تىركىشىش ئۇزاققا سوزۇلغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيەنىڭ بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ بۆلۈپ ئىدارە قىلىنىشى مۇقىملىشىپ قالغان. ھىندىستاننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا مادارى يەتمىگەچكە، گەندى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئايرىپ ئىدارە قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، گەندى ھىندىستان خەلقى ۋە كونگىرېستلار پارتىيەسىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆمۈربويى كۈرەش قىلغان زورلۇق ئىشلەتمەي قارشلىق كۆرسىتىش قارىشى تاشلىنىپ قالغان. بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىنكى دىنىي ئۆچمەنلىك ۋە قالايمىقانچىلىق گەندىنى ھاردۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىناۋىتى ئارقىلىق كۆپ قېتىملىق دىنىي توقۇنۇشلارنى بېسىقتۇرالىغان بولسىمۇ، ئۆزى دىنىي توقۇنۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ھىندىستاندىكى بىر ئەسەبىي ھىندى دىنى مۇرىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
مەنبە: www.xjrb.com.cn |