ئىسىم – فامىلىسى – ئادنان سەمى
ئىنگىلىزچە يېزىلىشى:Adnan Sami Khan
تۇغۇلغان ۋاقتى :1973- يىلى 8- ئاينىڭ 15 – كۈنى
تۇغۇلغان جايى : ئەنگىلىيە
ئادنان سەمىنىڭ دادىسى پاكىستانلىق ، ئاپىسى ھىندىستانلىق .ئۇ بىر تالانتلىق پىئانىنوچى بولۇپلا قالماستىن يەنە ناخشىچى ،كومپوزىتور شۇنداقلا مۇنەۋۋەر كىنو ئاكتىيورى، ئۇ ئىزچىل ئەنگىلىيىدە مائارىپ تەربىيىسى ئالغان .لوندون مۇزىكا ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن .
ئادنان سەمىنىڭ ناخشا مۇزىكا ئىجادىيىتى كەڭ دائىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن تارتىپ جاز مۇزىكىسى ، مودا مۇزىكا ، تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى (غەربنىڭ ۋەھىندىستاننىڭ )... قاتارلىقلار ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
ئادنان سەمى كۆپ قېتىمNigar award (پاكىستان)، Bolan Academy Award(پاكىستان)،Graduate Award (پاكىستان) قاتارلىق ناخشا مۇزىكا فېستىۋاللىرىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەندىن سىرت ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن تىنچلىق ئوردىنى شۇنداقلا خەلقئارا بالىلار فوندىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئئېرىشكەن .
ئۇ يەنە دۆلەت ئاتلاپ 40 قا يېقىن دۆلەتتە سەييارە ئويۇن قويۇپ ،تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان . |